مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16009|ئىنكاس: 104

ئىستانبۇلدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى چوڭ يىغىنى ئېچىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16160
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 3926 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەيداندىكى خەلق "بۈيۈك ئويۇننى بۇزۇش"، "بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر ۋەتەن، بىر بايراق" "تىك تۇر، ئېگىلمە" دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزونكىلار كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ 1 مىلىيۇندىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى






    دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 16-ئىيۇن خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ئىستانبۇل ۋالىلىقى ئېلىپ بارغان " مىللىي ئىرادىگە ھۆرمەت" نامىدىكى يىغىلىش ئىستانبۇلدىكى كازلىچەشمە مەيدانىنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.  مەيداندىكى خەلق "بۈيۈك ئويۇننى بۇزۇش"، "بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر ۋەتەن، بىر بايراق" "تىك تۇر، ئېگىلمە" دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزونكىلار كۆتۈرىۋالغان بولۇپ،  يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ 1 مىلىيۇندىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

    باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان كازلىچەشمە يىغىلىشىدا سۆز قىلدى، ئەردوغاننىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ بىر قىسمى: 'خەلقئارا مېدىيادا ئەمەس، تۈركىيەنىڭ ھەقىقى سۈرىتىنى كۆرمەكچى بولغانلار بولسا سۈرەت بۇ مەيداندا'.
    ئەردوغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قوللاپ نامايىش قىلغۇچىلارغا سالاملرىنى يوللاپ، بىلىمەنكى دۇنيا بىزنى كۆزىتىۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ بىر قانچە يەرلىرىدە قېرىنداشلىرىمىز بىز ئۈچۈن رىغبەت بېرىۋاتىدۇ، بىز ئۈچۈن كوچىلارغا چىققان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا يۈرەكتىن سالاملار يوللايمەن دېدى، خەلقئارا مېدىيادا راست-يالغان بولىۋاتىدۇ، تۈركىيەنىڭ ھەقىقى ھالىتىنى كۆرمەكچى بولغانلار مانا بۇ مەيداندىن كۆرسۇن،دېدى. رېتىر، BBC,CNN لار يالغان خەۋەرلەر بېرىۋاتىدۇ، تۈركىيەنى دۇنياغا خاتا كۆرسىتىۋاتىدۇ، تۈركىيە سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس،" دەپ سۆز قىلدى.

    گەزى باغچىسى بىكار قىلىنىپ مىللەتكە تەسلىم قىلىندى
    شۇئاندا گەزى باغچىسى ۋە تاكسىم مەيدانى بوشىتىلدى. ۋە بۇ مىللەتكە تەسلىم قىلىندى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت گەزى باغچىسىنى تازلىدى، يېشىللاشتۇرىۋاتىدۇ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ياخشىلاۋاتىدۇ، ئەمما مۇھىتنى قوغدايمىز دەپ داۋا قىلغانلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بىلەن ئالاقىسى يوق، بۇلار يېشىللىقنى يوق قىلىدۇ، بۇلار بۇ دۆلەتتە دەرەخ تىكمىگەن، ئەسكەرتىمەنكى، ئۇلار بۈگۈن يەنە چاقىرىق قىلدى، مەيدانغا كېلىڭلار دېدى، سائەت 16:00 دە يەنە چاقىرىق قىلدى، ئەقلى ساغلام كىشىلەرگە خىتاب قىلىمەنكى، سىلەر بۇ ئويۇنغا كەلمەڭلار، مەن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، سىلەرنىڭ ئەپەندىڭلار ئەمەس، ئىستانبۇلدا قىلغان خىزمەتلىرىمىز ھەممىگە مەلۇم، بىز ئىستانبۇلدىكى ئەخلەت دۆۋىلىرىنى، ھاۋا بۇلغىنىشىنى ، سۇ يىتىشمەسلىكىنى ھەل قىلغان ئىدۇق.

    بۇغازنى ئۇ پۇراقلاردىن تازلىغانلار كىم؟
    خۇسۇسەن 20 ياشتىكى ياشلارغا دەيمەنكى، بەلكى ئېسىدە قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، 180 كىلومىتىردىن ئىستانبۇلغا سۇ يەتكۈزگەن بىر شەھەر باشلىقى، 2 يىلدا ئىستانبۇلدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنى ھەل قىلغان بىر شەھەر باشلىقى، سىلەر بۇغازنىڭ قانداق پۇرايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ بۇغازنى ئۇ پۇراقلاردىن تازلىغان كىم؟ ھازىر ئۇ يەر يېشىللاشتۇرۇلدى، ئۇ يەردە سەيلى-ساياھەت قىلىنىۋاتىدۇ، بىز سەبىر قىلىمىز، ئادىل ھەرىكەت قىلىمىز،ئەمما ھېسابىنى ۋاقتى كەلگەندە سايلامدا سورايمىز، مەرھۇم مەندەرەسنى بۇ ئەزىز مىللەتكە قارشى يەم قىلدى، ئەزىز مىللەت سايلامدا ھېسابىنى سوردى، 28 -فېۋرالدا ئەرباقانغا قارشى قىلدى ۋە ھېسابى سايلامدا سورالدى.
    تۈركىيە 76 مىلىيۇن كىشى قېرىنداشلارچە ياشاۋاتقان بىر دۆلەت ۋە مىللەتتۇر، سىلەر بىزنىڭ يېنىمىزدا ، ئارقىمىزدا بولغان ئىكەن ئەندىشە قىلماڭلار، 2014-يىلى مارتتا سايلامدا قارارنى سىلەر بېكىتىسىلەر،  تۈركىيە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى بىرلىكتە قۇرغان سەلجۇقلارنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ دۆلىتىدۇر، تۈركىيە ئوسمانلى جاھان دۆلىتىنى قۇرغانلارنىڭ دۆلىتىدۇر، تۈركىيە 7 دۆلەت بىلەن قارشى ئۇرۇش قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان بىر دۆلەتتۇر، ھېچكىمنىڭ تۇزاقلىرى بىزگە ئىشلىمەيدۇ، ھېچكىمنىڭ مەينەت سىنارىيەلىرى بىزگە چېقىلالمايدۇ.

    ياۋرۇپا پارلامېنتى بىزنىڭ ھەققىمىزدە قارار بېرپتۇ، ھەددىنى بىلسۇن
    تۈركىيە خەلقئارا مېدىئا ئورۇنلىرى ئۈستىدىن  ھەرىكەت قىلالايدىغان بىر دۆلەت ئەمەس، بەزىلەر خىجىل بولماستىن " تۈركىيە باھارى" "تۈركىيە باھارى ھازىر بولسۇن" دەپتۇ، ھالبۇكى بىلىڭلاركى، تۈركىيە باھارى 2002-يىلى 3-نويابىر بولۇپ بولغان ، ئەمما بۇلارنىڭ كۆزى بار كۆرمەيدۇ، قۇلىقى بار ئاڭلىمايدۇ، دىلى بار ئەمما ھەقىقەتنى سۆزلىمەيدۇ، لېكىن مانا مىللەت، مانا دەلىل.
    ياۋرۇپا پارلامېنتى بىز ھەققىمىزدە قارار بېرىپتۇ، سىلەرنىڭ تۈركىيە ھەققىدە قارار ئېلىش ھۇقۇقۇڭلار يوق، تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقى ئەزاسى ئەمەس، پەقەت مۇزاكىرچى، سىلەر سەمىمىي بولساڭلار يۇنانىستاندا مۇشۇنداق ھەرىكەتلەر بولدى، بېرىپ يۈزمىلياردلارچە ياۋرۇ ياردەم قىلدىڭلار، ئەنگىلىيە تېخى يېقىندا  G8 گە ئالاقىدار دەپ 50 نەپەر نامايىشچىنى قولغا ئالدى، سىلەر ئەنگىلىيەگە ئالاقىدار نىمە قارار ئالدىڭلار؟ گېرمانىيەدە، فرانسىيەدە بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر بولدى، سىلەر بۇ ھەقتە قارار ئالدىڭلارمۇ؟ يەرلىك ۋە چەتئەل مېدىيالىرىغا خىتاب قىلىمەن، دۇرۇست بولۇڭلار، تەشۋىقات ئەخلاقى دەيدىغان بىر نەرسە بار.
    بىز تىك تۇردۇق، ئەمما ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتمىدۇق، ئەمما بۇلار ئۆزلىرى خالىغان ھۆكۈمەتلەرگە كۆنۈپ قالغان ئىدى، خالىغىنىنى چۈشۈرەتتى، خالىغىنىنى چىقىراتتى، بەزى مېدىيالار يەنە ئوخشاش ئويۇننىڭ ئىچىدە، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى پايدا تاپقانلار ئوتتۇرغا چىقتى، سىرىتتىن كۈشكۈرتكەنلەر ۋە ھەممىسى ئاشكارىلاندى.



    'بۇ  خەلقئارا مېدىيا سۇرىيەنى كۆرمەيدۇ، سۇرىيەدىكى ۋەھشىيلىكنى كۆرمەيدۇ'
    ئۆزىنىڭ مېھمانخانىلىرىدا تېرور بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلارنى، مەبلەغ بېرىپ ئورنىدىن تۇرغۇزىۋاتقانلارنى ياخشى بىلىمىز، بۇلارنىڭ ھېسابى سورالمامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھېسابى سورالمىسا خەلق بىزدىن ھېساب سورايدۇ. بۇ خەلقئارا مېدىيالار سۇرىيەنى ، سۇرىيەدىكى ئېقىۋاتقان قاننى كۆرمەيدۇ، بۇ ياۋرۇپا پارلامېنتى پەلەستىندىكى قەتلىئامنى كۆرمەيدۇ، غەززەدە بولىۋاتقانلارنى كۆرمەيدۇ. تۈركىيە قەيەردىن قەيەرگە كەلدى، بۇنىڭغا چىدىيالمايۋاتىدۇ،  بىئارام بولىۋاتىدۇ، بىز قارارلىق ھالەتتە بۇ يولدىكى سەپەرنى داۋاملاشتۇرىمىز.
    گەزى باغچىسىدىكى ياشلار يېشى 25-20 ئارىسىدىكى ياشلار، سەمىمى بولغانلار چېكىندى، ئۇ سەمىمى بولغان ياشلار 3~5 لۈكچەكلەردىن بىئارام ئىدى، لۈكچەكلەر، ئاممىۋى تەرتىبنى بۇزغانلارغا دېيىلىدۇ، بۇلار ئاممىۋى تەرتىبنى بۇزغانلار ئەمەسمۇ؟ 10 يىل بۇرۇن ساقچىلارنىڭ چەكلىمىسىز كۈچ ئىشلىتىش ھۇقۇقى بار ئىدى، بىز بۇنى بىكار قىلدۇق، ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسىنى ھۇقۇق دائىرىسىگە ئالغانلىقىمىزنى بىلگەن ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس،

    ئاتا تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە تېرور لوزۇنكىلىرى بار ئىدى
    خەلق يىغىلىش قىلماقچى بولغاندا رۇخسەت قىلدۇق، ئەمما يىغىلىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئورۇندا، ئۇلار  بىزگە خالىغان يەردە يىغىلىش قىلىمىز دېدى، بۇلارغا نىمە دەيسىز؟، مەن،بۇ دۆلەت يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ خانىسى ئەمەس،دېدىم. سىلەر خالىغان يەردە يىغىلىش قىلالمايسىلەر، قەيەر كۆرستىلگەن بولسا شۇ يەردە قىلىسىلەر، نىمە ئۈچۈن؟ شۇئاندا بەيئوغلۇدا ، تاكسىمدا 30 مىڭ مېھمانخانا بىكار، ئۇ ئەتراپتىكى بارلىق كەسىپداشلار شىكايەت قىلماقتا، 18 كۈندىن بېرى ئەينەك ۋە ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە سۇندۇرۇلدى، بۇ زىيانلارنى كىم تۆلەيدۇ؟ ئەنقەرەدە بارلىق ئاپتۇبۇس بىكەتلىرى ، فارفور بۇيۇملىرى ۋەيران بولدى، 200 دىن ئارتۇق ماشىنا ۋەيران بولدى ۋە كۆيدۈرۋېتىلدى، دۆلەتنىڭ بىنالىرىغا ئوت قۇيۇلدى، ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە قانۇنسىز تەشكىلاتلار بار ئىدى، تېرور تەشكىلاتلارنىڭ لوزۇنكا ۋە بايراقلىرى بار ئىدى، تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ باش مىنىستىرىگە ھاقارەتلەر قىلىنۋاتاتتى، بىز ئۇلارنى مەيداندىن چېكىندۈرمەي نىمە قىلاتتۇق؟!
    بىز بۇ دۆلەتنى تېرورچىلارغا قۇيۇپ بەرمەيمىز، ئاتاتۈرك ۋە تۈرك بايرىقى بىلەن تېرور بايرىقىنى قانداقمۇ بىر يەرگە قويسۇن؟ ساقچىلىرىمىز ۋەزىپسىنى ئىجرا قىلىپ 24 سائەت ئىچىدە ئۇ يەرلەر تازلاندى، گەزى باغچىسى، تۈنۈگۈن ئۇ يەرمۇ تازلاندى. بۇ مېنىڭ ۋەزىپەم، بۇلارنى قىلمىسام بۇ ماقامدا تۇرۇشنىڭ ھېچبىر مەنىسى يوق.

    تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى بىز يولغا قويدۇق
    تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى، باغچا قۇرۇش ئەركىنلىكىنى بىز يولغا قويدۇق، مۇخبىرلار خالىغىنىنى يازالمايتتى، قورقۇپ تىلغا چىقىرالمايتتى، بۇنىڭ ئالدىنى بىز ئاچتۇق، قاراڭغۇ جىنايەت تەشكىلاتلىرىنى يۇقاتتۇق، سەنئەتچىلەرنىڭ ئۈستىدىكى بېسىمنى بىكار قىلدۇق، 10 نەچچە يىل بۇرۇن بۇنداق نامايىش قىلىشنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى، 10 نەچچە يىل بۇرۇن ساقچىلارنىڭ بۇنداق ھەرىكىتنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىڭلار، ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بۇ ھالدا بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم خىيال قىلىپ باقمىغان ئىدى . ئۇلار بىزنى گاز ئىشلەتتىڭىز دەيدۇ، ساقچىلارنىڭ گاز ئىشلتىش ھۇقۇقى بار، چەتئەللەردە نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىدىغانلار بار، شۇئاندا دوختۇرخانىدا 3 نەپەر كىشى بار، ساقچىلار يارىلاندى، بىز مانا مۇشۇنداق بىر كۆرۈنۈش ئىچىدە، ساقچىلىرىمىز قىيىن بىر ئىمتاھاندا قالدى ۋە بۇ سىناقتىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتتى. خاتالار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەنقەرەدە كۆردۈمكى ، مېڭىۋاتقان گۇرۇپىلارنىڭ ئالدىدا CHP مىللەت ۋەكىلى بار، مىللەت ۋەكىلى دۆلىتىگە ياردەمچى بولىدۇ، تېرورنى كۈشكۈرتكەنلەرنىڭ يولىنى ئاچتى، بۇلار سايلامدا غەلبە قىلالمىغاچقا بۇ يەردە كۈچىنى چىقىرۋاتىدۇ.

    ساقچىلار خاتا قىلغان بولسا سورىقىنى قىلىمىز
    بىز ساقچىلارنىڭ خاتاسى بولسا سوراق قىلىمىز، ئەمما ساقچىلارغا ۋە ئۇمۇمى مۈلۈككە زىيان يەتكۈزگەنلەرنىمۇ تەپسىلى سورىقىنى قىلىمىز، تېلكامىرالاردا بۇلار بار، ئىجتىمائى ئالاقە قۇراللىرىدا كۈشكۈرتۈش ئېلىپ بارغانلارنىمۇ ئىزلەيمىز، چەتئەلدىن تاكسىم مەيدانىغا كەلگەنلەرنىمۇ تەكشۈرىمىز، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە نىمە ئىشى بار؟
    ھازىر بۇ يەردە بېشى ئوچۇق، ۋە ياغلىق چەگكەن بولۇپ 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بۇ يەردە بىرلىك، قېرىنداشلىق، باراۋەرلىك، ۋەتەن سۆيەرلىك بار. جىدەل، ۋاراڭ چۇرۇڭ، يېقىتىش، كۆيدۈرۈش يوق، شەپقەت بار، 18 كۈندىن بېرى كوچا-كوچىلاردا تېرورنى كۈشكۈرتكەنلەردىن، ياغلىق چەگكەن قېرىنداشلىرىمىزغا قول ئۇزاتقانلاردىن، جامەلەرگە ئاياقلىرى بىلەن كىرىپ ، ھاراق ئىچكەن، 3 كۈن ۋەقەنى ئىشغال قىلغانلاردىن، ھۇقۇق ئىچىدە چوقۇم ھېسابىنى سورايمىز.



    10 ماددىلىق ماي ئېيىدىكى پىلانلىرىمىز
    1- 46 مىليارد دوللارلىق ئىستانبۇلغا 3.ئايرۇپورت سېلىشقا پىلان قۇردۇق، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم، باشقىلار بۇنى ھەزىم قىلالمىدى، 46 مىلىيارد دوللار 2017 يىلىدا خىزمەتنى باشلايدۇ. ئاتاتۈرك ئايرۇپورتى ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتىدۇ، ئەمما ھازىر يىلدا 100 مىلىيۇن يولۇچىنى توشۇيدىغان ئايرۇپورت پىلانلاۋاتىمىز.
    2-ئەنقەرەدە ياپونىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتۈم، 22 مىلىيارد دوللارلىق بىر مەبلەغ بىلەن يادرو ئېنىرگىيە مەركىزى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىمزا قويدۇق. ياپونلار بۇنى فرانسۇزلار بىلەن قىلىدۇ، بۇ يەردىن بىز 3-سىنى تۈرك ئېنژىنىرلار بىلەن قىلىمىز.
    3-  3 مىليارد دوللار بىلەن 3-كۆۋرۈكنىڭ ئاساسى پىلانىنى قۇردۇق، بۇ يەردىن چوڭ تېز پويىزمۇ ئۆتىدۇ. 8 لىنىيەلىك يول ئېلىنىدۇ.
    4-ئىستانبۇل بازىرى 93 مىڭنىڭ ئۈسىتىگە چىقىپ رېكورتنى بۇزدى.
    5-مەركەز بانكىسى مەبلىغى بىز ۋەزىپىگە كەلگەندە 27.5 مىلىيارد دوللار ئىدى، ھازىر 135 مىلىيارد دوللارغا چىقىپ رېكورتنى بۇزدى.
    6-پايدا ئوتتۇرچە سانى يۈزدە 63. ئوتتۇرچە پايدا ماي ئېيىدا 4.61 بولدى، بىز نىڭ بۇ ئارىدا پايدىمىز 642 مىلىيارد. باشقىلار بۇنى ھەزىم قىلالمايۋاتىدۇ، بۇنچە پۇل نىمىشقا ئۇلارنىڭ يانجۇقىغا چۈشىدۇ دەپ. بۇ نىمىگە ئىشلىتىلدى؟ 16 مىڭ كىلومىتىر يول، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئېنىرگىيە مەركىزى، ئادالەت سارايلىرى، خەۋىپسىزلىك بىنالىرىغا ئىشلىتىلدى،،،،،،،،  2 مىلىيارد 800 مىلىيۇن دەرەخ ۋە كۆچەت ۋە مۇھىت ئاسراشقا ئىشلىتىلدى.
    7- 4 سۇغۇرتا دەرىجە قۇرۇلىشى تۈركىيەنىڭ سۇغۇرتا تۈرىنى ئاشۇردى.
    8- بىز ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا تۈركىيەنىڭ دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا قەرزى 23.5 مىلىيارد دوللار ئىدى. 14-مايدا ئاخىرقى ئۈلۈشنى تۆلىدۇق ۋە دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا بولغان قەرىز دەپتىرىنى يېپىۋەتتۇق. MHP, CHP ئۆز ۋاقتىدا قەرىزگە بۇغۇلدى ، بىز قەرىزنى تۆلىدۇق
    9- زورىيىشتا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشتا، تاشقى سودىدا يېڭى رېكورتلار يارىتىلدى.
    10- مۇرەسسە خىزمىتىدە(كۈرت مەسىلىسى) ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەر قازاندۇق، مۇرەسسە خىزمىتىدە تېرور ئاقسىدى، ھازىر دۆلەتنىڭ غەربى ۋە جەنۇبى ئىنتايىن ياخشى ھەم تىنچ، مېنىڭ خەلقىم ، ۋەتەندىشىم نىمىشقا بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلەشسۇن؟ قېرىنداشلارچە ياشىسۇن.

    دەرەخلەر، مۇھىت ئاسراش، گەزى باغچىسىنىڭ ئارقىسىدا يۇشۇرۇنغانلارنى ياخشى تۇنۇيمىز
    دەرەخلەر، مۇھىت ئاسراش، گەزى باغچىسىنىڭ ئارقىسىدا يۇشۇرۇنغان پايدا تاپقۇچىلارنى ياخشى تۇنۇيمىز، مىللىي ئىرادىنى ئوغرىلىغۇچىلارغا پۇرسەت بەرمەيمىز، ۋەيران قىلغۇچىلارنىڭ خەلقنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز. پۈتۈن تۈركىيە بىر يۈرەك ھالىتىدە، بىز بىرلىك ۋە باراۋەرلىكتىكى تۈركىيە. بۇ جۇمھۇرىيەت بىرلىكتە قۇرۇلغان بىرلىكتە يۈكسەلتىمىز، بىز 76 مىلىيۇن بىر بولىمىز، باراۋەر بولىمىز، بۇ دۆلەتتە قېرىنداشلىقنى مۇستەھكەملەيمىز، بىز ھەر بىر ۋەتەندىشىمىز بىلەن كەلگۈسىگە قاراپ يول ئالىمىز.ئەردوغان ئاخىرىدا سىلەردىن تۈرك بايرىقىنى بالكونلىرىڭلارغا ئېسشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن، دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

    (جان پولات)






    مەنبە؛-ئوكيان تورى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ziyaratqi + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32675
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 02:46:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايام تېخى  ئوكيان تورىدىن كۆرگەن ئىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 810
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10479
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10138 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:09:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قالتىس ھەقىيقى قابىلىيەت ئىگىسى ئىكەن شەيتانلار يۇقاپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:14:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ھۆرمەتكە سازاۋەر   ئادەمكەن بۇ، سۆزلىرىدىن چىقىپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86322
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس!!!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95698
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:26:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5376
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنۇ رەسىم ئەجەپ ۋاقتىدا تارتىلىپتۇ,بىر پارچە رەسمىدە بىر تالاي سۆزلەر يوشۇرۇلغاندەك.......قايسى دۆلەتنىڭ باشباكانى مۇنداق قىزغىن قارشى ئىلىشقا ئىرىشپ باققان؟توشەي ئېتىش بىلەن گۈل ئېتىش ئوخشىمايدۇ ئەلبەتتە، ئاللاھ ئىككى ئالەمدە دەرىجىسنى ئۈستۈن قىلسۇن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 03:39 PM  


كىبىر قىلمىغىن ، جاھىللاردىن بولمىغىن.
دۇنيادا كىبىر،جاھىللىق ۋە ئەخمەقلىقتىن زور كېسەل يوق.
قېرىلىقتىن باشقا داۋاسىز كېسەل ھەم  يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86925
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:38:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 972
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2986
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:42:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەت  دىگەن مانا مايەردە  نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئەردۇئانغا قارشى توۋلانغان نامايىش  ئۇرۇپ چىقىشلا ئاتىزىمنى  تەشەببۇس قىلىدىغان شۇئارلانىڭ  شۇنچە ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرغىنىغا قاراپ مەن تۇركىيىنى خاتا چۇشۇنۇۋالدىممۇ نىمە دەپ ئويلىغان، ئەمدى قارسام ئەردۇئان ئۇچۇن يىغىلغان ئاممىنىڭ  ئاتىزىمچى نامايىشچىلادىن تەڭلەشتۇرگىلى بوممايدىغان دەرىجىدە كۆپ ئكەنلىكىنى كۆرۇپ  تۇركىيەنى خاتا چۇشەنمىگىنىمنى ھىس قىلدىم ياشىسۇن تۇركىيە ياشىسۇن ھۆرمەتلىك رەجەپ تايىپ ئەردۇئان ..........

ھاياتلىغىمىزدا قىلغان ئشلىرىمىزدىن مەڭگۇ ئەكىس سادا ياڭرايدۇ.
ئشىتلىرى ھۆكىرەيدۇ تاشلىرى باغلاغلىق.......
سىزنى قانۇن قوغدايدۇ،قانۇن قامۇسىدىكى خەتلەرگە جان كىرگىچە ساقلاپتۇرۇڭ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93933
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:44:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش