ئۇيغۇر (تۈرك) باش كېيىمى ۋە ئاتۇش دوپپىسى
مۇھەممەد قادىر بارخان
باش كېيىم مەدەنىيىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. جۈملىدىن، ئۇيغۇر (تۈرك) باش كېيىمى ئۇيغۇر (تۈرك) مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئون مىڭ يىلدىن ئاشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىپتىدائىي ئىنسان ئىزنالىرىدىن يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان تاش قىيا سىزمىلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر (تۈرك)لەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجداتلىرى ئۆزلىرىنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى ۋە باشقا ئالاھىدە گەۋدىلىك ئەزالىرىنى باش كېيىمى قىلىپ، ئىپتىدائىي جامە سورۇنلىرىدا نامايەن قىلىشقا باشلىغان. تۇنجى باش كېيىم، دائىملىق تەبىئەت ھادىسلىرىدىن قار، يامغۇر، بوران ۋە ئىسسىق-سوغاقتىن ساقلىنىشتا باش قىسمىنى قوغداش زۆرۈرىيىتىدە ئەڭ دەسلەپ دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقى ۋە كەڭرەك بولغان يوپۇرماقلارنى باشلىرىغا ئارتىۋېلىش بىلەن پەيدا بولغان بولسا، كېيىنچە ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئورمانلار ۋە يايلاقلاردىكى ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ۋە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئۈنۈملۈك تاقبىل تۇرالايدىغان كەركىدان، كالا قاتارلىقلارنىڭ مۈڭگىزىگە تەققاسلانغان باش كېيىملەرنى كېيىپ، كۈندۈلۈك ئوۋ پائالىيىتىدە يىرتقۇچلاردىن قوغدۇنۇپ قالالايدىغان بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداشتىكى بۇنداق دەسلەپكى تەجىربە، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدا ئۆزلىكسىز داۋاملىشىدىغان تۈنجى باش كېيىم مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «فەرغانە سايمالتاش قىياسىدىكى كۈنگە سېغىنىش ئۇسۇلى كۆرۈنىشلىرى»گە سەپسېلىپ قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ باش كېيىمىدە مۇڭگۈزگە ئوخشايدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز.
1-رەسىم. فەرغانە سايمالتاش قىياسىدىكى كۈنگە سېغىنىش ئۇسۇلى كۆرۈنىشلىرىدىكى مۈڭگۈزلىك باش كېيىم ئومۇمىي كۆرنىشى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 306-بەت)
2-رەسىم. فەرغانە سايمالتاش قىياسىدىكى كۈنگە سېغىنىش ئۇسۇلى كۆرۈنىشلىرىدىكى مۈڭگۈزلىك باش كېيىمى يەككە كۆرۈنىشى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 306-بەت)
3-رەسىم. تۇرپاننىڭ پىچان سۇ بېشى كەنتىدىن تېپىلغان 2400 يىللار ئىلگىرىكى جەسەتنىڭ 45 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى باش كېيىمى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 305-بەت)
4-رەسىم. چەرچەن زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان 3000 يىللار ئىلگىرىكى يۇڭ تەلپەك («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 305-بەت)
ئۇيغۇر (تۈرك) ئەجداتلىرىنىڭ باش كېيىمىنى 1) ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى باش كېيىملەر؛ 2) قۇللۇق (ئاتەشپەرەسلىق) دەۋرىدىكى باش كېيىملەر؛ 3) پېئوداللىق (بۇددىزىم ۋە شامانىزىم) دەۋرىدىكى باش كېيىملەر؛ 4) كاپىتالىزىم ۋە سوتىسيالىزىم دەۋرىدىكى يەنى ئۇيغۇر (تۈركى) مىللەتلىرىنىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى باش كېيىملەر –دەپ ھەرقايسى دەۋىرلەر بويىچە تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى باش كېيىملەر ئاساسەن ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىكى ئۆڭكۈر، ئورمانلىق، سازلىق، يايلاق ۋە ساھىل (دېڭىز، كۆل ۋە دەريا ساھىلى) قەۋملىرىنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئۆزىنى بەھەيۋەت كۆرسىتىشتە ئىشلەتكەن مۈڭگۈز ۋە ئۇزۇن قالپاقلار تىپىدىكى باش كېيىملەر، جامائە ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالاھىدە باش كېيىمىلىرى (1- 2- 3- 4- رەسىملەردىكىدەك).
قۇللۇق جەمئىيەتتىكى يەنى ئاتەشپەرەسلىك دەۋرىدىكى باش كېيىملەر ئاساسەن، قوياشقا ئىتىقات قىلىش خاراكتىرىدىكى ئىپتىدائىي ئەنئەنە باش كېيىمى، پادىشاھلارنىڭ ھەرخىل ھەيۋەتلىك شاھ تاجى ۋە ھەرخىل ئېسىل باش كېيىمى، قۇلدارلار (يۇقۇرى تەبىقە، ئەزگۈچىلەر سىنىپى) باش كېيىمى ۋە قۇلدارلىق ھاكىمەيتنى قوغدىغۇچى دۆلەت ئارمىيىسىدىكى ئەسكەر ۋە ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەل پەرقى بويىچە ئۇرۇشتا كېيىدىغان ھەرخىل دوبۇلغىلىرى، قۇللار (تۆۋەن تەبىقە، ئېزىلگۈچىلەر سىنىپى)نىڭ ئادەتتىكى باش كېيىمى (5-رەسىمدىن 15-رەسىمگىچە).
5-رەسىم. ئاتۇش ئازاقتىن تېپىلغان 5400 يىللار ئىلگىرىكى «ئوغۇزخان»نى تەۋەللۇد قىلىۋاتقان ئايخاقاننىڭ باش كېيىمى («ئوغۇزنامە»، 1-بەت)
6-رەسىم. ئايخاقان باش كېيىمىنىڭ يان كۆرىنىشى
7-رەسىم. قەدىمكى (مىلادىدىن ئىلگىرى) گرېك قاچىسىغا سىزىلغان سىكىف (ساكئۇد)لارنىڭ باش كېيىمى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 304-بەت)
ئۇيغۇر (تۈرك)لەرنىڭ باش كېيىمىنى ئەڭ بۇرۇن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين مىلدىدىن بۇرۇن 300 يىللاردا تىلغا ئالغان بولسا، ئىككى مىڭ يىللار مۇقەددەم «تارىخى خاتىرىلەر»دە ۋە مىڭ يىللار مۇقەددەم «تۈركى تىللار دىۋانى»دا يېزىقتا تەسۋىرلەنگەن. مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز «تۈركى تىلار دىۋانى»دا: «...زۇلقەرنەين ئۇيغۇرغا يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹ئىنان خۇزخۇرەند – بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ› دەپتۇ...» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 151-بەت) –دېگەن ئالاھىدە باياننى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تىلىدىن بېرىپ، مىلىدىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر (تۈرك) باش كېيىمىنىڭ خۇددى «لاچىن قاناتلىرى»غا ئوخشايدىغانلىقىنى (7-رەسىمدىكىدەك قەدىمكى گرېك قاچىسىغا سىزىلغان سىكىفلارنىڭ باش كېيىمى) ھالىتىدە تەپسىلى خاتىرىگە ئالغان.
8-رەسىم. نەقشى رۇستەمگە 2500 يىللار ئىلگىرى دارا ئىشلەتكەن ساك ئەسىرلىرىنىڭ باش كېيىمى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 304-بەت)
9-رەسىم. ياغا زەي تارتىۋاتقان سىكىف (ساكئۇد) باش كېيىمى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 304-بەت)
10-رەسىم. سۇنۇق تېڭىۋاتقان ساك باش كېيىمى (قاچىغا ئىشلەنگەن) («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 304-بەت)
7-8-9-10- رەسىملەردىكى ئۇيغۇر (تۈرك)لەر ئەجدادىنىڭ باش كېيىمى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تىلغا ئالغان
ۋە مەھمۇت قەشقىرى يېزىققا ئالغان تەسۋىر بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ
باشقا قەبىلە ۋە باشقا مىللەتكە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئپىتىخارلىق پەرقلىق باش كېيىمگە ئېگە ئىكەنلىكىنى
كۆرسىتىدۇ.
11-رەسىم. كۈنەستىن تېپىلغان 2500 يىللار ئىلگىرىكى مىس ھەيكەلنىڭ ئۇزۇن قالپىقى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 305-بەت)
12-رەسىم. سىكتاي سارماتىنلارنىڭ ئارقار قوندۇرۇلغان دولبۇلغىسى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 308-بەت)
13-رەسىم. ئالما ئاتا «ئېسكى قورغان قەبرىگاھلىقى»دىن تېپىلغان ساك شاھزادىسىنىڭ ئۇزۇن دوبۇلغىسى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 301-بەت)
14-رەسىم. لوپنۇرنىڭ شىمالىدىن 1980-يىلى تېپىلغان 3600 يىللار ئىلگىرىكى «كىروران گۈزىلى»نىڭ باش كېيىمى («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا»، 302-بەت)
15-رەسىم. يەركەندىن تېپىلغان ئۇچلۇق تەلپەك
تارىختا چارۋىچىلىقچىن دېھقانچىلىقنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى ۋە چارۋىچىلىق-دېھقانچىلىقتىن قولھۈنەرۋەنچىلىقنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر (تۈرك)لەر قەۋملىرىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسمى يەنىلا قەدىمكى ھەيۋەتلىك باش كېيىملەرنى ساقلاپ قېلىپ ئۇنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ بۈگۈنكى يايلاق مىللەتلىرى باش كېيىمى سەۋىيىسىگە كۆتۈرگەن بولسا؛ قولھۈنەرۋەنچىلىك ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىر قىسىم ئۇيغۇر (تۈرك) قەۋملىرى قەدىمكى ئەجداتلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك باش كېيىملىرىنى ئاستا-ئاستا ئىسلاھ قىلىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر (تۈرك) سىپتا باش كېيىمى ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر (تۈرك) باش كېيىمى ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىپ؛ بىرى، يايلاق مىللەتلىرى باش كېيىمى؛ يەنە بىرى، دېھقانچىلىق مىللەتلىرى باش كېيىمى خاسلىقىنى تەشكىل قىلدى.
دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۇيغۇر (تۈرك) مىللەتلىرى باش كېيىمىنىڭ بارغانسىرى رەڭدار، سىپتا، يارىشىملىق ۋە زامانىۋىلىققا ئېگە بولىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىر قەدەر تىنچ ۋە بېخەتەرلىككە ئېگە بولۇپ، ئۇ يايلاق مىللەتلرىنىڭ ئەتراپىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچراشتەك دائىملىق خەۋپكە ئېگە بولمىغاچقا ئەسلىدىكى ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك باش كېيىمىنى دادىل ئىسلاھ قىلالىغان.
16-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (1)
17-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (2)
18-رەسىم. بۇددىزىم دەۋرىدىكى باش كېيىم (3)
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-16 11:35 PM