|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۈبھى تور ژۇرنىلىنڭ كونا-يېڭى ئوقۇرمەنلىرى، ژۇرنىلىمىزنىڭ 3-سانى كېچىكىپ بولسىمۇ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ۋاقتىدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنالمىغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز. سۈبھى ژۇرنىلى تۇنجى سان چىققاندىن باشلاپ، ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشى، سۈبھى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاپ مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، بارغانسىرى مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، سۈپەت جەھەتتىن ئاز بولمىغان يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى، گەرچە قىلغانلىرىمىز ئەلنىڭ ھەقىقىي رازىلىقىدىن تېخى يىراق بولسىمۇ، لېكىن بىز تىرىشىۋاتىمىز ھەم ئاللاھ خالىسا داۋاملىق تىرىشىمىز. بىز يېقىندا سۈبھى گۇرۇپپىسى قارمىقىدا يەنە ئۈچ تارماق گۇرۇپپا تەسىس قىلدۇق.
بىرىنچى گۇرۇپپا سۈبھى تەرجىمە گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىدا ھازىر تۆت ئادەم بار، كېيىن داۋاملىق ئەزا قوبۇل قىلىمىز،ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ،ئەمما ئەزا بولغۇچىدىن مەسئۇلىيەتچانلىق، مىننەت قىلماسلىق، ئەستايىدىللىق ۋە قىزىقىش روھى تەلەپ قىلىمىز، نىشانىمىز ھەمكارلىشىپ ئەلگە نەپ تەگكۈدەك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش. قالغان تەپسىلاتلار يەنە بىرمەخسۇس يازمىدابايان قىلىندى. بۇ توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمىز.
سۈبھى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكى ئۈلگىلىك شەخس ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ياكى ئەدەبىي ئاخبارات تەييارلاپ، ئەلنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئاز-تولا نەپكە ئېرىشتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ شۇ شەخسلەردىن ئۈلگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش. بۇ گۇرۇپپىغىمۇ ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ، لېكىن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى، بايقاش ۋە تىل ئىقتىدارى تەلەپ قىلىمىز. بۇ گۇرۇپپىغا ئىمكانقەدەر شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردىن ئاز دېگەندە بىردىن ئەزا قوبۇل قىلىنىدۇ.
سۈبھى تېخنىكا گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپا ئەسەر قوبۇل قىلىش، ژۇرنالنى بەتكە تىزىش،تارقىتىش،مالىيە، تەشۋىقات قاتارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، بەلكىم كېيىنچە ھەرخىل كومپىيۇتېر بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەش، دەرسلىك ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇ جەھەتتە، بىز مەلۇم تېخنىكا ئىگىلىرىنىڭ قوللىشى، ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق باشقىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىشىگە موھتاجمىز، ئوخشاشلا تەكلىپ-پىكىر، تېخنىكا ياردەملىرىنى قوبۇل قىلىمىز.
ئەگەر يۇقارقى گۇرۇپپىلارنىڭ خالىغان بىرىگە ئەزا بولماقچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قېرىنداشلار، قەلبىمىزدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش نىيتىمىز بار-يۇ،لېكىن ئىقتىدارىمىز، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى قاتارلىقلارنىڭ كەمچىللىكى، پىلانلاش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق جەھەتتە يېتەرسىزلىكلىرىمىزنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولالمىدۇق، ياكى سۈپەتلىك قىلىپ بولالمىدۇق. شۇڭا ھەر ساندا تەكرارلاۋاتىمىز، بىز قوللاشقا،تەكلىپ-پىكىر، خالىس ياردەمگە موھتاج. ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئىشىڭلارغا ئۇتۇق، ھاياتىڭلارغا سائادەت تىلەيمىز.كەڭ ئىجادىيەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىجادىي قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇلارغا ئاز-تولا ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىلھام ئاتا قىلىش، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، تور ژۇرنىلىمىز بۇ قېتىمدىن باشلاپ مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىنى يولغا قويدى. مۇكاپات بۇيۇمى كىتاب ياكى نەق پۇلنى ئاساس قىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلارغا بىزئەڭ تېز سۈرئەتتە پوچتىدىن مۇكاپات بۇيۇمىنى يەتكۈزىمىز ياكى بانكا ھېساباتىغائۇرۇپ بېرىمىز. ئەلۋەتتە مۇكاپات بۇيۇمى بىلەن تەمىنلەيدىغان ساخاۋەتچى، مەرىپەتپەرۋەرلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.بىلنۇر بلوگى: www.bilnur.com ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرى: www.uystudent.com سۈبھى ئېلخەت ئادرىسى:svbhii@163.com بۇ سان مۇھەررىرلىرى : ئابدۇسەمەد ئابدۇخالىق، ئابلىز ئەخمەت، مىنەۋەر تۇرسۇن.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: سۈبھى گۇرۇپپىسى
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن 3-سان چۈشۈرۈش
2-سان چۈشۈرۈش 1-سان چۈشۈرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-16 07:25 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-17 06:30 AM):
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن 3-سان چۈشۈرۈش 2-سان چۈشۈرۈش 1-سان چۈشۈرۈش
|
|
|
|
|
|