مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4362|ئىنكاس: 16

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 07:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان....

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

(1-قىسىم)


جېمى ھەمدۇ-سانالار بارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى، قۇرئاننى نازىل قىلغۇچى، بىزنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى يىگانە زات جانابى ئاللاھقا بولسۇن، ئۇ زات بىزنى ھىدايەتكە نېسىپ قىلمىغان بولسا توغرا يولنى تاپالمىغان بولاتتۇق، ئىمان نېمە، ئىسلام نېمە بىلمىگەن بولاتتۇق.

يەنە بىزگە بۇ ئۇلۇغ دىننى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنى تولۇق يەتكۈزگەن، ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي ** قىلغان ئاخىرقى پەيغەمبەر، مۇھەممەد ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا،  ساھابە كىراملىرىگىمۇ تۈگىمەس توختىماس سالاملار بولسۇن.

بۇ شەرەپلىك پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئاتا-ئانىلىرىمىزغا، بىزگە ئىسلامنى ئۆگەتكەن ئالىم ۋە ئۇستازلىرىمىزغا جانابى ئاللاھنىڭ سالامى، مەغپىرىتى، رىزۋانى بولسۇن. ئامىين!!!!

ئىي ئاللاھ! بىزنى ئىسلام يولىدا مۇستەھكەم مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، دۇنيادىن مۇسۇلمان كېتىشكە نېسىپ قىلغىن، رامىزاننى تۇتۇشقا نېسىپ قىلغىن، تاراۋىھنى ئوقۇشقا نېسىپ قىلغىن، رامزاننىڭ ئاخىرىدا دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننىتىڭگە ئېرىشىدىغانلاردىن قىلغىن. ئامىين.

مانا ئاللاھنىڭ ئېيى مۇبارەك ئۇلۇغ ئاي رامىزانمۇ كېلىپ قالدى....

   بىز مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تەشنالىق ھالىتىدە تۇرۇپتىمىز، بۇ ئاي كەلگىچە تولۇق تەييارلىنىپ بۇ ئايدىكى ئالاھىدىلىكلەردىن، بەرىكەتلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە بەھرىمەن بولۇپ، ئاي ئاخىرىدا دوزاختىن ئازات قىلىنغانلاردىن بولۇپ چىقىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر، شۇڭا بۇ مۇبارەك ئاينىڭ قەدرىنى بىلىشىمىز، بۇ ئايدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى، شۇنداقلا بۇ ئايغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئەھكاملارنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

رامىزان ئېيى قايسى ئاي؟

مەلۇمكى ھىجرىي يىلنىڭ ئايلىرى 12 ئاي بولۇپ بۇلار تۆۋەندىكىچە:

مۇھەررەم
سەفەر
رەبىيئۇل ئەۋۋەل
رەبىيئۇل ئاخىر
جۇمادەل ئۇۋلا
جۇمادەل ئەخىرە
رەجەب
شەئبان
رامىزان
شەۋۋال
زۇلقەئدە
زۇلھەججە

دېمەك: رامىزان ئېيى ھىجرىيە كالىندارى تەرتىپى بويىچە 9- ئاي بولۇپ، بۇ ئاي ھەر يىلى مىلادى كالىندارىغا نىسبەتەن 12 كۈن ئەتراپىدا سۈرۈلۈپ كەلگەچكە ھەر يىلى كېلىش ۋاقتى مىلادى كالىندارىغا نىسبەتەن ئۆزگىرىپ كېلىدۇ، تەخمىنەن 33 يىلدا بىر ئايلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئاي بەزىدە باھاردا، بەزىدە قىشتا بەزىدە كۆزدە ۋە بەزىدە ئىسسىق يازدا كېلىدۇ، ئۇنداق بولماي يا يازدا ياكى قىشتا بولسۇن مۇقىم بىر پەسىلدە كەلگەن بولسا يىل بويى تۆت پەسىلدە چېنىقىش ۋۇجۇتقا چىقمىغان بولاتتى.

بۇ ئاينىڭ پەزلى ۋە بەرىكەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن:

رامىزان ئېيى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئايدۇر.

جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتتە رامىزان ئېيىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ شەنىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ((رامىزان ئېيى قۇرئان ئىنسانلارغا ھىدايەت، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى ۋە روشەن دەلىل بولغان ھالدا نازىل قىلىنغان ئايدۇر، شۇڭا سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن))

يۇقىرىقى ئايەتتىكى ((شۇڭا)) دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ئەرەبچىسى (ف) ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ بۇ ھەرپ ئەرەبچىدە تەرتىپ ۋە ئىللەتلىكنى بىلدۈرىدۇ، يەنى بۇ ئايدا روزا تۇتۇش بۇ ئايدا قۇرئان نازىل بولغانلىقىغا ئەگىشىپ كەلگەن، دېمەك: بۇ ئايدا روزا تۇتۇش جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتكە قۇرئاننى نازىل قىلىش ئارقىلىق قىلغان زور ئىلتىپاتى ۋە كاتتا نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ.

قۇرئان كەرىم بولسا ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئېنىق ئايەتلەرنى، ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جانابى ئاللاھ ئۆزگەرتىلىشتىن تاكى قىيامەتكىچە قوغدىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر.

ئۇنداق بولىدىكەن رامىزان ئېيىدا بۇ ئۇلۇغ كىتابنىڭ نازىل قىلىنىپ ئىنسانىيەتكە ئىنئام قىلىنىشى شۈكرانغا لايىق كاتتا نېمەت بولىشى تەبىئىيدۇر.

رامىزان ئېيى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدىر كېچىسى بار ئايدۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ كېچىنى رامىزان ئېيىدا قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كېچىدە قىلغان ئىبادەت قۇرئاننىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بويىچە مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەكتۇر، ئاللاھ تائالا بۇنى قەدر سۈرىسىدە ئېنىق بايان قىلغاندۇر. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەدىر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ قايسى كېچىدە بولىشى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا ئومۇمەن پۈتۈن رامىزان ئېيىدا خۇسۇسەن ئاخىرقى ئون كۈندە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش زۆرۈر.

رامىزان ئېيى يەنە بىر رامىزان كەلگىچە قىلغان گۇناھلارغا كاپپارەت بولىدىغان ئايدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھۇ مۇسلىمدىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيتتى: ((بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە چوڭ گۇناھلار سادىر بولمىسىلا ئارىلىقتا قىلغان گۇناھلارنى يۇيۇۋەتكۈچى ئەمەللەردۇر)).

سەھىھۇل بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ((رامىزان كەلسە جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ)).

رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرىنىڭ پەزىلىتى.

سەھىھەيندىكى ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((رامزاندا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە باراۋەر)) يەنە بىر ھەدىستە : ((مەن بىلەن بىللە قىلغان ھەجگە باراۋەر)) دېگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە شەرىپىدىن كەلگەندۇر، چۈنكى بۇ ئۆمرە پەقەت رامىزان ئېيىدا ئورۇندالغانلىقى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق كاتتا دەرىجىلىك بولغاندۇر. بۇنداق ئۆمرىنىڭ ساۋاب جەھەتتە شۇنداق ھەجگە باراۋەر بولسىمۇ، لېكىن پەرز ھەج بۇنىڭ بىلەن گەدەندىن ساقىت بولمايدۇ، بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاقتۇر.

رامىزان ئېيى روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ئايدۇر.

جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ((شۇڭا سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن))

بۇ ئايەتتىكى ((ھازىر بولسا)) دېگەن سۆز رامىزان ئېيىدا ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان بولسا، روزىغا قادىر بولسا، باشقا سەپەر قىلىشتەك ئۆزرە بولمىسا روزا تۇتۇشى ۋاجىب دېگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدۇ.

يەنە بەقەرە سۈرىسى 183-ئايەتتە جانابى ئاللاھ مۆمىنلەرنى مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ((ئىي ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن روزا تۇتۇش سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى)).

بۇ ئايەت روزا تۇتۇشنىڭ مۇسۇلمانلارغا پەرزلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە روزا تۇتۇش ئىبادىتىنىڭ بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن غايىنىڭ (تەقۋادارلىق) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن تەقۋادارلىق نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ يۇقىرى غايىسىنى تەقۋادارلىق دەپ كۆرسەتكەن، بۇ تەقۋادارلىق ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئىبادەتتىن كۆزلىنىدىغان غايىدۇر، بەقەرە سۈرىسى 21-ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ((ئىي ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار)).

بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان تەقۋادارلىقنىڭ ئۇقۇمى نېمە؟

بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ توپلانمىسى بولغان بۇ تەقۋادارلىقنى شۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، ئۇ ئۈمىت بىلەن قورقۇش ئوتتۇرىدىكى بىر مەنزىلدۇر، ئۇ پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر، بەزىلەر تەقۋادارلىقنى مۇنداق تەرىپ قىلغان: تەقۋادارلىق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ تائىتى بىلەن ئۇنىڭ جازاسىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. يەنە بەزىلەر مۇنداق تەرىپ قىلغاندۇر: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلماي ئىتائەت قىلىش، ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرۇش، نېمەتلىرىگە تانماي شۈكۈر قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت.

روزا تۇتۇش تولۇق بەندىچىلىك ۋە ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىبادەت ۋە بەندىچىلىكنىڭ ئۇقۇمى تولۇق بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا ئىبادەت روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە نامايان بولىدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى كۆز ئالدىدا يېمەك-ئىچمەك تەييار تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ھالەتتە چىداپ تۇرىدۇ، ئىسلامنىڭ باشقا ئاساسلىق ئىبادەتلىرىدە رىياخورلۇق ۋە باشقا ئىبادەتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان ياكى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئىللەتلەر كۆرۈلسىمۇ روزا تۇتۇش ئىبادىتىدە ساپ ئىخلاستىن باشقىسى بولمايدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى ئىخلاس بىلەن روزا تۇتىدۇ، ئۇنىڭغا ئاللاھدىن باشقا كۆزىتىپ تۇرغۇچى بولمايدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن جانابى ئاللاھ روزا تۇتقانلارنىڭ ساۋاتىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىپ ئىبنى خۇۋەينە سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدىسىدا مۇنداق دېگەن: ((ئادەم بالىسىنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۆزىگىدۇر، پەقەتلا روزا ماڭىلا خاس، چۈنكى ئۇ ماڭىلا خاس قىلىنغان ئىبادەت، شۇڭا مەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن، ئۇ مەن ئۈچۈن يېمەيدۇ، مەن ئۈچۈن ئىچمەيدۇ، مەن ئۈچۈن ھۇزۇر -ھالاۋىتىنى تاشلايدۇ، ئايالىنى مەن ئۈچۈن تاشلايدۇ)) دېمەك ئىخلاس قانچىكى ئارتۇق بولغانسېرى مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولغان.

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن: "ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى ئاللاھ ماڭا پايدىسىنى يەتكۈزىدىغان بىر ئىشقا بۇيرۇسىلا"دەپ تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ((روزا تۇتقىن، چۈنكى ئۇ مىسلىسىزدۇر)). يەنى ئەجىرنىڭ كاتتىلقىدا، روھنى ساپلاشتۇرۇشتا، بەندىنى ئىگىسىگە يېقىنلاشتۇرۇشتا، جىسىمنى ساغلاملاشتۇرۇشتا، نەپسانىي شەھۋەتلەرنى سۇندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئىبادەت يوق، ئۇ بىنەزىر ۋە مىسلىسىزدۇر، ئىنسان روزا ئارقىلىق ئۆزىنى تىزگىنلەيدۇ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ، ئىسلامنىڭ كۆزلىگىنىمۇ نەپسى بالاسى ئاجىز ئادەم ئەمەس، ئىرادىلىك، چىداملىق مۆمىن.

روزا تۇتۇش ئۆزىنى قىيناش ئەمەس.

ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشنى ئۆزنى قىيناش ياكى ئۆز نەپسىمىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويمىغاندۇر، بەلكى روزىنى روھنى ئويغىتىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىرادىنى تاۋلاش، سەۋر-تاقەتكە ئادەتلەندۈرۈش، نېمەتنى تونۇتۇش، رەھىم-شەپقەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش شۇنداقلا تولۇق بەندىچىلىككە، تولۇق بويسۇنۇشقا چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر، شۇڭا بەقەرە سۈرىسى 185-روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ئايىتىنى مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇرغان: ((ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، قىيىنچىلىقنى خالىمايدۇ))

قىيناش مەقسەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسى 184-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ((روزا ساناقلىق كۈنلەردۇر)) يەنى پۈتۈن يىل بويى ئەمەس، يېرىم يىلمۇ ئەمەس پەقەتلا ساناقلىق كۈنلەردىن ئىبارەت، 24 سائەت ئەمەس تاڭ ئېتىش ۋاقتىدىن كۈنپېتىشقا قەدەر، دېمەك: كۈندۈزى روزا تۇتىمىز، كېچىسى ئېغىز ئاچىمىز، يەنە تېخى كېسەل ۋە باشقا ئۆزرىلىك كىشىلەردىن روزا تۇتۇش كەچۈرۈم قىلىنغان، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ((سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتىۋالسۇن، قېرىلىقى ياكى ئاجىزلىقتىن روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ كېتىدىغانلار بىر كۈن روزا ئۈچۈن بىر مىسكىننى تويغۇزسا بولىدۇ)).

روزا تۇتۇش بارلىق ئىشلىرىمىزنى رۇسلايدۇ.

روزا تۇتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى كۆرۈپ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئادەتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، دېگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ جەمئىيىتى، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئادەم بولىدۇ، سۆزلىسە راست سۆزلەيدۇ، ئىش قىلسا ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، ھۆكۈم قىلسا ئادىللىق بىلەن قىلىدۇ، ۋەدە بەرسە تۇرىدۇ، ئامانەت ئالسا ساقلايدۇ، تىجارەت قىلسا ساغلام قىلىدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، ھارام يېمەيدۇ، ناچار ئىشمۇ قىلمايدۇ، روزا تۇتقان كىشى بىر ئاي مۇشۇنداق داۋاملاشسا ئېسىل خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ يىل بويى شۇنداق ئالىيجاناب ھالەتتە داۋاملىشالايدۇ.

روزا تۇتۇش تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.

روزا تۇتۇشنىڭ تەننى ساغلاملاشتۇرىدىغانلىقى تىببىي جەھەتتىن ئېنىق ۋە كەسكىن ئىسپاتلانغاندۇر، لېكىن بىز مۇسۇلمانلار روزا تۇتقىنىمىزدا تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، دەپ ئەمەس جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالاغا بەندىچىلىك ۋە قۇللۇق ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇپ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن روزا تۇتىمىز، شۇنداقتىمۇ روزىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن زور پايدىسى بارلىقى بىر ھەقىيقەتتۇر، بەلكى بۇ جانابى ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئىلتىپاتى ۋە مەغپىرىتى بىلەن بىللە كېلىدىغان قوشۇمچە سوۋغىتىدۇر.

روزا تۇتۇش نېمەتلەرنى تونۇتىدۇ.

مەلۇمكى نېمەتلەر كۆپ بولغانسېرى ئىنساننىڭ ئۇنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندا ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇپ قالغاندا نېمەتنىڭ قەدرىگە ئوبدان يېتىدۇ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نۇرغۇنلىغان نازۇ-نېمەتلىرىنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ، نامراتلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغىلى، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتكىلى بولىدۇ، نېمەتلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندىلا ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا شۈكۈر قىلىشقا تىرىشىدىغان گەپ، مانا بۇنىڭدىن روزا تۇتۇشنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تەرىپى ئېنىق كۆرۈلىدۇ.

رامىزان ئېيىدا قىلىنىدىغان مۇھىم ئىبادەتلەر

بۇ ئۇلۇغ ئايدا يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەر:

  1. روزا تۇتۇش.

پەرز روزا مۇشۇ ئايغا خاستۇر، بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولىشى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بۇ ئايدا قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

  2.  تەراۋىھ نامىزى.

نامازمۇ روزىغا ئوخشاش بەندە بىلەن ئىگىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتتۇر، جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى يولغا قويغان، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ نامازنى رامزاندا بىرنەچچە كېچە مەسچىتتە ئوقۇغان، ساھابىلارمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ جامائەت بولۇپ ئوقۇشقان، بىرنەچچە كېچىدىن كېيىن پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ نامازنىڭ پەرز بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ توختىۋالغان. كېيىنچە پەرز بولۇپ قېلىش ئەندىشىسى قالمىغاندا مۇسۇلمانلار بۇ نامازنى جامائەت شەكلىدە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئېيىغا خاس شوئار خاراكتېرلىك ئەمەلىي ئىبادەت بولۇپ قالغان، مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ ئايدا مەسچىتلەرگە يىغىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ بەرىكىتى ۋە پەزلىگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى بۇ نامازنى ئوقۇش بىلەن بۇ مۇبارەك ئايدا قىيامدا تۇرغان بولىدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان، مەن قىيام (تەراۋىھ) نامىزىنى ئوقۇشنى سۈننەت قىلدىم، شۇڭا كىمكى بۇ ئايدا ئىمانى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇپ تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇسا گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك ھالەتكە قايتىدۇ)).

  3.  ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش.

بۇ ئايدا قىلىنىدىغان ئۈچىنچى ئىبادەت بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتۇر، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش دېگىنىمىز: مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگىلا ئاجرىتىپ ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدلەرنىڭ بىرىدە مۇقىم تۇرۇشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ ئىبادەت ئارقىلىق ئىنسان رەھىي تەرەپتىن چېنىقىپ ماددا ۋە ئۇنىڭ جازىبىيىتىدىن ئۈستىن كېلىشكە، تائەت-ئىبادەتلەرگە ئۆزىنى كۆندۈرۈپ ھەرخىل دۇنياۋى ھەۋەسلەردىن يىراق تۇرۇشقا چېنىقىدۇ، ئېتىكاپنى جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسى 187- ئايىتىدە مۇنداق زىكىر قىلغاندۇر: ((ئاندىن كەچ كىرگىچە روزىنى تاماملاڭلار، سىلەر مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئۇلارغا(يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلماڭلار)).

بۇ ئىبادەت رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىش كۆرسىتىلگەن سۈننەت مۇئەككەدەدۇر، سەھىھەيندە كېلىشىچە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر رامزاندىن ئاخىرقى ئون كۈندە ئېتىكاپتا تۇرۇپ كەلگەندۇر.

بەزى تابىئىيلار مۇنداق دېيىشكەن: "كىشىلەرنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننىتىنى تاشلاپ قويغانلىقى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى ئىشلارنى بەزىدە قىلىپ بەزىدە قىلمايتتى، لېكىن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى قەتئىي تاشلاپ باقمىغان".

بۇ مۇھىم سۈننەت بىز ئۇيغۇرلاردا تاشلىنىپ قالغانلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، شۇڭا بۇ ئىبادەتنى ئىمكانىيەتلا بولىدىكەن چوقۇم قايتىدىن ئەھيا قىلىپ چىقىپ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ياشارتىشىمىز، بۇ ئىبادەتتىن قولغا كېلىدىغان جانابى ئاللاھنىڭ ئىنئاملىرىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىز كېرەك.

بەزى ئالىملار بۇ ئىبادەتكە مۇنداق دەپ مىسال كەلتۈرگەن: "ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى خۇددى بىر ھاجەت بىلەن بىرىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى: مېنى مەغپىرەت قىلمىغۇچە بۇ جايدىن زادى كەتمەيمەن، دەيدۇ".

   4.  سەدىقە پىترى   بېرىش.

سەدەقەتۇل پىترى: روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقىدىن ئىبارەت .

بۇ سەدىقە ئادەم بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن كاللا زاكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ سەدىقە رامىزان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل- ھاقارەتتەك بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ، رامزاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ- يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن ياردەم قىلىپ رامزاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ. نامراتلارمۇ بۇ سەدىقىنى ئېلىپ ھېيت-ئايەمنى مۇھتاجلىق ھېس قىلماي خوشال- خۇرام ئۆتكۈزىدۇ.

بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقىنىڭ ۋاجىبلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ۋە ئەبۇل ئالىيە قۇرئان كەرىمدىكى ئەئلا سۈرىسى: ((پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى)) دېگەن 14- 15- ئايەتنى زاكاتى پىتىرنى بېرىپ ئاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇدى دەپ تەپسىر قىلغان.

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر زاكىتىنى ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلارغا بۇغدايدىن ياكى ئارپىدىن بىر سا ( 2040 گىرام ) بەلگىلىدى، ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىشكە بۇيرىدى))

بۇ سەدىقىنى بىر كۈنلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالا- چاقىلىرى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ، ھېيت نامىزىغا قەدەر تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ.  

بېرىلىدىغان ۋاقتى: رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پېتىشى ياكى ھېيت كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەن سەدىقە پىتىر بېرىش ۋاجىب بولىدۇ، ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەب، ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىش جائىز، ساھابىلەرنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىستە سابىت. بەزىلەر رامىزان ئىچىدە بەرسە بولىدۇ دەپ قارىغان. ئەمما ھېيت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

بۇ ئۇلۇغ ئايدا رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم ئەدەپ-قائىدىلەر.

ئەلۋەتتە روزا تۇتقان كىشى ئىنسانىي كامالەت ۋە ئىنسانىي تەرەققىياتنى كۆزلەيدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىدىكى يامان ئىللەتلەرنى تاشلاشقا ئۆزىنى زورلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ روزىسى جانابى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بولىدۇ، روزىنىڭ ھەقىقىي پايدىسى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن روزىدار مۆمىن كىشىگە ياراشمايدىغان بارلىق نالايىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى لازىمدۇر، بۇنى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلىگەندۇر: ((كۆپىنچە روزىدارلار تۇتقان روزىسىدىن ئاچلىقتىن باشقا نەرسە قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، كۆپىنچە كېچىدە تەراۋىھ ئوقۇغانلار ئۇيقۇسىز قېلىشتىن باشقا ئىشقا ئېرىشمەيدۇ)).

دېمەك: روزا تۇتقان كىشى دېگەن يېمەك-ئىچمەك، شۇنداقلا ناچار سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى تۇتىۋالغان، تىلىنى گەپ توشۇش، غەيۋەت ۋە يالغان-ياپىداق سۆزلەرنى قىلىشتىن تۇتىۋالغان، قولىنى ھارام پۇل تېپىش ۋە باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن تۇتىۋالغان، پۇتىنى يامان يولغا مېڭىشتىن، بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن تۇتىۋالغان كىشىدۇر، شۇڭا ئەرەب تىلىدا روزا تۇتۇشنىڭ مەنىسى تۇتۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ، يەنى سۆز جەھەتتىن بولسۇن، ئىش-ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن ئومۇميۈزلۈك ناچار قىلىقتىن ئۆزىنى تۇتۇشتۇر. باشقىلار ئۇنى تىللىغان ئەھۋالدىمۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن بويىچە: مەن روزا تۇتقان، دەپ روزىغا رىئايە قىلىشى، روزىسىنى بۇزماسلىقى، پەسلەر بىلەن تەڭ بولماسلىقى كېرەكتۇر، ئالىملار روزى تۇتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىككى تۈرگە ئايرىشىدۇ: ئاۋامۇنناس روزىسى، خاس زاتلارنىڭ روزىسى.

ئاۋامۇنناس روزىسى دېگىنى: قورساق ۋە جىما شەھۋېتىدىن ئۆزىنى تۇتۇش.

خاس زاتلارنىڭ روزىسى دېگىنى: كۆزىنى نامەھرەمگە قاراشتىن، تىلىنى، قولىنى، پۇتىنى، قۇلىقىنى ۋە بارلىق ئەزالىرىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلاش.

يەنە تېخىمۇ خاس زاتلارنىڭ روزىسى دەپ ئۈچىنچى تۈرگە ئايرىغان بولۇپ، بۇ دىلىنى ھەرقانداق پەس ئوي-خىيال ۋە ئاللاھدىن يىراقلاشتۇرىدىغان تەپەككۇرلاردىن ساقلاش دەپ كۆرسىتىشكەن. ئەلۋەتتە كىشىلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولىدۇ، تۇتقان روزىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلىش زۆرۈر بولغان يەنە باشقا مۇھىم ئىبادەتلەر.

1. مالنىڭ يىللىق زاكىتىنى بېرىش.

پەرز زاكات باي كىشىلەرگە ھەر يىلى 2.5% مىقداردا بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ بۇنى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا بېرىپ ئادەتلەنگەندۇر، بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجرىي كالېندار ئىسلام پائالىيەتلىرىنى قىلىشتا ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن زاكات بەرگەندە ھىجرىي كالىندارغا تايانماي مىلادى كالېندار بويىچە زاكات بەرگەن تەقدىردە ھەر 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتىنى يەپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا زاكات بەرگەندە بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ مىلادى كالېندار بويىچە بەرمەي، ھىجرىي كالېندار بويىچە بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، رامزاندا بېرىپ ئادەتلەنسەك تېخى ياخشى.

  2.  قۇرئان ئوقۇش ۋە تىڭشىشىش.

رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، رامىزان ئېيىدا ھەر يىلى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىيل ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان تىڭشىشىپ تۇراتتى، ۋاپات بولغان يىلىدا 2 قېتىم تىڭشاشقان، بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار تاراۋىھتا خەتمە قىلىشقا ھەم رامىزان كۈنلىرىدە قۇرئان ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن.

بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئادەتتىكى ئايلاردا قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەر قۇرئاننى كۈندە بىر پارىدىن ئوقۇپ 30 كۈندە بىر تامام قىلىۋالسا بولىدۇ، ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار 30 كۈن ئىچىدە يېرىم سائەتتىن ۋاقىت چىقارسا رامىزان ئىچىدە قۇرئان ئوقۇشنى تولۇق ئۆگىنىۋالالايدۇ.

  3.  خەيرى-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش.

بۇ ئۇلۇغ ئاي خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان ئاي بولۇپ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا ئىنتايىن بەك كۆپ خەير-ئېھسان قىلاتتى، شۇڭا باشقىلارنى ئىپتارلىتىۋېلىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش ۋە يوقلاش ئىشلىرىنى كۆپ قىلىپ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىش لازىم.

  4.  يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەردىن قۇتۇلۇش.

روزا تۇتۇش بارلىق يامان ئادەتلەرنى شۇنداقلا گۇناھ ئىشلارنى تاشلاشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈزۈل-كېسىل ئاجراشقا مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر، بىر ئاي جەريانىدا يامان ئادەتنى تاشلىيالىغان تەقدىردە ئۇنىڭدىن تولۇق ئاجراپ كەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن: تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تىل-ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ناخشا ئاڭلاش، تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈش، تاماقنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار.

رامىزان ئېيىدا ئىبادەت قىلىش ئاسان بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ((رامىزان ئېيى كەلسە جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ))

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ ئايدا بەندىلىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار روزا ۋە تەھەججۇدتەك كۆپ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ جەننەتكە كىرەلەيدۇ، شۇنداقلا كىشىلەردە قەيسەر ئىرادە ۋە ئاللاھ مېنى كۆزىتىدۇ دەيدىغان تۇيغۇ كۈچلەنگەچكە ئۇلار دوزاخقا كىرگۈزىدىغان گۇناھلارنى قىلمايدۇ، دېمەك بۇ پەزىلەتلىك ئايدا ساۋاب ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، كۆپ مۇسۇلمانلار گۇناھلارنى تاشلايدۇ. جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەجاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دەپمۇ كەلگەن: ((رامىزان ئېيى كەلسە رەھمەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ)).

شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىغا كەلسەك بەزى ئالىملار شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىسا يەنە بەزى ئالىملار بۇ ماجاز دەپ قارىغان.

ماجاز دېگەن ئالىملار مۇنداق دېگەن: شەيتانلارنىڭ باغلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرالماسلىقى، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ۋەسۋەسە ۋە ئازدۇرۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشقا ھېچ تەمە قىلالماسلىقىدىن ماجازدۇر، چۈنكى رامىزان ئېيى كىرسە كىشىلەر روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكى ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلايدۇ، گۇناھلارغا تۈرتكە بولىدىغان ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلىغاچقا كۆڭۇللىرى ئەينەكتەك ساپ ۋە سۈزۈك بولىدۇ، ئەقىللىرى پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا، گۇناھلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ، نەتىجىدە ئۇلار بارلىق ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرگە يۈزلىنىپ گۇناھلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ، شۇڭا ئۇلارغا جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتان ئۇلارغا ھېچ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، شەيتان ئۇلارغا ۋەسۋەسە سېلىشقا يېقىنلاشسا، ئۇلاردىكى ئىيمان ۋە تائەت نۇرى شەيتاننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)).

شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىغان بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: "شەيتانلارنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىدا ھەقىقەتەن باغلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار كىشىلەرگە ۋەسۋەسە سالالمايدۇ، ياكى شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بەزى ھەدىستە ((رامىزان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ)) دېيىلگەن، دېمەك بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ، شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟ دېيىش ئورۇنسىز، چۈنكى گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ئوسال ئادەتلەر ۋە ئىنسىي شەيتانلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ".

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىگە ھەقىقىي ياكى ماجازىي مەنە بەرسەك ھەر ئىككى ئەھۋالدا بۇ ھەدىس ئەمەلىيەتكە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى يامان ئىشلار ۋە گۇناھلار باشقا ئايلارغا قارىغاندا رامزاندا ئاز سادىر بولىدۇ، باشقا ئايلاردا ئەمەل-ئىبادەتكە يۈزلەنمەي قالغانلارمۇ بۇ ئايدا ناماز ئوقۇپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تائىتىنى قىلىشقا قولايلىق تاپىدۇ، ئادەتتە باشقا ئايلاردا تائەت-ئىيادەت بىلەن شۇغۇللانغانلار رامىزان ئېيى كەلسە تېخىمۇ كۆپ ئەمەل-ئىبادەت قىلالايدۇ، قۇرئان ئوقۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، كېچىدە تەھەججۇد ئوقۇش، خەير-ساخاۋەت قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قىلالايدۇ، باشقا ئايلاردا ئانچە-مۇنچە كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سالىدىغانلار بۇ ئايدا ئاشۇ كىچىك گۇناھلارنىمۇ قىلماي تاشلىيالايدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز كۆرگەن بۇ ھەقىقەتنى ئىلمىي جەھەتتىن يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن بىللە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايدىغان بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى رامزاندا تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىش ۋە تۈرلۈك گۇناھلارنى تاشلاشمۇ باشقا ئايلاردىن كۆپرەك بولىۋاتىدۇ ۋە بولماقتا.

شەك كۈنى دېگەن قايسى كۈن؟ ئۇنىڭدا روزا تۇتۇشقا بولامدۇ؟

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ھېچقايسىڭلار رامزاندىن بىر ياكى ئىككى كۈن ئىلگىرى روزا تۇتىۋالمىسۇن، ئادەتتە روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئادەم تۇتسا مەيلى)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

يەنە ھەزرىتى ئاممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ((كىمكى شەك قىلىنغان كۈندە روزا تۇتىدىكەن ئەبۇل قاسىم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ)). بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى سەھىھىدە مۇئەللەق ھالەتتە رىۋايەت قىلغان، باشقا بەش كىتاب مۇئەللىپلىرى سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭغا سەھىھ دەپ باھا بېرىلگەن.

شەئباننىڭ 29-كۈنى كەچتە ھاۋا تۇتۇقلۇق سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىنى كۆرمىگەن تەقدىردە شەئباننىڭ 30 -كۈنى شەك كۈنى دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ كۈن رامزانغا تەۋەمۇ ئەمەسمۇ كەسكىن بىلىنمىگەن. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ ئاي كۆرۈلمىسە شەك كۈنى دەپ قارىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار شەك كۈنى دېگەن ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولۇپ بىر قىسىم كىشىلەر ئاي كۆرگەنلىكى ھەققىدە پاراڭ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاي كۆرۈش گۇۋاھچىلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بولسا، بۇ كۈن شەك كۈنى بولىدۇ، ئۇنداق پاراڭ بولماي ھاۋا تۇتۇق بولسا، بۇ كۈن شەك كۈنى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش جەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كۈن شەئبان ئېيىغا تەۋە بولغان بولىدۇ دەپمۇ قارىغان.

ئەمدى يۇقىرىقى ھەدىسلەر سايىسى ئاستىدا بۇنداق شەك كۈندە روزا تۇتۇش ھۆكمىگە كەلسەك: كۆپچىلىك ئالىملار 29-كۈنى كەچتە ھاۋا ئوچۇق بولسۇن، تۇتۇق بولسۇن، ئاي كۆرۈلمىگەن تەقدىردە 30-كۈندە روزا تۇتماسلىق كېرەك دەپ قارىغان، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ھارام دېسە كۆپچىلىكى مەكروھ دەپ قارىغان.

دېمەك بۇ مەسىلىدە روزا تۇتۇشنى چەكلەش مۇئەييەنلەشكەندۇر.

بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى چەكلەشتىكى مەقسەت:

  پەرز ئىبادەتلەرنى نەپلە ئىبادەتلەردىن ئايرىش بىلەن بىللە رامزانغا تولۇق ھىممەت بىلەن يېڭىدىن جانلىنىپ ئاتلىنىشقا تەييارلىنىش، شۇنداقلا ئىسلام بەلگىلىگەن چەك-چېگرادىن ھالقىپ بەك ياسىما تەقۋادارلىق قىلىپ كەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقى، رامزاندا كۆرگەن ئاينىڭ ھۆكمىگە شەك كەلتۈرۈپ تەنە قىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

لېكىن يۇقىرىقى ھەدىستىن چىقىپ تۇرىدۇكى، بىر كىشى ئادەتتە ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىنى روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ شەك كۈن ئاشۇ ئىككى كۈننىڭ بىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇ ئادەم ئادىتى بويىچە ئۇ كۈندە روزا تۇتسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق.

شۇنداقلا بۇرۇن تۇتالماي قالغان روزا قازاسى، نەزىر قىلغان روزا ۋە كاپپارەت روزىسىدەك ۋاجىب روزىلارنى ئاشۇ كۈندە تۇتسا بولىدۇ، چۈنكى ۋاجىبنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش زۆرۈر.

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان....

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)
(2-قىسىم)


بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيى كىرگەنلىكى قانداق ئىسپاتلىنىدۇ؟
مەلۇمكى، جانابى ئاللاھ روزا تۇتۇشنى رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشىگە باغلاپ مۇنداق دېگەن: ((سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن)) (بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) بۇ ئايەتتىكى ھازىر بولسا دېگەن سۆز رامىزان ئېيىدا ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان بولسا، ھايات ۋە روزىغا قادىر بولسا، باشقا سەپەر قىلىشتەك ئۆزرە بولمىسا، روزا تۇتۇشى ۋاجىب دېگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدۇ.
پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مۇنداق دېگەن: ((ئۇنى(ئاينى) كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئۇنى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ روزا تۇتۇشنى ئاي كۆرۈشكە باغلاپ قويغانلىقى چىقىدۇ.
يەنە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك قارىشىدا قەمەرى ئاي 29 كۈن بولىدۇ، بەزىدە 30 كۈنمۇ بولىدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بىز خەت يېزىشنى ۋە ھېسابلاشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىز مىللەت (ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئەھۋالى شۇنداق ئىدى)، ئاي دېگەن مۇنچە مۇنچە بولىدۇ. يەنى بەزىدە 29كۈن بەزىدە 30كۈن دېمەكچى)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ئاينى كۆرمىگىچە روزا تۇتماڭلار، ئاينى كۆرمىگىچە روزا تۇتۇشنى توختاتماڭلار، بۇلۇتلۇق تۇتۇق كۈن بولۇپ ئاينى كۆرەلمەي قالساڭلار شەئبان ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تۇلۇقلاڭلار)) ئىمام بۇخارى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.
بۇ كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن روزا تۇتۇشنى باشلايدىغان كۈننى بېكىتىشتە شۇنداقلا روزا تۇتۇشنى توختىتىدىغان كۈننى بېكىتىشتە كۆز بىلەن ئاي كۆرۈش ھېسابقا ئېلىنىدۇ. فەلەكىي ھېساب ياكى كالېندار ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.
ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈشنى ھېسابقا ئېلىشتىكى ھېكمەت شۇكى: ۋاقىتقا باغلانغان ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىىبادەتلەرنى ئىسلام دىنىمىز كۆز بىلەن كۆرۈشتەك ھېسسىي ئىشلارغا باغلاپ قويغان، مەسىلەن: كۈن چىقىش ۋە پېتىش، ئاي تۇغۇش قاتارلىقلار. بۇ ھېسسى ئىشلاردا بىلىملىك ياكى بىلىمسىز، شەھەرلىك ياكى سەھرالىق بولسۇن ھەممە ئىنسانلار باراۋەر، شۇنداقلا پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلغان يەر ۋە زامان بىلەن تەرەققىي قىلمىغان يەر ۋە زامانمۇ باراۋەر. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەبەدىي ۋە دۇنياۋى دىن ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئىسپاتلانغىنى شۇكى، يېڭى تۇغۇلغان ئاي دەسلەپكى كۈندە بەزى جايلارنىڭ ئاسمىنىدا كۆرۈنسىمۇ، بەزى جايلارنىڭ ئاسمىنىدا ھاۋا تۇتۇق بولۇشتەك تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈنمەي 2-كۈنى كۆرۈلىدۇ. ئاينىڭ كۆرۈنۈش ياكى كۆرۈنمەسلىكى روزا تۇتۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەھكاملارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا داۋاملىق ئاي كۆرۈش جەھەتتە ئىختىلاپ مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ.
ئاي بىر يۇرتتا بىر كۈنى كۆرۈلۈپ يەنە باشقا بىر يۇرتتا باشقا بىر كۈنى كۆرۈلگەن بولسا، بىر جايدا كۆرۈلگەن ئاينى دۇنيادىكى بارلىق جاي ۋە يۇرتتىكىلەر ھېسابقا ئېلىپ روزا تۇتۇشى كېرەكمۇ ياكى ھەر بىر يۇرت ئۆزىنىڭ ئاي كۆرۈشىگە ئاساسەن روزا تۇتامدۇ؟
ئالىملار ئوتتۇرىدا ھەر ئىككى قاراش مەۋجۇت، ھەتتا بىر مەزھەب ئالىملىرى ئىچىدىمۇ ھەر ئىككى قاراش ئوخشاشلا ئىگە تاپقان، ھەر بىر قاراشنىڭ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەردىن قالغان ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتتىن دەلىلى ۋە ئاساسى بار.
ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋە ھەر بىر قاراشتىكى ئالىملارنىڭ تايانغان ئاساسلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن دۇنيانىڭ قايسى بىر جايىدا ئاي كۆرۈلگەنلىكى توغرا ئىسپاتلانسا، باشقا بارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ، دېگەن قاراشنى كۈچلۈك دەپ تەرجىھ قىلساق بولىدۇ. چۈنكى بۇ قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، ئىسلام كۆزلىگەن مۇسۇلمانلار بىرلىكىنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، مۇسۇلمانلار بىر قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ، بىر جايغا مەلۇم كۈن ۋە ئايلاردا بېرىپ ھەج قىلىدۇ، روزىنىمۇ مەلۇم بىر ئايدا تۇتىدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن بىر كۈندە تەڭ روزا تۇتۇش دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارا ئىسلام بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ قاراش مۇسۇلمانلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر سۈرئىتى ۋە يەرشارىلىشىش دولقۇنى بىلەن تۈسلەنگەچكە مەككە ياكى قاھىرەدەك ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ خەۋىرىنى شۇ سائەتتە ئۇقۇپ خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇ ياقىسى بىلەن بۇ ياقىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۆپ دېگەندە 9 سائەت پەرقى بار بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر كېچىنىڭ مەلۇم سائەتلىرىنى بىرلىكتە كېچە ھالىتىدە ئۆتكۈزىدۇ، بىر جاي تولۇق بىر كىچە بولغان جەرياندا يەنە بىر جايدا تولۇق كۈندۈز بولۇپ پەرقلەنمەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا بىر ياكى ئىككى سائەت كېچىنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ ئىمام شەۋكانىمۇ (نەيلۇل ئەۋتار) دا مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان.
بۇ قاراشقا ئاساسەن دۇنيانىڭ قايسى بىر جايىدا ئاي كۆرۈلگەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانسا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنىڭغا ئاساسەن روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاي كۆرۈلمىسە شەئبان ئېيىنى 30 كۈن تولۇقلىۋېتىپ ئاندىن كېيىنكى كۈننى رامزاننىڭ 1-كۈنى قىلىپ روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ. رامىزان ئاخىرلاشقاندىمۇ رامزاننىڭ 29-كۈنى شەۋۋال ئېيى كۆرۈنسە ئەتىسى شەۋۋالنىڭ 1-كۈنى بولىدۇ، كۆرۈنمىسە رامزاننى 30 كۈن تولۇق تۇتۇپ 31-كۈن شەۋۋالنىڭ 1-كۈنى يەنى ھېيت كۈنى بولىدۇ.
ئىككىنچى قاراشقا ئاساسەن ھەر يۇرت باشقا يۇرتلارنىڭ ئاي كۆرۈشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ ئاي كۈرۈشى بويىچە روزا تۇتسا ۋە ھېيت قىلسا بولىدۇ، بۇ قاراشمۇ ئىمام مۇسلىم سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسكە تايانغان بولۇپ، بۇ تابىئىيلاردىن ئىكرىمە، ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ شۇنداقلا ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەبتىكى كۈچلۈك قاراشلاردۇر. بۇ قاراشنىمۇ بەزى ئالىملار تەرجىھ قىلغان.
يەنە بەزى ئالىملار بۇ ئىككى قاراشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ مەلۇم ئارىلىقتىكى يۇرتلار بىرىدە كۆرۈلگەن ئايغا يەنە بىرى ئەمەل قىلسا بولىدۇ، ئارىلىق يىراق بولۇپ كەتسە بولمايدۇ دەپ قاراپ مەلۇم مۇساپە بېكىتكەن.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار مەلۇم بىر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تېرىتورىيىدە ياشايدىغانلار شۇ تېرىتورىيىنىڭ قايسى بىر يېرىدە ئاي كۆرۈنسە شۇ بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ، ھازىر ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر مۇشۇ قاراش بويىچە ئىش قىلماقتا.
ئەمدى ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا كەلسەك: بۇ قاراشلارنى يۇرتىمىزغا تەتبىقلاشتا يۇرتىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىر قاراش بويىچە ئەمەل قىلىشنى يۈرگۈزۈش ئەمەلىيەتتە مۇمكىن بولمايدۇ، چۈنكى بەزىلەر بىرىنچى قاراشنى تۇتىمىز دەپ تۇرىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر ئىككىنچى قاراشنى تۇتىمىز دەپ تۇرىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر رەسمىي ئورگانلارنىڭ بېكىتىشىگە قارايمىز دەپ تۇرىۋالىدۇ، ھەممە گورۇپ سۆزىنى ئاڭلايدىغان بىر شەخس ياكى بىر مەنبە ياكى بىر ئورگان يوق، نەتىجىدە روزا تۇتۇش ۋە ھېيت قىلىش كۈنلىرى ئوخشاشماسلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا بىنائەن ئېيتىمىزكى:
يۇرتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار يۇرتىمىزدا 29-شەئبان كەچتە ئاي كۆرگەن تەقدىردە ئەتىسى روزا تۇتۇشنى باشلىسا ۋە ئەتىسى كۈننى رامزاننىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
29-كۈنى كەچتە يۇرتىمىزدا ئاي كۆرمىگەن تەقدىردە، دۇنيادىكى قايسى بىر مۇسۇلمان يۇرتىدا ئاي كۆرۈلسە مەسىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە پاكىستاندەك دۆلەتلەرنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ شۇ جايغا ئەگىشىپ روزا تۇتۇشنى باشلىسا ۋە ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسىدە قىلغان بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، چۈنكى ((ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار)) دېگەن بۇيرۇق بارلىق مۇسۇلمانلارغا خىتاب بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى ئاي كۆرسە باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ بىز ئەۋزەل دەپ قارىغان مۇسۇلمانلار بىرلىكىنى كۆزلىگەن قاراشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بولۇپمۇ ھەجدە بارلىق مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاي بېكىتىشىگە تايىنىشقا مەجبۇر، ئۇنداق بولىدىكەن روزا تۇتۇشتىمۇ بارلىق مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاندەك بىر دۆلەتنىڭ روزا تۇتۇشىغا ئەگەشسە بولىدۇ.
29-كۈنى يۇرتىمىزدىمۇ شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى مۇسۇلمان يۇرتلىرىدىمۇ ئاي كۆرۈلمىسە شەئبان ئېيىنى 30 كۈن تولۇقلاپ 31-كۈننى رامزاننىڭ 1-كۈنى قىلىپ روزا تۇتۇشنى باشلىسا بولىدۇ. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىپ ھېيت كۈنىنىڭ بىكىتىلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ ھەقتە نەچچە يىل ئالدىن تۈزۈپ قويۇلغان كالېندار ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.

روزىنى قانداق ئىشلار سۇندۇرىدۇ؟ قانداق ئىشلار سۇندۇرمايدۇ؟
روزا تۇتۇشتىن مەقسەت ۋىجداننى سەگەكلىتىش، ئىنسان نەپسىنى تاۋلاش ۋە چىداملىق قىلىپ تەربىيىلەش، نەتىجىدە تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇ سەۋەبتىن روزا تۇتقاندا ئىنسان بارلىق شەھۋەت، يېمەك-ئىچمەك ۋە يېمەك-ئىچمەك دائىرىسىگە كىرىدىغان باشقا نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن سەھەر ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر چەكلىنىشى كېرەك.
كەسكىن روزىنى بۇزىدۇ دېگەن بەزى ئىشلار بار، كەسكىن بۇزمايدۇ دېگەن بەزى ئىشلارمۇ بار، بۇزۇش ياكى بۇزماسلىقىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەرمۇ بار. تۆۋەندە روزىنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان نەرسىلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىمىز:

روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار:
1- روزا تۇتقان چاغدا قەستەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى)) ((ئەمدى ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان پەرزەنتنى تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار)) بەقەرە سۈرىسى 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. بۇنداق ئەھۋالدا روزىسىنى بۇزغان كىشىگە گۇناھ بولىدۇ، ئۇ رامزاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن 60 كۈن روزا تۇتۇپ قازاسىنى قىلىدۇ، ئۇنداق قىلالمىسا 60 مىسكىن بىچارىنىڭ قورسىقىنى 2 ۋاخ تاماق بىلەن قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. بەزى ئالىملار ئايالغىمۇ ئەرگە ئوخشاش كاپپارەت كېلىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ بەزىلەر ئايالغا كەلمەيدۇ دەپ قارىغان.
2- روزا تۇتقان كۈندۈزدە كۈن پاتقانغا قەدەر ھەيز كېلىپ قالسا، ياكى تۇغۇپ قالسا روزا بۇزۇلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىپ ئورنىغا بىر كۈن تۇتۇۋالسا بولىدۇ، كاپپارەت ياكى گۇناھ بولمايدۇ.
3-  قەستەن يەپ -ئىچىش، تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش ۋە ئوكۇل بىلەن ئۇرۇش، قول بىلەن ياكى قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقىرىش. بۇنداق ھالەتتە روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامزاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كاپپارەت كەلمەيدۇ.
4-  ئېغىز ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنغان دورىلار. بۇنداق ئەھۋالدا گۇناھ بولمايدۇ، كاپپارەتمۇ كەلمەيدۇ، لېكىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.
5- ناماز ئوقۇماسلىق، غەيۋەت، گەپ توشۇش، نامەھرەم ئاياللارغا قاراش، ھارام نەرسىلەرنى تىڭشاش قاتارلىق بارلىق گۇناھلار بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە بۇزمايدۇ، لېكىن ھەممەيلەننىڭ بىردەك قارىشىدا ئۇ روزا ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.
6-  روزا تۇتقان ھالەتتە روزىسىنى بۇزۇۋېتىشنى نىيەت قىلىپ قالسا، روزىسىنى بۇزىدىغان باشقا بىر ئىش قىلمىسىمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق.

روزىنى بۇزمايدىغان ئىشلار:
1- روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلىش. مەسىلەن: يەپ-ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بۇنداق ئەھۋالدا مەيلى قانچىلىك يەپ ئىچكەن بولسا بولسۇن روزا سۇنمايدۇ، قازا قىلىشمۇ كېرەك ئەمەس ، كاپپارەتمۇ كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ روزىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((كىمكى روزا تۇتقان ھالەتتە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يېمەك يېسە ياكى ئىچىملىك ئىچكەن بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلغان.
2- مەجبۇرلىنىپ زورلۇق بىلەن روزىنى سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەن)).
3-سۇغا چۆمۈلۈش ۋە يۇيۇنۇش. سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان.
4-سۈرمە سۈرتۈش. ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقان ھالەتتە سۈرمە سۈرتەتتى دەپ رىۋايەت قىلغان.
5-ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان كىشى ئايالىنى سۆيسە ۋە قۇچاقلىسا روزا بۇزۇلمايدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان. ئۆزىنى تۇتالمايدىغانلار ئۈچۈن مەكروھ دەپ قارالغان.
6-بارلىق ئوكۇللار، موسكۇلغا بولامدۇ تومۇرغا بولامدۇ غىزا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن دورا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن ھەممىسى. چۈنكى بۇلار ئادەتتىكى ئېغىز ئارقىلىق جىسىمگە كىرمەيدۇ. لېكىن بەزى ئالىملار گلوكوزنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ روزىنى سۇندۇرىدۇ دەپ قارىغان.
7-ئازراق قان ئېلىش، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ روزا تۇتقان ھالەتتە قان ئالدۇرغان، ئەمما ئىنساننى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قان ئېلىش مەكروھ دەپ قارالغان.
8-ئاغزى بۇرنىنى چايقاش. لېكىن گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەقسەت قىلماستىن گېلىغا سۇ ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گەپ يوق.
9-تۈپرۈكىنى يۇتۇش، بەلغەمنى يۇتۇش، پۇشۇرغان تاماقنى ۋە     ئالماقچى بولغان يېمەكنى تېتىپ بېقىش، بالىلارغا بىر نەرسە چايناپ بېرىش، خۇش پۇراقلارنى پۇراش قاتارلىقلار.
10-جىمادىن كېيىن ياكى ھەيزدىن توختىغاندىن كېيىن يۇيۇنماي تۇرۇپ روزىغا نىيەت قىلىش، بۇنداق ئەھۋالدا روزا سۇنمايدۇ، نىيەت قىلىپ بولۇپ ئاندىن يۇيۇنۇپ بامدات ئوقۇيدۇ.
11-ياندۇرۇش، بەزى ئالىملار ئىختىيارسىز ياندۇرسا روزا بۇزۇلمايدۇ، قەستەن ياندۇرسا روزا بۇزۇلىدۇ دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر قانداق ياندۇرسا ياندۇرۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ دەپ قارىغان. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردە ھەدىس ئالىملىرى ئىختىلاپلاشقان.
12-ئېھتىلام بولۇپ قېلىش.
13-تاڭ ئاتمىدى ياكى كۈن پېتىپ بولدى دەپ ئويلاپ قېلىپ ئېغىز ئاچقان بولسا، كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا روزا بۇزۇلمايدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە شۇنداق بولغاندا قازا قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن كۆپىنچە ئالىملار قازا قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان.
ئىسلام ئالىملىرى تولۇشۇپ چىقارغان بەزى قارارلاردا تۆۋەندىكى نەرسىلەر روزىنى سۇندۇرمايدۇ دەپ بېكىتىلگەن:
بۇرۇنغا، قۇلاققا ۋە كۆزگە تامچىلىتىدىغان ۋە پۈركەيدىغان دورىلار، يۇتمىغان ھالدا تىل ئاستىغا قويۇلىدىغان دورىلار، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى تەكشۈرۈش، چايقاش، دۇربۇن كىرگۈزۈپ داۋالاش قاتارلىقلار، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يوللىرىغا نەيچە، دۇربۇن كىرگۈزۈش، رېنتگېنگە كۆلەڭگۈ چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ماددا ياكى دورا كىرگۈزۈش، سۈيدۈك يوللىرىنى چايقاش. يۈتمىغان ھالدا ئېغىز چايقاپ غار-غار قىلىش، چىش كولاش، چىش تارتىۋېتىش، چىش تازىلاش، چىش چوتكىلاش، تېرىگە، موسكۇلغا ۋە كاسىغا ئۇرۇلىدىغان داۋالاش خاراكتېرىدىكى ئوكۇللار، ئەمما غىزالىنىش خاراكتېرىدىكى ئوكۇل ۋە سۈيۇقلۇق بۇنىڭ سىرتىدا. ئوكسىگېن گېزى، كېسەلنى مەس قىلىدىغان گاز، جىسىمغا تېرە سۈمۈرۈشى بىلەن كىرىدىغان ياغ، ماي، مەرھەم ۋە دورىلانغان بەدەنگە چاپلىنىدىغان چاپلاقلار، داۋالاش ياكى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئانا تومۇرغا نەيچە كىرگۈزۈش، قورساق بوشلۇقىغا دۇربۇن كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ۋە دۇربۇن  بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىش، سۈيۇقلۇق قۇيۇلماستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن ئازغىنە ئەۋرىشكە ئېلىش، سۈيۇقلۇق قۇيۇلماستىن ئاشقازانغا  دۇربۇن كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش، مېڭىگە ھەرقانداق ماددا، سايمان ۋە دورىنىڭ كىرىشى، ئىختىيارسىز قەي قىلىش (ياندۇرۇش). قان بېرىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روزىسىنى سۇندۇرمايدۇ. ئارقا مەقەتكە كىرگەن ئوكۇل ياكى تەكشۈرۈش سايمانلىرى، دۇربۇن ۋە تەكشۈرگۈچى دوختۇرنىڭ بارمىقى، كېسەل روزا تۇتۇشقا قارار قىلغان بولسا ئومۇميۈزلۈك مەس قىلىش بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىش.
قانچىلىك سەپەردە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ؟ مۇساپىرنىڭ روزا تۇتقىنى ئەۋزەلمۇ تۇتمىغىنىمۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملار 80 ياكى 89 كىلومېتىر دېگەندەك ئارىلىقنى سەپەر ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتىشكەن بولۇپ، بۇ بەزى ساھابىلەرنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ياكى قىياس بىلەن بېكىتىلگەن ئارىلىقتۇر، شۇڭا ئادەتتە 80 كىلومېتىرغا يېقىن ئارىلىقىنى ئۆلچەم قىلساق بولىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئەڭ ئاز دېگەندە 80 كىلومېتىرغا يېقىن ئارىلىققا سەپەر قىلغان كىشى مۇساپىر ھۆكمىنى ئالىدۇ. بۇ ئارىلىقنى ئايرۇپىلان ياكى پراۋۇزدەك قايسىبىر قاتناش قورالى بىلەن بەك قىسقا ۋاقىتتا بېسىپ بولسىمۇ مەيلى، سەپەر قىلىپ بىر جايدا 15 كۈنگىچە تۇرماقچى بولسا مۇساپىرلىق ھۆكمى داۋاملىشىدۇ. 15 كۈندىن كۆپ تۇرماقچى بولسا مۇساپىر ھېسابلانمايدۇ. ئەمما بىر جايغا بېرىپ ئۇ يەردىن ئەتە يا ئۆگۈن كېتىمەن دەپ ئىشى پۈتمەي قانچىلىك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە مۇساپىر ھۆكمىنى ئالىدۇ.
مۇساپىر رامزاندا پەرز روزىنى تۇتماي كېيىن بىر يەردە مۇقىم تۇرغاندا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ، جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ)) بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
بۇ ئايىتى كەرىمىدە جانابى ئاللاھ ئېغىز ئېچىشنى سەپەر قىلىشقا باغلاپ قويغان بولغاچقا جاپا -مۇشەققەتلىك سەپەر بولسۇن ياكى جاپاسىز دەپ قارالغان سەپەر بولسۇن ھەرقانداق سەپەر روزا تۇتماسلىق رۇخسىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ناۋادا جاپا-مۇشەققەتكە باغلاپ قويغان بولسا ھىممەتلىك ياكى كاج كىشىلەر ھەرقانچە جاپا تارتىپ قىينالسىمۇ بۇ ھېچقانچە جاپا ئەمەس دەپ تۇرۇۋالغان، باھانە ئىزدەيدىغانلار كىچىككىنە بىر جاپانى كۆرسە قىينىلىپ قالدىم دەپ روزا تۇتماسلىققا باھانە قىلىۋالغان بولاتتى-دە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بەكلا ئېگىز-پەس بولۇپ كېتەتتى، ئادەتتە ئايرۇپىلان بىلەن قىلغان ھەرقانچە قولاي سەپەرمۇ قىينىلىشتىن خالىي ئەمەس بولغاچقا جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ بۇ قولايلىقنى ئاتا قىلغان، چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى قىيناشنى خالىمايدۇ.
دېمەك: مۇساپىر كىشىنىڭ رامزاندا روزا تۇتۇش ياكى روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋېلىشتا ئىختىيارلىقى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەرگە چىققاندا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روزا تۇتقان، بەزىلىرى تۇتمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقانلارنىمۇ روزا تۇتمىغانلارنىمۇ ئەيىبلىمىگەن.
لېكىن قاتتىق قىينىلىپ قالىدىغان مۇساپىر كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ.
ئەمدى سەپەردە روزىنى تۇتماسلىق رۇخسىتى بار تۇرۇقلۇق بەزى بىر كىشىلەر مەن جاپا تارتىپ قالمايدىكەنمەن، بەرداشلىق بېرەلەيدىكەنمەن دەپ روزا تۇتسا بولامدۇ؟ ياكى تۇتماسلىق كېرەكمۇ؟ ياكى ھەر ئىككىسىنى قىلىشقا بولسا قايسىسى ئەۋزەل؟
ئالىملار بۇ ھەقتە ھەرخىل قاراشلاردا بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل دېسە يەنە بەزىلىرى تۇتۇش ئەۋزەل دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ئىككى ئىشنىڭ قايسىسى ئۇنىڭغا قولاي بولسا شۇنى قىلىش ئەۋزەل دەپ قارىغان، چۈنكى بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەمراھلىرى بىلەن بىللە روزا تۇتۇش روزا تۇتماسلىقتىن قولايراق بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن روزا تۇتماسلىق قولايراق بولىشى مۇمكىن، شۇڭا قايسى قولاي بولسا شۇ ئەۋزەل بولىدۇ. بۇ ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز، مۇجاھىد ۋە قاتەدە قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. يەنە بەزى ئالىملار قايسىنى خالىسا شۇنى قىلسا بولىدۇ دەپ قارىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەمزە ئىبنى ئامىر ئەلئەسلەمىي دېگەن بىر ساھابە ئۇنىڭدىن روزا تۇتۇش ماڭا قولايلىقراق دېگەندە ئۇنىڭغا: ((قايسىنى خالىساڭ شۇنى قىل)) دېگەن، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھازىرقى زامان ئالىملىرىمىزدىن دوكتۇر يۈسۈپ ئەلقاراداۋىنىڭ تەپسىلىي ئايرىپ بايان قىلىشىچە بەزىبىر ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەل بولىدۇ، يەنە بەزىبىر ئەھۋاللاردا روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەل:
تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېيىن قازاسىنى قىلالمايمەن دەپ ئەنسىرىگەن كىشى روزا تۇتقىنى ئەۋزەل.
يەنە سەپەر ئۈستىدە بىر جايدا تولۇق ئارام ئېلىپ بىرقانچە كۈن راھەت تۇرالايدىغان كىشى روزا تۇتقىنى ئەۋزەل.
يەنە 90 كىلومېتىردىن قىسقىراق سەپەرگە چىققان كىشى روزا تۇتقىنى ئەۋزەل. بۇنداق قىسقا جايلارغا سەپەر قىلغان كىشىلەرگە ئادەتتە مۇساپىرمۇ دېيىلمەيدۇ بەلكى.
يەنە ئايرۇپىلان ئۇچقىچىلىرى، پاراخوت كابىتانلىرى، شوپۇرلار ۋە پاراۋۇز كۈتكۈچىلىرىدەك خىزمىتى داۋاملىق سەپەر قىلىپ تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان كىشىلەر روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ قالمىسا روزا تۇتقىنى ئەۋزەل، چۈنكى ئۇلار كېيىنچە قازاسىنى قىلىدىغان پۇرسەت تاپالماسلىقى مۇمكىن.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سەپەردە روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل:
1-  روزا تۇتسا قاتتىق قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، مەسىلەن قاتتىق ئىسسىقتا قۇرۇقلۇقتا سەپەرگە چىققان كىشى قىينىلىپ قالىدۇ. ياكى ئايروپىلاندا شەرقتىن غەربكە قاراپ سەپەرگە چىققان كىشىگە كۈندۈز ئادەتتىن سىرت ئۇزىراپ كېتىپ قىينىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا روزا تۇتۇش مەكروھ بولۇپ قالىدۇ. بەلكى تېخى قاتتىق قىينىلىپ روزا تۇتقان كىشىگە كېسەللىك ئېلىپ كەلسە ھارام بولۇپ كېتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئىسسىق تۈپەيلىدىن قىينىلىپ كەتكەن بىر كىشىگە باشقىلار سايىۋەن تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى سۈرۈشتە قىلغاندا كىشىلەر: ئۇ روزا تۇتقان ئىكەن دېيىشكەن، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىش ئەمەس)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- مۇساپىر باشقىلارغا خىزمەت قىلىشى كېرەك بولۇپ قالغان بىر ئەھۋالدا روزا تۇتسا ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلالماي باشقىلارغا ئېغىرلىق سېلىپ قويىدىغان بولسا، روزا تۇتمىغان ئەۋزەل.
ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق، ئارىمىزدا بەزىلەر روزا تۇتقان بەزىلەر تۇتمىغان ئىدى، ئىسسىق بىر كۈندە بىر جايغا كېلىپ بارگاھ قۇردۇق، ئەڭ كۆپ سايىغا ئېرىشكەنلەر ئۆزىنىڭ كىيىمى بىلەن سايىدىغانلار بولدى، بەزىلىرىمىز قوللىرىمىز بىلەن سايىداپ تۇردۇق، ئاخىرى روزا تۇتقانلار يىقىلىشتى، روزا تۇتمىغانلار خىزمەت قىلىپ چېدىرلارنى قۇردى، ئۇلاغلارنى سۇغاردى، شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ((بۈگۈن روزا تۇتمىغانلار ئەجىرنى ئوڭچە ئېلىپ كەتتى)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
3-  سۈننەتنى ئەھيا قىلىش مەقسىتىدە روزا تۇتماي ئېغىز ئاچسا ئەۋزەل، چۈنكى كىشىلەردە سەپەردە روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ، سەپەردە دىيانىتى سۇسلار روزا تۇتمايدۇ دېگەندەك خاتا قاراشلار بولغان بولسا، كىشىلەرگە سەپەردە روزا تۇتماسلىقمۇ سۈننەتتە بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئالىملار روزا تۇتماي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ قويسا ياخشى بولىدۇ. بەلكى تېخى روزا تۇتۇش مەكروھ دەپ قارايدىغان بولسا، روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ((كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈسە ئۇ مەندىن ئەمەس))دېگەن. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان. دېمەك دىن ئەھكاملىرىنى پەرزنى پەرز، سۈننەتنى سۈننەت، رۇخسەتنى رۇخسەت ھالەتتە ئەينەن ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. مۇستەھەب ياكى رۇخسەتنى ۋاجىب، مۇباھنى پەرز قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
4- روزا تۇتماسلىقنى تاللىغان مۇساپىر ھەمراھلىرى بىلەن بىللە بولغان كىشى بىر تەرەپتىن جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىۋالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تەرەپتىن رىيا قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىقى ئەۋزەل.
5-  قوماندان روزا تۇتماسلىققا بۇيرىغان بولسا تۇتماسلىقى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە يۈرۈش قىلغاندا كىشىلەرگە روزا ئېغىر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزى ئېغىز ئېچىپ ساھابىلەرنى ئېغىز ئېچىشقا بۇيرىغان، ئۇنىڭغا: "بەزىلەر روزا تۇتتى" دېيىلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئۇلار ئاسىيلار، ئۇلار ئاسىيلار)) دېگەن. ئىمام مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. (دوكتۇر يۈسۈپ ئەلقاراداۋىنىڭ پەتىۋاسىدىن ئازراق قىسقارتىپ ئېلىندى).
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ھەر بىر مۇساپىر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ روزا تۇتسا ياكى تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ.
مۇساپىر كىشى كېچىدە روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلىپ روزا تۇتۇپ كۈندۈزدە قىينىلىپ قالىدىكەنمەن دەپ روزىنى بۇزۇپ ئېغىز ئېچىۋەتسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، يۇقىرىقى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان ۋە ساھابىلارنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالغانلارنى ئاسىيلار دېگەن.
لېكىن مۇقىم ھالەتتە تۇرغان كىشى روزا تۇتۇپ قوپقاندىن كېيىن كۈندۈزدە سەپەر قىلىپ قالسا كۆپچىلىك ئالىملار ئېغىز ئاچسا بولمايدۇ دېگەن، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار ئېغىز ئاچسا بولىدۇ دەپ قارىغان، بۇ قاراش ھەزرىتى ئەنەس ۋە باشقا بىرقانچە ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغان. شۇڭا روزا تۇتقان ھالەتتە كۈندۈزى سەپەرگە چىقىپ قالغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يۇقىرىقى تەپسىلاتنى كۆزدە تۇتۇپ روزىنى سۇندۇرماي داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ، ياكى روزا تۇتمىسا ئەۋزەل بولىدىغان ھالەتتە بولسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بويىچە روزىسىنى سۇندۇرىۋەتسىمۇ بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، پەقەتلا رامزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ.
بەزى ئالىملار سەپەر قىلماقچى بولغان كىشى سەپەرگە ئاتلىنىپ تۇرغان يۇرتتىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېغىز ئاچسا بولىدۇ، تۇرغان يۇرتتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچسا بولمايدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، باشقىلار سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشى يۇرتتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچسا بولىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەر كىيىمىنى كىيىپ تۆگىسىگە مىنىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئېچىۋەتكەن ۋە بۇ سۈننەت دەپ ئاندىن تۆگىسىگە مىنىپ كەتكەن، بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. يەنە ئەبى بەسرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ كېمىسى قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچقانلىقىنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنۇل قاييىم ۋە ئىمام شەۋكانىيلارمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان.
يۇرتىغا ئەسىردىن بۇرۇن يېتىپ بارىدىغان مۇساپىر كىشى شۇ كۈندە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، ھازىرقى ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلماقتا. ئىمام ئەھمەد روزا تۇتۇشى كېرەك دەپ قارىغان.
بىر يۇرتتا رامزاننى تۈگىتىپ بولغان كىشى ھېيت كۈنى سەپەر قىلىپ باشقا بىر يۇرتقا بارسا، ئۇ يۇرتتىكىلەر تېخى روزا تۇتۇۋاتقان بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.
كىمكى بىر يۇرتتا رامزاننى  تۇتۇپ كېيىن باشقا بىر يۇرتقا بېرىپ رامزاننى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ يەردە ھېيت بولغان تەقدىردە ئىككى يۇرتتا جەمئىي تۇتقان روزا كۈنلىرى 29 كۈندىن ئاز بولسا، ئۇ كىشى ئاشۇ يۇرتتىكىلەر بىلەن بىللە ھېيت قىلىۋېتىپ ھېيتتىن كېيىن روزا تۇتقان كۈنلەر 29 بولغىچە روزا تۇتۇپ تولۇقلايدۇ، چۈنكى قەمەرىي ئاي 29 كۈندىن كەم بولمايدۇ.
كىمكى بىر يۇرتتا 30 كۈن روزا تۇتۇپ 30-كۈنى باشقا بىر يۇرتقا بارغان بولسا، ئۇ يۇرتتىكىلەر روزا تۇتقان بولسا، توپلام تۇتقان روزىسى 30 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە روزا تۇتۇشى، ھېيتنى ئۇلار بىلەن بىللە قىلىشى كېرەك.
ئايروپىلاندا سەپەر قىلغان كىشى روزا تۇتقان بولسا جەمئىي روزا تۇتقان ۋاقىت 20 سائەتتىن ئېشىپ كېتەمدۇ ياكى 5 سائەتتىن قىسقا بولامدۇ ئۆزى ئۇچۇۋاتقان ئاسماندىكى كۈننىڭ پېتىشىغا قاراپ ئىپتار قىلىدۇ. زېمىندا تۇرغانلارغا نىسبەتەن كۈن پاتقان بولسىمۇ ئۇ ئاسماندا ئېگىزلىكتە بولغاچقا كۈن ئۇنىڭغا نىسبەتەن پاتمىغان بولسا ئىپتار قىلماي تۇرىدۇ.

روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ -ئىچسە روزىسى بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟
كىشىلەر كۆپىنچە رامزاننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ كۈندۈزدە يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلىپ قالىدۇ، كېيىن ئۆزىنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى، بۇ ئاينىڭ رامىزان ئىكەنلىكىنى ئەسلەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ كىشى ھەرقانچە كۆپ نەرسە ئىستىمال قىلغان بولسىمۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىشى كېرەك، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روزىسى سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كىمكى روزا تۇتقان ھالەتتە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يېمەك يېسە ياكى ئىچىملىك ئىچكەن بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلغان.
((ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن)) دېگەننىڭ مەنىسى شۇكى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مەرھەمىتى ۋە مېھرىبانلىقىدىن ئۇ كىشىگە ئۆزىنىڭ روزا تۇتقانلىق ھالىتىنى ئۇنۇتتۇرۇپ بۇ يېمەك-ئىچمەكنى قولايلاشتۇرۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن يېمەك بولغان، ئىمام تىرمىزىينىڭ رىۋايىتىدىمۇ: ((بۇ بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن رىزىق، ئۇنىڭ قازا قىلىشى كېرەك ئەمەس)) دېيىلگەن.
يەنە ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((كىمكى رامزاندا ئۇنتۇپ قالغان ھالدا ئېغىز ئېچىپ قالسا، ئۇنىڭغا قازا قىلىشمۇ كاپپارەت بېرىشمۇ كەلمەيدۇ)) ئىمام ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان، سەھىھ دېيىلگەن.
يۇقىرىقى ھەدىسلەر ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ-ئىچكەن كىشىنىڭ روزىسىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا قازاسىنى قىلىشنىڭ ياكى كاپپارەت بېرىشنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن)) دېدى، بۇ يېيىشتىن بۇرۇنقى روزىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
جانابى ئاللاھنىڭ ئادالىتىمۇ قەستەن قىلمىغان ئىشنى سۈرۈشتە قىلماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.
بۇنىڭغا يەنە جانابى ئاللاھنىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ دالالەت قىلىدۇ: ((مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر)) بەقەرە سۈرىسى 225-ئايەت.
((ئاللاھ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ)) مائىدە سۈرىسى 89-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
((خاتالاشقىنىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ يوق، لېكىن قەستەن قىلغان بولساڭلار گۇناھ بار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر)) ئەھزاب سۈرىسى 5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
يەنە ئىمام ئىبنى ماجە قاتارلىق مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەن)) دېگەن ھەدىسىمۇ دالالەت قىلىدۇ.
سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلىنىشىچە جانابى ئاللاھ ((پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق بىزنى جازاغا تارتمىغىن)) (بەقەرە سۈرىسى ئاخىرقى ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن دۇئانى ئىجابەت قىلىۋەتكەن.




ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان.... (مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

(3-قىسىم)


بىر كىشى رامزاندا تۇتقان روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا قانداق قىلىدۇ؟

مەجبۇرلاش ئىككى خىل بولىدۇ، بىرىنچىسى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى بېرەر ئەزاسىنى كاردىن چىقىرىش ياكى قاتتىق قىيناش ياكى كىشىنى باغلاپ تۇرۇپ ئاغزىغا ئىچىملىك قۇيۇش ياكى باشقا ئىش تاپالمايدىغان كىشى ئۈچۈن ئىشتىن قوغلاشتەك كىشىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىشنى قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ تەھدىتنى تەھدىت سالغۇچى ئىجرا قىلالايدىغان ھالدا سالغان بولسا، ئىجرا قىلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولسا بۇ ھەقىقىي مەجبۇرلاش دېيىلىدۇ.

ئىككىنچىسى ئېغىز بىلەن تەنقىد قىلىش ياكى تىللاش ياكى خىزمەتتە دەرىجىسى ئۆسمەسلىك ئېھتىمالى بولۇش ياكى كىچىككىنە جەرىمانە تۆلەش ياكى خىزمەتتىن قوغلىنىدىغان بولسىمۇ باشقا خىزمەت تاپالايدىغان بولسا، ياكى ئېغىر ئىشلار بىلەن تەھدىت سېلىپ مەجبۇرلىغان تەقدىردە تەھدىتنى ئىجرا قىلالمايدىغان بولسا، بۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقىي مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

ئەمدى بىرىنچى تۈردىكى مەجبۇرلاشقا ئاساسەن روزىنى بۇزۇۋېتىشكە مەجبۇرلانغان تەقدىردە ھەنەفىي ۋە مالىكى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە سەپەر ئۈستىدە بولماي نورمال مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ تەپسىلىي ئايرىپ دېيىشىچە: مەجبۇرلانغان كىشى شۇنداق مەجبۇرلانغان تەقدىردىمۇ يەنىلا روزا تۇتقىنى ئەۋزەل. روزا تۇتۇشى بىلەن ئۆلۈم ياكى باشقا زىيانغا ئۇچرىسا بۇ كىشى ئاللاھنىڭ پەرزىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان مۇجاھىد بولىدۇ. ئەمما بىر كىشى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە تۇرۇپ روزا تۇتقان بولسا، مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا ئېغىز ئېچىپ روزىسىنى بۇزۇۋەتسە بولىدۇ، بەلكى تېخى بۇزۇۋېتىش ئەۋزەل، بۇزمايمەن دەپ تۇرۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى قاتتىق زىيانغا ئۇچرىسا گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا ئەسلىدە روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل ئىدى.

شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە مەجبۇرلۇقچە ئېغىز ئاچقان كىشىنىڭ روزىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ، قازا قىلىشىمۇ كېرەك ئەمەس، ئۇ كىشى روزىسىنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك داۋاملاشتۇرىۋەرسە بولىدۇ. ئۇلار ئىمام ئىبنى ماجە قاتارلىق مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەن)) دېگەن ھەدىسىكە تايانغان.

يەنە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ((كىمكى مەجبۇر ياندۇرۇپ قالسا قازا قىلىش ۋاجىب ئەمەس، كىمكى قەستەن ياندۇرسا قازاسىنى قىلسۇن)) دېگەن ھەدىسىمۇ مەجبۇر بۇزغان روزىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قازاسىنى قىلىش ۋاجىب ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىككىنچى تۈرلۈك مەجبۇرلاش شەرىئەت ھېسابقا ئالىدىغان مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، شۇڭا بۇنداق يوقىلاڭ ئەندىشە ياكى كىچىككىنە تاپا-تەنە ياكى ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئاللاھ پەرز قىلغان روزىنى بۇزۇۋېتىشكە ياكى روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت يوق.

بىرىنچى تۈرلۈك مەجبۇرلاش شەرىئەت ھېسابقا ئالىدىغان مەجبۇرلاش بولۇپ، بۇنىڭغا دۇچ كەلگەن كىشىگە بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، بۇزمايمەن دەپ چىڭ تۇرۇشى ئەۋزەل بولۇپ، بۇ ئىش ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە بىر خىل ** ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما كېسەل ياكى مۇساپىر ھالدا روزا تۇتقان بولسا، بۇزۇۋېتىشى لازىم.


بۇنداق ئېھتىمال بولسا كىشى ئالدى بىلەن كېچىدە سوھۇرلۇق يەپ روزا تۇتۇپ قوپۇشى كېرەك، مەجبۇرلاشقا ئۇچرىغاندا ئاندىن يۇقىرىقى ئۆلچەم بىلەن مەجبۇرلىنىش ھۆكمىگە كىرىدۇ، بەلكى شۇ كۈن مەجبۇرلانماي ياكى مەجبۇرلىنىشقا ئۇچرىماي ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

ئەمدى روزا تۇتۇپ قوپقاندىن كېيىن كۈندۈزدە يۇقىرىقىدەك يېسىملەر بىلەن مەجبۇرىي ئېغىز ئاچقان بولسا، ئىككىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دېگىنى بويىچە روزىنى سۇنمىغان ھېسابتا خۇددى ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ سالغاندەكلا داۋاملاشتۇرىۋېرىشى كېرەك، روزام بەرىبىر بۇزۇلۇپ بولدى دەپ كۈن پاتقۇچە يەنە ئېغىز ئېچىپ يۈرمەسلىكى لازىم، كېيىن يەنە قايتا مەجبۇرلانمىغاچقا كۈن پاتقۇچە بىر نەرسە يېمەسلىك بىلەن رامزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشى كېرەك.

قازاسىنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا بىرىنچى گورۇپ ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە كېيىن قازاسىنى قىلىۋەتسە تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ، ئىككىنچى گورۇپ ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە روزىنى سۇنمىغان ھېسابتا قىلىپ قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى قاراش مەلۇم دەلىللەرگە تايانغان.

ئەگەر مەجبۇرلاشقا دۇچار بولىدىغان خىزمەتچىلەر بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماسلىقى ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك چارىلارنى قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن رامزاندا بىر ئاي ياكى بىرنەچچە كۈن خىزمەتتىن رۇخسەت سورىيالايدىغان بولسا رۇخسەت سورىسا بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا ياتماي تۇغقان ياكى تونۇشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ رامزاننى ئۆتكۈزىۋالالايدىغان بولسا، شۇنداق قىلسا بولىدۇ. قانداقلىكى بولمىسۇن ئىنساننىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ، زورلانمىغان ئەھۋالدا يوقىلاڭ ئېھتىماللىقلارنى باھانە قىلىپ ئاللاھ پەرز قىلغان روزىنى تۇتماسلىق ياكى بۇزۇۋېتىش بىلەن ئاللاھنى گوللىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئويلىشى مۇھىم.

رامىزان ئېيىدا كۈندۈزدە ئاشخانا ئېچىشقا بولامدۇ؟

رامىزان ئېيىنى روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، جانابى ئاللاھ ئۆزرىسى يوق مۇسۇلماننى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمىغان (ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ((رۇخسەت ياكى كېسەلسىز رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىغان (ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ)) ئىمام تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇدلار سۈنەنلىرىدە رىۋايەت قىلغان.

رامزاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتماسلىق ئاسىيلىق بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان كىشىمۇ ئاسىيلىققا شېرىك بولغان بولىدۇ، ھارامغا ئېلىپ بارغان ئىشمۇ ھارام بولىدۇ، روزا تۇتمىغان ئادەمگە ئۆز رازىلىقى بىلەن تاماق تەقدىم قىلىش ئۇنىڭ بۇ ئاسىيلىقىغا رازى بولۇپ ھەمكارلاشقان بولىدۇ.

كېيىنچە ھالال ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ساتىدىغان دۇكىنى بار كىشىلەرنى توسۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاسىيلىقنى كۆز ئالدىدا كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن يېمەك-ئىچمەك سېتىۋالغان كىشىلەر ئۇ يېمەكلىكلەرنى ئىپتار ۋاقتى كەلگەندە ئىستىمال قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇلارنى توسماسلىق كېرەك. بۇنداق دۇكانلاردىن بىر كىشى يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ كۈندۈزدە يېسە گۇناھ پەقەتلا يېگۈچىگە بولىدۇ، ساتقۇچىغا بولمايدۇ.

ئەمدى يېمەك-ئىچمەك شۇ جايدا ئىستىمال قىلىنىدىغان ئاشخانا، رېستۇران، چايخانا ۋە ياكى تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەكلىكلەر دۇكانلىرىغا كەلسەك، بۇ ئورۇنلاردا رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلىنىدىغان بولسا، بۇ يەردە ئۆزرىسىز روزا تۇتماي يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلغانلار بولسا، ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك سېتىش ۋە سۇنۇش ھارام بولىدۇ، بۇنداق قىلمىش ئاسىيلىققا ياردەم ۋە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق، شۇنداقلا روزا تۇتۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ.

خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىسىزلار بىلەن ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇپ مەسىلەن بەزى ئۈرۈمچىدىكى ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەر شەھەرلىرىدىكى ۋە ياكى مۇسۇلمانلار كۆپچىلىكنى ئىگەللەيدىغان قەشقەر ۋە خوتەندەك بەزى شەھەرلەرنىڭ قاتناش بېكەتلىرى ئالدىدىكى ئاشخانىلاردەك كۆپىنچە مۇساپىر كىشىلەر كېلىدىغان ئاشخانىلاردا، ياكى دوختۇرخانىلار ئالدىدىكى كۆپىنچە كېسەل ۋە ئۆزرىلىك بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانىلاردا بولسا كۈندۈزدە ئاشخانىنى ئاچماي كېچىدە مۇلازىمەت قىلىش ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق سورۇنلاردا كۈندۈزدە مۇلازىمەت قىلىش كىشىلەرنى روزا تۇتماسلىققا تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن بەلكى رامىزان ئېيىنى ئۇلۇغلايدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ نامىنى تۆكىدۇ ۋە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرىدۇ. بۇ يەردە ئەۋزەل دېگىنىمىز مەخسۇس بۇنداق ئۆزرىلىكلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئاچقانلارغا ئاچقانلىقى ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ كۈندۈزدە ئاچمىغىنى ئەۋزەل دېگەنلىك بولىدۇ.

ئۇنداق بولىدىكەن خوجايىنلارنىڭ رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئىش-ئوقەتنى تازا تىرىشىپ قىلىۋېلىپ رامىزان كىرگەندە باشقا چەكلەنمىگەن مۇناسىپ ئىش -ئوقەت بولسا قىلىپ، بولمىسا ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغىنى تۈزۈك، دۇكىنىنى كۈندۈزدە ئاچمىغىنى بىلەن پۈتۈن كىچە ئاچسا بولىدىغۇ؟

بارلىق خېرىدارلىرى غەيرى مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان ئاشخانىلار بولسا، رامىزان ئېيى ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاچماسلىق ئەۋزەل.

رامىزان كۈندۈزىدە ئاشخانا ئېچىپ غەيرىي مۇسۇلمانلارغا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا گۇناھكار بولمايدۇ، چۈنكى كاپىرلاردىن روزا تۇتۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملار كاپىرلارمۇ تائەت ۋە ئىبادەتلەرگە بۇيرۇلغان دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئاشخانا ئاچقۇچى گۇناھكار بولىدۇ دەپ قارىغان، بۇ قاراش جانلىق ۋە كۈچلۈك، شۇڭا بۇ قاراش بويىچە رامىزان كۈندۈزىدە غەيرىي مۇسۇلمانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانا ئاچماسلىقنى تەرجىھ قىلىپ ئاچماسلىق ئەۋزەل دېدۇق.

ئومۇمەن يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى رامزاندا ئېچىپ رامىزان ھۆرمىتىنى قىلمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋە ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەن كىشىلەرگە قارىتا مۇسۇلمانلار جامائىتى نەپرەت ۋە نارازىلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىت قىلىشى ۋە سۆكۈشى شۇنداقلا ئۇلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى ۋە چۈشەندۈرىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئۇنىماي ئاشخانا ئاچقانلارغا قارىتا نارازىلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇش كېرەك، ئەمەلىي جەھەتتىن ئۇ ئاشخانىدىن بىر نەرسە ئالماي باشقىلاردىن ئېلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ.

بىراق بەزىلەر مەجبۇر ھالەتتە رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە ئاشخانا ئېچىشقا زورلانغان بولىدۇ، بۇلار غەيرەت بىلەن ئاچماي تۇرالىسا ئەڭ ياخشىسى شۇ، بىراق ئېغىر كېلىدىغان دەرىجىدە ھەقىقىي زورلاش بولۇپ قالسا، ئاچسا گۇناھ بولماس ئىنشائاللاھ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئۈممىتىمدىن خاتالىق، ئۇنتۇش ۋە مەجبۇرىي زورلۇق بىلەن قىلغان ئىشلىرىنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرىۋېتىلدى)) دېگەن.

ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانام تۇتالمىغان روزىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا مەن تۇتسام بولامدۇ؟

مەلۇمكى روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش جىسمانىي ئىبادەت بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ئىبادەتلەرنى ھەر بىر ھايات كىشى ئۆزى ئورۇندىشى كېرەك.

بۇ سەۋەبتىن بەزى ئالىملار روزىنى بىر كىشى بىر كىشىنىڭ ئورنىدا تۇتۇپ قويسا بولمايدۇ، دەپ قارىغان، يەنە بىر قىسىم ئالىملار بولىدۇ دەپ قارىغان.

بىرىنچى قاراشقا بىنائەن ھەر بىرىنىڭ بىر كۈن تۇتالماي قالغان روزىسى ئۈچۈن بىر بىچارە مىسكىنگە ئىككى ۋاخ تاماق يېگۈزۈپ قورسىقىنى تويغۇزسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىنچى قاراشقا ئاساسەن سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇتسىڭىز بولىدۇ. بۇ قاراشنىڭ دەلىلى كۈچلۈك.

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئانام بوينىدا تۇتىدىغان بىر ئايلىق روزا بار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتسام بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن : ((ئاناڭنىڭ بوينىدا قەرز بولغان بولسا ئۇنى بېرەمتىڭ؟)) دەپ سورىغان ئۇ: ھەئە دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ((ئۇنداق بولسا ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق)) ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.

يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كىمكى بوينىدا تۇتالمىغان روزا بار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە يېقىن تۇغقىنى ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتىدۇ)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

كۆپچىلىك ئالىملار روزىسىنى يېقىن تۇغقىنى تۇتۇشى شەرت دەپ قارىغان، ئىمام بۇخارى باشقا يات مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتۇپ قويسىمۇ بولىدۇ دېگەن.

شۇنداقلا ئىنسان ئۆزى پەرز ھەج قىلىپ بولغان بولسا، باشقا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئورنىدا قىلالمىغان پەرز ھەجلىرىنى ئىش ھەققى ئالماستىن قىلىپ قويسا بولىدۇ.

ئۇلارغا يەنە ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سىلە    -رەھىمنى قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ياخشىلىق قىلسىڭىز بولىدۇ.

ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى روزا تۇتسا مەقبۇل بولامدۇ؟

شەكسىزكى مۇسۇلمان كىشى ئىسلام پەرز قىلغان ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئۆزرىسىز قىلماي قالسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىبادەتلەر ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدۇر، قىلماسلىققا ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ بۇ پەرزلەرنىڭ بىرىنى بولۇپمۇ ناماز بىلەن زاكاتنى قىلمىغان كىشىنى بەزى ئالىملار پاسىق دېسە بەزى ئالىملار كاپىر دەپمۇ ھۆكۈم قىلغان، ناماز بولسا ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم پەرز، نامازغا سەل قاراپ ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىغان كىشى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە تانمىغان ھالەتتە بولسا ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئورتىھال قاراشقا ئاساسەن پاسىق ھېسابلىنىپ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلغان بولىدۇ.

ناماز ئوقۇمىغان كىشىنى بەزى ئالىملار كاپىر دەپ قارىغاچقا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى پايدىسىز ۋە مەقبۇل ئەمەس.

ئەمما كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭ ئىخلاس بىلەن تۇتقان روزىسى توغرا ۋە مەقبۇل بولىدۇ، چۈنكى ناماز قاتارلىق يۇقىرىقى بەش پەرزنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم مۇستەقىل پەرز بولۇپ كىمكى ئۇلارنىڭ ھىچبىرىنى ئادا قىلمىسا ئۇنىڭ ئىمانى قۇرۇق دەۋادىن باشقا نەرسە ئەمەس، كىمكى ئۇنىڭ بىرىنى قىلىپ بىرىنى قىلمىسا قىلمىغىنىغا چاغلىق ئىسلام ئاساسىنى تىكلىمىگەن بولىدۇ، قىلغان پەرز بىلەن بۇرچىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، لېكىن بىرىنى قىلىپ بىرىنى قىلمىغان ئەھۋالدا ئىمانى ئاجىز، سۇس ۋە دىيانىتى كەمتۈك بولغان بولىدۇ.

ناماز روزىغا قارىغاندا بەكراق ئەھمىيەتلىك بولغاچقا، ناماز ئوقۇماي روزا تۇتقان كىشى ئەڭ مۇھىم ئىبادەتنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ئىبادەتنى قىلغان بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە جەمئىيەتتە روزا تۇتۇش مىللىي ئادەت بولۇپ قالغاچقا روزا تۇتىدۇ، ئاللاھقا ئىخلاس قىلىپ روزا تۇتىدىغان كىشى ئەلۋەتتە روزىدىن مۇھىمراق بولغان نامازنىمۇ ئوقۇيدۇ، ئەمما روزا بىلەن نامازنىڭ ئەھمىيەت جەھەتتە پەرقىنى بىلمەي ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولالمىغان كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، روزىنى ئىخلاس بىلەن تۇتسا ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنداق كىشىلەرگە نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

ھەرھالدا ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، قانچىلىك ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىدۇ، ئادا قىلمىغان پەرزلەر ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ((چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلار خاتىرىلەنگەندۇر))     قەمەر سۈرىسى 53-ئايەت. ((كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)) زەلزەلە سۈرىسى 7-8-ئايەتلەر.

بۇ يەردە رامزاندا ناماز ئوقۇماي روزا تۇتىدىغانلار ياكى باشقا چاغدا يىل بويى ناماز ئوقۇماي پەقەت رامزاندىلا روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلارغا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ناماز دېگەن ھەر بىر ئەقلى ھۇشى جايىدا مۇسۇلمانغا بالاغەتكە يەتكەن كۈندىن تارتىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغانغا قەدەر ئادا قىلىشى كېرەك بولغان، كېسەل ياكى قورقۇنچ ھالىتىدە ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسۇن ھېچقاچان ئۇنىڭدىن ساقىت بولمايدىغان، قىيامەت كۈنى ئەڭ بۇرۇن ھېسابى سورىلىدىغان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاننىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە ئۇنىڭغا بۇيرىغان، ناماز ئوقۇش بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىشنى، نامازنىڭ نۇرغۇن سەت ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ئۇنى ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بەيتى بولغان مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنى تاپىلىغان. شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ئاللاھقا ئىشەنگەن ئىكەن ئاللاھنىڭ بۇيرىغان بارلىق پەرزلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشى كېرەك.

رامىزان كۈندۈزدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

رامزاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەر كىشى بۇ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قىلغان بولسا ئىسلام ئېغىر ئالىدىغان بىر ئاسىيلىقنى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، جانابى ئاللاھ ئۆزرىسى يوق مۇسۇلماننى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمىغان ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ((رۇخسەت ياكى كېسەلسىز رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىغان(ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ)) ئىمام تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇدلار سۈنەنلىرىدە رىۋايەت قىلغان.

بۇ ئىش بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن ئۇنىڭ ئورنىغا رامزاندىن باشقا چاغدا بىر كۈن قازا روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، ئىمام شافىئىيدىن ئىككى خىل قاراش رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ بىر خىلى كۆپچىلىكنىڭكىگە ئوخشاش، يەنە بىر خىل رىۋايەتتە ئۇ قازا قىلىشى كېرەك ئەمەس دەپ قارىغان،  لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان ئېيى كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەئرابىيغا: ((ئۇنىڭ ئورنىغا بىر كۈن تۇتقىن)) دېگەن سۆزى ئىمام شافىئىينىڭ بۇ قارىشىغا رەددىيە بولالايدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.

يەنە قازا قىلىش بىلەن بىللە كاپپارەت بېرىشى لازىم بولىدۇ، ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كېلىشىچە بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ: ھالاك بولدۇم دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ساڭا نېمە بولدى؟)) دەپ سورىغان، ئۇ: مەن روزا تۇتقان ھالەتتە ئايالىم بىلەن بىللە بولۇپ قالدىم دېگەن. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: ((ئازات قىلىدىغان قۇل تاپالامسەن؟))  دەپ سورىغان، ئۇ: ياق دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتالامسەن؟)) دەپ سورىغاندا ئۇ: ياق دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئاتمىش مىسكىننى غىزالاندۇرالامسەن؟)) دەپ سورىغاندا ئۇ: ياق دېگەن، بىر مۇددەتتىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بىرخالتا (تەخمىنەن 40-50 كىلو ئەتراپىدا) خورما بېرىپ ئۇنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇدى، ئۇ كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ ئونى مەندىنمۇ پەقىر بىرسىگە سەدىقە قىلامدىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پۈتۈن مەدىنىدە مېنىڭ ئائىلەمدىن پەقىررەك بىر ئائىلە يوق دېدى، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىشلىرى كۆرۈنگەنگە قەدەر كۈلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا: ((ئۇنى ئائىلەڭگە يېگۈزگىن))دېدى. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بەزىبىر تابىئىي ئالىملار كاپپارەت كەلمەيدۇ، دېگەن بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سەھىھ ھەدىسىگە ئاساسەن كاپپارەت كېلىدۇ، دېگەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى ھېساب.

ئەر-ئايال ئىككەيلەنگە بىر كاپپارەت كېلەمدۇ ياكى ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم كاپپارەت كېلەمدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم كاپپارەت كېلىدۇ، دەپ قارىغان، ئىمام شافىئىي ئايالغا كاپپارەت كەلمەيدۇ پەقەت قازاسىنى قىلىشلا ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ ئىمام ئەھھمەدتىنمۇ بۇ قاراش رىۋايەت قىلىنغان، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سوراپ كەلگەن ئەئرابىيغا بىر كاپپارەتلا بۇيرىغان، ئايالىغا كاپپارەت بۇيرۇمىغان. ئەگەر ئايالىغىمۇ كاپپارەت ۋاجىب بولغان بولسا ئەلۋەتتە بۇيرىغان بولاتتى دەپ دەلىل كۆرسەتكەن.

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن كاپپارەتنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1-  بىر قۇل ئازات قىلىش، ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇ ئىش يوق.

2- قۇل ئازات قىلالمىغان كىشى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ ئىككى ئاينى ئۈزۈپ قويماسلىقى ھەتتا بىر ياكى ئىككى كۈن قالغاندا ئۈزۈۋەتسە يەنە يېڭىدىن باشلىشى كېرەك بولىدۇ. ھېيت كۈنى ئۇدۇل كېلىپ قالسىمۇ ئۈزۈپ قويماي تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ. بەزىلەر ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۇتماي ئاتلاپ كەتسە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

3-  كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى ئاتمىش مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەر بىرىگە ئورتىھال ئىككى ۋاخ غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ، ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل.

يۇقىرىقى كاپپارەت تەرتىپىنى بەزى ھەدىسلەردە شۇ تەرتىپ بويىچە كەلگەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئالىملار بىرىنچىسىنى قىلالمىغان كىشى ئاندىن ئىككىنچىسىنى قىلسا، ئىككىنچىسىنى قىلالمىغان كىشى ئۈچىنچىسىنى قىلسا بولىدۇ. ھەممىنى قىلالايدىغان تۇرۇپ خالىغان بىرىنى تاللاپ قىلسا بولمايدۇ دەپ قارىغان، بەزى ئالىملار خالىغان بىرىنى قىلسا بولاۋېرىدۇ دەپمۇ قارىغان.

بىرنەچچە قېتىم رامزاندا روزا تۇتقان ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ روزىنى بۇزۇۋەتكەن بولسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۇنىڭغا بىرلا كاپپارەت كېلىدۇ دەپ قارىغان، باشقا ئالىملار ھەر بىر قېتىمغا ئايرىم كاپپارەت كېلىدۇ دەپ قارىغان.

ئەمما بىر كىشى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ تۇرۇپ روزا تۇتقان بولسا، بۇ روزىنى جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى يېمەك-ئىچمەك بىلەن بۇزۇۋەتكەن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭغا كاپپارەت كەلمەيدۇ، ئۇ پەقەتلا كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا كاپپارەت كېلىدۇ.

لېكىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا سۆيۈش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلار ياش ۋە يېڭى توي قىلغانلار ياكى ياشانغان بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن مەكروھ بولىدۇ، ئۆزىنى تۇتالايدىغانلارغا نىسبەتەن مۇباھ بولىدۇ، ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ روزا تۇتقان ھالەتتە ئاياللىرىنى سۆيەتتى ۋە قۇچاقلايتتى)). ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئەمما سۆيۈش ۋە قۇچاقلاشنىڭ ئاخىرى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ياكى مەنى چىقىش بىلەن ئاخىرلاشسا، چاتاق چىقىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ياكى يېڭى توي قىلغانلار مۇمكىن قەدەر رامىزان كۈندۈزىدە سۆيۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، بولمىسا بۇ ئىشلار ئاخىرى جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ-دە قازا بىلەن كاپپارەت قىلىش ۋاجىب بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەي سۆيۈش ۋە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا، قازاسىنىلا قىلىدۇ، كاپپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلاردا كاپپارەت بېرىش كۆرسىتىلمىگەندۇر.

تاڭ ئېتىپ بولغاندىن كېيىن تاڭ ئاتمىدى دەپ ئويلاپ قېلىپ ياكى كۈن پاتماستىن كۈن پاتتى دەپ ئويلاپ قېلىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، كېيىن ئۆزىنىڭ خاتا ئويلىغانلىقىنى بىلسە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

بىر قىسىم ئالىملار ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، قازا قىلىشىمۇ كېرەك ئەمەس دەپ قارايدۇ، بۇلار جانابى ئاللاھنىڭ: ((خاتالاشقىنىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ يوق، لېكىن قەستەن قىلغان بولساڭلار گۇناھ بار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر)) (ئەھزاب سۈرىسى 5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) يەنە : ((ئاللاھ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ)) (مائىدە سۈرىسى 89-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتلىرىگە. يەنە ئىمام ئىبنى ماجە قاتارلىق مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەن)) دېگەن ھەدىسىگە تايانغان.

رامىزانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە زورلانغان كىشىگە نىسبەتەن ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قازا قىلسىلا بولىدۇ، كاپپارەت بېرىشى كېرەك ئەمەس دەپ قارىغان، كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنتۇپ قېلىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، قازا قىلىشمۇ كاپپارەت بېرىشمۇ كېرەك ئەمەس دەپ قارىغان، يەنە بىر قىسىم ئالىملار قازا بىلەن كاپپارەت ۋاجىب بولىدۇ، دەپ قارىغان.

بۇ قاراشلارنىڭ قايسىسىغا ئاساسەن ئەمەل قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋاتقاندا ئەزان چىقىپ ياكى تاڭ ئېتىپ قالسا دەرھال مۇناسىۋەتنى توختۇتۇش كېرەك    .     بولمىسا كۈندۈزدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ھېسابقا كىرىدۇ-دە قازا بىلەن كاپپارەت ۋاجىب بولىدۇ.

ياشانغانلار، كېسەللەر، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟

1. كېسەل: جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ)) بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

بۇ ئايەتكە ئاساسەن كېسەل كىشى رامزاندا پەرز روزىنى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، بارلىق ئالىملار بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن.

لېكىن ئايەت بۇ كەڭچىلىكنىڭ قانداق دەرىجىدىكى كېسەلگە بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلمىغان، بەزى ئالىملار قانداق كېسەل بولسا رۇخسەت دائىرىسىگە كىرىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە رامزاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ رۇخسەت قىلىنىدىغان كېسەلنىڭ ئۆلچىمى شۇكى، روزا تۇتۇش بىلەن كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان، ياكى ساقىيىشى كېچىكىدىغان، ياكى قاتتىق قىينىلىپ قالىدىغان، ياكى تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كەسپىنى قىلالماي قېلىپ ماددىي قىينىلىپ قالىدىغان كېسەللەر بولۇپ بۇلار رامزاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.

چۈنكى كېسەللىكلەر ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى بارماق ئاغرىقى ياكى كىچىككىنە يارىدەك كېسەللىكلەر روزا تۇتۇش بىلەن تەسىرلەنمەيدۇ، يەنە ئىسھال ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش بەزى كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش پايدا قىلغاچقا دوختۇر ئۇلارغا روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنداق كېسەللىكلەر ئۈچۈن روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇنداق كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش زىيان قىلماستىن بەلكى پايدا قىلىدۇ.

روزا تۇتۇشتىن زىيان ۋە زەرەر كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرگە بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن رۇخسەت قىلىنىدۇ، شۇنداقلا روزا تۇتسا كېسەل بولۇپ قالىدىغان ساق كىشىلەرگىمۇ كېسەلگە ئوخشاش روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى بار، بۇنىڭغا بەزى ئالىملار رۇخسەت قىلغان، جانابى ئاللاھ دېدى: ((ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر)) نىسا سۈرىسى 29-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ھەتتا بەزىلەر روزا تۇتسا ئېغىر كېسەل بولىدىغان ياكى ئۆلىدىغان بولسا، روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ دېگەن، يەنە بەزىلەر ئۇنداق ئەھۋالدا روزا تۇتۇشى مەكروھ دېگەن.

روزىنىڭ پايدا قىلىش ياكى زىيان قىلىشىنى دوختۇر بەلگىلەيدۇ، ياكى كېسەل ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ھېس قىلىشى بىلەن بىلىدۇ.

بىر كىشىگە ئىشەنچلىك دوختۇر روزا تۇتسىڭىز سىزگە زىيانلىق دېگەن بولسىمۇ بۇنىڭغا قارىماي روزا تۇتۇۋالسا، روزىسى توغرا بولىدۇ، لېكىن جانابى ئاللاھنىڭ كەڭچىلىكىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن يامان كۆرۈلىدىغان ئىشنى قىلغان بولىدۇ، ئەگەر روزا تۇتىشىدىن ھەقىقىي ئېغىر زەرەر كېلىپ چىقىپ كېسىلى تېخىمۇ يامان بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپ يەنىلا روزا تۇتىمەن دەپ كاجلىق قىلسا، بۇنداق قىلىشى ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنى ئازابلاشتىن ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتىن توسقان: ((ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر)) نىسا سۈرىسى 29-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. جانابى ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنى قىيناپ ئازابلىشىغا مۇھتاج ئەمەس.

يۇقىرىدا كېسەل كىشى رامزاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دېدۇق، روزا تۇتمىسا نېمە  قىلىشى كېرەك؟ كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى فىديە تۆلەپ باشقىلارنى غىزالاندۇرامدۇ؟

كېسەل ئىككى خىل بولىدۇ:

بىرىنچىسى: ۋاقىتلىق كېسەل، بەزىدە كىشى ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ قېلىپ بىر مۇددەت داۋالانغاندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ، بۇنداق ساقىيىپ كېتىدىغان ھەمدە داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللەر ساقايغاندىن كېيىن رامزاندا تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا كۈنلەردە روزا تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا: ((باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن)) دەپ بۇيرىغان، بۇنىڭغا ئاساسەن پۈتۈن رامىزاننى بىر ئاي تۇتالمىغان بولسا، كېيىن بىر ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ، 10 كۈن تۇتالمىغان بولسا 10 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. 1 كۈن تۇتالمىغان بولسا 1 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ.

ئىككىنچىسى: ساقايماس كېسەل، ساقىيىشىدىن ئۈمىد يوق داۋاملىق كېسەل يېتىپ كېتىدىغان، داۋاملىق دورا ئىستىمال قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ياشانغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا روزا تۇتمايدۇ ھەم قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، پەقەتلا تۇتالمىغان ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر پەقىر بىچارىنىڭ قورسىقىنى ئورتاھال 2 ۋاخ تاماق بىلەن تويغۇزىدۇ، ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا قورسىقىنى تويغۇزغىدەك نەخ پۇلنى بەرسىمۇ بولىدۇ، كۆپرەك بەرسە تېخىمۇ ياخشى.

ئەگەر بىر كىشى ساق ھالەتتە روزا تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ كۈنى كۈندۈزدە ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ قالسا ،روزىسىنى بۇزۇۋەتسە بولىدۇ، بۇزغانغا كاپپارەت كەلمەيدۇ، كېيىن ساقايغاندا قازاسىنى قىلسا بولىدۇ، ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغان بولسا، شۇ كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىن بىچارىنى تويغۇزسا بولىدۇ.

2. ياشانغان كىشىلەر: روزا تۇتسا قىينىلىدىغان ياشانغان كىشىلەر روزا تۇتماي ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر بىچارە قورسىقىنى تويغۇزسا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، قىيىنچىلىقنى خالىمايدۇ)) بەقەرە 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى، يەنە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ((ياشانغان قېرى كىشىگە روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىندى، ئۇ ھەربىر كۈننىڭ ئورنىغا بىر مىسكىننى غىزالاندۇرىدۇ، قازاسىنى قىلمايدۇ)) ئىمام دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن.

يەنە ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلىشىچە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: "جانابى ئاللاھنىڭ ((روزىنى تەسلىكتە ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر ھەر بىر كۈنگە بىر مىسكىنگە تويغۇدەك فىديە بېرىشى لازىم، كىمكى فىديىنى ئارتۇق بەرسە بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر)) (بەقەرە سۈرىسى 184-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن سۆزى ياشانغان قېرى كىشىلەر ۋە شۇلارغا ئوخشىغان كىشىلەر ھەققىدە چۈشكەن".

يېقىنقى ۋە ھازىرقى ئەسىرىمىزدىكى- مۇھەممەد ئەبدۇھ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدەك- بەزى ئالىملار داۋاملىق (مەسىلەن ئىسسىق ھاۋادا كۆمۈر كانلىرىدا، ياكى تونۇر ئالدىدا ئىشلەيدىغانلاردەك) ئېغىر ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئۇ ئىشتىن باشقا تىرىكچىلىك قىلالمايدىغان نامرات ئىشچىلارنى ياشانغان كىشىلەرگە ۋە داۋاملىق كېسەل ياتىدىغان كىشىلەرگە قىياس قىلغان ۋە ئۇلار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان.

3. ھامىلىدار بىلەن بالا ئېمىتىدىغان ئايال:

ھامىلىدار ئايال بىلەن بالا ئېمىتىدىغان ئايالغا كەلسەك ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ((ئاللاھ تائالا مۇساپىرغا روزا تۇتماسلىق ۋە نامازنى قەسىر قىلىپ قىسقارتىپ ئوقۇش رۇخسىتىنى بەرگەن، ھامىلىدار ۋە ئېمىتىدىغان ئايالغا روزا تۇتماسلىق رۇخسىتىنى بەرگەن)) ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا بەش سۈنەن كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان. يەنە بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەر بار. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بارلىق ئالىملار ئۇلار قىينالسا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان.

لېكىن روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن قورساقتىكى ياكى ئېمىۋاتقان بالىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردە كۆپىنچە ئالىملار ئۇلار روزا تۇتماي باشقا چاغدا ئورنىغا قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ دەپ قارىغان.

ئەمما قورساقتىكى ياكى ئېمىۋاتقان بالىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردە بەزى ئالىملار ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزسا بولىدۇ ،قازاسىنى قىلمايدۇ، دەپ قارىغان، كۆپچىلىك ئالىملار قازاسىنىلا قىلىدۇ دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ھەم بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ ھەم قازاسىنى قىلىدۇ دېگەن، يەنە بەزى ئالىملار ھېچقايسىسىنى قىلمايدۇ دېگەن، كىشى بۇ قاراشلارنىڭ قايسىسىنى ئۆز ئەھۋالىغا مۇناسىپ كۆرسە ياكى شۇ كىشىگە قايسى قاراش قولاي بولسا، شۇنى قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن بەزى ئاياللار كېيىن قازاسىنى قىلىدىغان پۇرسەت تاپالايدۇ، بۇلار بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ كېيىن قازاسىنى قىلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ، ئارقا -ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قازا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، شۇڭا بۇلار بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزسىلا بولىدۇ، نامرات كىشىلەر بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزى قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، قىيىنچىلىقنى خالىمايدۇ.


شۇنچە ئاسانلىقلارنى ئاتا قىلغان جانابى ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەر بىر كىشى تاپشۇرۇلغان ئىبادەتلەردىن سورىلىدۇ، ھېساب بېرىدۇ، شۇڭا ھەر بىر كىشى ئاللاھدىن قورقۇپ يوقىلاڭ باھانە-سەۋەبلەر بىلەن پەرز ئىبادەتلەرنى قىلىشتىن قاچماسلىقى كېرەك، ئەمما ھەقىقىي ئۆزرە ۋە زۆرۈرىيەت بولسا، ئاللاھنىڭ كەڭچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ كاجلىق قىلماسلىقى كېرەك.




ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان.... (مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)(4-قىسىم)
رامزاندا تۇتالماي قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى يەنە بىر رامىزان كىرگىچە تۇتالمىغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بىر كىشى رامزاندا ئۆزرە بىلەن بولسۇن ياكى ئۆزرىسىز بولسۇن پەرز روزىنى تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولغان بولسا، روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كېلەر رامىزان كېلىپ بولغىچە بۇ ئىشقا ئالدىرىشى، ھەرگىزمۇ سەل قاراپ كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئىنسان ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋالماستىن ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، بوينىدا ئادا قىلىنمىغان پەرز قالغان بولىدۇ. ئەمما يەنە بىر رامىزان كىرگىچە كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ قازا روزىلىرىنى شەئبان ئېيىدا تۇتقان. ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رامىزان كىرگىچە بۇرۇنقى رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغان بولسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئىككىنچى رامزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىش بىلەن بىللە فىديە (بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش تۆلىمى) تۆلەيدۇ دەپ قارىغان، يەنى بىر بىچارىگە بىر ۋاخ ياكى ئىككى ۋاخ تاماق ئېلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇلار بەزى ساھابىلەرنىڭ سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تايانغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار قازاسىنى قىلسىلا كۇپايە فىديە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭ چوقۇم قازاسىنى قىلىش كېرەك، ئەمما فىديە بېرىشكە كەلسەك: بەرسە ئەۋزەل بەرمىسە ھېچ گەپ يوق، چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھېچبىر كۆرسەتمە كەلمىگەن.

سانى مەلۇم بىر قانچە كۈن تۇتالمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈن قانچە كۈن بولسا شۇنچە كۈن قازاسىنى قىلىدۇ. ئەمما قانچە كۈن روزا تۇتالمىغانلىقىدا ياكى قانچە كۈننى بۇزىۋەتكەنلىكىدە شەك قىلىپ قالغان تەقدىردە، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر كۆپرەك روزا تۇتسا ياخشى.

بىر قانچە كۈن ئارقا-ئارقىدىن تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولسا، بۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلغاندا ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى بىر كۈن تۇتۇپ بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاندىن يەنە بىر كۈننى تۇتسا بولىدۇ. ئىمام دارىقۇتنى رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ قازاسىنى قىلىشتا: ((خالىسا ئايرىم-ئايرىم پارچىلاپ تۇتسۇن، خالىسا ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتسۇن)) دېگەن.

جانابەتتىن يۇيۇنۇپ بولغىچە تاڭ ئېتىپ قالسا روزا توغرا بولامدۇ؟

جانابەت دېگەن يا ھەيز بىلەن نىپاس بولىدۇ، بۇ ئاياللاردىلا كۆرىلىدۇ، ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى ئۇخلىغاندا (ئېھتىلام بولۇش) ياكى ئويغاق چاغدا شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش بولىدۇ. بۇ ئەر ۋە ئاياللاردا ئوخشاش كۆرىلىدۇ.

ھەيز بىلەن نىپاس بار ھالەتتە تاڭ ئاتسا روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ، شۇنداق ھالەتتە ئايال كىشى روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولماسلىق بىلەن بىللە گۇناھ ئىش قىلغان بولىدۇ، لېكىن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قان پۈتۈنلەي توختاپ بولسا، ئاندىن تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يۇيۇنسا بۇ ئەھۋالدا روزىسى توغرا بولىدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت ئەمەس، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىشى شەرت.

ئەمما ھەيز ۋە نىپاستىن باشقا ئەر ۋە ئاياللاردا ئورتاق كۆرۈلىدىغان باشقا بارلىق جانابەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا مەسىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ياكى ئېھتىلامدىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن تاڭ ئېتىپ قالسا، روزا توغرا بولىدۇ، سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلىنىشىچە: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالسا روزا تۇتىۋېرەتتى)) يەنى يۇيۇنمىغان ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالسا تىزدىن يۇيۇنۇپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيتتى ۋە روزىنىمۇ تۇتىۋېرەتتى. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان.

يەنە ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئۇممى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىما قىلىش ئارقىلىق جۇنۇپ بولۇپ قالاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزا تۇتىۋېرەتتى)) ئىمام مۇسلىم ھەزرىتى ئۇممى سەلەمە رىۋايىتىدە: ((قازاسىنى قىلمايتتى)) دەپ ئارتۇق رىۋايەت قىلغان.

بۇ ھەدىس تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بىلدۈرىدۇ:

1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەتتى، بەزىدە ئۇ تېخى يۇيۇنمىغان جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالاتتى، (ياكى بامداتقا ئەزان چىقىپ قالاتتى) شۇنداق ھالەتتە ئۇ روزا تۇتىۋېرىپ ئاندىن ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇناتتى-دە روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى، قازا قىلمايتتى.

2-  بۇ رامىزان روزىسى بولسۇن باشقا چاغلاردىكى روزا بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي بىر ھۆكۈم، ئىمام ئىبنى كەسىير دېدى: "بۇ تۆت ئىمامنىڭ شۇنداقلا ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئالىملار بۇنىڭدا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن دەپمۇ قارالغان، چۈنكى بۇ ھەقتە ھەدىسلەر مۇتەۋاتىردۇر".

3- كېچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى باشقا يولدىن جۇنۇپ بولۇپ قالغانلارنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ.

4-جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بولغان جانابەتتە يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا توغرا بولسا، باشقا تۈرلۈك جانابەتتە يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا ئەلۋەتتە توغرا بولىدۇ.

5-بۇ مەسىلىدە رامىزاندەك ۋاجىب روزا بىلەن باشقا نەپلە روزىلار ئوخشاش.

6- رامىزان كېچىلىرىدە تاڭ ئېتىشتىن سەل بۇرۇنلا بولسىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.

7-جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان چاغدا تاڭ ئېتىپ قالسا(ياكى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ قالسا) دەرھال جىمانى توختىتىشى كېرەك، توختىتىۋالسا قازا قىلىش ياكى كاپپارەت بېرىش كەتمەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، بىر قىسىم ئالىملار توختىتىۋالسىمۇ قازا قىلىش ۋە كاپپارەت بېرىش ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارىغان.

جانابى ئاللاھنىڭ ((روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى)) ((ئەمدى ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان پەرزەنتنى تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار)) بەقەرە سۈرىسى 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. دېگەن ئايىتىمۇ جانابەت ھالەتتە روزا تۇتۇپ ئاندىن يۇيۇنىۋالسا بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش مۇباھ بولىدىكەن، روزا تۇتقان كىشى يۇيۇنمىغان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ قېلىشى چوقۇم، شۇڭا ئۇنىڭ روزىسى توغرا بولاۋېرىدۇ، جانابەت روزا تۇتۇشقا توسالغۇ بولالمايدۇ.

ئىپتار بىلەن سوھۇرنىڭ ۋاقتى ۋە قائىدىلىرى نېمە؟

ئىپتار: ئېغىز ئېچىش دېگەنلىك بولۇپ، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار قىلىش ۋاقتى كۈن پېتىش بىلەن كىرىدۇ. جانابى ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ((ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار)) (بەقەرە سۈرىسى187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى). يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كېچە كېلىپ كۈندۈز كېتىپ كۈن پاتسا ئىپتار ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇ كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بارلىق مۇسۇلمانلار كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار ۋاقتى كىرىدۇ دەپ قارىغان.

ئادەتتە بۇ ناماز شامنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا كۆپىنچە جايلاردا ناماز شامنىڭ ئەزىنى ئىپتار ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇئەززىن ئەزان ئوقۇشتا كېچىكىپ قالغان تەقدىردە ياكى مەسجىد يوق جايلاردا ياكى ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايلاردا كۈن پاتقان ئىكەن، ئىپتار قىلسا بولىدۇ. كۈن پاتقانلىقىنى ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرسىمۇ بولىدۇ، ياكى باشقا ئىشەنچلىك بىرىنىڭ خەۋىرىگە تايانسىمۇ بولىدۇ ياكى سائەت ۋە كالىنداردەك باشقا ئالامەتلەرگە ئاساسەن كۈن پاتتى دەپ كۆڭلى خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.

كەسكىن كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار ۋاقتى كىرگەن ئىكەن، ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش مۇستەھەب، كېچىكتۈرۈش مەكروھ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كىشىلەر ئىپتارنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا قىلسىلا ياخشى (سۈننەتكە ئەگەشكەن ھالدا) تۇرىدۇ)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە باشقا ھەدىسلەردە كۈن پاتقان ئىكەن ئىپتارنى قىلىشقا ئالدىراشنىڭ سۈننەتكە ئەگەشكەنلىك ئىكەنلىكى، يەھۇد-ناسارالارنىڭ ئىپتارنى بەك كېچىكتۈرۈپ سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئىپتارنى كېچىكتۈرۈش ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالغانلىق بولىدۇ.

بىراق ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە ئالدىراپ كەتمەي، كۈن پاتىدىغان ۋاقىت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئاندىن ئىپتار قىلىش كېرەك. ھازىرقى دەۋرىمىزدە سائەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى، لېكىن ھەر كۈن بىر ياكى ئىككى مىنۇت ئىلگىرى ياكى كەينىگە پەرق بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك.

كۈن پاتقان ياكى پاتمىغانلىقىدا گۇمان قىلسا ئىپتار قىلماي تۇرۇش كېرەك، چۈنكى كۈن پاتقانلىقىغا كەسكىن بىر ئالامەت بولمىسا ۋاقىتنىڭ تېخى كۈندۈز ئىكەنلىكى سابىت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.

ئىپتار تامىقى تەييار بولسا ئىپتار قىلىۋېتىپ ئاندىن ناماز شامنى ئوقۇش ياخشى ۋە مۇستەھەب، ياكى يەڭگىل ئىپتار قىلىۋېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئاساسلىق ئىپتار قىلسا بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((ئىپتار تامىقى كەلسە ناماز شامدىن بۇرۇن ئىپتار قىلىشنى باشلاڭلار، نامازغا ئالدىراپ تامىقىڭلارنى تاشلاپ قويماڭلار)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن (شۇنداقلا كۈن بويى) دۇئا قىلىش مۇستەھەب، چۈنكى روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان دۇئالاردىندۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((چوقۇمكى، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغاندا قىلغان دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ)) ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.

يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((ئۈچ كىشىنىڭ دۇئاسى قۇرۇق قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقان كىشى ئىپتار قىلغاندا، ئادالەتلىك ھاكىم ۋە زۇلۇم قىلىنغۇچى)) ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

بۇ ھەدىستىكى ئىپتار قىلغاندا دېگەن سۆز ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن ياكى ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككى چاغنى كۆرسىتىدۇ.

ئىپتار قىلغاندا ئۆزى بىلگەن مەزمۇنى ياخشى دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ، ئۆزىگە، بالا-چاقىلىرىغا، ئاتا-ئانىسىغا، دوست-يارەنلىرىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلسا ياخشى بولىدۇ،  ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار قىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلىشتۇر:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلغان: ((ئۇسسۇزلۇق تۈگەپ، تومۇرلار نەملىنىپ روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى يېزىلدى ئىنشائاللاھ)) ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. سەھىھ ھەدىس.

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىلىرىنى توپلاپ مۇنداق دۇئا قىلغان: ((ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممە نەرسىنى قاپلىغان كەڭ رەھمىتىڭ بىلەن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن))

((ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈنلا روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىپتار قىلدىم، سەن ھەممە كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، بارلىق ھەمدۇ-سانالار ساڭا خاس، ئى ئاللاھ! بىزدىن روزىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىغۇچى، ئەھۋالىمىزنى بىلگۈچىدۇرسەن)) ئىمام دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان، مۇرسەل ھەدىس.

ئىپتار قىلغاندا تېپىلسا خورما بىلەن ئېغىز ئېچىش مۇستەھەب، بولمىسا باشقا مېۋە ياكى سۇ بىلەن ئىپتار قىلسا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((بىرىڭلار روزا تۇتقان بولسا خورما بىلەن ئىپتار قىلسۇن، خورما تاپالمىسا سۇ بىلەن ئىپتار قىلسۇن، چۈنكى سۇ پاكىزلىغۇچىدۇر)) ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇشتىن بۇرۇن بىرقانچە يېڭى پىشقان خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى، يېڭى پىشقان خورما تاپالمىسا قۇرۇتۇلغان خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى، ئۇمۇ بولمىسا سۇدىن بىرئاز ئىچەتتى)) ئەبۇ داۋۇد قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.

لېكىن ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ تال خورما بىلەن ياكى ئوتتا پىشۇرۇلمىغان نەرسە بىلەن ئىپتار قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى)) دېگەن ھەدىس بولسا ئاجىز ھەدىس بولۇپ، ئۇ بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئىپتار قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كىشىلەرنىڭ دوستىخانلىرىدا كەڭرى بار بولغان مېۋە خورما بولغاچقا باشقا جايلاردا خورما تېپىلسا، خورما بىلەن ئىپتار قىلىش ئەۋزەل، خورما تېپىلمىسا باشقا ئاللاھ تائالا نېمەت قىلىپ بەرگەن تاتلىق ۋە شىرىن مېۋىلەر بىلەن ئىپتار قىلىش، بولمىغاندا سۇ بىلەن ئىپتار قىلىش ياخشى، چۈنكى خورما قاتارلىق شىرىن مېۋىلەردىكى شېكەر ماددىسى ئاشقازانغا كىرىش بىلەنلا ئۇدۇل قانغا بېرىپ بارلىق موسكۇللارغا كۈچ پەيدا قىلىدۇ، ئۇزۇن بىر كۈن ئوزۇقسىز قالغان كىشى تىزلىكتە ماغدۇرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، شۇنداقلا ئاشقازانمۇ باشقا يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ.

ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىپتار قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، تەتقىقاتلارنىڭ يەكۈنلىشىچە روزا تۇتقان ئادەم بەدىنىدە يىغىۋالغان شېكەر ماددىلىرىنى ئۇزۇن بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق كۆيدۈرىۋەتكەنلىكتىن قاندىكى شېكەر ماددىسى نورمال ئۆلچەمدىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن روزا تۇتقان كىشىدە ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق ۋە كۆزى قاراڭغۇلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، شۇڭا جىسمىمىز تىزلىكتە ئۆز ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن ئىپتار قىلغاندا شېكەر ماددىسىغا باي ئوزۇقلۇق بىلەن ئېغىز ئېچىش زۆرۈر.

سۇ بىلەن ئىپتار قىلىشمۇ تېببىي تەتقىقاتچىلار تەۋسىيە قىلغان ئىش، چۈنكى سۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنى تازىلايدۇ، ئىنسان تەبىئىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ سۇ بىلەن ئىپتار قىلىشقا ((چۈنكى سۇ پاكىزلىغۇچىدۇر)) دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن.

سوھۇرلۇق دېگەن سۆز سەھەر دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى سەھەر ۋاقتىدا يېيىلىدىغان يېمەكنىڭ ئىسمىدۇر. ئەسلىدە سوھۇرلۇق كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن يېمەك بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بىرەر يۇتۇم سۇ بولسىمۇ سوھۇرلۇق ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((بىر يۇتۇم سۇ بىلەن بولسىمۇ سوھۇرلۇق قىلىڭلار)). ئىمام ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان.

سوھۇرلۇق يېيىش بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ۋاجىب ئەمەس مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، سوھۇرلۇق يېمىگەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەزلى كۆپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((سوھۇرلۇق يەڭلار! چۈنكى سوھۇرلۇق يېيىشتە بەرىكەت بار)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

سوھۇرلۇقنىڭ بەرىكەتلىرى شۇكى: سوھۇرلۇق ئاللاھنىڭ تائىتىنى بىجا كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ تائىتىنى ئادا قىلالىشى ئۈچۈن بولغاچقا ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ، سوھۇرلۇق كۈچ بولغاچقا ئۇنى يېگەن كىشى روزا تۇتۇشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ، سوھۇرلۇق يېمىگەن كىشى قىينىلىپ قېلىپ ئاسانلا روزا تۇتۇشنى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىشنى ئېغىر كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، سوھۇرلۇق يېگەن كىشى دۇئا ۋە ئىستىغپار ۋاقتى بولغان سەھەردە ئويغىنىدۇ ۋە بۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويمايدۇ، سوھۇرلۇققا قوپقان كىشى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، شۇڭا رامزاندا بامدات نامىزىدا جامائەت ئادەتتىن تاشقىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ.

يەنە سوھۇرلۇق قىلىش يەھۇد- ناسالارغا خىلاپ ئىش قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((بىزنىڭ روزىمىز بىلەن ئەھلى كىتابنىڭ روزىسىنى ئايرىيدىغان نەرسە سوھۇرلۇق قىلىشتۇر)) ئىمام مۇسلىم سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان.

سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىدىن باشلىنىپ تاڭ ئاتقىچە بولىدۇ، جانابى ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: ((تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار)) (بەقەرە سۈرىسى187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سوھۇرلۇق يەپ ئاندىن نامازغا تۇردۇق))، ھەزرىتى ئەنەس ئۇنىڭدىن: ئارىسىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى؟ دەپ سورىۋىدى ئۇ: ((ئەللىك ئايەت ئوقۇغۇچىلىك ۋاقىت)) دەپ جاۋاب بەردى. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((بىرىڭلار قولىدا قاچا بار ھالەتتە ئەزاننى ئاڭلىسا يېمىكىنى يەۋەلمىغۇچە ئۇنى قويمىسۇن)) ھاكىم رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن.

لېكىن سوھۇرلۇقنى مۇمكىن قەدەر ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈش بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا سۈننەت ۋە مۇستەھەب بولۇپ، ئارقىغا كېچىكتۈرگەندە ئاچلىق ۋە قىينىلىش مۇددىتى ئازىيىدۇ.

دېمەك: سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى كېچە يېرىمىدىن باشلاپ تاكى بامداتقا ئەزان ئوقۇلغانغا قەدەر بولىدۇ.

سوھۇرلۇقنى ئەزان ئوقۇلۇشتىن يېرىم ياكى بىر سائەت بۇرۇن توختاتسىمۇ بولىدۇ، ئەزان ئوقۇلغاندا توختاتسىمۇ بولىدۇ. تاماق يەۋاتقاندا ئەزان ئوقۇلغان بولسا، تامىقىنى يەۋېلىپ ئاندىن توختىسا بولىدۇ، بۇلار يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن مەلۇم. ئەسرى سائادەتتىكى نۇرغۇن ساھابە ۋە تابىئىينلارمۇ تاڭ ئېتىشقا يېقىن سوھۇرلۇق يېيىش ھەققىدە كەڭچىلىك قىلغان. شۇڭا سوھۇرلۇقنى تاڭ ئېتىشتىن بەك بۇرۇن توختىتىش كېرەك دەۋالغانلار ياكى رامىزان كۈنلىرىدە ئەزاننى بۇرۇنراق ئوقۇۋالىدىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت ئىش قىلغان بولىدۇ.

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئىسلام دىنىمىز كەڭچىلىك ۋە قولايلىق دىنىدۇر، ئىبادەتلەردە قولايلىق بولسا داۋاملىشىدۇ، ئۇنى ئۆز نورمىسىدىن قىيىنلاشتۇرىۋېتىش ياكى تەسلەشتۈرىۋېتىش ئۈزۈلۈپ قېلىشىغىلا سەۋەب بولماستىن بەلكى تېخى ئاللاھنىڭ دىنىغا قوشۇمچە بىر نەرسە كىرگۈزىۋالغانلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇڭا ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ روزا تۇتقان بولسىمۇ ئۈممىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توسقان)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن بەزى ئالىملار بۇنداق ئۇلاپ روزا تۇتۇشنى ھارام دېسە، يەنە بەزىلەر مەكروھ دەپ قارىغان، بەزىلەر قۇدرىتى بولسا جائىز دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان: ((ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار، قايسىڭلار ئۇلاپ تۇتماقچى بولسا سوھۇرلۇققىچىلا ئۇلىسۇن)) دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن سوھۇرلۇقتىن سوھۇرلۇققا قەدەر ئۇلىسا بولىدۇ، بىر سوتكىدىن ئارتۇق ئۇلىسا بولمايدۇ دەپ قارىغان.

ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتسا بولامدۇ؟

ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتسا بولمايدىغانلىقى بارلىق ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن مەسىلە، ئۇلارنىڭ بىرلىكى ئاساسلانغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھەيندىكى بۇ ھەدىسلىرىدۇر:

((ھەيزدار بولسا ناماز ئوقۇماي روزا تۇتمايدىغۇ شۇنداقمۇ؟ ساھابە ئاياللار: ھەئە شۇنداق دېيىشتى))(سەھىھۇل بۇخارى 304-ھەدىس، ھەيز بابى).

سەھىھۇ مۇسلىم رىۋايىتىدە مۇنداق دېگەن: ((ئايال كىشى بىرقانچە كېچە ناماز ئوقۇماي تۇرىدۇ، رامزاندا روزا تۇتمايدۇ، مانا بۇ دىيانەت جەھەتتىن ئەركىشىدىن كەمرەك بولغانلىقىدۇر))(سەھىھۇ مۇسلىم 250-ھەدىس، كىتابۇل ئىيمان).

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سوئالىغا ساھابە ئاياللارنىڭ: ((ھەئە شۇنداق)) دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى، بۇ ھۆكۈمنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ساھابىلار ئارىسىدا ئېنىق مەلۇم بولۇپ مۇقىمدىلىپ كەتكەن ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.(فەتھۇل بارىيغا قاراڭ).
يەنە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ئايال: نېمە ئۈچۈن ھەيزدار ئايال نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ؟ دەپ سورىغاندا ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دېگەن: ((سەن خاۋارىجمۇسەن؟ بىز شۇنداق ھەيزدار بولغىنىمىزدا روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق))(سەھىھۇ مۇسلىم 789-ھەدىس، ھەيز بابى، بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىيمۇ سەھىھىدە مۇشۇنىڭغا يېقىن ئىبارە بىلەن رىۋايەت قىلغان). ھەدىستە ((بۇيرۇلاتتۇق)) ياكى ((بۇيرۇلغان ئىدۇق)) دېگەن ئىبارە كەلسە بۇيرۇغۇچىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ، بۇ ئىختىساس ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئېنىق مەسىلە(فەتھۇل بارىي).

ئىمام تىرمىزى دېدى: بارلىق ئالىملار ئارىسىدا ھەيزدار ئايالنىڭ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدىغانلىقى، نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوق.(سۈنەنۇتتىرمىزىي تاھارەت بابى، 130-ھەدىستىن كېيىن).

بارلىق ئالىملارنىڭ بۇنداق ئىتتىپاقتا ئىكەنلىكىنى ھەممە كىتابلاردا بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىم ئازغۇنلۇققا بىرلىككە كەلمەيدۇ» (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ((كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!)) نىسا سۈرىسى 115-ئايەت. شۇڭا مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەرگە قارشى چىقىش ئىنتايىن خەتەرلىك.

قىياس جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ ھەيز ۋاقتى دېگەن ئايال كىشىدىكى ئاجىزلىق ۋاقتى بولغاچقا كېسەل كىشىگە ئوخشاش ۋاقتىنچە روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋېلىشقا بۇيرۇلغان، ئەمما ناماز تاھارەت بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدىغان ئىبادەت بولغاچقا ئايال كىشىدىن بۇنداق ھالەتتە ساقىت قىلىنغان، بۇمۇ ئىسلام قائىدىلىرىگە ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بىر ئىش.

ئاياللار رامىزان كۈندۈزدە گىرىم قىلسا بولامدۇ؟

مەلۇمكى ئايال كىشىنىڭ گرىم قىلىشى ۋە ياسىنىشى پەقەتلا يولدىشى ئۈچۈن ياكى مەھرەم تۇغقانلىرى ياكى باشقا ئاياللار ئالدىدىلا جائىز بولىدۇ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىغا ياسانغان ھالەتتە چىقسا ھارام بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقان ھالەتتە سۈرمە سۈرتەتتى، بۇ ھەدىسنى ھەزرىتى ئەنەس رىۋايەت قىلغان. ماي ۋە ياغلارنى سۈرتۈش كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۈپ ئۇچرايدىغان ئىشلاردىن تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەقتە بىر چەكلىمە كەلمىگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ روزىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر، تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە چەكلىگەن بولاتتى.

بۇنىڭغا ئاساسەن گىرىم بىلەن روزا سۇنمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ مەلۇم مۇددەت يېمەك-ئىچمەكنى تاشلاپ روزا تۇتقان ئايال كىشى رامزاننىڭ ھۆرمىتى ۋە روزا قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى ياسىنىشنى ياكى گىرىم قىلىشنى تاشلاشتا سىقىلىپ قالمايدۇ. چۈنكى رامىزاننى ئۇلۇغلاپ بەزىبىر قىلسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى تاشلاش، ئاللاھنىڭ بۇ ئايدىكى مەرھىمىتىنى كۆزلەيدىغان كىشى ئۈچۈن ئېغىر كەلمەيدۇ، رامىزان ئېيىدىن كۆزلەنگەن مەقسەتمۇ ماددىي ھەر     تۈرلۈك ھۇزۇر -ھالاۋەتنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تاشلاپ، روھىي ساپلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى نىشان قىلغان كىشى ياسىنىشتىن كېلىدىغان ئازغىنە دۇنياۋى پايدىنى قويۇپ تۇرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە: ((ئادەم بالىسىنىڭ ھەرقانداق ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگە قەدەر ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: پەقەتلا روزا بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇ ماڭا خاس، ئۇ مەن ئۈچۈن شەھۋىتىنى ۋە يېمەك-ئىچمېكىنى تاشلىغان، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزەم بېرىمەن)) (يەنى يەتتە يۈز ھەسسىدىنمۇ كۆپ مۇكاپات بېرىمەن).

دېمەك: ئايال كىشىنىڭ ئېرى ئۈچۈن ياسىنىپ گرىم قىلىشى بىلەن روزا سۇنمايدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى بۇ ئاينى گىرىم قىلىپ ياسىنىشتىن بەكراق تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى ئېرىگە ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىش ساۋابلىق ئىشلارنىڭ قاتارىدا بولسىمۇ بۇنى رامزاندىن باشقا چاغلاردا يىل بويى كەڭ-كۇشادە قىلىۋېلىش پۇرسىتى كۆپ، ئەمما رامىزان تىز كېلىپلا كېتىدۇ، شۇڭا بۇ ئاينى غەنىمەت بىلىپ، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، زىكىر قىلىش، نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇش، مۇسۇلمانلارنى ئىپتارلىتىش ۋە كۆپ سەدىقە بېرىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايدىكى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىشكە تىرىشىش لازىم.

رامزاندا روزا تۇتقانلار ئەتىر ئىشلەتسە روزىسى بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟

روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ئىشلەتسە روزىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ، چۈنكى شەرىئەتتە روزا تۇتقان كىشىگە ئەتىر ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان بىر دەلىل يوق، ئالىملاردىنمۇ روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ئىشلەتسە ھارام بولىدۇ ياكى روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەنلەر يوق.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئەتىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە بار بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى چەكلىگەنلىكى ئىسپاتلانغىنى يوق، ناۋادا ئۇ روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە ئۇنى روزا تۇتقۇچىغا چەكلىگەن بولاتتى، ئەتىرنىڭ توزلىرى ئۆرلەپ بۇرۇن ئارقىلىق مېڭىگە يېتىپ بارىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇنى چەكلىمىگەنلىكى، ئۇنىڭ روزىنى بولمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر"

لېكىن ئىسپىرتلىق ئەتىرنى بۇرنىغا ئەكىلىپ پۇراشنى بەزى ئالىملار ياقتۇرمىغان، بەزىلىرى ئىسپىرتلىق ئەتىرنى بۇرنىغا چاچسا روزا بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش بەدەنگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ دەپمۇ قارىغان.

شۇڭا بۇلارنىڭمۇ قاراشلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسپىرتلىق ياكى ئىسپېرتسىز ئەتىرنىمۇ ئالاھىدە پۇرىمىغان ئەۋزەل، لېكىن پۇرىسا روزا سۇنمايدۇ. ئەمما ئەتىرنى كىيىم-كېچەككە ياكى بەدىنىگە چېچىش ۋە سۈركەش بولسا، ھەممە ئالىملارنىڭ نەزىرىدە روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى تېخى ئىسسىق كۈنلەردە ياكى ياقتۇرۇلمايدىغان پۇراق پەيدا بولغان چاغلاردا باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈن ئەتىر ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.

ئەتىر دۇكىنى ياكى ئەتىر چاچقان بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ياكى مەززىلىك تائاملارنى پىشۇرۇۋاتقان دۇكانلارنىڭ ياكى ئەتىر گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە پۇرىغان پۇراقلار روزىغا ھەرگىز تەسىر يەتمەيدۇ، چۈنكى تىنغان بۇ ھاۋا پۇراقلىق ھاۋا بولۇپ ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن.

ئەمما ئايال كىشىلەر رامزاندا ئۆي ئىچىدە ياكى ئاياللارلا بار سورۇندا ئەتىر ئىشلەتسە بولىدۇ، يات ئەر كىشىلەر بار سورۇنغا ئەتىر چېچىپ چىقىش رامزاندا بولسۇن رامزاندىن باشقا ۋاقىتتا بولسۇن ھارام بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

تەراۋىھ نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟ نەچچە رەكئەت ئوقۇلىدۇ؟

تەراۋىھ نامىزى سەككىز ياكى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدۇ، سەككىز رەكئەت ئوقۇش پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ((مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار)) دەپ خەلىپىلەرنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشنى بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. چۈنكى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغان تەقدىردە ھەم پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ھەم راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە تەڭ ئەمەل قىلغىلى بولىدۇ، سەككىز رەكئەتلا ئوقۇسىمۇ مەيلى، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

ئاياللار رامزاندا تەراۋىھ نامىزىغا بارسا بولامدۇ؟

تەراۋىھ نامىزى ئەر-ئاياللارغا ۋاجىب ئەمەس، بەلكى مۇستەھەبتۇر، بۇ نامازنى ئەرلەر مەسجىدتە ئوقۇسا ياخشى، ئۆيدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ئاياللارغا كەلسەك، ئاياللارنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغىنى ئەۋزەل، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىستە: ((ئاياللارنىڭ پەرز نامازلاردىن قالسا ئۆيدە ئوقۇغان نامىزى ئەڭ ئەۋزەل)) دېگەن. لېكىن ئەر رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا مەسجىدكە چىقسا بولىدۇ، مەسجىدتە نامازدىن باشقا دۇئايى-تەلەپ، تەبلىغ ۋە تەشۋىقات بولغان تەقدىردە مەسجىدكە چىقىپ تەراۋىھ ئوقۇغاچ يۇقىرىقىدەك پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشسا ئەۋزەل، چۈنكى بۇ ئىنتايىن مۇھىم. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : ((ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدىن توسماڭلار)) دېگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

رامىزان ئېيىدا توي قىلسا بوﻻمدۇ؟

رامزاندا توي قىلىش مۇباھ، توي قىلغاندا مېھمانلارنى ئىپتار ياكى سوھۇرغا چاقىرسا بولىدۇ، يەنە رامىزان كېچىلىرى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

سوھۇرلۇقنى يەپ ئۇخلاپ قېلىپ ئېھتىلام بولۇپ قالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

ئېھتىلام بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ، غۇسلى قىلىۋەتسە بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

تەراۋىھ نامازدا ۋىتىر ناماز ئوقۇلۇپ كېتىدۇ، كېيىن تەھەججۇت ناماز ئوقۇسا سالاتى ۋىتىر قايتا ئوقۇمدۇ؟

ۋىتىر ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تەھەججۇد ئوقۇغان ئەھۋالدا كېيىن ۋىتىر ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، سەھىھۇ مۇسلىمدا ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا كېلىشىچە: ((پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋېتىردىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇپلا ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى)) يەنى ئۇ ئىككى رەكئەتنىڭ ئارقىدىن ۋىتىر ئوقۇمىغان. يەنە ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بىر كېچىدە ئىككى ۋىتىر بولمايدۇ))، ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ((پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىتىردىن كېيىن ئولتۇرغان ھالدا ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى)). ساھابىلاردىن بەزىسى كېيىن ۋىتىر ئوقۇغان، بەزىسى ئوقۇمىغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

تۈرمىدە تۇتالمىغان بەش يىللىق روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتامدۇ؟

جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ)) بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. بۇ كىشى خۇددى بەش يىل كېسەل بولۇپ قالغان كىشىدەك تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن رامزاندا تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا كۈنلەردە روزا تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالامۇ: ((باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن)) دەپ بۇيرىغان، بۇنىڭغا ئاساسەن بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى رامىزاننى بىر ئاي تۇتالمىغان بولسا، كېيىن بەش ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ، 100 كۈن تۇتالمىغان بولسا 100 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. 1 كۈن تۇتالمىغان بولسا 1 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. تۇتالمىغان كۈنلەرنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى كۈن ئاتلاپ تۇتۇۋالسىمۇ بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

رامزاندا تاراۋىھنى ئوقۇمىسا گۇناھ بولامدۇ؟

تاراۋىھنى ئوقۇمىسا جازالانمايدۇ، چۈنكى تەراۋىھ نامىزى پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، سۈننەتتۇر. لېكىن نۇرغۇن ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((كىمكى رامزاندا ساۋاب كۆزلەپ ئاللاھقا ئىشەنگەن ھالدا كېچىلەردە ناماز ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ)). ئۇنىڭ ئۈستىگە رامزاندا مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەك بىر كېچە بار، شۇڭا مۇسۇلمان كىشى بۇ كېچىلەردىكى تائەت-ئىبادەتلەرنى غەنىيمەت بىلىشى، قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

بۇرۇنقى ئۈممەتلەر قانداق روزا تۇتاتتى؟

روزا تۇتۇش ئىبادىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ بارلىق ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر، ئاللاھ تائالا : ((سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز     قىلىنغاندەك روزا تۇتۇش سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى)) دېگەن. ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغان روزىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقتارى بىزنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىرى بار، ئوخشىمايدىغانلىرى بار، مەسىلەن بەزى ئۈممەتلەرگە گەپ-سۆز قىلماي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان، مەريەم سۈرىسى 26-ئايەتتە ئاللاھ تائالا مەريەم ئەلەيھاسسالامغا:  ((بىرەر ئىنسانغا ئۇچراپ قالسىڭىز: مەن ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان، شۇڭا بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ-سۆز قىلمايمەن، دېگىن)) دېگەن.

يەھۇد-ناسارالارغا بىزگە ئوخشاش روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر كۈن سانى ياكى روزا تۇتۇش سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، يەنە ئۇلارنىڭ روزىسىدا كېچىسى جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ چەكلەنگەن، ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسى 187-ئايەتتە: ((سىلەرگە روزا تۇتقان كۈنلەرنىڭ كېچىسىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ھالال قىلىندى)) دېگەن. بۇ ئىلگىرىكى يەھۇد-ناسارالاردا چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى، بىزگە يەڭگىللېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

خىزمەت ئورنۇم روزا تۇتۇشقا يول قويمايدۇ. مەن ئەتىگەندە ۋاقتىدا سوھۇرلۇق يەپ، روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلماي، چۈشكىچە ھېچنەرسە يېمىسەم، ئەگەر تاماققا مەجبۇرلانسام روزا تۇتمىسام، مەجبۇرىي تاماق يېگۈزمەي قالسا، ئاندىن شۇ ۋاقىتتا نىيەت قىلىپ روزا تۇتسام بولامدۇ؟

ھەر كۈنى روزا نىيەت قىلىپ روزا تۇتۇپ قوپۇڭ، بىر نەرسە يېيىشكە مەجبۇرلانمىسىڭىز، روزىڭىز جايىدا يولاۋېرىدۇ، بىر نەرسە يېيىشكە مەجبۇرلانسىڭىز مەجبۇرلانغان مىقداردا يەپ-ئىچسىڭىز روزىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ، روزىڭىز سۇنمايدۇ، يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك روزىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىسىز، ھەدىستە كېلىشىچە: ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىدىن ئۇنتۇپ قالغان ۋە مەجبۇرلانغان ئىشلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىۋەتكەن. لېكىن مەجبۇرلاش يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بىرىنچى دەرىجىلىك مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرسە شۇنداق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

رامىزان كۈنلىرى كۈندۈزلىرى ئايالىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقاندا تۇيۇقسىز شەھۋەت (مەنى) ئېتىلىپ چىققان بولسا بۇنىڭغا كاپپارەت كېتەمدۇ؟ شۇ كۈنى قانداق قىلىدۇ؟ روزىنى قايتا نىيەت  قىلىۋەتسە بۇلامدۇ؟ ياكى (رامزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلغان ئاساستا) ئېغىز ئۇچۇق يۈرۈشى كېرەكمۇ؟

جىما قىلماستىن قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش بىلەن مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزا سۇنىدۇ، روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامزاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كاپپارەت كەلمەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن كاپپارەت كەلمەيدۇ دېگەندە: بۇ خۇددى سۆيگەنگە ئوخشاش تولۇق جىنسىي مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە يەتمىگەن بىر ئىشتۇر، كاپپارەت ۋاجىب بولماسلىق ئەسلىي ھۆكۈمدۇر، قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقسا كاپپارەت ۋاجىب دەيدىغانغا ئېنىق (نەس) دەلىل يوق، ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى (ئىجمائى) مۇ يوق، قۇچاقلاشنى جىنسىي مۇناسىۋەتكە قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئوخشىمايدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنىي چىقمىسىمۇ كاپپارەت كېلىدۇ، زىنا جازاسى ئىسپاتلىنىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي (ئەلمەجمۇئ) دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "روزىسىنى جىمادىن باشقا يەپ-ئىچىش، ئىستىمنا(مەنىي چىقىرىش)، مەنىي چىقىپ كەتكىچە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇزۇۋەتسە كاپپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى كاپپارەت ۋاجىب بولۇشى جىماغا كەلگەندۇر، يۇقىرىقى ئىشلار جىمانىڭ مەنىسىگە ئوخشىمايدۇ".

بەزى ئالىملار قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن ئەھۋالدا كاپپارەت كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇلار بۇ ئىشلارنى جىماغا قىياس قىلغان.

ئەلۋەتتە روزا يۇقىرىقى ئىشلار بىلەن سۇنغان تەقدىردە روزا ۋە رامىزان ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىپتار ۋاقتىغىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە ياكى روزا سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماي تۇرىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

ئۇخلاپ قېلىپ سوھۇرلۇق يېيەلمەي قالغان ئەھۋالدا روزا تۇتىۋېتىش كېرەكمۇ؟

سوھۇرلۇق يېيىش ۋاقتىدا ئويغىنالماي كېچىكىپ ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئويغانسا، روزىنى سۇندۇرماي داۋاملاشتۇرىۋەرسە بولىدۇ، سوھۇرلۇق يېيىش روزىغا شەرت ئەمەس، سوھۇرلىق يېيەلمەي قالسىمۇ روزا تۇتسا بولاۋېرىدۇ. پەقەتلا بامداتقا ئەزان چىقىشتىن تارتىپ روزىنى سۇندۇرىدىغان بىر ئىش قىلمىسىلا بولدى. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

ئۆيدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولامدۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد بولىشى شەرتتۇر، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەقەرە سۈرىسى 178-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: (سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار). بۇ ئايەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، جۈمە ئوقۇلىدىغان بولسۇن ياكى ئوقۇلمايدىغان مەسجىد بولسۇن مەسجىدلا بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتىن باشقا جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرمىغان.

بەزى ئالىملار جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد بولىشىنى شەرت قىلغان.

ئاياللارنىڭ ئالدى ئەزاسىنى تەكشۈرۈشتە روزا سۇنامدۇ؟

ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە دورا سېلىش ياكى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى ياكى دوختۇر بىر ياكى ئىككى بارمىقىنى ياكى قولىنى ياكى بىرەر تىببىي سايمان سالغان ئەھۋالدىمۇ كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسە بولىدۇ، روزىسىنى سۇندۇرمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

ئىي ئاللاھ!! بىزنى رامزانغا سالامەت يەتكۈزگىن، رامزاندا روزا تۇتۇشقا، ناماز ئوقۇشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رامزاندا دوزاختىن ئازات بولۇپ كەتكەنلەر قاتارىدىن قىلغىن!!! ئامىين يا رەببەلئالەمىين.

تۈگىدى.

يازغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
مەنبە: http://www.sajiye.net/viewarticle.php?id=60


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahsajan + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
0000bahar + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
ap~qilam + 500 رىغبەتلەر بولسۇن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1000   باھا خاتىرىسى

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:32:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەن ئىزدىگەن تىمىڭىز شۇما بۇ؟ھارمىغايسىز.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:47:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ئىسىل تېمىدىن بىر نى ئەپ كەپسىز...ئاللا ئەجىرىڭزنى بەرسۇن......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuntaxvixi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 11:47 PM  


خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:00:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇناسىۋەتسىز ئىنكاستىن بىرنى يىزىۋالاي.
قىزىم ئىككى يىرىم ياشقا كىرگەن،2-3ئايچە بولدى بۇرنىنىڭ تۈۋىگە سۆگەل پەيدا بولۇپ قالدى.شۇ ۋاقتىدا مىللى تىبابەت دوختۇرخانىسىغا ئاپاسام ‹قىرىمىز،ھازىر بەك كىچىككەن سۆگەل سەل چوڭايغاندا ئەكىلىڭ›دىگەنتى،ھازىر ئۇ سۆگەل كىچىكرەك ماشتەك بولدى.بەزىلەر كۆيدۈرۈپ داۋالايمىز دەيدۇ،بەزىلەر قىرىمىز دەيدۇ،زادى قايسى ئۇسۇل مۇۋاپىقتۇ؟تەجىربەسى بارلار بىر جاۋاپ بىلەن تەمىنلىگەن بولسا!!!!!!!!!!!!!
قىزىم ئۆزى ئانچە چىرايلىقمۇ ئەمەس بىراق بەكلا مىھرى ئىسسىق،كۆگەنلا ئادەم ئامراق بوپ قالىدۇ.كىملا‹ كۆرسە ۋاي بۇ ئوماق قىزغا سۆگەل چىقىپ قاپتىغۇ›دەپ كۆڭلۈمنى يىرىم قىلىپ

GLB0908 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:06:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1144 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:07:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز . تەشەككۈر . يېقىنلاپ كېلىۋاتقان رامزان ئېيىدا تولۇق رامزان تۇتىشىمىزغا اللاھ نىسىپ قىلسۇن . ھەممىمىزگە اللاھ رەخمەت دائىرىسىدىن ئورۇن بەرگەي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:19:21 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asma507 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-18 12:00 AM
مۇناسىۋەتسىز ئىنكاستىن بىرنى يىزىۋالاي.
قىزىم ئىككى ي ...

مىللى شىپاخانىدا مەخسۇس سۆگەل يوقۇتىدىغان دورىسى بار. سۈركەپلا قويسا ئىككى كۈنگىچە چۈشۈپ كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 12:22:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزان توغرىلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. رەخمەت!

dawir111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 01:56:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86068
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 06:36:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشائاللاھ قىرىندىشىم،كۆپلىگەن بىلمگەن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ئاللاھ رازى بولسۇن!...
ئاللاھ رامزاننى تولۇق تۇتىشىمىزغا نىسىپ قىلسۇن .

قىرىنداش لىرىمنىڭ يىلدا ئاران بىر كىلدىغان رامزاننى قولدىن بەرمەسلىكىنى ھەمدە تولۇق چىقىرشىنى ئۈمۈت قىلمەن.....

                                           th_27[1].gif

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sebr@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 06:42 AM  


پەي يەڭگىل بولغاچقا ئۇچارھاۋادا،
تاش ئېغىر بولغاچقا تۇرار قىيادا.
پەيدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ئىنسان،
يەڭگىللىك ئىللىتى بولسا ناۋادا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش