مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6964|ئىنكاس: 42

تۈرك باھارىمۇ ياكى باھاردىن ۋاز كېچىشمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://anana05.blogbus.com

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7972
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9531
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 709 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 12:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاكسىم مەيدانىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش

تاكسىم مەيدانىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ تەقسىم مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
ئەرەب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەزىسى بۇ نامايىشنى تۈرك باھارى دەپ تەسۋىرلىسە، بەزى مەتبۇئاتلار ئۇنى باھاردىن ۋازكېچىش نامايىشى دەپ تەسۋىرلىمەكتە. يەنە باشقا مەتبۇتلاردا ھەر خىل تەھلىللەر ۋە كۆز قاراشلار ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. قىسقىسى، ئەرەب دۇنياسى تۈركىيەدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن تەقىب قىلىپ تۇرماقتا.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 12-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «تۈرك باھارىمۇ ياكى باھاردىن ۋاز كېچىشمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
تۈركىيەنىڭ تەقسىم مەيدانى يۈز بەرگەن 500 كىشىلىك نامايىشنىڭ بۇنچىلىك تېز چوڭىيىپ كېتىشىنى ۋە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشىنى ھېچكىم كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. 2011-يىلدىن بىرى ئەرەب باھارىنى كۆپ كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغان خەلق تۈركىيەدە چىققان بۇ نامايىشنىمۇ باھارغا ئوخشىتىپ، «تۈرك باھارى» دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىپ ئەردۇغاننىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، «تۈركىيە باھار پەسلىدە بولۇپ، ئۇنى قىش پەسلىگە ئۆزگەرتكۈسى كەلگەنلەر بار» لىقى مەلۇم. تەقسىمدىكى كىچىك بىر باغچىنىڭ ئورمانلىرىنى كېسىشكە قارشى قوزغالغان بۇ نامايىش تۈركىيەنىڭ يېرىمىغا قەدەر يېتىپ بارغانلىقى بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم باشقا مەقسەت بارلىقىدىن ئىشارەت بېرىدۇ.
چۈنكى، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى كىشىلەرگە ئورۇننى كېڭەيتىپ بېرىش ۋە ئۇ جايدىكى قىستىلاڭغۇلۇقلارغا خاتىمە بېرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكى شۇنچىلىك كۆپ تەشۋىق قىلىنىپ تۇرسىمۇ، بۇ كىچىك بىر مەسىلىنىڭ سىياسىي توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى گۇمان پەيدا قىلماقتا. دەل بۇ ۋاقىت تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىيىلەرنىڭ ئەردۇغان پارتىيىسىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقىنى تىرىلدۈرمەكچى بولغان سىياسىي كۈچ دەپ كېلىۋاتقان بىر ۋاقىت بولۇپ، ئەردۇغان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغۇچىلار خەلقنى قوزغاش ئۈچۈن باھانە تاپالماي تۇرغان بىر مەزگىل ئىدى. شۇڭا باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ پارتىيىسىدىكىلەر نامايىشچىلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىيىلەرنىڭ ئويۇنىغا كەلگەنلەر دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئەمما، نەق مەيداندا ھازىر بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپ سانلىقى سىياسىي ئەربابلار ئەمەس، بەلكى ئاۋام خەلق ئىكەن. بۇ ئەھۋالدا، ئادەمنىڭ بۇنچە كۆپ خەلقنىڭ بىرەر سىياسىي پارتىيىنىڭ غەرىزى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا، باشقا نېمە دەردى باردۇ؟ دېگۈسى كېلىدۇ. چۈنكى، باغچىدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ ئۇ جاينى تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە كېڭەيتىپ خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش جىنايەت ئەمەس. خەلق ئادەتتە مۇنداق كىچىك ئىشلار ئۈچۈن نامايىش قىلىپ مەيدانلارغا توپلانمايدۇ. خەلق پەقەت زۇلۇمغا ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى نامايىش قىلىدۇ. مانا بۇ، پۈتۈن دۇنيادا بولۇپ كېلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسى. ئەمما بىرەر باغچە مەسىلىسى ئۈچۈن خەلقنىڭ بۇنچىلىك غەزەپلىنىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش قىيىن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا يەنە يازغۇچى ئەھمەد ئىبنى راشىد ئەل سەئىد دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ پارتىيىسىگە قارشى چىققۇچىلار باش مىنىستىرنى دىكتاتور دەپ ئەيىبلەشتى. ھالبۇكى، تۈركىيەدەك ئەركىن سايلام بىلەن سايلىنىپ چىققان بىر باش مىنىستىرنىڭ ياكى رەئىس جۇمھۇرنىڭ دىكتاتورىلىق قىلىش خاھىشى بولمايدۇ، بولغاندىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەرنى دىكتاتورىلىق دۆلەتلەرگە قەتئىي ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. ئەردوغان 2002 يىلى ھاكىمىيەتكە چىققاندا ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ چەت دۆلەتلەرگە تۆلەيدىغان قەرزى26 مىليارد دوللارغا يەتكەن ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىن بىرى بۇ ئادەم تۈركىيە ئۈچۈن ئىشلەپ تۈركىيەنىڭ پۈتۈن قەرزلىرىنى ئۈزۈپ بولدى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن 17- قاتارغا تىزالىدى. تۈركىيەدە ھەربىر شەخسنىڭ يىللىق كىرىمى 2002-يىلىدا 2700 دوللار ئىدى. بۇ كىرىم 2013-يىلى كىرىشى بىلەن 12 مىڭ دوللارغا چىقتى. تۈركىيەنىڭ زاپاس پۇلى 135 مىلياردقا يەتتى، تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار 2002-يىلى 70 بولسا، ھازىر 170 كە يەتتى. خۇددى ئەردۇغاننىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا: «ھازىر تۈركىيە دۇنيادىن سۆز قىلمايدۇ، بەلكى دۇنيادا تۈركىيە ھەققىدە سۆز قىلىنماقتا» ئۇنداقتا، تۈرك خەلقى نېمە ئۈچۈن بۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىدۇ؟ بۇنچىلىك كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان، تۈركىيەنى دۇنياغا تونۇتقان بۇنداق بىر باش مىنىستىرغا نېمە ئۈچۈن قارشى چىقىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ، كۆپ كىشىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىشى ۋە شەرىئەت دۆلىتىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن، قارشى پارتىيىلەرنىڭ ئىغۋاگەرلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ئۆتكەن ھەپتىدە تۈركىيە پارلامېنتى ھاراقنىڭ ئېلانلىرىنى چەكلەش ۋە مەسچىتكە 100 مېتىر يېقىن جايدا ھاراق سېتىشنى چەكلەش توغرۇلۇق قانۇن تەكلىپىنى سۇنغان بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن تەكلىپىنى تۈركىيە رەئىسى ئابدۇللا گۈل ماقۇللىسا، قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مەزكۇر قانۇننى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى 6-مۇراتنىڭ ھاراق-شارابنى مەنئى قىلىش توغرۇلۇق چىقارغان قانۇنىغا ئوخشىتىپ، ئەردوغاننى يېڭى ئوسمان ئىمپېراتورى دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەردوغانغا مۇندىن باشقا تۆھمەتلەرمۇ بۈگۈنكى كۈنلەردە كۆپىيىپ كەتكەن. ھەممە خالىغىنىنى دەپ كەلمەكتە. بەلكى ئەردۇغان ئويلاپ قالىدىغاندۇ، بۇنچىلىك دۈشمەنلىك، بۇنچىلىك يامان كۆرۈش ۋە بۇنچىلىك قارشىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن قىلغان بۇ ئۆچمەس خىزمەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىمىدۇ؟ ياكى جازاسىمىدۇ؟

مەنبە: تورۈك خەۋەر

تېخمۇ نادىر تىمىلار ئەنئەنەبلوگىدا سىزنى كۈتىۋاتىدۇ: http://anana05.blogbus.com

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10174
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 6052 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 02:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نامايىشنىڭ تىنجىغانلىقىدىن خۇشالمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4396
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 641 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 02:54:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەھرىلەر قىلغان ئىش بۇ!!! كۆرىنىشتە باغچا بولسىمۇ ، ئەمىليەتتە نىيەت باشقا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 841
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تۈرۈكلەر ئالجىپ قاپتۇ، لىكىن مىنىڭچە يۇقىردىكى ماقالىدە دىگەندەك تۈركىيىدىكى بىر قىسىملار شەرىئەت دۆلىتى بولۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاددىي ئاممىنى كۈشكۈرتۈپ، بۇ ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى خالاس، لىكىن بۇ نامايىشمۇ تۈگەيدۇ. نامايىشتىن كىيىن قاتتىق بىر تىنتىش ئېلىپ بىرىپ، نامايىش قوزغىغانلارنىڭ كاتتىبېشىنى مەخپى بىر تەرەپ قىلسا بولغۇدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7561
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8206
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sewdaye1       باشلىق بولسىڭىز  تىز ئۆسكۈدەك ئەمىلىڭىز.   
نامايىش   تۇركىيەدە بولاپتۇ ....   ..  باشقا يەردە ئەمەس     

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95252
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2013-4-23
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
توردىمۇ كاتىپىڭىز بار بولدى... katipim.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16930
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1281 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 04:03:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sewdaye1 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 03:15 PM
بۇ تۈرۈكلەر ئالجىپ قاپتۇ، لىكىن مىنىڭچە يۇقىردىكى ماق ...

ھاھاھاھا-‹‹شىنجاڭ››چە كاللا بىلەن خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى كۈزەتسەك شۇنداق دىيىشكە مەجبۇر بولىمىز ھە؟

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 972
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2880
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 04:12:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامايىشچىلا  ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان بىر توپ ئاتىزىمچىلا ،تۇركىيە ئەسلىدىمۇ ئسلام دۆلىتى  پەقەت ھوقوق دىندارلارغامەركەزلىشىپ قالغاندا ھەددىدىن زىيادە مۇتئەسسىپ لىك  قىپ تۇرۋالغىنى ئۇچۇن ئاتا تۇرۇك ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمىلى شارائىتنى چىقىش قىلىپ  ئسلاھات ئىلىپ بارغان ئەمما مۇتەئەسسىپلەرتۇركيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمىلى شارائىتىنى نەزەرگەئالماي  غالجىرلاچە قارشىلىشپ  تۇرۋاغاچقا ئكىكى تەرەپنىڭ تىركىششى   ئاقىۋەت  تۇركىيىنى  ئاتىزىمغا باشلاپ قويدى ،بۇنىڭدىن كىيىن  تۇركىيىنڭ  دىمۇگىراتىك ئسلام دۆلىتى بولىشى مۇقەرەر  ،ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپىدۇ .ئككى تۆتتال بۇزۇقلانىڭ جاھاننى ئالتە بەشكۇن  ئوڭتەي- توڭتەي  قىلغانغا  جاھان ئۆزگۇرۇپ قاممايدۇ.

ھاياتلىغىمىزدا قىلغان ئشلىرىمىزدىن مەڭگۇ ئەكىس سادا ياڭرايدۇ.
ئشىتلىرى ھۆكىرەيدۇ تاشلىرى باغلاغلىق.......
سىزنى قانۇن قوغدايدۇ،قانۇن قامۇسىدىكى خەتلەرگە جان كىرگىچە ساقلاپتۇرۇڭ.

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14164
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5414 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 04:32:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sewdaye1 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 03:15 PM
بۇ تۈرۈكلەر ئالجىپ قاپتۇ، لىكىن مىنىڭچە يۇقىردىكى ماق ...

   بىر كۇرس تەشكىللەپ ، نامايىشنى باستۇرۇشتا نامى چىققان بىرەر مۇستەبىت دۆلەتكە ئاپىرىپ تەربىيلەپ تۈركىيىگە  قۇيۇۋەتسە بىر كۈن ئىچىدىلا ھىچنىمىنىڭ ئىزىنى قويماي تازىلايتتى ، بىراق شۇ كۇرس ھەققى قىممەت كىلەرمىكىن ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6949
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 04:34:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق جەمىيەتتە زىددىيەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش