ئۈندۈرگەن-زېرەكلىك،قۇرۇتقان نادانلىق!
(جىڭ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزى قوراسىدىكى 10تۈپ ئارچىنىڭ قاتىلى زادى كىم؟)
قاراخان
شىمالى سوڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى رىئاللىق تەسۋىرلەنگەن 86قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ‹‹سۇ بويىدا›› رومانىدا ‹‹گۈلدار شەيخ لۇجى شىن››دەيدىغان بىر پالۋان ئۆزىنىڭ ناھىيىتى كۈچتۇڭگۈرلىكىنى ئەتىراپىدىكىلەرگە تونۇتۇپ قويۇش ۋە بۇتخانا ئالدىدىكى دەرەخكە قونۇۋېلىپ سەت قاقىلداپ كۆڭلىنى بىئارام قىلغان قاغىنى كۆزدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن ،مەستلىكتە خۇدىنى يوقۇتۇپ بىر تۈپ دەرەخنى نەرە تارتىپ بارغان پېتى يۇلىۋەتكەنلىكىدەك بىر كۆرۈنۈش بار ،ئەمما نەچچە ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە جىڭ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق پەن –تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ھوقۇق تۇتقىنىغا بىر يىلمۇ بولمىغان روڭ**فامىلىلىك بىر‹‹پالۋىنى››(دەۋرىمىزدىكى لۇ جى شىن )ئۆزىنىڭ ھوقۇق كۈچىنى نامايەن قىلىپ ،مەست ئەمەس ساق تۇرۇپ،قاغا ئەمەس بۇلبۇللار
ايراپ تۇرغان ،شۇنداقلا تىكىلگىنىگە 23يىل بولغان ئون تۈپ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارچىنى نادانلارچە قومۇرۇپ تاشلىغان،بۇ ئىشقا مەزكۇر ئىدارىدىكى يېزا ئىگىلىك مۇتەخخەسىسلىرى ،پىرافېسسورلىرى ،ئاگرونوم ،كەسپى تېخنىكلار بولۇپ 30 نەچچە نەپەر ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بىر تال مويىمۇ تەۋرەپ قويمىغان پەقەت بىر قىسىم ھەقىقى زىيالى سۈپەت كادىر ئىشچىلار قاتتىق ئۆكۈنگەن ۋە يۈرىگىنى سۈغىرىپ ئالغاندەك ئىزتىراپقا چۆكۈپ دەردىنى ئىچىگە سېلىپ ئۈنسىز سۈكۈتتە تۇرغان،ناھىيەلىك ئورمان ئىدارىسى ،ناھىيەلىك شەھەر كۆكەرتىش ئىشخانىسى،ناھىيەلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بۆلۈمىدىكى كادىرلار، بولۇپمۇ پالتا ۋە توك ھەرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانسىلا كىشىلەرنىڭ ھويلىسىدىكى ياغاچنى كېسىشكىمۇ ئارىلىشىۋالىدىغان ئورمان ساقچىلىرىمۇ بۇ ئىشقا كۆزىنى يۇمۇپ،قۇلاقنى يوپۇرۇپ يۈرگەن،ئەسلى بۇ ئون تۈپ ئارچا كۆچىتى ئىچكىرى ئۆلكىدىن 1990-يىلى ئېلىپ كېلىنىپ ئىدارە قوراسىغا قويۇلۇپ 20نەچچە يىل پەرۋىش، مۇھاپىزەت قىلىنىپ قىرانىغا يەتكەن،ئۆز ۋاقتىدا بۇ خىل مەنزىرە كۆچىتىنى بىرلىكتە ئېلىپ كەلگەن باشقا ئىدارىلەر ئۇنى ئەي قىلالمىغان،پەقەت ناھىيەلىك پەن -تېخنىكا كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ تەجىربىسى ۋە كەسپى تېخنىكا خادىملىرىنىڭ سەۋىيىسى بولغاچقا ئۇنى بۈگۈنكىدەك كۆكنى قۇچاقلاپ تۇرغان گىگانت ئورمانغا ئايلاندۇرغان .چۈنكى بۇ ئون تۈپ ئارچا ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك خىزمەت بىناسى بىلەن بوي تالىشىپ پۈتكۈل ئوبلاست بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەي بولىشى ۋە ئۆسىشى ئاستا ،ئەتىۋارلىق قىممىتى بار مەنزىرە ئورمىنى بولۇپ قالغان ئىدى،يېشىل ياز ئايلىرى ۋە كۈمۈشتەك قار ياغقان قىش كۈنلىرى ،ۋە ھەر تۈرلۈك بايراملاردا ئىشچى –خىزمەتچىلەر ئەستىلىك ئۈچۈن بۇ يەردە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپمۇ قوياتتى.قارىغاندا بۇ ئەمەلدار ‹‹ئاتىسى تىككەن كۆچەتنىڭ نەسلىگە سايە بولىشى››دەك ھەقىقەتنى چۈشەنمىسە كېرەك.ئەپسۇسكى بۇ ئون تۈپ ئارچىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى ئەنە ئاشۇنداق پاجىئەلىك ھالدا ئاياغلاشقان ،ئۇ قومۇرىۋېتىلگەن يەر ۋە ئەتىراپ خۇددى مازارغا ئوخشاپ قالغاندى.ئادەمنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى تېخى كەلگىلى بىر يىلمۇ بولمىغان ئىدارە مەسئۇلى روڭ** فامىلىلىكنىڭ بۇ ئارچىلارنى ئىدارىدىكى بىرمۇ ئىشچى-خىزمەتچىگە مەسلىھەت سالماي ئۆز ئالدىغا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ توپا كولاش ماشىنىسى بىلەن يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغانلىغى!بۇ جىڭ ناھىيەسىنىڭ دۆلەت يولى 312-لېنىيەسىدىكى ياغاچ كۆۋرۈك بۇزىۋېتىلگەندىن كېيىنكى شۇنداقلا جىڭ ناھىيە داخىيەنزى بازىرىدىكى سابىق 1-ئورتا مەكتەپ قوراسىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۈچ تۈپ سۇۋادان كېسىۋېتىلگەندىن بۇيانقى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىت ۋە ئېكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىق ھەركىتى .بۇ ئون تۈپ ئارچا جىڭ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئورمانچىلىق ساھەسىدىكى ئىلمى تەجىربىسىنىڭ مىۋىسىدەك ئۇلارنىڭ خاسلىق بەلگىسى بولۇپمۇ قالغاندى،بۇ ئىش باشقا ئىدارە جەمىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن بولغان بولسا ئۇنى باشقىچە چۈشىنىشكە بولاتتى ،بىراق ئۇ دېھقانچىلىق ،ئورمانچىلىق ،باغۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىكنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ،كېڭەيتىش ئورنىنىڭ خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان بولغاچقا ئۇنىڭغا ناھىيە تەۋەسىدىكىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن بورتالا ئوبلاست تەۋەسىدىكى يېزا-ئىگىلىك،كۆكەرتىش،مۇھىت ئاسراش ۋە ئورمانچىلىق مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى جاۋاپكار بولىشى كېرەك.
دۆلىتىمىزدە ‹‹ئورمان قانۇنى›› يولغا قويۇلغىلى بىر كەم 30يىل ،‹‹مۇھىت ئاسراش قانۇنى ››يولغا قويۇلغىلى 24يىل ،شەھەر كۆكەرتىش خىزمىتىگە ئاتلانغىلى نەچچە ئون يىل بولدى،بۇ قانۇنلار ئورمان بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش،يېتىشتۈرۈش،ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش،دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش،ئورماننىڭ كىلىماتنى تەڭشەش ،مۇھىتنى ياخشىلاش ،شۇ ئارقىلىق تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ ،بۇلغىنش ۋە زىيانداشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ ئۇنى خەلق ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېزلەشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىۋاتقىلى چارەك ئەسىر بولدى.ھازىر ئورمانلار كىشىلەر تەرىپىدىن يەر شارىنىڭ ئۆپكىسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.ئادەتتە بىر مو ئارچا ياكى قارىغايلىق بىر سوتكىدا ئىككى كىلوگىرام مىكرۇپ ئۆلتۈرگۈچى ماددا ئىشلەپچىقىرىپ،ئۆپكە توبىر كىلۇيۇزى،كېزىك،تولغاق،زۇكام باكتېرىيىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىغىنى پەن تېخنىكا ساھەسى ئىلمى ئىسپاتلاپ چىقتى.دىمەك مەيلى ئىھاتە ئورمىنى،ماتىرىيال ئورمىنى،ئىقتىسادى ئورمان ،ئوتۇن-يېقىلغۇ ئورمىنى ياكى ئالاھىدە ئورمان (دۆلەت مۇداپىئەسى،مۇھىت مۇھاپىزىتى،ئىلمى تەجىربە،مەنزىرە،مەشھۇر يادىكارلىق،ئىنقىلابى خاتىرە ئورۇنلىرىغا قويىلىدىغان ئورمان)بولسۇن دۆلەت ئۇنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.يۇرتىمىزدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى ھېساپلانغان توغراقتىنمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان دەرەخلەر نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ يېشىل ئارچىلارغا جاللاتلىق قولىنى سۇنغان ئادەمنىڭ قولىنى سۇندۇرىۋېتىشكە ئەرزىيتى... چەتئەللەردە بەزى ئورمانلارنىڭ يېشى كشىنى تاڭ قالدۇرىدۇ،ھەم ئۇ مەدەنى يادىكارلىق ياكى تەبئى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان ئاسارە ئەتىقىلەردەك قوغدىلىدۇ. .ھازىرغا قەدەر دۈنيادا
Methuselahمېتخۇسېلاخ دەرىخى
ئەڭ قەدىمىيسى Methuselah .(ئۇ 4800يىل ياشىغان چوڭ ئويمانلىقتىكى تۈلكە قۇيرۇق قارىغاي بولۇپ ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شىتاتىدىكى مېتخۇسېلاخ كوچسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .)
شۇنداقلا
Seven Italian Abba Library(سېۋىن لىتاليان ئاببالى بىبارىي دەرىخى 4000ياشقا كىرگەن قەدىمىي ئارچادەرىخى .ئىراننىڭ ئاببالى بىبارىي شەھرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇدۇ ).قاتارلىق ئون چوڭ قەدىمى دەرەخ بار ... .
(مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسدىن ئارىف تەرجىمسى) بۇ دەرەخلەر نىمە ئۈچۈن ئەنە ئاشۇنداق ئۇزۇن ياشىيالىدى،چۈنكى تارىختا نۇرغۇنلىغان ئىمپىراتور،زوراۋان ئىستىلاچىلار ۋە كېڭەيمىچى ، باھادىرخان ، پادىشاھلار ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ دەرەخلەرنى مۇقەددەس بىلىپ ئۇنىڭغا چېقىلمىغان،ئۇ ئەنە ئاشۇنداق بوران چاپقۇنلاردا ئاڭلىق كىشىلەر تەرىپىدىن پەرۋىش ۋە قوغداشقا ئېرشىپ ئامان قېلىپ نەچچە ئەسىرلىك تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ شاھىدى بولۇپ ياشىغان.ئۇنداقتا بۇ ئون تۈپ يېشىل ئارچا زادى كىمنىڭ پۇتىغا پۈتلاشتى،ئۇقۇشۇمچە ئىدارە مەسئۇلى روڭ** فامىلىلىك ئۆزى ئولتۇرغان ئۈچ قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىنڭ سىرتىنى بىزىمەكچى بولغان ھەم بىزەلگەندىن كېيىنكى ئۈنۈمىنى باشقىلارنىڭ كۆرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ ئارچىلارنى كۆزدىن يوقاتسا ئۆز ئەمگىگىنىڭ كارامىتىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلغىلى بولىدىغانلىغىدەك كىچىككىنە ئابرويپەرەسلىك،ھەشەمەتچىلىكنى قوغلۈشۈپ بۇ ئون تۈپ ئارچىغا سوغۇق قولىنى تەككۈزگەن.بىزدە بىرنى كەسسەڭ ئوننى تىك ،دەيدىغان ھېكمەت بار ،بەزى بىر ئىدارە جەمىيەت ،كان كارخانىلار كۆكەرتىش ۋە مۇھىت گۈزەللىكىگە ھەقىقى ئېتىۋار بېرىپ ‹‹باغ ۋارانلاشقان ئىدارە››دىگەندەك يېشىل ۋىۋىسكىلارغا مۇيەسسەر بولىۋاتىدۇ،ھەتتا خۇسۇسىلارنىڭ ھويلا –ئارام ،ئارامگاھلىرىمۇ يېشىللىققا يۈزلىنىپ شەخسى ۋە ئاممىۋى مۇھىتتا ئۆزگىچە بولغان كەيپىيات شەكىللىنىۋاتقان ،ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتە بىر قىسىم چۈشى بۇزۇلۇپ قالغان ،پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەل تەختىگە چىقىۋالغان ساپاسىز ،قاراقوساق رەھبەرلەر يىراق بىلەن يېقىننى ،دەريا بىلەن ئېقىننى ئايرىيالماي كەلسە-كەلمەس بوياقچىلىق قىلىپ دۆلەت ۋە كوللىكتىپقا ئەڭ مۇھىمى مۇھىت بايلىقىمىزغىمۇ ئېغىر ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلمەكتە.شىنجاڭ بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق رايۇنى،جىڭ ناھىيىسىنىڭ يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى ئاز،بوران چاپقۇن ۋە قۇرغاق پەسلى كۆپ بولۇپ بۇ يەرگە نىسبەتەن كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇش خىزمىتى .مۇشۇنداق بىر مۇھىم بولغان ئەقەللى ساۋاتقا ئىگە بولمىغان باشلىق ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلغان بىر قىسىم ئىشچى خىزمەتچىلەر ئەسلى پادا باقسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلاتتى. بۇنداق پىلانسىز،دىتسىز،شەكىلۋاز رەھبەرلەر‹‹بۈگۈنى ئىدارىسىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان دەل-دەرەخنى كەسسە ،ئەتىسى يولۇمنى توسۇۋالدى دەپ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پېيىنى كېسىشتىنمۇ يانمايدۇ››،نە ئامال ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ‹‹ئوماچ››ئەنە ئاشۇنچىلىك تۇرسا؟ھەم ئۇنى يېتىشتۈرۈپ ئاشۇ ئورۇنغا قويغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ھالى شۇ تۇرسا؟بۇ مەركەزدە 23يىلدىن بېرى ئالتە نەپەر رەھبەرلىك ئالماشقان ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىمۇ بۇ قاراۋۇل ئەسكەرلەردەك مەزمۇت تۇرغان ئارچىلاردىن بىردەممۇ ئايرىلمىغان ھەم بىزار بولمىغان،لېكىن روڭ** فامىلىلىك بۇ رەھبەر ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر شۇنداقلا جىڭ ناھىيەسىدىكى كۆكەرتىشكە مەسۇل ساھەدەكى كادىر ساقچىلار بۇ نەۋقىران ئارچىلارنىڭ باھارىغا جۇدۇن ئېلىپ كەلدى. دىمەك ‹‹ئىشتانسىزغا ئىش تەگسە شەنى ئالار قوڭتاجى››دىگەن شۇ بولسا كېرەك؟
مەن بۇلارنى يېزىۋېتىپ شائىر دولقۇن روزىنىڭ ‹‹ئەڭ ئاخىرقى سۇۋادان››دىگەن شېئىردىكى مۇنۇ بىر كۇبلېتنى ئېسىمگە ئالدىم:
‹‹گويا تەلۋە بۇقىدەك نەرە تاتار توك ھەرە،
كېسىلمەكتە سۇۋادان ،يىقىلماقتا بىر تارىخ.
يىرتىلماقتا شەھرىمنىڭ يېشىل ھايات كىتابى،
سانجىلماقتا يۈرىكىم كۆزلىرىگە سانسىز مىخ!...››.
................................................
مەلۇمكى ‹‹يۇلتۇز كۆكنىڭ زىننىتى،دەرەخ بولسا زېمىننىڭ زىننىتى›› يۇرت كۆكەرسە ئەلمۇ كۆكىرەر،بىر تۈپ كۆچەت تىككەن ئادەم خەلقنىڭ دوستى بولالايدۇ،ساۋاپ تاپالايدۇ،ئۇنى يوقاتقان ئادەم ئىنسانىيەتكە قەست قىلغان قاتىل ۋە جاللاتتىن پەرقسىزدۇر.ئەگەر ئاشۇ ئون تۈپ ئارچا قوغداپ قېلىنغان بولسا 1000يىلچە ياشاپ جىڭ تارىخىنىڭ ئۈستى ئوچۇق موزېيىدىكى بىر ئۆلمەس شاھىدقا ئايلىنىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا ساۋاق ۋە سايە بېرەتتى ،خەير...
‹‹مەڭگۈلۈك ئىزدەش››172-بەتتىن.
2013-يىلى 17-ئىيون
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-18 04:45 PM