مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 986|ئىنكاس: 4

سالىم ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەر ئىبنى خەتتاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:05:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                 سالىم ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەر ئىبنى خەتتاب
                             (ئالىم ۋە ئەمەل قىلغۇچى)
       «سالىم ئىشەنچلىك، بايان قىلغان ھەدىسى كۆپ، ئالىجاناپ، پەرىزكار ئادەم ئىدى.»
        _ ئىبنى سەئىدى
       «تەقۋالىق، پەزىلەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆز زامانىسىدا سالىم ئىبنى ئابدۇللادىن
        باشقا ئالدىنقىلارغا ئوخشايدىغان بىرسى يوق  »
        _ ئىمام مەلىك

بىز ھازىر ئۈمەرۇل فارۇقنىڭ خەلىفىلىك دەۋرىدە... مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىسى. مۇسۇلمانلار پارىس شاھلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسى- يەزدەجىردتىن غەنىمەت ئالغان نەرسىلەر بىلەن جانلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شاھلارنىڭ ئۈنچە- مەرۋايىتى بىلەن تاجلىرى، ياقۇت بىلەن زىننەتلەنگەن بەلباغ، كەمەرلىرى... ياقۇت ۋە مارجان بىلەن بىزەلگەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان قېلىچلارمۇ بار ئىدى. بۇ زور كۆپ، قىممەت باھالىق بايلىقلاردىن باشقا نۇرغۇن ئايال ئەسىرلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەزدەجىردنىڭ ئۈچ قىزىمۇ بار ئىدى. ئۇلارنى ئەلى (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى تاللاش ئىختىيارلىغى بېرىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى، ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەيىننى تاللىدى ۋە زەينۇل ئابىدىيننى تۇغدى. ئىككىنچىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنى تۇغدى. ئۇ مەدىنىدىكى يەتتە دىنى ئالىمنىڭ بىرى- قاسىمنى تۇغدى. ئۈچىنچىسى ئۈمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللانى تاللىدى. ئۇ ئۈمەر ئىبنى خەتتابنىڭ نەۋرىسى، ئىش- ھەرىكەتتە بەك ئوخشىمايدىغان سالىمنى تۇغدى.
قېنى كېلىڭلار! ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى سالىمنىڭ ھاياتىدىكى نۇرلۇق كۆرۈنۈشلەرگە نەزەر سېلىپ باقايلى: اللە ئۇنىڭدىن، دادىسىدىن ۋە بۇۋىسىدىن رازى بولسۇن!
ئابدۇللانىڭ ئوغلى سالىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرغان، دەپنە قىلىنغان ۋە ھىجرەت قىلغان ئورۇن- مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە تۇغۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىد- بۇيلىرى بىلەن خۇشپۇراقلىققا چۆمگەن، ۋەھىينىڭ نۇرى بىلەن يۇرىغان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى. كۈندۈزى روزا تۇتىدىغان، كېچىسى ناماز ئوقۇپ ئۇخلىمايدىغان، پەرىزكار ئابىد دادىسىنىڭ يېتەكلىشىدە تەربىيەلەندى. ئۈمەر ئىبنى خەتتاب دادىسىنىڭ ئەخلاقىنى ئۈگەندى...دادىسى ئوغلى سالىمدا باشقا قېرىنداشلىرىنى بېسىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە تەقۋالىقنىڭ ئىپادىلىرىنى، ئىسلامنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆردى. ئۇنىڭ خارەكتىرىدە ئىسلامنىڭ خىسلەتلىرى، قۇرئاننىڭ ئەخلاقىنى بايقىدى- دە، ئۇنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ ئەتىۋارلىدى. ھەتتا بۇ توغرىسىدا مالامەت قىلغۇچىلارغا مۇنداق دېدى:
- ئۇلار ماڭا سالىم توغرىسىدا مالامەت قىلىدۇ، مەنمۇ ئۇلارغا مالامەت قىلاي. سالىم مېنىڭ كۆز قارچۇقۇم.
ئۇنىڭغا ئۆزى بىلىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى سۆزلەپ بەردى، اللەنىڭ دىنى - ھۆكۈملىرىنى ئۆگەتتى، اللەنىڭ كىتابىدىن تەلىم بەردى، ئاندىن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىگە ئېلىپ باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ساھابە كىراملار بىلەن ئاۋات ئىدى. ياش يىگىت سالىم مەسجىدنىڭ تۇۋرۈكلىرىدىن قايسى بىرىگە نەزەر سالسا پەيغەمبەرلىكنىڭ نۇرى ۋە خۇشبۇيى بىلەن يۇرىغان نۇرنى كۆرەتتى، قەيەرگە قارىسا ياكى قۇلاق سالسا ياخشىلىقنى كۆرەتتى ياكى ياخشىلىقنى ئاڭلايتتى، شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭغا نۇرغۇن ساھابىلاردىن بىلىم ئېلىش پۇرسىتى كەلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىنقىلىرى: ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبۇ رافىئە، ئەبۇ لۇبابە ۋە زەيىد ئىبنى خەتتابلار ئىدى. بۇنىڭغا دادىسى ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەرنىڭ تەلىم - تەربىيەسى قۇشۇلاتتى. سالىم ئۇزاق ئۆتمەي مۇسۇلمانلارنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىرىگە، تابىئىنلارنىڭ دىنى مەسىلىسىنى سورايدىغان، دىننىڭ قانۇنلىرىنى ئۆگىنىدىغان، دىنى ۋە دۇنياۋى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتا تايىنىدىغان مەدىينىدىكى دىنى ئالىمنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ۋالىيلار، قازىلار بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلسە مەدىينە ئالىملىرىنىڭ يېنىغا بېرىشقا بۇيرۇيتتى. ئۇلار بىرەر مەسىلىگە يۇلۇقسا ھەممىسى يىغىلىپ قاراپ چىقىراتتى، ئاندىن ئاشۇ مەدىينە ئالىملىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ھۆكۈم قىلاتتى. ۋالىيلارنىڭ سالىم ئىبنى ئابدۇللانىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىپ، كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىش قىلغىنى- ئەڭ تەلەيلىك، كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، خەلىفىلەرنىڭ قارىشىدا ئىشەنچلىك كىشى بولاتتى. ئەمما ئۇنىڭ پىكىرىگە قارشى چىققانلارغا مەدىينە تار كېلىپ ھۇقۇقىنى ساقلاپ قالالمايتتى. بۇلارنىڭ مىساللىرىدىن بىرى:
ئابدۇررەھمان ئىبنى زەھھاك يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك خەلىفە ۋاقتىدا مەدىينىگە ۋالى بولدى. ھۈسەيىن (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ قىزى فاتىمە تۇل قېلىپ، بالىلىرىنىڭ ئالدىدا قالدى. ئابدۇررەھمان ئىبنى زەھھاك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ توي قىلىش تەلىۋىنى قويدى. فاتىمە:
- اللە بىلەن قەسەمكى، توي قىلغۇم يوق. بالىلىرىم بىلەن تۇرىۋاتىمەن. شۇلارغا قارايمەن، - دېدى.
ئابدۇررەھمان چىڭ تۇرىۋالدى. فاتىمە ئۇنىڭ يامانلىق قىلىشىدىن قورقماستىن، سەۋەپ كۆرسىتىپ ماقۇل بولمىدى. ئابدۇررەھمان ئۇنىڭ ئۇنىماي تۇرىۋالغانلىغىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:
- اللە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ماڭا ئايال بولۇشقا رازى بولمىساڭ، چوڭ بالاڭنى تۇتۇپ: ھاراق ئىچتى- دېگەن تۆھمەت بىلەن دەررە ئۇرغۇزىمەن، - دېدى.
فاتىمە ئۆز ئىشىدا سالىمدىن مەسلىھەت سورىدى. سالىم ئۇنىڭغا ۋالىنى شىكايەت قىلىپ خەلىفىگە خەت يېزىشنى، خەتتە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشنى كۆرسەتمە بەردى. فاتىمە خەت يېزىپ، ئەلچىدىن دەمەشىققە يولغا سېلىۋەتتى. ئەلچى خەتنى ئېلىپ خەلىفىنىڭ يېنىغا بارماي تۇرۇپ، خەلىفىنىڭ خەزىنىچىسى ئىبنى ھورمۇزگە ھىساپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېنىغا كېلىش توغرىلىق بۇيرۇق كەلدى. ئىبنى ھورمۇز ھەق ئىگىلىرى بىلەن خوشلىشىپ، ھۈسەيىننىڭ قىزى فاتىمەنىڭ يېنىغا خوشلاشقىلى كېلىپ، مۇنداق دېدى:
- مەن دەمەشىققە ماڭماقچىمەن. قىلىپ بېرىدىغان ئىش بارمۇ؟
- بار، مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرىگە ئىبنى زەھھاك تەرىپىدىن مەن ئۇچرىغان ئىشلارنى، ئۇنىڭ ماڭا تەھدىد سالغانلىغىنى، ئۇنىڭ مەدىينە ئالىملىرىنىڭ، خۇسۇسەن سالىم ئىبنى ئابدۇللانىڭ ھۆرمىتىگە رىئايە قىلمايدىغانلىغىنى يەتكۈزگىن.
ئىبنى ھورمۇز فاتىمەنى يوقلىغانلىغىغا ئۆزىگە كايىدى. چۈنكى ئۇ فاتىمەنىڭ ئابدۇررەھمان ئىبنى زەھھاك ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنى خەلىفىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىشنى خالىمايتتى. ئىبنى ھورمۇز دەمەشىققە فاتىمەنىڭ خېتىنى ئېلىپ ماڭغان ئەلچى يېتىپ بارغان كۈنىنىڭ ئۆزى يېتىپ باردى. ئىبنى ھورمۇز خەلىفىنىڭ يېنىغا كىرگەندە، خەلىفە ئۇنىڭدىن مەدىنىنىڭ ئەھۋالى، سالىم ۋە ئۇنىڭ ئۆلىما بۇرادەرلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق سوراپ:
- مەدىينىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئالاھىدە ئىش بارمۇ؟ - دېدى.
ئىبنى ھورمۇز خەلىفىگە ھۈسەيىننىڭ قىزى فاتىمە توغرىسىدا ھېچنەرسە دېمىدى ھەمدە ۋالىنىڭ سالىمغا تۇتقان پۇزىتسىيىسى توغرىلىقمۇ ھېچنەرسە بايان قىلمىدى. ئۇ ھېساپ بېرىپ خەلىفىنىڭ يېنىدا ئولتۇرىۋاتقاندا، دەرۋازىۋەن كىرىپ:
- اللە ئەمىرنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلسۇن! ئىشىك يېنىدا ھۈسەيىننىڭ قىزى فاتىمەنىڭ ئەلچىسى ساقلاپ تۇرىدۇ، - دېدى. ئىبنى ھورمۇزنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، مۇنداق دېدى:
- اللە ئەمىرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن! ھۈسەيىننىڭ قىزى فاتىمە ساڭا گەپ ئەۋەتكەن ئىدى، - دەپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى ئېيتتى. خەلىفە ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كارىۋىتىدىن چۈشۈپ:
- ھۇ يىتىمەك! سەندىن مەدىينىنىڭ ئىشلىرىنى سورىغان ئەمەسمىدىم!؟ سەن مۇشۇ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا دېمەپسەن، ھە!؟
ئىبنى ھورمۇز ئېسىدىن چىقىپ قالغانلىغىنى سەۋەپ كۆرسىتىپ تۇرىۋالدى، ئاندىن خەت ئەكەلگەن ئەلچىگە رۇخسەت بېرىپ، كىرگۈزۈلدى. خەلىفە ئۇنىڭدىن خەتنى ئېلىپ، ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئوتلىرى ياناتتى. ئۇ سۆزلىگەچ، قولىدىكى نەيزىنى يەرگە ئۇرۇشقا باشلىدى.
- زەھھاكنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە چېقىلىشقا جۈرئەت قىپتۇ، ھە! سالىم ئىبنى ئابدۇللانىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىماپتۇ. ئۇنىڭ مەدىينىدە ئازاپلىنىپ توۋلىغان ئاۋازىنى مۇشۇ دەمەشىقتىكى ئورنۇمدا تۇرىۋاتقىنىمدا ماڭا ئاڭلىتالايدىغان ئادەم بارمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭ ئاۋازىنى مەدىينىدىن دەمەشىققە ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە ئازاپلايدىغان ئادەم بارمۇ؟  بۇ ئۇنى قاتتىق ئازاپلاشتىن كىنايە)- دېدى خەلىفە. ئۇنىڭغا:
- بار مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەدىينىدە ئابدۇلۋاھىد ئىبنى بىشىير بار. بۇ ئىشنى شۇنىڭغا تاپشۇر. ئۇ ھازىر تائىفتا، - دېيىلدى.
- اللە بىلەن قەسەمكى شۇنداق بولسۇن، - دېدى خەلىفە. ئاندىن قەغەز ئەكەلدۈرۈپ، ئۆز قولى بىلەن پەرمان يازدى:
- «مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكتن ئابدۇلۋاھىد ئىبنى بىشىرغا سالام. مەقسەت: مەن سېنى مەدىينىگە ۋالى قىلدىم. ئەگەر بۇ خېتىم يېتىپ بارسا، مەدىينىگە قاراپ يولغا چىققىن ھەمدە زەھھاك ئوغلىنى ھۇقۇقتىن ئېلىپ تاشلا. ئۇنىڭغا مىقدارى قىرىق مىڭ دىينار كەلگىدەك تۆلەم قوي. پۈتۈن مەدىينىگە ئاۋازى ئاڭلانغۇدەك ئازاپلا!»
ئەلچى خەتنى ئېلىپ مەدىينە يولى بىلەن تائىفقا ئالدىراپ يولغا چىقتى. ئۇ مەدىينىگە يېتىپ بارغاندا، مەدىينە ۋالىسى ئابدۇررەھمان ئىبنى زەھھاكنىڭ يېنىغا كىرمىدى، سالاممۇ قىلمىدى. بۇنىڭدىن ۋالىنىڭ كۆڭلىگە ئەندىشە چۈشتى- دە، ئادەم ئەۋەتىپ ئەلچىنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە كېلىش سەۋەبىنى سورىدى. ئۇ ھېچنەرسە دېمىدى. ۋالى كۆرپىسىنى ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا:
- قارا! - دېدى. كۆرپىنىڭ تېگىدە دىينار بىلەن تولغان ھەميان تۇراتتى. ئۇ ئەلچىگە:
- بۇ مىڭ دىينار. ساڭا اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم بېرەي. سەن كېلىش سەۋەبىڭنى، قولۇڭدا نېمە بارلىغىنى دەپ بەرسەڭ، بۇنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، سىرنى ھېچكىمگە دېمەيمەن، - دېدى. ئەلچى ئېيتىپ بەردى. ۋالى پۇلنى ئۇنىڭغا بەردى ۋە ئۇنىڭغا:
- مەن دەمەشىققە يېتىپ بېرىپ بولغىچە بۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرۇپ تۇر، ئاندىن بۇيرۇلغان ئىشىڭغا ماڭ، - دېدى. ئابدۇررەھمان ئىبنى زەھھاك دەرھال يۈك تاقلىرىنى تېڭىپ، مەدىينىدىن ئايرىلىپ، دەمەشىققە يول ئالدى. ئۇ دەمەشىققە يېتىپ كېلىپ، خەلىفىنىڭ قېرىندىشى مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، ئالىجاناپ زات ئىدى. ئابدۇررەھمان ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، مۇنداق دېدى:
- ئى ئەمىر! ماڭا ياردەم قىلساڭ.
- ئۆزەڭنى خوش تۇت. نېمە ئىش ئىدى؟
- مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىغىم تۈپەيلى مېنى جازالىماقچى.
ئەتىسى مەسلەمە يەزىدنىڭ يېنىغا كىرىپ:
- ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مېنىڭ بىر ھاجىتىم بار ئىدى، - دېدى.
- ئابدۇررەھمان ئىبنى زەھھاكنىڭ ئىشىلا بولمىسا، بارلىق ھاجىتىڭ ھەل قىلىنىدۇ.
- اللە بىلەن قەسەمكى، دەل شۇ ئىش بىلەن كەلگەن.
- اللە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن.
- ئۇنىڭ گۇناھى نېمە؟
- ئۇ ھۈسەيىننىڭ قىزى فاتىمەگە بېسىم ئىشلىتىپ تەھدىد ساپتۇ، قورقۇتۇپ زۇلۇم قىپتۇ. سالىم ئىبنى ئابدۇللانىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەدىينە شائىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى سۆكۈپ، ئالىملار ۋە ياخشى كشىلەر ئەيىپلەشكە باشلاپتۇ.
مەسلەمە مۇنداق دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! سەن ئويلىغىنىڭدەك قىل.
- يېڭى ۋالىنىڭ مېنىڭ بۇيرۇغۇمنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن ئىبنى زەھھاكنى مەدىينىگە قايتىپ كېتىشكە بۇيرىغىن. ئۇنى باشقا ۋالىلارغا ئىبرەت قىلسۇن.
*                     *                     *
مەدىينىدىكىلەر يېڭى ۋالىدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇنىڭ ئابدۇررەھمان ئىبنى زەھھاك توغرىسىدىكى خەلىفىنىڭ بۇيرىغىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئىرادىسى ئۇلارنى خۇرسەن قىلدى. ئۇلار يېڭى ۋالىنىڭ ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭغانلىغىنى، ئىشلاردا قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرى ۋە سالىم ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەر بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ، ئاندىن تونۇپ يەتكەندە، ئۇلارنىڭ يېڭى ۋالىغا بولغان ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى.
*                     *                     *
مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفىسى يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىككە خۇش مۇبارەك بولسۇن! مۇشۇنداق ئۈلگىلىك كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئاشۇنداق ئەرلەرنى يېتىشتۈرگەن بۈيۈك ئىسلامغا شان- شەرەپ ۋە ئىززەت- ئىكراملار بولسۇن!
*                     *                     *
مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى ئۈمەر ئىبنى خەتتابنىڭ بىر قانچە بالىسى بار، ئابدۇللا ئۇنىڭغا بەك ئوخشايتتى. ئابدۇللانىڭمۇ دادىسىغا ئوخشاش بالىسى كۆپ بولۇپ، سالىم ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەك ئوخشايتتى.
قېنى، ئۈمەر ئىبنى خەتتابنىڭ نەۋرىسى، ئۇنىڭغا ئەخلاق ۋە قەددى- قامەت ھەمدە خارەكتىر جەھەتتىن ھەممىدىن بەك ئوخشايدىغان كىشى- سالىم ئىبنى ئابدۇللانىڭ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرايلى.
*                     *                     *
سالىم خۇشبۇي مەدىينىدە ياشىدى. ئۆز ۋاقتىدا مەدىينە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە باياشات ئىدى. ئۇنىڭ تەمىناتى ھەر قايسى ئورۇنلاردىن تۇلۇق كېلىپ تۇراتتى. بەنى ئۇمەييە خەلىفىلىرى مەدىينىگە كىشىلەرنىڭ خىيالىغا كىرىپ باقمىغان دەرىجىدە بېيىش پۇرسىتى بەرگەن ئىدى. لېكىن سالىم دۇنياغا باشقىلار بېرىلگەندەك بېرىلمىدى. باشقىلار توپلىغاندەك، يۇقىلىپ كېتىدىغان مال- دۇنيادىن توپلىمىدى. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە كۆز قىرىنى سالماي، اللەنىڭ يېنىدىكى ئەجىر- مۇكاپاتنى تاللىدى. كەلگۈسىدىكى غەلبىگە ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلىپ، ھازىرقىدىن يۈز ئۆردى.
بەنى ئۇمەييە خەلىفىلىرى ئۇنىڭغا باشقىلارغا بەرگەندەك كۆپ مال- دۇنيا بېرىپ سىناپ باقماقچى بولۇشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ قولدىكى نەرسىلەرگە قىزىقمايدىغانلىغىنى، دۇنيا ۋە ئۇنىڭ زىبۇ- زىننەتلىرىنى چوڭ بىلمەيدىغانلىغىنى بىلدى. بىر يىلى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك مەككىگە ھەج قىلغىلى كەلدى. ئۇ دەسلەپكى تاۋاپلىرىنى قىلىۋاتقاندا سالىمنى كۆردى، ئۇ كەئبىنىڭ ئۇدۇلدا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئولتۇرۇپ، دىل ھۇزۇرى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى. ياشلىرى گۇيا كۆزىدە ياش دېڭىزى باردەك، مەڭزىگە تاراملاپ چۈشىۋاتاتتى. خەلىفە تاۋاپنى قىلىپ ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، سالىم ئىبنى ئابدۇللا ئولتۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا يول بۇشىتىپ بەردى. خەلىفە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، ھەتتا تىزلىرى تېگىشىپ قالغىلى ئازلا قالدى. سالىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى ۋە قارىمىدى. چۈنكى ئۇ ئۆز ئىشىغا بېرىلىپ كەتكەن، اللەنى ئەسلەش بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇغان ئىدى. خەلىفە سالىمنى يۇشۇرۇن كۆزىتىشكە، سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تىلاۋەتتىن توختىغان، يېشىنى توختاتقان پۇرسەتنى كۈتۈشكە باشلىدى. پۇرسەت كەلگەندە، خەلىفە ئۇنىڭغا قاراپ دېدى:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەراكاتۇھۇ.
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەراكاتۇھۇ.
- ئى ئەبۇ ئۈمەر! مەن ئادا قىلىدىغان ھاجىتىڭ بولسا سورىغىن، - دېدى خەلىفە پەس ئاۋازدا.
سالىم ھېچنىمە دېمىدى. خەلىفە ئۇنى ئاڭلىمىدى دەپ ئويلاپ، تېخىمۇ يېقىنلاپ كېلىپ، مۇنداق دېدى:
- سېنىڭ ھەل قىلىدىغان ھاجىتىڭ بولسا، سورىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن.
سالىم مۇنداق دېدى:
- اللە بىلەن قەسەمكى، اللەنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراشتىن خىجىل بولىمەن.
خەلىفە خىجىل بولۇپ جىمىپ كەتتى، لېكىن ئۆز ئورنىدىن مىدىرلىمىدى.
ناماز تۈگەپ سالىم ياتىقىغا قايتماقچى بولغاندا، كىشىلەر توپى ئۇنىڭغا ئەگەشتى. بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن سورىسا، بىرى دىن ئىشلىرىدىن يول سورايتتى. يەنە بىرى دۇنيا ئىشلىرىدا نەسىھەت قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلاتتى. يەنە بىرى دۇئا قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلاتتى... ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغانلارنىڭ ئىچىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفىسى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىكمۇ بار ئىدى. كىشىلەر ئۇنى كۆرگەندە يول بۇشۇتۇپ بەردى. خەلىفە كېلىپ سالىم بىلەن تەڭ ماڭدى، ئاندىن ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ، قۇلىقىغا پىچىرلاپ:
- مانا ھازىر مەسجىدنىڭ سىرتىغا چىقتۇق، ھاجەتلىرىڭ بولسا سورىغىن، - دېدى. سالىم:
- دۇنيانىڭ ھاجەتلىرىدىنمۇ ياكى ئاخىرەتنىڭ ھاجەتلىرىدىنمۇ؟ - دېدى ئۇنىڭغا.
- بەلكى دۇنيانىڭ ھاجەتلىرىدىن، - دېدى خەلىفە. سالىم:
- دۇنيانىڭ ھاجەتلىرىنى دۇنيانىڭ ئىگىسىدىن سورىمىدىم، ئۇنىڭغا ئىگە بۇلالمايدىغان ئادەملەردىن قانداقمۇ سوراي؟! - دېدى.
خەلىفە خىجىل بولۇپ، سالام قىلىپ قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى:
- ئى خەتتاب ئائىلىسى (ئۈمەر ئىبنى خەتتاب جەمەتىنى دېمەكچى)! سىلەر قانائەت ۋە تەقۋادارلىق بىلەن نېمە دېگەن بەخىتلىك ۋە ئەزىز! اللە بىلەن كۆڭلۈڭلار نېمە دېگەن توق ۋە باي! اللە سىلەرگە بەركەت ئاتا قىلسۇن!!!
*                     *                     *
شۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يىلى ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ھەج قىلدى. كىشىلەر ئەراپاتتىن قايتقاندا، خەلىفە سالىم ئىبنى ئابدۇللا بىلەن مۇزدەلىفەدە ئۇچرىشىپ قالدى. سالىم ئېھرام باغلىغان ئىدى. خەلىفە ئۇنىڭغا سالام بېرىپ، ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى، ئاندىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئوچۇق يەرلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ قاۋۇل، كۈچلۈك، بەدىنىنىڭ چىڭلىغىنى كۆردى- دە، ئۇنىڭدىن:
- سېنىڭ تەن قورۇلۇشۇڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ئى ئەبۇ ئۈمەر! يەيدىغان ئاساسى تامىقىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى.
- نان ۋە زەيتۇن يېغى. تاپالىسام بەزى چاغلاردا گۆش يەيمەن.
- نان ۋە زەيتۇن يېغى يەيسەن؟
- ھەئە.
- كۆڭلۈڭ تارتامدۇ؟
- كۆڭلۈم تارتمىسا، قۇرساق ئېچىپ، كۆڭلۈم تارتقىدەك بولغىچە قويۇپ قويىمەن، - دېدى سالىم.
*                     *                     *
سالىم دۇنيادىن ئۆزىنى تارتىش ۋە ئۇنىڭ ۋاپاسىز نەرسىلىرىگە بېرىلمەسلىك جەھەتتە بۇۋىسىغا ئوخشىغىنىدەك، قىيىنچىلىق ۋە جازا قانچىلىك ئېغىر بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ھەق سۆزنى ئېيتىشتىمۇ بۇۋىسى- ئۈمەر ئىبنى خەتتابقا بەك ئوخشايتتى. بۇنىڭ مىسالىدىن بىرى:
بىر قېتىم سالىم مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتى بىلەن ھەججاجنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھەججاج ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئىززەت- ئىكراملار بىلەن ئولتۇرغۇزدى. ئۇلار شۇنداق تۇرۇۋاتقاندا، ھەججاجنىڭ ئالدىغا چاچلىرى چۇۋۇلغان، كىيىملىرىنى توپا- چاڭ باسقان، چىرايى سارغايغان، كويزا- كىشەنلەر بىلەن باغلانغان بىر بۆلۈك كىشىلەر كەلتۈرۈلدى. ھەججاج سالىمغا قاراپ:
- بۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، بىھۇدە قان تۆككەن ئاسىيلار، - دېدى ۋە ئۇنىڭغا قېلىچىنى بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- تۇر، ئاۋۇنى ئەكىلىپ بېشىنى چاپ، - دېدى.
سالىم ھەججاجنىڭ قولىدىكى قېلىچنى ئېلىپ، ئۇ ئادەم تەرەپكە ماڭدى. كىشىلەر ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىغىغا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇشقان ئىدى. سالىم ھېلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى ۋە ئۇنىڭغا دېدى:
- سەن مۇسۇلمانمۇ؟
- ھەئە.
- بۇ سۇئاللارنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ بۇيرۇلغاننى ئىجرا قىل! - دېدى ھەججاج.
- بامدات نامىزىنى ئوقىغانمىدىڭ؟ - سورىدى سالىم ھېلىقى كىشىدىن.
- ناماز ئوقۇمايدىغان مۇسۇلمانمۇ بارمۇ؟
- مەن سەندىن بۈگۈن بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇڭمۇ دەپ سوراۋاتىمەن!؟
- اللە ساڭا ھىدايەت بەرسۇن. مەن ساڭا ھەئە، دېدىم ھەمدە سەندىن بۇ زالىمنىڭ بۇيرۇغىنى ئىجرا قىلىشنى سورىدىم. بولمىسا ئۇنىڭ غەزىپىگە يۇلىقىسەن.
سالىم ھەججاجنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، قولىدىكى قېلىچنى تاشلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
- بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىغىنى ئىسپاتلاپ، بامدات نامىزىنى ئوقۇغانلىغىنى دەۋاتىدۇ. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بامدات نامىزىنى ئوقۇغان ئادەم اللەنىڭ ھىمايىسىدە» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. مەن اللەنىڭ ھىمايىسىگە كىرگەن ئادەمنى ئۆلتۈرمەيمەن.
ھەججاج غەزەپ بىلەن مۇنداق دېدى:
- بىز ئۇنى بامدات نامىزى ئوقۇمىدى دەپ ئۆلتۈرمەيمىز، ئۇنى خەلىفە ئوسمان (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەردى دەپ ئۆلتۈرىمىز.
سالىم بۇنى ئاڭلاپ:
- كىشىلەر ئىچىدە ئوسماننىڭ قېنى توغرىسىدا سەن ۋە مەندىنمۇ لايىق ئادەم بار، - دېدى.
ھەججاج جىم ئولتۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرمىدى. كېيىن سورۇندىكىلەردىن بىرى مەدىينىگە كەلدى ۋە ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەرگە ھەججاجنىڭ ئوغلى سالىمدىن تەلەپ قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئابدۇللا سۆزنىڭ ئاخىرنى كۈتۈپ تۇرمايلا ئالدىراپ، سۆزلىگۈچىدىن:
- سالىم ھەججاجنىڭ بۇيرۇقىغا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ - دەپ سورىدى.
خەۋەر بەرگۈچى سالىمنىڭ قىلغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى، ئابدۇللانىڭ چىرايى ئېچىلدى ۋە:
- ياخشى، ياخشى... ئەقىللىق... ئەقىللىق، - دەپ ماختىدى.
*                     *                     *
خەلىفىلىك ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە كەلگەندە، ئۇ سالىمغا مۇنداق خەت يازدى:
«مەقسەت: اللە مېنى مېنىڭ مەسلىھەتىمسىز ياكى مەن تەلەپ قىلماستىن مېنى مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى بولۇش بىلەن سىنىدى. اللەنىڭ مۇشۇ سىناقتا ماڭا ياردەم بېرىشىنى تىلەيمەن. بۇ خېتىم ساڭا يېتىپ بارسا، ماڭا ئۈمەر ئىبنى خەتتابنىڭ كىتاپلىرىنى، تەرجىمىھال ۋە ئىش- پائالىيەتلىرىنى ئەۋەتىپ بەرگىن. مەن ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشمەكچىمەن، اللە ياردەم بەرسە ئۇنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ماڭماقچىمەن. ۋەسسالام».
سالىم ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ خەت يازدى:
«مەقسەت: خېتىڭ ماڭا يېتىپ كەلدى. سەن ئۇنىڭدا اللەنىڭ سېنى سېنىڭ مەسلىھەتىڭسىز ياكى ئىلتىماسىڭسىز مۇسۇلمانلارغا رەھبەر قىلىش بىلەن سىنىغانلىغىنى، سېنىڭ ئۈمەرنىڭ يولىدا ماڭماقچى بولغانلىغىڭنى بايان قىلىپسەن. ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ زامانىڭ ئۈمەرنىڭ زامانىغا ئوخشمايدۇ. سېنىڭ ئادەملىرىڭ ئىچىدە ئۈمەرنىڭ ئادەملىرىگە ئوخشايدىغانلىرى يوق. لېكىن بىلگىنكى، توغرا ئىشنى نىيەت قىلىپ قىلىش ئىرادىسىگە كەلسەڭ، اللە ساڭا ياردەم بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇلارنى ئويلىمىغان يەردىن كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. اللە بەندىلىرىگە ئۇنىڭ نىيىتىگە قاراپ ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئىش قىلىش نىيىتى تۇلۇق بولسا، اللەمۇ تۇلۇق ياردەم بېرىدۇ، ئەگەر نىيىتى يېتەرسىز بولسا، اللەمۇ نىيىتى بۇيىچە تۇلۇق ياردەم بەرمەيدۇ. ئەگەر كۆڭلۈڭ سېنى اللە نارازى بولىدىغان ئىشقا ھەيدىسە، سېنىڭ ئالدىڭدا دۇنيادىن كەتكەن سەندىن بۇرۇنقى ھۇقۇقدارلارنى ئويلا. ئۇلارنىڭ لەززەتنى كۆرگەن كۆزلىرى قانداق بولدى؟ ئاچكۆزلۈك بىلەن تويمىغان قۇرساقلىرى قانداق تېشىلدى؟ ئۇلار قانداق بولۇپ ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىغا كۆمۈلمەي، تاشلاپ قويۇلسا پۇرىقى كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان، سېسىق پۇرىقىدىن كىشىلەرگە زىيان يېتىدىغان تاپقا ئايلنىپ قالدى؟ مۇشۇلارنى كەلگۈسىدە ئۆزەڭدىن سورىغىن. ۋەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكاتۇھۇ».
*                     *                     *
سالىم ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەر ئۇزاق ئۆمۈر كۆردى. ھاياتلىق مۇساپىسىنى تەقۋالىق بىلەن ئۆتكۈزدى، ھىدايەت بىلەن زىننەتلىدى، دۇنيانىڭ زىننىتى ۋە قىزىقتۇرىشىدىن يۈز ئۆرىدى. ئاددى تاماقلارنى يدى، ئاددى كىيىملەرنى كەيدى. ئەسكەر بولۇپ مۇسۇلمانلار قۇشۇنى بىلەن رۇملۇقلارغا قارشى غازات قىلدى. خۇددى كۈيۈمچان ئاتىغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلدى.
ھىجىرىيەنىڭ 106- يىلى ئۇنىڭغا ئەجەل كەلگەندە، مەدىينە قايغۇ بىلەن تەۋرەندى. ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ھەر بىر قەلىبتە ھەسرەت، ھەر بىر كۆزدە ياش قالدۇردى. پۈتۈن كىشىلەر ئۇنىڭ جىنازىسىنى ئوزۇتۇش ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەركەتكە كەلدى.
ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك كشىلەر توپىنى كۆرگەندە، كىشىلەرنىڭ شۇنچە كۆپلىكى ئۇنى ھەيران قالدۇردى، قەلبىدە ھەسەت قوزغىتىپ، ئۆزىدىن مۇنداق دەپ سورىدى:
- دەپ باقە، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفىسى بۇلارنىڭ مۇشۇ يۇرتىدا ۋاپات بولسا، بۇلاردىن قانچىسى چىقار؟
ئاندىن مەدىينىدىكى ۋالىسى ئىبراھىم ئىبنى ھىشامىل مەخزۇمىغا:
- مەدىينىلىكلەردىن ھەر قايسى چىگرالارغا تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتىشكە بۇيرۇق قىل، - دېدى.
شۇ سەۋەپلىك شۇ يىلى «تۆت مىڭ يىل» دەپ ئاتالدى.

مەنبە:تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:30:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ، بۇ پەقەت ئاددى بىر تىمىلا ئەمەس بەلكى ئىچسە ھوزورىغا قانمايدىغان شىرىن بۇلاق ! ھەربىر قىتىم سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز (س ئە ۋ ) زامانىلىرىدىكى ۋەقەلەرنى ، ئىش - ئىزلارنى ئوقۇغۇنۇمدا ئۆز - ئۆزۈمدىن قاتتىق خىجىل بولۇپ كىتىمەن . ئاللاھىم بىزلەرنى شۇ سۆيۈملۈك زات ۋە سىنىڭ دوستۇڭ مۇھەممەد ( س ئە ۋ ) نىڭ ئۈممىتى قاتارىدا ياراتقانلىقىڭغا ھەم بىزلەرگە ئۇنىڭ نۇرانە يولىدا مىڭىشقا پۇرسەت بەرگەنلىكىڭگە چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن ! ئەلھەمدۇلىللاھ . 
‏<<أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُمْ مَثَلُ الَّذِيْنَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ>>  

تەرجمىسى:(سىلەرتىخى ‏ئلگىركىلەر ‏ئۇچۇرغان كۈلپەتلەرگە ‏ئۇچۇرماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ‏ئۇيلامسىلەر )
[سۈرە بەقەرە 214-‏ئايەتنىڭ بىرقىسمى]

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:33:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرۋەردىگارىمىز!
بىزلەرنى بىز بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سىناقلار بىلەن سنىغىن.بىزلەرنى ساباتلىق قىلغىن.سەن تەرىپىڭدىن بولغان توغرا يول بىلەن كۈچلەندۈرگىن.ئامىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86068
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ماشائاللاھ
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!...

پەي يەڭگىل بولغاچقا ئۇچارھاۋادا،
تاش ئېغىر بولغاچقا تۇرار قىيادا.
پەيدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ ئىنسان،
يەڭگىللىك ئىللىتى بولسا ناۋادا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91596
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 901
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 09:23:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش