|
|
|
|
مىكرو بىلوگلاردا قەشقەردە يېڭىدىن ئېچىۋىتىلگەن ‹‹چەۋەندازلار سارىيى›› توغرىسىدا پىكىرلەر ئاۋۇپ قالدى ، دىيىلىشىچە مەزكۇر سارايغا سىلىنغان مەبلەغ ناھايىتى زور بولۇپ ئۇنىڭ بىزىلىشىگىلا ئىككى مىليارد يۈەن سەرىپ قىلىنىپتۇ ، كىرىش بېلىتى بىر ئادەم 100 يۈەن ، بىر ۋاق تاماقنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى تەخمىنەن 200 يۈەن ، بىر كۈندە پەقەت 140 نەپەر مىھماننىلا قوبۇل قىلىدىكەن.
بايا يەنە بىرەيلەننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئاساسلانغاندا ساراينىڭ پۈتۈن قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مىمارچىلىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە قوللىنىلغان ئاساستا يېڭى دەۋىرگە ماسلاشتۇرۇلغان ئىكەن ، ھەتتا ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرىغىمۇ يۇقىرى مەدەنىيەت بويۇملىرى قوللىنىلىپتۇ ، شۇنىڭغا قارىغاندا بۇنى دىيارىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى شەھەمەتلىك تائام سارىيى دىيىشكە بولىشى مۇمكىن .
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە زالنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە قۇتادغۇبىلىكتىكى پارچىلەر ئويۇلۇپتۇ ، پۈتۈن زالدا ئۇيغۇر 12 مۇقامى ياڭراپ تۇرىدىكەن ، ئاندىن نۆۋەتتە ساراي ئىچىگە يەنە ئۇيغۇر مۇزىيى ، ئىلىكترونلۇق كۈتۈپخانا ، ئۆسمۈرلەر باغچا رايونى قاتارلىق رايونلار قوشۇلىۋىتىپتۇ . نۆۋەتتە مىكروبلوگلاردا بۇ ساراينىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس ئىچكىرىي رايونلاردىكى خەنزۇلارنىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرماقتا . ناۋادا بۇ ساراي توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار تورداشلار ئوتتۇرىغا قويساڭلار.
مەنبەسى : ئەلكۈيى مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-17 01:53 PM
|
|
|
|
|
|