بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىگە بېرىش يولىدا ناھىيىلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئايال بىلەن سەپەرداش بۇلۇپ قالدىم.
ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بالىسىغا ئوكۇل سالدۇرغىلى كىرگەن بۇلۇپ، بۇ جەرياندا سېستىرا قىز تىغنى ئالماشتۇرمايلا بىرلا تىغ بىلەن 10نەچچە بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەن. مۇخبىر ئايال بىرەر بالىنىڭ بېشى كېسىلىپ كەتمىگىدى دەپ دەككە -دۈككىدە ئولتۇرغان. بالىسىنىڭ چېچىنى چۈشۈرىدىغان چاغدا سېستىرا قىزغا تىغنى ئالماشتۇرۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن سېستىرا قىز ئالماشتۇرمايمەن، قانداق قىلىسىز دەپ ئالماشتۇرغىلى ئۇنىمىغان.
مۇخبىر بۇ گەپلەرنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ قايتىپ كەتكەن. لېكىن ئىشخانىسىغا بېرىپ ئاچچىقىنى پەقەت باسالماي دوختۇرخانا باشلىقىغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتقان، دوختۇرخانا باشلىقى كەچۈرۈم سوراپ مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە مۇشۇنداق نازارەت قىلىدىغان ئادەملەر بولسىلا ئاندىن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ رەخمەت ئېيتقان.
دوختۇرخانا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى تەنقىت قىلىپ ئالدىغا 5000يۈەندىن كەينىگە 2000يۈەن جەرىمانە قويغان. كېيىن بۇ مۇخبىر خىزمەتدىشىنىڭ بالىسىغا ئوكۇل سالغۇزۇش مۇناسىۋىتى بىلەن كىرىپ ئوخشاش ئەھۋالنى بايقىغان، ئاندىن دوختۇرخانا باشلىقىغا تېلفۇن قىلىپ يەنە شۇ ئەھۋالنىڭ تەكرارلانغانلىقىنى، مۇشۇنداق بۇلىۋەرسە قولىدىكى نەرسىنى سەھىيە ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
دوختۇرخانا باشلىقى بىردەمدىلا ئوكۇل ئۇرۇش ئۆيىدە پەيدا بولغان ھەم ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ چىقىپ كەتكەن. مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئايرىم چارە كۆرۈلگەن. ھىلقى سېستىرا قىز تۇققىنىنى ئوتتۇرىغا سېلىپ دوختۇرخانا باشلىقىغا دەپ قۇيۇشنى ئىشتىن بوشۇتۇۋەتمەسلىكنى ئۆتۈنگەن، مۇخبىر ئايال ھىلىقى سېستىرانىڭ تۇققىنىغا مېنىڭ ئۇقىزنى خىزمەتتىن ھەيدىتىۋېتىش مەقسىتىم يوق، مەن پەقەت ئۇلارنى خىزمەتنى ئەستايىدىل، مەسئۇل بولغان ھالدا قىلسۇن دىگەننى بىلدۈرۈپ قويماقچى دىگەن.
ئۇ مۇخبىرنىڭ دىيىشىچە ناھىيىدىمۇ مەخپى يىغىنلار ئېچىلىپ ئەيدىزنىڭ ناھىيىمىزدە دەھشەتلىك يامرىشى مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئەيدىز ھاياتىمىزغا توختىماي خىرىس قىلىۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ، ھازىر ناھىيىمىزدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن تۇغۇلغان بوۋاقلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەجىبا بۇ سېستىرا بۇنى بىلمەمدىغاندۇ؟ نىمىشقا ئىشنى تەرتىپى بىلەن قىلمايدۇ! ئەسلى بىر ئادەمگە بىر تىغ ئىشلىتىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئۇلار شۇ كىچىككىنە ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ تىغنى ئالماشتۇرماي ئۆز خالىغىنىچە ئىش قىلىدۇ، ئۇ سېستىرا ئىشتىن قېلىشتىن قورقۇدىكەنيۇ، نىمىشقا باشقىلانىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىشتىن قورقمايدۇ . بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشلىرى زادى قاچان ئاخىرلىشار، ھەممىنى بىلىدىغان سېستىرالار شۇنداق قىلىۋاتسا باشقىلار قانداق قىلار؟
******************************************************************************************************************************************
*************************************************************************************************..
بۇ ئىشلارغا باشقا تورداشلارمۇ يولۇققان بولۇشى مۇمكىن.بەزى ئىشلارغا سەل قاراپ قالىدىكەنمىز.
بىزنىڭ ناھىيدىمۇ داڭلىق بىر بالىلار كىسەللىكى ئامبۇلاتۇرىيىسى بار.شۇ يەدىمۇ بىرلا تىغ ئىشلىتىدۇ.مەن بىرنەچچە قىتىم كۆرگەن بولساممۇ بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بەرمەپتىمەن.كىچەك بالا دىگەن تولا ئاغرىپ قالغاندىكىن ھەر قىتىم چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن.ئىككى ئۈچ كۈن ئۇكۇل سالدۇرساق ياخشى بوپ قالىدۇ دەپ شۇنداق ئامبۇلاتۇرىيلەرگە ئاپىرىدىكەنمىز.ئۇ ئامبۇلاتۇرىيە پىنسىيىەگە چىققان بىر دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىدى.بىز باشقا يەرلەردىن ئىشەنچىلىكرەك دەپ قارايتتۇق تىخى.مەندەك سەل قاراپ قالغانلار بولسا ئىسىگە چۈشۈپ قالسۇن دەپ يارىپ مۇنبىرىدىن يۆتكەپ قويدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-18 11:23 AM