مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4948|ئىنكاس: 32

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يالقۇن085

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14285
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1966 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:08:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       يېقىندا ،بىنادا ئولتۇردىغان بىر ئاغىينەمنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.ئەتىيازدا كىشىلەرنىڭ ئورمان قۇيۇش مەزگىلى يىتىپ كەلگەندە،ئاغىينەم ئىشىك ئالدىنىڭ مەنزىرسىنى كۆركەم قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملىك پايدىلنىش مەقسىتىدە ئۈزى ياخشى كۈرىدىغان ئۈژمە كۈچىتىدىن بىر تۈپ كۈچۈرۈپ قويۇپتۇ.ئىككى كۈن بۇلا بولماي بۇ كۈچەت يوق بۇلۇپ كېتىپتۇ.  بەلكىم باشقىلار بۇنداق كۈچەتنى تاپالمىغان بولسا يۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، قايتا يەنى بىر تۈپ كۈچۈرۈپ قۇيۇپتۇ.قارىسا ئەتىسى بۇ كۈچەتمۇ يۇلۇپ تاشلاپ قۇيۇلۇپتۇ.بۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئىشىمىدۇ دەپ ئويلاپ، قايتىلەتتىن ئۆز ئورنىغا كۈچۈرۈپ قۇيۇپ،سىرتتىن نازارەت قىلىپتۇ. قارىسا ،ئەسلىدە خېلى كېلىشكەن بىر خەنزۇ يولداش مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن.بېرىپ ئۇنىڭدىن،- بۇ نىمە قىلغىنىڭ؟نىمىشقا ئۇنداق قىلىسەن ؟ دەپ سورىسا،-ئۈژمە دەرىخى نامراتلىقىنى چىللامىش ھەم كىشىلەرنىڭ ئۈلىمىنى تىلەرمىش.دەپتۇ.ئەسلىدە ئۇ شۇ مەخسەتتە يۇلۇپ تاشلىۋەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاغىينەم؛-يوغان ئۈژمە بولسا خېلى يىراق يەرلەردىن كېلىپ ، ئۈژمىنىڭ ئۇچىغا چىقىۋېلىپ يەيدىكەنسىلەر بۇ ئەجەپ ئۆلۈمنى تىلىمەيدىكەن دەپ ئازراق كايىپ قۇيۇپتۇ-دە ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىلى ئۈژمە دەرىخىنى قۇيالماپتۇ.

        ئۇيغۇرلارنىڭ  ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى
       ئىشىك ئالدىغا ئۈجمە دەرىخى تىكىش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى دەۋردىكى دەرەخ تۇتىمى بىلەن دەرەخنى ئۇلۇغلاش قارىشىدىن شەكىللىنىپ بارلىققا كەلگەن خاس ئادەت. بۇ خىل ئادەتنى ھازىرمۇ يېزا شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ. ئەجدادلار ئولتۇراق ئۆي ياساپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ئادىتىگە كۆچكەندىن باشلاپ، ئۆينى سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق – ئۆستەڭ بويىغا سېلىش، ئۈژمە دەرىخى تىكىپ ئىشىك ئالدىنى كۆكەرتىشنى ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرغان.
       ئۈژمە دەرىخى باراقسان ئۆسىدىغان، ئۆمرى ئۇزۇن مىۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ مىۋىسى ياز پەسلىنىڭ بېشىدا، باشقا مىۋىلەر پىشىشتىن بۇرۇن پىشىدىغان، يۇمران ئەتلىك، سۇلۇق، شىرىن مىۋە. ئۇنىڭ تۈرلىرى ئاق ئۈژمە، قارا قىزىل رەڭلىك ئۈجمە ۋە چېقىر ئۈجمە دېگەندەك ئۈچ خىل بولىدۇ. ئاق ئۈژمە دەرىخى ئەڭ كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ. مىۋىسى ئىنتايىن شىرىن ھەم شىپالىق.
       ئۈژمە خاسىيەتلىك دەرەخ. ئۇ كىشىلەر كۈزدە تەييارلىۋالغان ھۆل، قۇرۇق يەل – يىمىشلەر ئاخىرلاشقان، ئاشلىق تۈگەپ قالغان سېرىقتال مەزگىلدە پىشىپ، ئىنساننىڭ مىۋە يىيىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ قۈۋەت تولۇقلايدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈجمە دەرىخىنى ئىشىك ئالدىغا تىكىشىدە يەنە ساۋاپ تېپىش قارىشىمۇ بار. ئۈژمە پىشقاندا ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەن غېرىپ – غۇرۋالار، يولۇچىلار، بالىلار ئۈژمىنى ئېرغىتىپ يېسە ئۇسسۇزلىقى قانىدۇ. ئۈژمە يېگەنلەر ئۈژمە دەرىخى تىككۈچىگە "قولى دەرت كۆرمىسۇن، نازۇ – نېمەتلىرى مول بولسۇن" دېگەندەك ياخشى  تېلەكلەرنى تېلەيدۇ. "تۈركى تىللار دىۋانى"دا، ئۈژمە دەرىخى بىر قانچە جايدا تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە دەرەخ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
      ئۈژمە پىشقاندا ئۈجمە دەرىخى بار ئادەملەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا مەھەللىدىكىلەر كېلىپ ئۈژمە يېيىشىدۇ، شەھەرلەردىن كىشىلەر توپلىشىپ يېزىلارغا چىقىپ "ئۈژمە سەيلىسى" قىلىپ، ئۈژمە يەپ، ئۈژمىنىڭ خاسىيىتىدىن بەھرە ئالىدۇ.

ئۈژمىنىڭ شىپالىق رولى
       ئۈژمىنىڭ جىگەر، مېڭىنى قۈۋەتلەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تەمرەتكىنى ساقايتىش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىق روللىرى بار. ئاقىل ئەجدادلار ئۈژمە ئىككىنچى قېتىم پىشقاندا ئۇنىڭدىن "ئۈژمە شىرنىسى" ياساپ، قىش پەسلىدە ئەتتىگەنلىك غىزادا 1 ~ 2 قوشۇقتىن ئىچىشنى ئادەتلەندۈرگەن. ئۈژمىنى قۇرۇتۇپ "ۋاسالغۇ" قىلىپ، ئىستىمال قىلىشنىمۇ غىزالىنىش ئادىتى قىلغان.

ئۈژمە شىرنىسى تەييارلاش ئۇسۇلى:
       پىشقان ئۈژمىنى داستىخانغا ئېرغىتىپ، بىللە چۈشكەن يوپۇرماق، شاخچىلارنى ئېلىۋېتىپ، قازانغا تۆكىمىز. قۇرۇق سۆگەت چىۋىقىنى يېقىلغۇ قىلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىمىز. ئۈژمە تېرىپىدىن ئايرىلغاندا چىۋىق چويلا بىلەن (چويلا ھۆل سېلىنمىسۇن) تېرىپىنى سۈزىۋېتىپ، ئۈژمە سۈيى قارامتۇل رەڭگە كىرگۈچە قاينىتىمىز. شىرنە تەييار بولغاندا قۇرۇق قاچىغا ئېلىپ ساقلىساق بولىدۇ. شىرنىنىڭ قۈۋىتى كۈچلۈك، شىپالىق رولى چوڭ بولىدۇ.
ۋاسالغۇمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدە كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

       ئۈژمە دەرىخى تىكىش ئۇيغۇرلارنىڭ پىلە بېقىش ۋە پىلىدىن يىپەك چىقىرىپ"ئەتلەس" ، "شايى تاۋار" قاتارلىق نەپىس رەختلەرنى توقۇپ، ئۇنىڭدىن خاس كىيىملەرنى تىكىپ كىيىشكە ئاساس سالغان.
ئۈژمە دەرىخى ياغىچى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە ياغاچ. ئۇنىڭ ياغىچى چىڭ، چىداملىق، ئويۇش، يونۇشقا ئەپلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن تەڭنە، ئاياق، قوشۇق ئويۇلىدۇ. چالغۇ ئەسۋاپلاردىن تەمبۇر، راۋاپ، دۇتتار، داپ چەمبىرىكى، سۇناي دەستىسى، ناغرا قاتارلىقلارنى ياسىسا كۆركەم بولىدۇ.

مەنبە: "ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر" دىن

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 12:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تويغىچە ئۈجمە يېمەي ياز چىقىپ كەتتى-دە

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95682
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95682
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:11:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:20:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ئۈجمىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلمىسە كېرەك!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95434
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:28:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن يۇرتلاردا دەرەخكە چىقىۋىلىپ جىق يەيدىغان ، يۇرتقا   قايتىمىغان بۇ 5 يىلدىن بىرى يەپمۇ باقمىدىم .بۇ ‹‹كاتتا›› شەھەردە ئۇژمە دەرىخىنى ئاندا -ساندا كورگىلى بولسىمۇ ،مىۋىسى ئەمدى پىشىپ تۇرۇشى ھۇكۇمەتكام ‹‹خەلىققە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ›› ئۇچۇن ، ھەپتىدە بىر  ئۇ دورىنى چاچتۇق ،بۇ دورىنى چاچتۇق دەپ يىگىدەك يىرىنى قويمىغان . مىۋىچىلەر ئەكەلگەنلىرى بولسا قىممەتلىكىگە قارىمىسىمۇ ، ئوز قولى بىلەن يىڭىلا دەرەختىن ئۇزۇپ يىگەندەك ھۇزۇر بېغىشلىيالمىغان . ھەي..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94827
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرۇتتا دەششەت يۇغان قارا ئۇجمە با ،باللىق چاغلىرىمدا يەيتۇق ،بەك يىگۇم كەپ كەتتى،يۇرۇتتا بولمىغاچقا يىيەلمىدىمدە،بىزنىڭ ھۇيلىدا كىچىك بىر تۇپ با ،كۆپ ئادەملە ھويلىسدىكى ئۇجمىلەنى قۇمرىۋەتتى،كىچىك ۋاختىمىزدا كىمنىڭ ھويلىسغا كىرسەك باتى ئۇجمە، باشقىلانىڭ ئۇيدە ئادەم بوسا بوممىسا يەپ چىكتىۋىرتۇق ،ھازىرقى ئادەملەدە مىھرى مۇھەببەت بەك سۇسلۇشۇپ كىىتىپ باردۇ ،خوشنىدارچىلىق مەدىنىيتىمىز بار بارا سۇسلۇشۇپ كىتىپباردۇ ،

ئۆتمۈشىڭنى ئۇنۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3182
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8907
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 2380 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:43:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئەھۋال دادام ئولتۇرغان بىنادىمۇ يۇز بەرگەن ،دادام ئىككىنچى قەۋەتتە بىرىنچى قەۋەت خوشنىسى خەنسو ئىدى، دادام ئاتايەن يېزىدىن بىر تۈپ ئۈجمە كۆچىتى ئەكىلىپ تىكىپ قويغانتى ،بۇ يولداش ئەرىز قىلىپ ئالدۇرۋەتتى

dawir111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:45:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 02:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا چوڭ 2 تۇپ ئۇجمە بار . بۇ يىل بەك ئوخشىدى .شۇنداق سۇلۇق ،شۇنداق تاتلىق، شۇنداق شىرىن ، شۇنداق مەزىلىك ..دوسلارنىڭ ۋاختى بولسا يەپ كىتىشكە تەكلىپ  قىلىمەن  .

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش