بېگىم ، نىمىشقا ھۇشىڭىزنى تاپمايسىز ؟.....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: n0 M. S' e8 A. b% G0 I
قەدىرلىك دادىسى ، سىزنى نىمىشقا ئارىلاپ "بىگىم " دەپ چاقىرىپ قۇيىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز ؟ بۈگۈنمۇ سىزنى بىگىم دەپ ئاتىشىمنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىمۇ مۇشۇ كۈڭۈلدىكى سۆزلىرىمنىڭ تىگىنى يورۇتۇپ تۇرغۇسى ...
بىگىم ، سىز ئانىڭىزنىڭ ئىتىكىدىن ئەركىلەپ چۈشۈپ ، ئەركىلەپ تايتاڭلاپ چوڭ بولغاندىن كىيىن ، نىمە قىلسىڭىز ئىختىيار ھالدا ئۆيىڭىزنىڭ بەگچىكى بولغان بولسىڭىز ، يىگىتى يېشى يىتىپ ، بالاغەت گۈللىرىڭىز ئېچىلغان ۋاقىتتا ، نىكاھ ئەھدىسى بىلەن مىنى ئەمرىڭىزگە ئالغان كۈندىن بىرى سىزنى ئۆزەمگە ھامى ، يۈلەنچۈك ، قورۇقچى ، بەگ ھىسابلاپ كەلگەنمەن ، ئەمما تالاي ئىشلار ، تالاي "جېدەللەر " ، تالاي ئاغرىنىشلار بېشىمدىن ئۆتكەندىن كىيىن سىزنىڭ مەن ئارزۇ قىلغاندەك ھەقىقى مەنىدىكى كۈڭۈل قەسىرىمنىڭ بېگى بولالمايۋاتقانلىقىڭىزنى ئاچچىق تەسىراتلار ئىچىدە ھىس قىلىۋاتىمەن .....شۇنداقتىمۇ سىزنى يەنىلا بىگىم دەپ ئاتاپ كىلىۋاتىمەن ، بىلەمسىز ، تېخى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا سىز بىلەن ئولتۇرۇپ سىردىشىشقا پۇرسەت بولماسلىقى تۈپەيلى تىلفۇندا كۈڭلۈمدىكى گەپلەرنى دەپ-دىۋالدىم : قاراڭ قەدىرلىكىم ، سىزگە ئوزۇن گەپ خوش ياقمايدۇ ، سىزمۇ ئىشلەۋاتىسىز ، مەنمۇ شۇنداق ،گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا ئېيتاي ، سىز ئەمدى 8ياشلىق ئوغۇل بالا ئەمەس ، 8نىڭ ئالدىغا 30 دىگەن سان قۇشۇلۇپ بولدى ، يەنە ئىككى يىل ئۆتسە قىرىققا تاقايسىز ، قىرىققا كىرگەندىمۇ ئۆزىنى بىلمىگەن ئەر -ئەر ئەمەس ، بەلكى بىر كۆتۈرۈم يۈك خالاس ، ماڭا يۈك كېرەك ئەمەس بەلكى يۈكلىرىمنى كۈتۈرۈشۈپ بىرىدىغان بەردەم ئەركەك كېرەك ! سىز ئەڭ ياخشىسى ئەمدى ئاپىڭىزنى قاخشاتماڭ ، يامان ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاڭ ، ئاپىڭىز 5يىلنىڭ ئالدىدىلا ماڭا سىز توغرىلىق قاقشىۋەتكەن بولسا مەن بۇسۇغىڭىزدىن ئاتلىمايلا قوياركەنمەن (سىز شۇچاغدا تىلىفۇندا كۈلدىڭىز ...كۈلۈڭ ...) سىزنىڭ ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاپىڭىزنى داتلىتىشلىرىڭىز ، قاخشىتىشلىرىڭىز - ئەتىسى مىنى قاخشاتقىنىڭىز ، ئۈگۈنى قىزىڭىزنى ، بالىلىرىڭىزنى قاخشاتقىنىڭىز بولىدۇ ، ۋاقتى -سائىتى كىلىپ ، زىقىڭىز تۇشۇپ قالغاندا ،سىزنى ئەسكى چاپاننى چۈرۈگەندەك چۆرۈپ تاشلىساق سىز پايلىمايسىز ، مەن ھەم ئۇنداق قىلالمايمەن ، مەن سىزگە نىكاھلانغاندا ، دىلىمدا ئاللاھقا " مۇقەددەس بۇرچلارنى تىنىقىمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆتەشكە تىرىشىمەن " دەپ ئەھدى قىلغانمەن ، لىكىن سىز قاتمۇ قات زۇلۇملارنى بېشىمغا ياغدۇرىۋەرسىڭىز سىز ئەھدىمنى ئۆز قولىڭىز بىلەن بۇزىسىز- دە ،ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا ، مەھبۇبنىڭ كۈيۈمىگە مۇھتاج چاغلىرىڭىزدا يىگانە قالىسىز ...مەن شۇنىڭ بىلەنلا سىزنى ئەسكەرتىپ قۇياي ....
يەنە قايسى كۈنى ئۆيلەرنى رەتلەۋېتىپ بۇرنۇمغا بۇلۇڭ تەرەپتىن ئاچچىق بۇس كەلدى ،ئىشكاپنى ئاچتىم ، كۆزلىرىمگە كۈرۈشنى خالىمايدىغان - رەڭدار قاپلىق ئازمۇ ئەمەس بەش دانە كورۇپكا كۈرۈندى ، ئۆينى ئىسپىرت ھىدى بىر ئالدى ، بۇ قىممەتلىك "ساقلانمىلار" نى نىمىشقا بۇيەردە قويغانلىقىڭىزنى چۈشەنمەيلا كەتتىم ، ئىشكاپنى مەخسەتلىك ئېچىم قويدۇم ، ئۇزاق ئۆتمەي ئاپىڭىز كىردى ،كۆردى ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ :خۇدايا توۋا ، ماۋۇ بالىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى ، نىمانچىلا جىق ئەكىرىۋالغاندۇ ؟ .... مەن ئاپىڭىزنىڭ مۇشۇنىڭلىق بىلەن سىزنى بىر "ئەدەپلەپ " قويۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم ، چۈنكى خوتۇنىدىن "ئەدەپلىنىپ " كەتكەندىن كۆرە ئاپىسىدىن ئەدەپلەنسە سەل ئۈنۈملۈكراق بولاتتىمىكىن دەپ ، ئاپىڭىزغا ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ "ئاپا ، ئۆزلىرىمۇ كۆردىلە ، نەسىھەت قىلىپ قويسىلاچۇ ، بۇلارنى يوقاتسۇن ، بۇنداق نەرسىلەر بار ئۆيگە قانداقمۇ پەرىشتە كىرسۇن ؟... " دىدىم ، بىراق ئاپىڭىزنىڭ گەپلىرى مىنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈردى :- "بالام ، يەنىلا ئۆزلىرى گەپ قىلسىلا ، مەن گەپ قىلسام ، ئۇ مىنى تىللايدۇ ، ئۆتكەندىمۇ ھېلىقى بىر ئىشنى دىسەم ، ماڭا گۆلىيىپ ، ماڭا ئېغىز ئاچۇرمىغان .... " ، بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟ ئاپىسى بالىسىغا نەسىھەت قىلسۇنۇ ، بالىسى ئاپىسىنى تىللىسۇن ؟ مىنىڭ شۇ تاپتا كاللامغا كەلگەن بىر خىيال : ئوغۇل بولغۇچى ئاپىسىنى ھۆرمەتلىمىسە ، ھېيىقمىسا ، كىلىن بولغۇچى قېينى ئانىسىنى قانداقمۇ ھۆرمەتلىسۇن ؟! ئەگەر قېينىئانا بولغۇچى مەخسەتلىك ھالدا "مىنىڭ ئوغلۇم مۇشۇنداق ئەركە ، خالىغىنىنى قىلىدۇ ، سىنىڭ بىلجرلىغىنىڭ بىكار ، ئىشىڭنى قىل "دىگەن مەخسەتتە شۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن بولسا ،كىلىننىڭ قانداقمۇ چىن كۆڭلىدىن قېينىئانىنى ھۆرمەتلىگۈسى ، ھەمراھىنى قانداقمۇ بېشىدا كۆتۈرگۈسى كىلىدۇ ؟!
قىزىڭىزغا قۇلىڭىزنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئاتىلىق مىھىر بەرگىنىڭىزنى كۆرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئەجرىڭىزگە ئاتاپ دۇئا قىلغان بولاتتىم ، سىزنىڭ تويدىن بۇرۇن ئازراق بولسىمۇ ئايالىغا قانداق كۈيۈنۈش ، كېسەل قېينى ئاتىغا كۈيئوغۇللۇقنى قانداق يەتكۈزۈش ، مەھبۇبىسىگە كۈڭۈلدىكى مۇھەببىتىنى تۆشەكتىن باشقا يەردە قانداق ئىپادىلەپ تۇرۇش ، پەرزەنتنى قانداق تەربىيىلەش ، بالىدا ئىسىل خاراكتىر يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن نىمىلەردىن خەۋەردار كېرەكلىكى توغرىسىدا كىچىىكىنە بولسىمۇ ساۋاد ئىگەللىمىگىنىڭىزگە تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم ، سىز ئەقەللىسى ئاللاھنىڭ ھەققىنىغۇ قايرىپ قۇيۇڭ ماقۇل ، سىزنى ساق سالامەت تۇغۇپ قاتارغا قوشقان رەھمەتلىك دادىڭىز بىلەن ھايات ئاپىڭىزنىڭ ھەققىگە ئاتاپ ئىككى رەكەت تەشەككۇر نامىزىنى بولسىمۇ ئۆتەپ باقمىغىنىڭىزغا مەن ھەيران ؟! مەن چۈشەندىمكى ياراتقۇچىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنى بىلمىگەن ، ئادا قىلىشنى خالىمىغان بەندە ئەلۋەتتە ئۆز زىممىسىدىكى ئائىلىسىنىڭ ، ئايالىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەققىنى تېخىمۇ ئادا قىلمايدۇ ، ئادا قىلىشنى خالىمايدۇ ، مەن تويدىن ئاۋل سىزگە نىمە دىگەن ؟ "كۆڭلىدىكى ھەقىقى مۇھەببەت -سۆيگۈ- ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىدىن سۇ ئىچمىگەن ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببىتى ھەرگىزمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ " دىگەن ، سىزنىڭ تېخى مىنى مازاقلاشلىرىڭىز بار ، مىنىڭ سەجدىگە بارغاندىكى ئەجرىمنىڭ بىرقىسمىنى ھىچكىم سىزگە بۈلۈپ بىرەلمەيدۇ مەنمۇ شۇنداق ، مەن پەقەت سىزگە ئىنساپ - تەۋپىقلا تىلىيەلەيمەن خالاس ....
مەن سىزنى باشقىلارغا ئوخشاش كۆپ پۇل تاپ ، مىنى ئالى تۇرمۇش سەۋىيەسىگە يەتكۈز ، بۇيۇن بارماقلىرىمنى ئالماس بىرلىيانتلارغا تولدۇرمۇ دىمىدىم ، كۆپرەك كىتاپ ئۇقۇڭ ، بىلىملىك ، ئىچى نۇر-زىيالىق كىشىلەر بىلەن كۆپرەك سىرداش بۇلۇڭ ، ئادىمى شەيتانلاردىن يىراق يۈرۈڭ ، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەشھۇر دۇئاسى " ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۈزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن "دىگەن دۇئاسىنى ھەمىشە ئوقۇپ تۇرۇڭ ، ئۇچىڭىزنى پاكىزە تۇتۇڭ ، ھايۋانلارنىڭ ، قۇشلارنىڭ شەھۋەت قىلىقلىرىنى تاماشا قىلىشتىن يىراق تۇرۇڭ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يامان كۆرىدىغان " پاھىشە قىلىش ، قىمار ئويناش ، كەپتەرۋازلىق " تىن ئىبارەت يامان قىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلىشىڭىز كېرەك ، كەپتەرۋازلىق شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ...ھەقنى ئۇنتىغان ناخۇشلارنىڭ ئىشقىغا ئوخشاپ كىتىدىغان ناجىنىس مەخلۇقلارغا ئىشىق قۇيۇشتىن ئۆزىڭىزىنى تارتىڭ ....ئەڭ قەبىھ ئىشىڭىزنىمۇ ئەپۇ قىلدىم .....دوزاخنىڭ ئوتى سىز تۇرىۋاتقان سەھرانىڭ يازدىكى پىژغىرىملىرىدىن 70ھەسسە كۈچلۈك ...ئۇنتۇپ قالماڭ دەپ كەلدىم .......
سىزنىڭ تېخى ھەقتىن يامانلاشلىرىڭىزباركەن ، شۇ سەۋەبتىن سىز سەجدىگە بارمايسىزمىش ، بۇتېخى كۇپرىلىقنىڭ ئەڭ يامىنى ، سەۋەبى دادىڭىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشىڭىز ، بىلىشىڭىز كېرەك رەھمەتلىكنىڭ باقىدىكى ئازابى سىز-بىزلەرنىڭ دۇئاسى - ياد ئىتىشى بىلەن يىنىكلەيدۇ ... ئايرىلىش قانداق بۇلىدۇ ، بىلەمسىز ؟ ھەققى مەنىدىكى ئايرىلىش دەۋزاخ ئىشىكى بىلەن جەھەننەم ئىشىكى ئارىسىدا ئايرىلىشتۇر ...
مەندىن 4ئاي ئايرىلغاندىكى تۇرقىڭىزنىڭ قانداق بۇلۇپ كەتكىنى ھېلىھەم يادىمدا ، بۇ دىگەن تېخى پانىدىكىسى ، باقىيدىكى ئايرىلىش ئۇنىڭدىن بەتتەر .....مەن دوزاقنى تولدۇرغۇچى ئاياللاردىن بىرى بۇلۇپ قالماي دەپ سىزنى يەنە باغرىمغا تارتتىم ، دەردىڭىزنى تارتىش مىنىڭچە دوزاخ ئازابىنى تارتىشتىن يىنىك بولسا كېرەك .....
بولدى ، بىگىم ، مەن سىزنىڭ ئەمرىڭىزدە قاچانغىچە تۇراي ، سىز شۇچاغغىچە ماڭا بەگ-سىز ، سىز ماڭىلا بەگ ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز بەگ ، پەقەتلا ئاللاغا قۇل بۇلۇشنى ھىس قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى ، ئايىقى چىقماس ئويۇنلارغا ، ئەرزىمەس ھەۋەسلەرگە ، شەيتان نەپەسلەرگە مەھكۈم بۇلۇپ قېلىش ، ئارماندىن غايىدىن مەھرۇم قېلىش ، نىشاندىن ئېزىقىش ، ئەقەللى ئائىلىۋى بۇرچتىن تېزىپ كىتىش - ئەركەكنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئەمەس ...............بەلكىم دىمەكچى بولغانلىرىمدىن ئاز بىرقىسمىنى تولىمۇ تېيىز مەنىدە دىگەندۈرمەن .....
ئاخرىدا ئەقلىمگە كەلگەن مۇنۇ جۈملىنىمۇ قۇشۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ : ھەقىقى ئوغلان دىگەن ۋەتەن ئۈچۈن يۇرت ئۈچۈن جاننى پىدا قىلشتىن يانمايدۇ ، سىزگە جان پىدا قىلغۇدەك ياۋ مەيدانى يوق ، ئەمما ئائىلە سىز ئۈچۈن بىر كىچىك ۋەتەن ، شۇنىڭغا بولسىمۇ جان پىدا قىلىشنى بىلمىگەن ئەر ۋاقتى كەلگەندە ۋەتەنگە جان پىدا قىلىش تۈگۈل ئاسىيىلىق قىلىشتىن ئايىقىنى تارتالمايدۇ ، ئاسىيلىقنىڭ باشلىنىشى ئۆز ئەركەكلىگىگە بولغان ئاسىيىلىقتىن باشلىنىدۇ ، مۇشۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى تارتالىسىڭىز كەلەۈسىڭىزدىكى نۇسرەت ئىشىكىڭىزنى ئاچقان بولىسىز بەلكىم .........ھايات ، تۇرمۇش ، ئەركەكلىك ، بۇرچ ، ئەقىدە ، ساداقەتمەنلىك ، ھەققە بولغان مەمنۇنلۇق -ئىتائەت توغرىسىدا ئارىمىزدا گەپ بۇلۇپ قالسا بەزىدە مىنى تۇترۇقسىز ئىبارىلەر بىلەن مازاقلايسىز ...مەن ئۇلارغا چىدايمەن ، بۇ سىزنىڭ ئىلىمگە لىقلىغىڭىزمۇ ياكى مىنىڭ ناباپ ئورۇندا ناباپ كىشى بىلەن بىرگە بۇلۇپ قالغىنىممۇ ؟
بولدىلا ، مىنىڭ سىزدىن قەلبىمگە ئۇيىۋالغۇدەك جاۋاب ئېلىشىم بەك تەس ئىش ، جاۋابنى ئۈزۈم بىلىپ تۇرۇپ سىزدىن سورايمەنۇ - سىزدىن سادا كەلمەيدۇ ، جاۋابنى يەنىلا سەجدىگاھىمدا تۇرۇپ ئىزلەي .......
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ X* m+ t$ r8 _4 W3 \9 t! uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; y+ V8 o2 x% U! V6 g7 }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 w) `4 V" {( ~# _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- A# g$ w' t; T4 h3 Uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 r! h! Y z8 z& a& ?
مەنبە : گۈلجاھان قەلىمى
2013-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 `: O0 e& o% U) p/ G4 S2 m