مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1497|ئىنكاس: 6

كروران ئېلىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسىگە ئائىت مەسىلىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




كروران ئېلىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسىگە  ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە






  يۇقىرىدا ئىمكان باريىغىلغان ماتېرىياللار  ئاساسىدا كروران ۋە چەرچەن خانىدانلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق، لېكىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر   جاۋاب ئىزدىشىمىزنى  كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان كروران ئېلىنىڭ پايتەختى قەيەردە؟ چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىچۇ؟ بۇ ئەللەرنىڭ تېررىتورىيىسى قايسى يەرلەرگىچە سوزۇلغان؟كروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر قانداق ۋەيران بولغان؟… دېگەندەك بىر قاتارمەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەپ كۆرەيلى.




كروران ۋە چەرچەن ئېلىنىڭ پايتەختى ھەققىدە




كروران ئېلىنىڭ پايتەختى مەسىلىسى ئەڭ قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا پىكىر ئىختىلاپى بار بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:


1.ھېرمان 1910 - يىلى: چەرچەن خانلىقى قۇرۇلغاندا پايتەخت جەنۇبقا، يەنىقاغان شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن، ئۇ بۈگۈنكى چاقىلىق بازىرىدۇر، ئەينى چاغدىكى ئىشەم ھازىرقى مىرەندۇر دەپ قارايدۇ.


   2. سىتەين 1921 - يىلى: پايتەخت جەنۇبقا، يەنى قاغان شەھىرىگە ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى كۆچۈرۈلگەن، قاغان شەھىرى كروران شەھىرى ئەمەس، قاغان شەھىرى ھازىرقى مىرەن، ئىشەم ھازىرقى چاقىلىق دەيدۇ.


   3. ياپونىيىلىك ئالىم تېڭتەن فېڭبا:  چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى ئىشەم بولۇپ، ھازىرقى چاقىلىق بازىدۇر، قاغان شەھىرى ھازىرقى مىرەن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


   4. ئوتانى ئەپەندى 1933 - يىلى: كروراننىڭ پايتەختى قاغان شەھىرىگەكۆچۈرۈلگەن بولۇپ ئابدال مۇشۇ شەھەر بولۇشى مۇمكىن، ئىشەم شەھىرى ھازىرقى مىرەن كونا شەھەر خارابىسى دەپ قارىغان.


   5. ماتسۇدا ھىساۋ:  كروراننىڭ پايتەختى قاغان شەھىرىگە مىرەن خارابىسى دەپ قارىغان كۆچۈرۈلگەن، ئىشەم ھازىرقى چاقىلىق دەپ قارىغان.


   6. ك. ئېنېكو: (1964 -، 1965 -، 1966 - يىللىرى) پايتەخت قاغان شەھىرى بولۇپ، بۇ كروران خارابىسى، تاشبالىق ھازىرقى چاقىلىق بازىرى، قۇتۇم ۋە ئىشەملەر ھازىرقى مىرەن خارابىسى، ياڭىبالىق ۋاششەھىرى خارابىسى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغاقويغان. 1967 - يىلىغا كەلگەندە ئېنېكو يەنە   راھىب فاشەن 400 - يىلى پايتەخت قاغان شەھىرىدىن ئۆتكەن، قاغان شەھىرى كروران شەھەر خارابىسى ئىدى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، پايتەخت كۆچۈرۈلگەن دېگەن قاراشنى رەت قىلغان.


   7. ناگاساۋا1963 - يىلى: پايتەخت كروران شەھىرى بولۇپ، بۇ قاغان شەھىرىگە باراۋەر، بۇ يەنە تاشبالىق دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە كروران مۇشۇ ئەلنىڭ پايتەختى بولغان دەيدۇ. 1990 - يىلىغا كەلگەندە ئۇ،  كروران شەھىرى كېيىن تاشبالىق  دەپ ئاتالغان  شەھەرنىڭ ئۆزى  شۇ، قۇتۇم= تۇيىن = ئىشەم، شەھىرى سابىز =  مىرەن دېگەن يەكۈنگە كەلگەن.


   8. ئېلىمىز ئالىملىرىدىن خۇاڭ ۋېنبى، خۇشەن، لىن مېيسۈن قاتارلىقلار پايتەخت كۆچۈرۈلگەن دەپ قارىغان بولۇپ، 1948 - يىلى، خۇاڭ ۋېنبى قاغان شەھىرى تۇيىن خارابىسىنىڭ غەربىدە بولۇشى مۇمكىن ئىشەم، يەنى مىرەن خارابىسىگە كۆچۈرۈلگەن،دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان.  لىن مېيسۈن قاغان شەھىرى LE خارابىسى دەپ قارىغان.


   9. فېڭ چېڭجۈن( 1957 - يىلى)، مايوڭ (1979 - يىلى)، سېن جوڭميەن (1981 -يىلى) قاتارلىقلار كروران ۋە چەرچەننىڭ پايتەختى جەنۇبتا ئىدى، دەپقارىغان  ھەمدە قاغان  شەھىرى = ھازىرقى چاقىلىق، ئىشەم =مىرەن خارابىسى، ياڭىبالىق = ۋاششەھىرى خارابىسى دېگەن يەكۈننى چىقارغان.


   10. مېڭ فەنرېن(1986 -، 1990 - يىللىرى)ۋە يۈ تەيشەن (1991 - يىلى)قاتارلىقلار پايتەخت قاغان شەھىرى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدا،  دەپ قارايدۇ




كروران ئېلىنىڭ پايتەختى مەسىلىسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، كىشىنى قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە بولغاندا كروران ئېلىنىڭ پايتەختى  جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن مۇنۇ ئۈچ مەسىلىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. خەننامە ۋە تارىخىي خاتىرىلەرقاتارلىق ئەسەرلەردە خاتىرىلەنگەن لوپ كۆلىگە يېقىن ئىبارىسىگە ئاساسەن، لوپ كۆلىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىشى كېرەك.  ئەڭ شەرقتە، خەن سۇلالىسىگە يېقىن دېگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن غەربىي دىياردىكى ئەللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ شەرققە جايلاشقان ۋە خەن سۇلالىسىگە يېقىن جۇغراپىيىلىك ئورۇندا بولۇشى كېرەك.  دۇخاندىن دۇنخۇاڭ بۈگۈرگە تۇتىشىدىغان، يەنى كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ ماڭىدىغان شىمالىي يىپەك يولىغا جايلاشقان بولۇشى كېرەك. يۇقىرىقىلاردىن باشقا،  پايتەخت بولغان شەھەرنىڭ ئىسمى كروران بولۇشى كېرەك. يىل دەۋرى مەسىلىسىدە شەھەرنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلىدىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك دېگەنلەردىن ئىبارەت.


مېنىڭ قارىشىمچە، كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى قەلئەسى ياكى ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا بولۇشى كېرەك. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلى كروران ئېلى پارچىلانغاندا چەرچەن خانلىقى ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدىكى قاغان شەھىرىنى پايتەخت قىلغان، كروران خانلىقى  تاكى 2 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى چەرچەن خانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغانغا قەدەر كروراننى پايتەخت قىلغان، چەرچەن خانلىقى كروران خانلىقىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغاندىن كېيىن پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىگەن. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى بىرقانچە پاكىتلار ئىسپات بولالايدۇ:  


بىرىنچى،  ئۇششاق تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپ كروران ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايوننىڭ بىر قىسمى بولغان، ھازىرچە بۇ شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، مۇشۇنداق بىر شەھەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى پەرەزقىلىمىز، چۈنكى تارىخىي خاتىرىلەر دىكى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ باياندا،  كروران شەھىرى بىلەن قۇسنىڭ لوپ كۆلىگە يېقىن ئىكەنلىكى كروران شەھىرىنىڭ مىلادىيىدىن  بۇرۇنلا  مەۋجۇتلۇقىنى، يەنىبىز ھازىر كروران شەھىرى خارابىسى دەپ قاراۋاتقان خارابىلىكلەرنىڭ كروران شەھىرى  خارابىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز مىلادىيىدىن بۇرۇنلامەۋجۇت ئىدى دەپ قاراۋاتقان كروران شەھەر خارابىسىنىڭ بۇرۇندىنلا كروران دەپ ئاتالغانلىقىنى مۇشۇ شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان خەنزۇچە ۋە قارۇشتىچە پۈتۈكلەرمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ،  خان ئۇتۇش خانلىق تەختكە چىققىنىدا كروران خانى ئامگوكانىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ خەن سۇلالىسىدىن ئۆزھىماتىغا ئېلىپ مۇھاپىزەت قىلىشىنى، ئىشەم يەنى ھازىرقى مىرەن ئەتراپلىرىدا ئەسكەرتۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. ناۋادا پايتەخت داۋاملىق كروراندا، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلار مىرەندە بولسا، بۇ ئىككى جاينىڭ تۈز سىزىقلىق ئارىلىقىمۇ 200كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنداقتا خاننى قوغداش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ،  شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بەزى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن ھازىرقى چاقىلىق بوستانلىقىغا جايلاشقان قاغان شەھىرىنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ ئۈچ ئەسىرگە يېقىن پايتەختى بولغان دەپ قارايمىز. خەننامە دە شۇ ۋاقىتتىكى غەربىي دىيار ھەققىدە مول بايانلار بار بولۇپ، تەپسىلاتلىرى ھازىرقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ماس كېلىدۇ، خانلىق نوپۇس مەلۇماتلىرىدىن تارتىپ خاتىرىلەنگەنلىكى، مۇشۇ ۋاقىتلاردا خەن سۇلالىسىنىڭ چەرچەن خانلىقىنى تىكلەشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشلىرىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى   بىلمەيدۇ دېيەلمەيمىز.  شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلىدىن مىلادىيە 3 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. چەرچەن خانلىقىقۇرۇلغاندىن كېيىن خەنزۇچە مەنبەلەردە كروران ئېلىنىڭ نامى زىكرى قىلىنماستىن كروران شەھىرىلا تىلغان ئېلىنغان بولسىمۇ، چەرچەن نامىنى چۈشەندۈرۈشتە ئەسلىدىكى كروراندۇر دەپ ئىزاھات بېرىلىشى شەكسىزكى چەرچەن خانلىقىنىڭ نامىنىڭ كروراننىڭ نام- شۆھرىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كروراننىڭ ئۇلۇغ نام - شۆھرىتى ئاخىرقى ھېسابتا چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىشىگە سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى دا يېزىلغىنىدەك، چەرچەن خانلىقى كۈچىيىپ نۇرغۇن ئەللەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالغان. خەننامە دە ئۇنىڭ … ئەندىر،نىيا، يول ئارىش بەگلىكى، سارمادانلار چەرچەن بەگلىكى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى دېيىلگەن بولسا، ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى نىڭ 30 - جىلدىدا جەنۇبىي يولدىكى سارمادان ئېلى، ئەندىر ئېلى، (چادوتا )نىيا ئېلى، كروران ئېلى قاتارلىقلارنى چەرچەن ئېلى ئۆز ئىدارىسىگە ئالغان دەپ يېزىلغان، مانا مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بىزكروران ئېلىنى مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن چەرچەن ھاكىمىيىتىگە قارىغان دەپ ئېيتالايمىز.


ئۇنداقتا  نېمەئۈچۈن  پايتەخت كروران شەھىرىگە يۆتكەلگەن؟  ئەينى ۋاقىتتىكى چەرچەن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە  كروران شەھىرىنىڭ پايتەخت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلار بار. بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنى تەرجىمە قىلىشتا بەزى پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاش بىلەن بىرگە، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە پارچە پۈتۈكتە كروراننىڭ پايتەخت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى  ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى غەربىي دىيار تەتقىقاتى ژۇرنىلىنىڭ 1992 - يىللىق 1 - سانىدا ئېلان قىلنغان ،ئۇ بۇماقالىسىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى قىرغىقىنىڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى بولۇپ، ئۇقارۇشتى پۈتۈكىدىكى mahatma nagara krorayina دېگەن ئىبارىنىڭ ئۇلۇغ پايتەخت كروران دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، KH.678 نومۇرلۇق پۈتۈكتىمۇ كروران پايتەخت دېگەن .ئۇ يەنە گەرچە كروران دېگەن نام ئەسلىي تېكىستتە بولسىمۇ،ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغاندا تەرجىمە قىلىنمىغان دەيدۇ. قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە ئالتە يەردە ئۇلۇغ ئاستانە نامى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بەشىدە ئوردا نامى بىلەن قوشۇپ ئېلىنغان بولسا، بىرىدە ئۇلۇغ ئاستانە نامى بىلەن كروران نامى ئۇلاپ يېزىلغان.قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە kroraimna, kroraiyina ناملىرى 370-، 670 -، 678 -، 706 -، 383 -،696 - نومۇرلۇق پۈتۈكلەردە كۆرۈلگەن بولۇپ، ھەممىسىدە كروران شەھىرىنى كۆرسەتكەن،ئەمما ھېچ يېرىدە ئايماق مەنىسىدىكى raya قوللىنىلمىغان. raya نىڭ مەمۇرىي باشلىقى Cojhbo مۇ قوللىنىلمىغان. يەنەبىر قارۇشتىچە پۈتۈكنى مىسال قىلىدىغان بولساق،   kamjakara kroraimnammi caraka ni gotha edagamaya maharaya   دېگەن بۇ جۈملە  ئالىيلىرى ئۇلۇغ خاقان كروراندا… دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇشۇ پۈتۈكتىمۇ يۇقىرىقى ئۈچ سۆز باغلىنىپ كەلگەن. پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئاخىرىدا بۇئىككى قارۇشتى پۈتۈكىنىڭ دەۋرىدە چەرچەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرىدۇر.ئەمما پۈتكۈل قارۇشتى يېزىقلىرى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چەرچەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە يۆتكەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. 400 - يىلى فاشەن غەربكە نوم ئالغىلى ماڭغاندا ئۆتكەن ئوتتۇرا يولنىڭ چەرچەن ئېلىدىن ئارسى  ھازىرقى قارا شەھەرئېلى بۆلىكىدە چەرچەن ئېلىنىڭ پايتەختى ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخىدا يېزىلغان قەدىمكى كروران بىلەن يۇقىرىقى ئىككى قارۇشتىچە پۈتۈكتىكى ئۇلۇغ ئاستانە كروران ئۆزئارا ئىسپاتلىنىدۇ، دەپ يازىدۇ.ئالىم ئاخىرقى ھېسابتا مىلادىيە 400 - يىلى چەرچەن خانلىقىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرىدە ئىدى، راھىب فاشەن مۇشۇ شەھەردىن ئۆتكەن،  دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇنداق بولغاندا،  كروران شەھىرىنىڭ 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرلىرى ۋەيران بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايرىم مۇھاكىمە تېمىمىز بولغىنى ئۈچۈن ھازىرچە پايتەخت مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز يۇقىرىقى مۇھاكىمىلىرىمىزدىن خۇلاسە چىقىرىدىغان بولساق، كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى بولۇپ، تاكى 3 - ئەسىرلەرگىچە شۇنداق بولغان، چەرچەن خانلىقى قۇرۇلغاندا،ئۇ ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدىكى قاغان شەھىرىنى پايتەخت قىلغان، 3 -ئەسىردە بۇ خانلىق كروران خانلىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندە پايتەختىنى كرورانغا يۆتكىگەن.  بۇ خانلىق پايتەختنى كرورانغا يۆتكەپ تاكى 5 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆز سەلتەنەتىنى سۈرگەن بولسىمۇ، 5- ئەسىرگە كەلگەندە ئىلگىرى - كېيىن قۇتقۇ ئەنجۇ، تۇيغۇن، دىڭلىڭلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلى ۋەيران بولۇپ يىمىرىلگەن، خانلىق سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە پايتەختىنى قاغان شەھىرىگە قايتىدىن يۆتكىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.   بىزھازىر كروران شەھىرى دەپ قاراۋاتقانلا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خارابىلىكلەردىن تېپىلغان يازما پۈتۈكلەردىن مۇشۇ تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان يازمىلار ئىچىدە خەنزۇچە楼兰 دېگەن جاي ناملىرى بارلىرىدىن17 سى، قارۇشتىچە پۈتۈكلەردە kroraina دېگەن نام بارىدىن ئالتىسى تېپىلغان .قارۇشتى يېزىقىدىكى كروران نامى بار پۈتۈكلەردىن ئىككىسى LA خارابىسىدىن، بىرى LB خارابىسىدىن تېپىلغان.بۇلاردىن kh.706, kh.678, kh.696 لار ئەڭ مۇھىم بولۇپ، مۇشۇ ئۈچ ۋەسىقە LA خارابىسىنىڭ كروران شەھىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، خەنزۇچە پۈتۈكلەردىن LA خارابىسىدىن 楼兰 جاي نامى بار پۈتۈكتىن جەمئىي 17 سى تېپىلغان. مانا بۇلار بىر جاي نامىنىڭ ئىككى خىل يېزىقتىكى خاتىرىسى بولۇپ، بۇلار LA خارابىسىنىڭ كروران شەھىرى قەلئەسى ئىكەنلىكىنى، يەرلىك خەلقنىڭ يۇرتىنى كروران دەپ ئاتىغانلىقىنى،خەنزۇچە مەنبەلەردە تەلەپپۇزى بىلەن 楼兰 دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئالىملار 1901 -يىلىدىن بۇيان مۇشۇ خارابىنىڭ كروران دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان، بۇنى ئاغدۇرىۋەتكۈدەك پاكىت ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق، پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى تېخىچە بايقالمىغان، ئەمما كروران بولۇشى ئېھتىمال بولغان شەھەر خارابىسىنىڭ بولۇشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.   خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندىنىڭ كروراننىڭ پايتەختىنى ئېنىقلاشتا ئوتتۇرىغا قويغان فورمۇلىسى مۇۋاپىق بولۇپ، بۇنىڭغا بىردىنبىر توغرا كېلىدىغىنى كروران شەھىرى خارابىسى، يەنى شەرتلىك بەلگە بىلەن كۆرسەتكەندە LA خارابىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى تارىخىي خاتىرىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار، جۈملىدىن لوپ كۆلى بويىغا جايلاشقان بولۇش،يىپەك يولىنىڭ شىمالىي تارمىقىغا جايلاشقان بولۇش مەسىلىلىرىگە بىردىنبىر ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەردۇر، باشقا شەھەر خارابىلىرىدىن بەزىلىرى بۇ مەسىلىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، يەنىلا بەزىبىر مەسىلىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. شەھەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 77 - يىلىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن  قاراشلار  كروراننىڭ پايتەخت بولغانلىقى مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسىي تۇتقىسى بولۇپ قالغان، بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇ شەھەرمىلادىيىنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان، تېپىلغان يادىكارلىقلار مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭدا بىرقانچە مەسىلىلەر بار. بىرىنچى، بۇ ئەتراپتا ئېلىپب ېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر يېتەرلىك ئەمەس، تەكشۈرۈش پەقەت خارابىلەرنى ئىزدەش، رەتلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. 1901 - يىلىدىن ھازىرغىچە لوپ كۆلى رايونى ئاران بىر ئايلا تەكشۈرۈلگەن. ئىككىنچى،  شەرىقى شىمال بورىنى تۈپەيلىدىن  نۇرغۇن تارىخىي ئىزلار يوقىلىپ كەتكەن  بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە پروفېسسور خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى تېخىمۇكونكرېت قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئېكولوگىيە ۋە خارابىلەرنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، LA شەھىرىدە ساقلىنىپ، قۇرۇلۇشلار ھەم ئۇ يەردىن تېپىلغان  پۈتۈكلەر ئاساسلىقى ۋېي، جىن، ئالدىنقى لياڭنىڭ غەربىي دىيارقورۇقچى بەگ مەھكىمىسى دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كېيىنكى بىر دەۋر يالدامىلىرىنىڭ ساقلىنىشىدۇر. خەن دەۋرىدىن ۋېي، جىن دەۋرلىرىگىچە تۆت - بەش يۈزيىل ئۆتكەن بولىدۇ. بۇرۇنقى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئورنىنى يېڭى قۇرۇلۇشلار ئالىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كونا قۇرۇلۇشلار ئازلاپ بارىدۇ، يەنە كۈچلۈك شەرقى شىمال بورىنىنىڭ شەھەردىكى تۇپراقنى ئۇچۇرتۇشىدىن شەكىللەنگەن  ئورەكلەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇربولغانلىرى 6.08 مېتىر، ئەڭ تېيىزلىرى 7.3 مېتىر، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21.5 مېتىربولغان بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.3 سانتىمېتىر تۇپراقنى ئۇچۇرتۇپكەتكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى LA شەھىرىدىكى ئۆي، دەل - دەرەخنىڭ تۇپراقنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەڭ كىچىك قىلىپ %10 بويىچە ھېسابلىساق، 2000 يىلدا ئالتە مېتىرتۇپراق  خورىغان  بولىدۇ. سىتەين  شامالنىڭ LE شەھىرىدىكى تۇپراقنى يالاپ 20 ئىنگلىز چىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى يازغان، ئۇ يەنە ۋاششەھىرى خارابىسىنى كۆرگىنىدە، خارابىلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى پەقەت يۇلغۇن دۆۋىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى، يۇلغۇن دۆۋىسىنىڭ خارابە ئىزىنى شامالدىن ساقلاپ قالغانلىقىنى يازغان، مانا بۇلاردىن قارىغاندا، سىتەيىن شامالنىڭ كونا شەھەرلەرنى  ۋەيران قىلىپ تۈگەتكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن (غەربىي دىيارئارخېئولوگىيىسىدىن خاتىرىلەر 109 – بەت). بۇ ھەقتە چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسىدە،لوپ كۆلى رايونىدا شامال يالاپ كەتكەن يارداڭلىقلاردىن باشقا،  كۆل،سازلىقلار ۋە نەم جايلاردىن ئەسەرمۇ قالمىدى، شالاڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئارقا -ئارقىدىن قۇرۇپ كەتتى، ئۇ يەردە كۆز يەتمەس شورلۇق مەنزىرە بارلىققا كەلدى، لوپ كۆلى رايونى — شامال كۆپ چىقىدىغان رايون. 1960 - يىلىدىن 1970 - يىللىرىغىچە لوپ كۆلىدە سۈرئىتى 10m/s لۇق شامال  يىلدا  150 كۈن، سۈرئىتى14m/s تىن يۇقىرى بولغان شامال80 كۈن چىقىدىغان بولغان، شامال سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا 30m/s تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇرايوندا يەرلەرنى شامال يالاپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان، 1919 - يىلىدىن 1959 -يىلىغىچە بولغان 40 يىلدا بۇ رايوندا يەرلەرنىڭ شامالدا يالىنىش چوڭقۇرلۇقى 3.5مېتىرغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25.13 سانتىمېتىردىن توغراكېلىدۇ…  لوپ كۆلىنىڭ شەرق، غەرب، شىمال تەرەپلىرىدە شامالدا يىمىرىلگەن كەڭ كۆلەملىك يارداڭلىقلار شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە لوپ كۆلىنىڭ شەرقىدىكى يارداڭلىق ئەڭ تىپىك. بۇ يىمىرىلگەن يەرنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 35 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان  ئۇزۇنلۇقى 100كىلومېتىر… لوپ كۆلىنىڭ شىمالىدىكى شامالدا يىمىرىلگەن توپا دۆڭلىرىدە يەنە بىرخىل ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل بولغان، يىمىرىلگەن بۇ يەرنىڭ كۆلىمى 2600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ شامالنىڭ تەسىرىدە شەكىللىنىپ قالغان ئېگىزتۆپىلىكنىڭ  ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن 20 مېتىرغىچە كېلىدۇ. لوپ كۆلى رايونىدا قاتتىق بوران چىقىپ تۇرغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەممىلا يەردە قاتار- قاتار تۆپىلىكلەر ۋە جىرالار پەيدا بولغان دېيىلگەن.  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 2003 - يىل 20 - نويابىر ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان  لوپنۇردا ھەر يىلى 200 مىليون توننا قۇمنى بوران ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ."لوپنۇر رايونىنى جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇم - بوران مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ" ناملىق ماقالىدە يېزىلىشىچە ، لوپنۇر رايونىدا ھەريىلى 200 مىليون توننا قۇمنى بوران ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ. بۇ، جۇڭگو پەنلەرئاكادېمىيىسى لوپنۇرنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىندا لوپنۇردىكى يارداڭ يەرشەكلىنى ئۇنىۋېرسال گېئولوگىيىلىك تەكشۈرگەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەر بويىچە ھېسابلاپ چىققان نەتىجە … لوپنۇرنىڭ باشقا جايلىرىدا، ئالىملار ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى شامال يالاش ھادىسىسىنىمۇ بايقىغان. غەربىي قىسمىدا  قاتتىق شامالنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن  ئازگال ۋە قىرلىق دۆڭلەر شەكىللەنگەن.ئالىملار مۇنداق دېگەن: بۇ رايوندا شامالنىڭ يالاش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدىغان بولسا، مەملىكەت بويىچە قۇمبورانلىق ھاۋارايى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. لوپنۇر رايونى غەرب شامىلى كونۋېكسىيە بەلۋېغىغا  جايلاشقان. بۇ رايوندا چىققان قۇم -بوران ئاتموسفېرا كونۋېكسىيىسىگە ئەگىشىپ شەرقتىكى رايونلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ.


شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇم - بوران مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.شامالنىڭ تۇپراقنى  مانا مۇشۇنداق زور دەرىجىدە يالىشى تۈپەيلىدىن  ۋېي، جىن دەۋرلىرىدىن بۇرۇنقى ئىزلارنىڭ  يىل دەۋرىنى ئېنىقلاش قىيىنلىشىپ كەتكەن.  شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىزلارنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتىشتە شەھەر سېپىلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەل قىلغۇچ يىل دەۋرى بولۇپ قالغان. 1980 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇنداقتا بۇرۇنقى سېپىل قايتا قۇرۇلماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ ( خۇاڭ شېڭجاڭ: كروراننىڭ پايتەختلىكمۇنازىرىسىنىڭ قىيىن نۇقتىلىرى ۋە LA شەھىرىنىڭ غەربىي خەن دەۋرىدىكى كروران شەھىرى ھەققىدىكى يېڭى ئىسپات، خەنزۇچە، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلى، 2000 -يىللىق 1 - ۋە 2 - سانىغا قاراڭ).


ئارخېئولوگلار يەنە كروران شەھىرى خارابىسىدىكى  شەھەرسېپىلى قۇرۇلۇشىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئوخشىشىدىغانلىقىن ىبايقىغان. مانا بۇلاردىن قارىغاندا سەددىچىن بىلەن كروران شەھىرىنىڭ قەلئەسىنىڭ ئوخشاش دەۋرلەردە قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە يەنەبىر مەسىلىنى قوشۇمچە قىلىش زۆرۈركى، شەھەر شەكسىزكى شەھەر سېپىلى قۇرۇلۇشتىن بالدۇر قۇرۇلغان بولىدۇ. شەھەر سېپىلى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۆزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قۇرغان قۇرۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا مۇنداق ئىككى يەكۈن چىقىدۇ، بۇنىڭ بىرى، كروران شەھىرىنىڭ دەۋرى كروران قەلئەسىدىن بۇرۇن بولۇپ، شەھەرنىڭ مەلۇم كۆلەمگە ئېرىشىشى بىلەن ئاندىن بۇ شەھەرسېپىلى بارلىققا كەلگەن،  ھۆكۈمران سىنىپ ئۆزىنىڭ مال - مۈلۈك ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سېپىل قۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئىھاتىلىگەن. ئىككىنچى بىر مەسىلە، كروران شەھەر سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇشى كروران ئېلىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن بولغان بولىدۇ.  پاكىتلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 - يىلىدىن بۇرۇن كروران ئېلىنىڭ ۋە كروران شەھىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىز كروران شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىشى ۋە شامالنىڭ تۇپراقنى ئۇچۇرتۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كروران شەھىرىنىڭ ۋەيران بولغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، كروران شەھىرىنىڭ ۋە كروران ئېلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى  كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5 -، 4 -ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن دېگەن يەكۈن چىقىدۇ. كروران شەھىرىنىڭ كۆلىمى مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە سېپىلنىڭ كۆلىمى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن، بۇ تولىمۇ بىتەرەپلىمە قاراش بولۇپ، شەھەر كۆلىمى كەم دېگەندىمۇ 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ھازىرقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان ئىزلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەرىتىدىن بىز بۇلارنىڭ باغلىنىشىنى، جۈملىدىن تۇتاش كەتكەن شەھەر-  بوستانلىقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. خۇاڭ شېڭجاڭ ئەپەندى LE شەھىرىنىڭ تۆت تەرىپىنى سۇ ئوراپ تۇرىدۇ، يەنە سۈنئىي قانال ئارقىلىق LA شەھىرىگە تۇتىشىدۇ، LE شەھىرى غەربىي دىيار دورغاپى باشقۇرۇشىدىكى تېرىقچىلىق ئورنى بولۇپ، سىياسىي - ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن LA شەھىرىنىڭ قارىمىقى  بولۇپلا قالماستىن، شەھەرلىك فۇنكسىيىسى جەھەتتىنمۇ LA شەھىرىگە بويسۇنىدۇ، LA شەھىرىگە تۇتاشقان قانال بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. LA شەھىرى دەريا بوغۇزىدىكى ئۈچ بۇرجەك رايونغا جايلاشقان بولۇپ،قەدىمكى كروران بوستانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ، تەبىئىي شارائىتى ئەڭ ئەۋزەل شەھەردۇر،شۇڭا سىتەيىن بۇ شەھەرگە LA نى شەرتلىك بەلگە قىلغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خارابىلەر LA شەھىرىگە تەۋە بولغان.سىتەيىن بۇ خارابىلەرنى جەنۇب ۋە شىمال دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، جەنۇبىي گۇرۇپپا LJ دىن باشلاپ غەربكە LF, LE, LL,LS, LT قاتارلىقلار بار. قانالLA ئۈچۈن خىزمەت قىلغان،مۇشۇ ئېھتىياج بىلەن قېزىلغان .(خۇاڭ شېڭجاڭ: كروران ئېلىنىڭ پايتەختى كروران شەھىرى ۋە LE شەھىرى مەسىلىسى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژۇرنىلى، خەنزۇچە، 1996 -   يىللىق 8 - سان، 70 – بەت)دېيىلگەن. مانا مۇشۇلاردىن  كروران شەھىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى، شۇنچىلىك چوڭ كۆلەمدىكى شەھەرنى پايتەخت قىلغان كروران دۆلىتىنىڭ قانچىلىك تەرەققىيات ۋە تارىخىي باسقۇچلارنى باشتىنكەچۈرگەنلىكىنى ئىلمىي پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.




يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: غالىب بارات ئەركنىڭ "كروراننىڭ سىرى"ناملىق كىتابىنىڭ 119-بېتىدىن 132-بېتىگىچە




توردىكى مەنبەسى:لوپتىكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 03:19 PM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 04:51:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىڭىزگە  بەرىكەت تىلەيمەن. ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن. ئىزدىنىشىڭىز توختاپ قالمىسۇن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپ تارتمايدىكەنغۇ بۇلار.قانداقلا ئىش بايقالسا نوم ئەكەلگىلى مۇشۇ جايدىن ئۆتكەن دەپ. بۇددا دىنى (ئامالنىڭ يوقىدىن دېدىم ،ئەمىلىيەتتە پوق يېگەننىڭ گېپىتى)ئۇزامانلاردا  بامىدى يا تېخى ساكيامونىنىڭ كۆتىدىن زېمىن سەھىپىسىگە چىقىرىلغانمۇ -يوق؟دەپ سېلىشتۇرۇپ كۆرگىلى ۋاقتى يەتمەيدىكەن.بەك ھۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆۆ بوپ كەتتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95621
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2013-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:34:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    كىرورەن  دەۋرىگە قايتقاندەك بۇلۇپ قالدىم، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يەنە كۆپ ئىزدىنىشىمىز تەتقىق قىلىشىمىزغا موھتاج ئىكەن، ئاللاھ مۇشۇ ساھەدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن...
   ئەگەر بۇ ساھەدە يېڭى ماتېرياللارغا ئىگە بولساق بىللە ئورتاقلىشىپ تۇرارمىز!
   خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن!

ھەركەت ئەڭ ياڭراق ئەمەلىي تىلدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1573 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 09:23:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرورەن دىمەكلىك تەكلىماكان دىگەنلىك .ئۇنداقتا تەكلىماكاندىكى شۇنچىۋۇلا قۇم نەدىن كەلگەن

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 11:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 07:13:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش