مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1236|ئىنكاس: 15

تورداشلار ئىقتىساد ئۇگىنەيلى!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69210
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4799
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 01:45:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىقتىساد دىگەن نىمە؟


ئىقتىساد لاتىن تىلىدىكى economy (ئېكانومى دەپ ئوقىلىدۇ) دىن كەلگەن بولۇپ ئەسلى مەنىسى ئايىلە باشقۇرۇش سەنئىتى دىگەنلىك. بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدابۇرۇندىن ئىكانىم دەپ دەپ ئىلىنغان ، قازاق قىرىنداشلار ئىقتىسادى ئۇچۇرنى ئىكانىمىكالىق ئىنفورماتسىيا دەيدۇ. بۇ بىزدە تىجەشلىك بولۇش، ئىدىتلىق باشقۇرۇش بايلىق ئىشىنىشنى بىلدۇرىدۇ.


ئايروپىلاندىكى ئەڭ ئەزان بىلەتلىك ئورۇن 经济舱 دىيىلىدۇ ، بۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرقى مەنە چىقىدۇ.

دىمەككى ئىقتىساد بىر ئايىلىنى، بىر جەمەتنى، بىر رايوننى بىر دۆلەتنى ئىدىتلىق باشقۇرۇش سەنئىتى دىگەنلىك.

ئىقتىساد پىنىنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نىيوتوننىڭ دىنامىكا ، ھەركەت، ئىنىرگىيە قانۇنلىرىنى چۈشۈنۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.


نيوتۇننىڭ بىرىنجى ھەركەت قانۇنى: تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا تەكشى ھەركەت ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلايدۇ. ئىقتىسادنى تەكشى تىزلىكتە بىر خىل سۈرەتتە  ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىمغا ئوخشاتساق،   سۈرىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۈن  سىرتتىن كۈچ ئىشلەش يەنى ئارتۇقچە  ئىنىرگىيە بىرىش كىرەك.

خوش، نيوتوننىڭ يەنە بىر قانۇنى: ئىنىرگىيە باردىن يوق بولمايدۇ، يوقتىن بار بولمايدۇ، پەقەت بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئاينىلىدۇ، ئىقتىىساتنىڭ ئەڭ كونكىرىت كۆرسەتكۈچى بولغان ماددى بايلىقمۇ شۇنداق. يەر شارىدا ماددى بايلىق جۇغلانمىسى چەكلىك، يوقتىن بار بولمايدۇ، باردىن يوق بولمايدۇ، پەقەت بىرىنىڭ يانچۇغىدىن بىرىنىڭكىگە ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بىز قاتارلىق 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ يانچۇقىدىكى 4 تال پۇل تىخى ئىسسىق ئۆتمەي تۇرۇپلا ئامرىكا قاتارلىقلارنىڭ يانچۇغىغا كىرىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ كونىلا  بۇ قانۇنىيەتنى سۇ سايغا پۇل بايغا قەدىمى زامانلاردىلا ئىسپاتلاپ چىققان.

بىرىگە تەنتەربىيە لاتارىيەسىدە 5 مىليون چىقىپ بىر كىچىدىلا مىليونىردىن بىرى كۆپەيدى، لىكىن ئۇنتۇپ قالمايلى ، بۇ  مۇكاپات چىقمىغان 2 مىليون 500 مىڭ بىتەلەينىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن سىلىپ بەرگەن 2 يۈئەندىن پۇلى ، شۇنچە نۇرغىن ئادەمنىڭ سىىلىپ بەرگەن 2 كويدىن پۇلى بىر مىليونىرنى ياساپ چىقىدۇ.

ئامرىكا بىيىپ تىنىپ كەتتى. چۈنكى دۆلىتىمىز قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسى قىلىۋالدى. بافىت ئۆمرىدە كەتمەن چىپىپ باقمىغان، قاتتىق قۇرۇق ئىشلىنىمۇ قىلىپ باقمىغان، بافىتنىڭ كارتىسىدىكى پۇلى 50 مىليارت ئامرىكا دوللىرى. جوڭگودەك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ 2011 يىللىق مىللى دارامەت قىممىتى يەنى GDP سى 7407 مىليات ئامرىكا دوللىرى، يەنى ئامرىكىدا بافىتتەك بايدىن 150 نىڭ  پۇلى  جوڭگۇدىكى بىر مىليات 400 مىليون ئادەمنىڭ بىر يىللىق دارامىتىگە تەڭ. باشقا كارلوس، بىل گەيتىس، بېرناد دىگەن بايلىنىڭ گىپىنى قىلمايلى بولدى.ئەمدى سىرلىق GDP مۇسابىقىسى توغرىلىق سۆزلەيلى،

دۆلىتىمىز دۇنيا ئىقتىسادى GDP مۇسابىقىسىدا ئىككىنجى بولدى، بۇ كەنتتىن تارتىپ مەركەزگەچە  ھەر دەرىجىلىك سىتاتىسكا ئىدارىلىرىدىكى مىليوندىن ئارتۇق خىزمەتچى بىر يىل كۈرەش قىلىپ ھىساپلاپ چىققان سانلىق مەلۇمات، مەنچە بۇنىڭدا سۇ تەركىۋى ئاز، ياكى يالغىنى يوق دىگىدەك. بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى يىلىغا 10پىرسەنت ئاشسا 6-7 يىلدا بىر قاتلىنىپ بولىدۇ، بۇنداق ئىشىۋاتقىلى 30 يىل بولدى. لىكىن بىز بۇنى تازا ھىس قىلمىغاندەك تۇرىمىز سەۋەپ نەدە؟ تۆۋەندىكى تەمسىلگە قارايلى.

مەسىلەن مەن بىر  يىزىلىق، بۇ يىل مەركەزدىن يىزىغىچە قانداقلا بولمىسا ئىقتىسادنى 10 پىرسەنت ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بۇيرۇغى چۈشتى، ئەلۋەتتە بۇنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى پۈتۈن يىزا خەلقىنىڭ يىللىق كىرىمىمۇ 10 پىرسەت ئاشقان بولىشى كىرەك. مۇشۇنداق يىزا كەنت شەھەرلەرنىڭ، ئۆلكىلەرنىڭ  10پىرسەندىن ئىشىشى ئاخىرى جۇغلۇنۇپ پۇتۇن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ 10پىرسەنت ئىشىشى بولۇپ نەتىجىلىنىدۇ.


مەن بىر يىزىلىق بولۇش سۈپۈتۇم بىلەن بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ ئىشىشىغا چوقۇپ ئۆزۈممىڭ ھەسىىسىنى قوشىشىم كىرەك ، يەنى مىنىڭ بۇ يىلقى كىرىمىم چوقۇم 10پىرسەنت ئىشىشى كىرەك،

لىكىن مىنىڭ ئالدىنقى يىللىق 5000 كوي كىرىمىمنىڭ بۇ يىل يەنە ئىشىش ئىھتىمالى ئازراقمۇ يوق ، شۇنىڭدىمۇ مەن بىر ئامال چارىلار بىلەن بۇ يىل 500 كوينى ئارتۇق تىپىشىم كىرەك.

مىنىڭ خوشناممۇ شۇ غەمدە؟

قانداق قىلىشىم كىرەك؟ قارماقتىن بىرنى ئىلىپلا دەرياغا بىرىپ ئالقىنىمدەك بىلىقتىن بىرنى تۇتۇپ كىلىپ خوشنامنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ بۇ بىلىقنى ساڭا 500 كويغا سىتىپ بىرەي سەن يىگىن دىدىم ، خوشنام 5 كويغىمۇ يارىمايدىغان بىلىققا 500 كوينى گەپ قىلمايلا بەردى ، مەن بۇ پۇلنى مىدىراتماي تىقىپ بولدۇم.

خوش، بۇ يىل كىرىشىگە مەن  قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ بىلىق سىتىپ 500 كوي ئارتۇق كىرىم قىلدىم، بۇلتۇرقى 5000 كوينى بۇ يىل دىخانچىلىق قىلىپ تاپالايدىغىنىمغا كۆزۈم يەتكەن ئەھۋالدا مىنىڭ بۇ يىلقى  كىرىمىم 5500 كوي بولدى دىگەن گەپ . مىنىڭ كىرىمنى بۇ يىل 5500 كويغا يەتكۈزۈپ 10 پىرسەنت ئاشۇرۇش پىلانىم ئەمەلگە ئاشتى، ۋەزىپەم ئورۇندالدى،

بۇ ۋەزىپە خوشنامنىڭ بىشىدىمۇ بار، خوشناممۇ ئىسسىق ئەمەس، خوشنام يىل ئاخىرى دەريادىن بىر بىلىق تۇتۇپ مىنى ئىزدەپ كىلىپ بۇ بىلىقنى ساڭا 500 كويغا سىتىپ بىرەي دىدى، مەن گەپ قىلماستىن يىل بىشىدا تىقىپ قويغان يەرىمدىن 500 كوينى ئىلىپ خوشنامنىڭ بىلىغىنى سىتىۋالدىم، خوشناممۇ  بۇ يىل 500 كويغا ئارتۇق ئىشلەپ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىۋالدى.

بۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىمىدى، يىزىمىز سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ سىتىش سوممىسى بۇ يىل بۇلتۇرقى 10 مىڭ كويدىن 1000 كوي ئىشىپ 10 پىرسەنت ئاشقان بولدى.....

مانا بۇ قىزىقارلىق GDP مۇسابىقىسى.

بىزگە ئانچە تونۇشلىق بولمىغان يەنە بىر ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچنى دەپ قوياي، ئۇ بولسىمۇ ئېنگىر كۆرسەتكۈچى. سىزنىڭ قورساق بىقىش ئۈچۈن كەتكەن پۇلىڭىزنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىڭىزنىڭ ئىچىدەئىگەللىگەن نىسپىتى ئېنگىر كۆرسەتكۈچى بولىدۇ ، مەسىلەن سىزنىڭ ئايلىق مائاشىڭىز 2500 كوي، قوساققا كەتكەن پۇل 1000 كوي، ئۇ چاغدا 1000 نى 2500 گە بۆلسەك ئېنگىر كۆرسەتكۈچىڭىز 40 پىرسەنت بولىدۇ، قىزىققانلار ھىساپلاپ باقسا بولىدۇ، ئەگەر ئېنگىر كۆرسەتكۈچىڭىز 20 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولسا سىز ھاللىق سەۋىيەسىكى ئادەمكەنسىز، ئەگەر 80 پىرسەنتتىن يۇقۇرى بولسا مەيلى GDP ئۇچۇپ نەگە بارسۇن  سىز خەلقئارالىق نامراتلىق ئاگالاندۇرۇش سىزىغىنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقان ئادەمكەنسىز.

ئامرىكىلىقلا قاندا قىلىپ بىزنىڭ رىسقىمىزنى بۇلاپ كىتىۋاتىدۇ ؟  بۇدا ئىنكاستا مايمۇن ساتقۇچىنىڭ لەتىپىسىنى سۆزلەپ بىرەيئالدىنقى ئىنكاسلىدا ئىقتىساد ۋە GDP توغرىسىدا سۆزلەندى، 5 كويلۇق بىر تال  بىلىقنىڭ 500 كوي بولۇپ قولدىن قولغا بىرلا قىتىم ئۆتۈپ بىر يىزىنىڭ يىللىق مىللى دارامىتىنىڭ 10 پىرسەنت ئىشىشىغا قانداق تۆھپە قوشقانلىغىنى چۈشەنسەك ئۇ چاغدا ھەر كۇۋادىرات مىتىرىنىڭ تەننەرقى 1000 كويغىمۇ يەتمەيدىغان ئۆي باھاسىنىڭ بۇ 10 يىللار ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ نەچچە ئون مىڭ كويغا چىقىشىنىڭ مال باھا ئۆرلەشنىڭ بۇ 10 يىلدا GDP گە قانچىلىق تۆھپە قوشقانلىغىنى بىلەلەيمىز. 20 يىل بۇرۇنقى بىزنىڭ 10 كويلۇق پۇلىمىز ھازىر 100 كوي بولدى ، دىمەك كىرىمىمىز 10 ھەسسە ئاشتى، لىكىن بۇرۇنقى 10 كوي ياكى ھازىرقى 100 كوي پۇلىمىزغا  ئىككى دەۋىردە ئوخشاشلا 2 كىلو گۆش سىتىۋالالايمىز.

مايمۇن ساتقۇچىنىڭ ھىكايىسىغا كىلەيلى،

بىر يىزىدىكى چوڭ بىر ئورماندا بىر توپ مايمۇن ياشايدىكەن، بۇ مايمۇنلىنىڭ سانىنى 1000 دەپ تۇرايلى، يىزىلىقلا بۇ مايمۇنلىغا ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ.

بىر كۈنى شەھەردىن بىر يوچۇن ئادەم چىقىپ ئورمانغا يىقىن بىر نەچچە ئۆيگە كىرىپ ئۆزىنىڭ مايمۇن سىتىۋالىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ ۋە بىر مايمۇنغا 5 كوي باھا قويۇپتۇ، ۋە 3-4 كۇندىن كىلىپ يىزىلىق بىر نەچچە ئايىلە ئورمانغا كىرىپ تۇتۇپ قويغان 10 مايمۇننى 50 كويغا سىتىۋىلىپ كىتىپتۇ، ۋە يەنە قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئالىدىغىنىنى ئەسكەرتىپتۇ.

ئەمدى پۇتۇن يىزىدا مۇشۇ توغرىلىق گەپ بولۇپ مايمۇن تۇتۇپ پۇل تىپىش نۇرغۇن ئادەمگە يىڭىلىق تۇيۇلۇپتۇ ۋە ھەممەيلەن ورمانلىققا ئاتلىنىپتۇ.

بىر ھەپتىدىن كىيىن شەھەرلىك سودىگەر كىلىپ 500 مايمۇننى 5 كويدىن يىغىپ كىتىپتۇ ۋە يەنە قانچىلىك بو لسا شۇنچىلىك شۇنچىلىك ئالىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.

بۇ يەردىكى مەسىلە، ئەمدى ئورماندىكى مايمۇنلار كاتتىق ئۈركۈپ ، ھەم سانىمۇ ئازلاپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن مايمۇن تۇتۇشمۇ قىيىنلىشىپتۇ . يىزىلىقلار  مايمۇننىڭ باھاسىنى 10 كويغا ئۆستۈرۈشكە كىلىشىپتۇ. شەھەرلىك سودىگەرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ ۋە بۇداقى مايمۇنلىنى 20 كويدىن ئالىدىغان بولۇپ 200 ماينۇنننى شەھەرگە ئىلىپ كىرىپ كىتىپتۇ.

مايمۇن ئازلاپ تۇتۇشمۇ تەسلىشىپ كەتكەنسىرى مايمۇننىڭ باھاسى ئاخىرى 50 كويغا ئۆسۈپ شەھەرلىك سودىگە ئەڭ ئاخىرقى مايمۇنلىنى 50 كويدىن سىتىۋاپتۇ يەنە يىزىلىقلارنى داۋاملىق ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ 200 كوي باھا قويۇپ قايتىپ كىتىپتۇ.

بۇ كۇنلەردە يىزىلىقلارنىڭ كۈنى باشقا ھەر قانداق ئىشنى قويۇپ مايمۇن ئىزدەش بىلەنلا ئۆتىدىكەن. بىر كۈنلەردە يىزىدا يەنە بىر شەھەرلىك سودىگەر پەيدا بولۇپ قولىدا نۇرغۇن مايمۇن بارلىغىنى ، يىزىلىقلانىڭ مايمۇن باققىسى بولسا بىرىنى 100 كويدىن سىتىپ بىرىدىغانلىغىنى ئىيتىپتۇ،

يەنە بىر مايمۇن سىتىۋالىدىغان شەھەرلىكنىڭ بىر مايمۇنغا 200 كوي ۋەدە قىلىپ كەتكەنلىگى، ئەمدى شۇنچە ئىزدىسىمۇ بىر  مايمۇن تۇتالمىغان شەھەرلىكلەرگە يەنە بىر قىتىم باي بولۇش پۇرسىتى ئىلىپ كەلگەندە بولۇپتۇ ، مايمۇن سىتىۋالىدىغان شەھەرلىكنىڭ كىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى ، ھازىر 100 كويدىن ئىلىپ قويساق 200 كويغا ساتالايمىزكەن دەپ يەنە بىر شەھەرلىكنىڭ مايمۇنلىرىنى بىر بىرىدىن قىزغىنىپ بەس- نەستە سىتىۋىلىپ تۈگۈتۈپتۇ، لىكىن قانچە ساقلىسىمۇ شەھەرلىك مايمۇن سىتىۋالغۇچىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەپتۇ،  كانايغا يوق سۇنايغا نەدە دىگەندەك مايمۇنلىرىنى باقالماي ئاخىرى ئورمانغا قويىۋىتىپتۇ

ئەمدى ئاۋۇ ئىككى شەھەرلىكنىڭ تىلى بىر شىرىك ئىكەنلىگى يىزىلىقلارغا ئاستا-ئاستا ئايان بوپتۇ.

بۇ يەردىكى يىزىلىقلار بىر قاتارلىق 3-دۇنيا ئەللىرى، مايمۇن سىتىۋالغۇچى شەھەرلىك دەل ئامرىكا، شەھەرلىك شىرىكى بولسا ئامرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىپ كۈچلۈكلىرى. مايمۇنلار بولسا 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى تەبىيى بايلىقلار، ئەرزان باھالىق خام ئەشيالار، تاشقى پىرۋۇت زاپىسى،چۈشۇپ ئەخلەتنىڭ نەرقىدە بولۇپ قالغان  پاي چەك ۋە قەرەللىك سودا بۇيرۇتمىلىرى، ھەتتا مۇلۇك ھوقۇقى، دۆلەت قەرزى، زاۋۇت-كارخانا قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى تەرەققىيات دېگەن نىمە

ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادى تەرەققىيات دىمەكلىك پۇل بار دىمەكلىكتۇر. پۇل نەدىن كېلىدۇ ؟ پۇلنى پەقەتلا بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا زادى قايسى ئامىل پۇل بېسىش ماشىنىسىنى توختىماستىن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ؟

بىر ئارالدا 1000 ئادەم بار دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇلار تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگەن، ئۆزى ئارا نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.ئەمما بەزىدە قولىڭىزدىكى مال چوقۇم قارشى تەرەپكە لازىملىق مال بولىشى ناتايىن، قانداق قىلىمىز ؟ شۇڭا كىشىلەر ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ئالتۇن، كۆمۈشنى ئالماشتۇرۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بويۇم قىلىشىۋالدى، ئالماشتۇرۇشمۇ قولايلاشتى. ئەمما ئالتۇن،كۆمۈشلەر ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز، ئاسان سۈركىلىپ ئۇپرايدۇ، ئالماشتۇرۇش مىقدارى كۆپ بولغاندا قولايسىز. شۇڭا كىشىلەر مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ئامال ئويلاپ تاپتى. ئارالدىكى باشقۇرغۇچى مەلۇم بىر بەلگىنى تارقاتتى، مۇشۇ بەلگە ئالتۇن،كۆمۈشكە ۋەكىللىق قىلىدۇ- شۇنىڭ بىلەن پۇل بارلىققا كەلدى._

دەسلىۋىدە پۇلنى خالىغان ۋاقىتتا ئالتۇن،كۆمۈشكە تىگىشكىلى بولاتتى. كۆپچىلكنىڭ ھەممىسى خاتىرجەم، چۈنكى پۇل دىگەن ئالتۇن،كۆمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەمما ئارالدىكى ئالتۇن،كۆمۈش زاپىسى بەك ئاز بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپەيگەندە، پۇل يىتىشمەي ئامالسىز توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئالماشتۇرۇشنى توختىتىشنىڭ ئاقىۋىتى بولسا، كىشىلەر باشقىلار ئېھتىياجلىق بولغان بويۇملارنى ئىشلەپچىقارمايدىغان بولدى. چۈنكى باشقىلار ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئالماشتۇرش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى گەپ بويىچە ئېيتساق، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئاستىلىدى. ;

 شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك يەنە بىر ئامال ئويلاپ تېپىپ سەررەپخانا قۇرۇشتى. بۇ سەررەپخانا كۆپچىلىككە تەۋە. پۇلنى سەررەپخانا تارقىتىدۇ. بېسىلغان پۇلنى لازىملىق كىشىلەرگە قەرىز بېرىدۇ،كىينچە بۇ كىشىنىڭ پۇلى بولغاندا سەررەپخانىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بانكا پەيدا بولدى.

بانكىنىڭ پەيدا بولىشى، ئالماشتۇرۇش پائالىيتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك جېننىڭ بارىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.ئارالدىكى مال كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى، بانكا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ئاساسەن توختىماستىن پۇل باستى. كىشىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپەيگەنسىرى، بىر بانكا يىتىشمەي، كۆپلىگەن بانكىلار پەيدا بولدى.ئەمما ھامان ئاساسلىق بىرسى بولۇش كېرەكقۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن بىر سەررەپخانىنى باشقا سەرراپخانىلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى،ھەمدە پەقەت مۇشۇ سەررەپخانىنىڭلا پۇل بېسىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگۈلىدى. بۇ سەرراپخانا پۇلنى باسقاندىن كىيىن، باشقا سەرراپخانىلار ئارقىلىق پۇلنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قەرىز قىلىپ تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەركىزى بانكا پەيدا بولدى


تاشقى سودا دېگەن نىمە ؟

بىر كۈنى ئارالدىكى كىشىلەر كىمىنى كەشىپ قىلدى، ئۇلار كىمە ئارقىلىق ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ باشقا بىر ئارالنى بايقىدى. ئۇ ئارالدىمۇ كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئارالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغۇسى كەلدى.ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىنڭ ئارىلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بەك كۆپ،مۇنۇ ئارالدىكى مەھسۇلاتلار ئاز. بىر سومغا ئۆزىنڭ ئارىلىدا بىر كىلو گۈرۈچ ئالغىلى بولسا، مۇنۇ ئارالدا يېرىم كىلو گۈرۈچ ئالغىلى بولىدىكەن.شۇڭا، ئۆزىنڭ ئارىلىدىكى پۇلنى مۇنۇ ئارالدا خەجلىمەكچى بولسا،ئۆزىنڭ ئىككى سوم پۇلى بىلەن بۇ يەرنىڭ بىر سوم پۇلىغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن ئايرىۋاشلاش قىممىتى دىگەن ئۇقۇم بارلىققا كەلدى. ئايرىۋاشلاش قىممىتى بىكىتىلگەندىن كىيىن، ئىككى ئارالدىكى كىشىلەر ئۆز ئارا مال ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى- تاشقى سودا دىگەن مۇشۇ. تاشقى سودا كىشىلەرنىڭ سودا مەزمۇنىنى بېيتتى.ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى يەنە بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى.


پۇل پاخاللىغى دېگەن نىمە ؟

بىر كۈنلەردە ئارالدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلا ر بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ زادى قانچىلىك پۇل تارقىتىش كېرەكلىگىنى مۆلچەرلەش قىيىنغا چۈشتى. تارقىتىلغان پۇل كۆپ بولۇپ كەتسە، سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئۇنچىلىك كۆپ مال بولمىغانلىغىلى ئۈچۈن، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، تارقىتىلغان پۇل ئاز بولۇپ قالسا مال باھاسى چۈشۈپ كەتتى. باھانىڭ مۇقىملىغىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەركىزى بانكا ھەرقايسى بانكىلاردىن بىر بۆلۈك پۇلنى مەركىزى بانكىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مەركىزى بانكا مال باھاسىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ قانچىلىك تارقىتىش بەلگۈلەيدىغان بولدى. مانا بۇ پۇل ئامانەت كۆرسەتكۈچىسى(存款准备金率 تەرجىمىسى خاتا بولسا ئەسكەرتىش بېرەرسىلەر). _

ئەمما بەزى ئەقىللىق كىشىلەر بىر ئاماللارنى قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇلنى ئۆز يانچۇقىغا سېلىشنىڭ كويىغا چۈشتى. ئۇلار دېڭىز بويىدىن بىر تاشنى تېرىۋېلىپ ، ”بۇ تاش بىر مىليۇن سومغا يارايدۇ !“ دەپ تەشۋىق قىلىپ يۈرۈپ ئۇنى باشقا بىر ئادەمگە سېتىپ بەردى. بۇ كىشى ئارالدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى يىغسىمۇ بىر مىليۇنغا بارمايدۇ دەپ ئويلاپ، سەرراپخانىدىن قەرىز ئالماقچى بولدى. سەرراپخانىنىڭ ئۆزىدىمۇ بۇنچە كۆپ پۇل بولمىغاچقا، يەنە بىر مىليۇن پۇلنى بېسىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا قەرىز بەردى، ئۇ تاشنى سېتىۋالدى.-

  بۇ كىشى يەنە بىرمىليۇنلۇق باھادا بۇ تاشنى يەنە بىر كىشىگە سېتىپ بەردى. ئەڭ دەسلەپ تاشنى ساتقۇچى كىشى پۇلنى ئارالدا خەجلىگەچكە، ئارالدىكى پۇل كۆپەيدى. ئەمما ئۇ تاشنى ئىككى مىليۇنلۇق باھادا قولدىن چىقارماقچى بولغاندا، سەرراپخانا يەنە بىر مىليۇن پۇلنى ئارتۇق بېسىشقا مەجبۇر بولدى.شۇنداق قىلىپ پۇل بارغانسىرى كۆپەيدى، ئەمما بۇ تاش داۋاملىق ئالماشتۇرۇلسىلا كىشلەر ئارالدىكى پۇلنىڭ كۆپلىگىنى ھىس قىلالمايدۇ. ئەمما بۇ تاشقا ئېرىشكۇچى كىشى، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتسىلا، بۇ ئارالدا بىكاردىن –بىكارغا N مىليۇن پۇل كۆپىيىپ قالىدۇ. تاش بولمىغاندىن كىيىن ئارالدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەشكە باشلايدۇ- پۇل پاخاللىغى كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇ- تاشنىڭ ئىگىسى ئارالنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان

ئۆي باھاسى جۇڭگۇ ئىقتىسادىنى تۇتقۇن قىلالامدۇ ؟

جۇڭگۇنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپى مەركىزى بانكىنى ناھايىتى كۆپ خەلق پۇلى تارقىتىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆي باھاسى تۆۋەنلىگەنلىك، ئاشۇ تاشنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر، ئارتۇق بېسىلغان ئاشۇ پۇللار جۇڭگۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ ناھايىتى ئېغىر پۇل پاخاللىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۆي باھاسى بىلەن تاشنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ خاراكتىرى ئوپمۇ-ئوخشاش- يەنى باھاسى ئەسلى قىممىتىدىن ناھايىتى يىراقلاپ كەتكەن. ئۆي-مۈلۈك كەسپى ۋەيران بولسا زىيان تارتىدىغىنى بانىكلار بولماستىن،بەلكى جۇڭگۇنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادى سېستىمىسى. نىمىشقا ھۆكۈمەت ئۆي باھاسىنى چۈشۈرمەيدۇ؟ چۈشۈرەلمەيدۇ ئەمەس،چۈشۈرەي دىسە بىر مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن چۈشۈرۋىتەلەيدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان پۇل پاخاللىغىغا كىم مەسئۇل بولىدۇ ؟

ئۆي-مۈلۈك كەسپى جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان( گۆرۆگە ئېلىۋالغان)، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەت،ھىچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

كىمنىڭ باش مىنىستىر بولىشىدىن قەتئىينەزەر، پاك بولسۇن، چىرىك بولسۇن، ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ، ئەمما بۇ ناھايىتى قول تۇتىدىغان مەسىلە

ئۆي باھاسى بىلەن پۇل پاخاللىغىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟

قول تۇتىدىغان مەسىلە يالغۇز بۇ يەردىلا ئەمەس. ئۆي باھاسى چۈشسە، پۇل پاخاللىغىغا دۇچ كېلىدىغان گەپ، ئەگەر ئۆي باھاسى چۈشمىسە، ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان پۇل پاخاللىغىغا دۇچ كېلىدىغان گەپ.زادى قانداق قىلىش كېرەك. _

شۇڭا ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل ئۆي باھاسىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن كىيىن جەمئىيەتتىكى مەھسۇلاتلار كۆپەيگەن چاغدا پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنى ئازايتىش. باشقا سىياسەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ، مەسىلەن، ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش، سودا بانكىلىرىنىڭ ئامانەت كۆرسەتكۈچىنىڭ كۆپەيتىش، قەرىز كۆلىمىنى قىسقارتىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق، جۇڭگۇ ئىقتىسادىنى ”تىنىچ-ئامان قوندۇرۋېلىش“. بۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە بولغان مەمۇرىي بۇيرۇقلىرى مۇشۇ لوگىكا بويىچە مېڭىۋاتىدۇ،ئىشەنمىسىڭىز ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆي-مۈلۈككە ئائىت تەڭشەش سىياسەتلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ.

ئەمىسە نىمىشقا ئۆينىڭ باھاسى تۇراقلاشماستىن بارغانسىرى ئۆسۈپ كېتىدۇ ؟ ئەجابا ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئويۇن ئويناۋاتامدۇ ( بۇ يەردىكى بىر سۆز خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتكە كىرگۈزۈلمەپتۇ، خەنزۇچە ئېنىقلىمىسىغا ئاساسەن ئېلىندى)؟ سىزگە ئېيتسام، جۇڭگۇدا ھىچكىم كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن كۈچ ئېلىشالمايدۇ. ئىككى-تۆت تال يوغان قورساق سودىگەرلەرنىڭ ئۇنچىلىك قۇدرىتى يوق. ئەمەلىيەتتە پەردە ئارقىسىدىكى يەنە بىر قارا قول جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، بۇ قارا قول دەل چەتئەل مەبلىغى- ئامرىكا ۋەكىللىكىدىكى جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگۇ خەلقنىڭ قېنىنى شوراش ئۈچۈن سۇنغان قارا قولى

دوسلار ئىقتىسادى بىلىملەرنى موللىتايلى، ئىقتىساد ئۇگىنەيلى! ئىقتىساد سۆزلەيلى!

قانچىلىك بىلسەك شۇنچىلىك دەيلى!


مەنبە:خاتىرەم




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەردار566 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 01:48 PM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
wisali + 35 تەپەككۇرى كۈچلۈك
oygan0 + 300
kadir7448 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
matros1 + 39 بولىدىغان تېما
ئەلشاھ + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 800   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 04:50:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيىتى بار تىمىكەن، بەك ياقتۇردۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1866
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 04:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا چوڭ بولغاندا ئىقتىساد كەسپىدە ئۇقۇپ داڭلىق سودىگەر بولىمەن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5706
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:48:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھلىللىرىڭىزگە بارىكاللا.......ئىلمى پىكىر قىپسىز بۇ برقىتىملىق ئوچۇق دەرىس بولدى. بىراق ئامرىكىنى قارا قول قىلىپ كۆرسەتكىنىڭىز مىنىڭچە توغرا بولمىدى .چۈنكى ئىسلاھاتنى، پۇل تىپىشنى ئامرىكا جوڭگوغا ئۆگەتكەن.ھازىرمۇ جوڭگۇنىڭ نۇرغۇن پۇلى ئامرىكا بانكىسىدا تۇرۇپ ئامرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا قەرىز بىرىش شەكلى بىلەن نۇرغۇن پۇل تىپىۋاتىدۇ. دىمەك ھۆكۈمىتىمىزمۇ ئامرىكىدىن مەنپەتلەنگۈچىدۇر.

ماڭا ھىجايما !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14661
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9093
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2013-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:17:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر قولىدا ئازراق ئىقسادى بار ئادەم تىز باي بولىمەن دىسە ئۆي مۆلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدىكەن ، ئەڭ تۆەن ھىساپلىغاندا بۇلتۇر 50 مىڭ كويغا ئالغان يەر بۇ يىل ئاز بولغان 20 مىڭ يۈۋەن پايدا بىرىدۇ ،بۇ پۇلىنى بانكىدا ساقلىغانلارغا ياخشى پۇرسەت . ھازىر بانكىلار دىھقانلارغا ئاز سوممىلىق قەرىز تارقىتىۋاتىدۇ ، قايتۇرالمىغان دىھقانلار يەرلىرىنى سىتىپ قايتۇرۋاتىدۇ ، بۇ پۇرسەتنى تۇتىۋالغان پۇلدارلار دىھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىلىپ پايدىسغا سىتىپ باي بولىۋاتىدۇ . .مۇشۇنداق بولسا ئاز قالماي بىنالىشىپ ئولتۇراقلىشىش يىزىلاردىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ ، يەنە شۇچاغدا باي بولىدىغىنىمۇ ئۆي- مۆلۈككە مەبلەغ سالغانلار . يەر ئىلىپ بىنا سالسىڭىز 5 قەۋەتلىك بىنانىڭ پۇتۇپ چىقىشىغا بارىق چىقىمى تەخمىنەن يىزا بازارنىڭ 800 يۈەن ، شەھەر رايۇنىنىڭ 1800دىن 2800 يۈەنگىچە كىتىدۇ ، پۇتۇپ چىققاندىن كىيىن ھازىرقى يىزا بازار ئەڭ تۆەن باھا 1300 يۈۋەن ،شەھەر باھاسى 2500 يۈۋەندىن 3800 يۈۋەنگىچە  .. پايدا نىسپىتى 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە . ئۇندىن باشقا باشقۇرۇش ھەققى ، سۇ - توك پۇلى ، ماشىنا توختىتىش ھەققى ، ھەرخىل ئورۇنلارنىڭ ئىجارە ھەققى دىگەندەك قوشۇمچە كىرىملارمۇ بار ..

مىللىتىگە ھاقارەت قىلغان كىشى مىللىتىگە خايىن بولۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:42:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5706
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:58:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
eliborisi يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 06:17 PM
ھازىر قولىدا ئازراق ئىقسادى بار ئادەم تىز باي بولىمەن  ...

ئۇنىڭدىن كىينچۇ دىخانچىلىقنى بىنا ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدە قىلامدۇق.باغنى بىنا ئۆينىڭ ئىچىدە قىلامدۇق.  سىزنىڭ بۇ تەھلىلىڭىز پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ماڭا ھىجايما !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14661
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9093
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2013-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 07:09:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 06:58 PM
ئۇنىڭدىن كىينچۇ دىخانچىلىقنى بىنا ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ...

مەن بۇنى چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك دىمىدىم ، ئەتراپتىكى ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ دەۋەتىمەن ، كىمنىڭ باغۇ بۇستانلاردىن ئايرىلىپ قالغۇسى بار ،كىمنىڭ دىھقانچىلىق مەيدانىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى بار ، مىنىڭمۇ 30 مو دىھقانچىلىق مەيدانىم 4 مۇدەك قورا جايىم بار ( گەرچە دادامنىڭ نامىدا بولسىمۇ ) ، بىراق ھازىرقى بۇ ھالەتتە كۆزنى يۇمىۋالساق بولمايدۇ ، سىز يىزا بازار رايۇنلىرىغا ئوتۇراق بىنا سالغاننى كۆرمىدىڭىزما ، مەن مىسالغا ئالاي جىلىيۈزى دوڭ مازا بازىرىغا ئائىلە ئولتۇراق بىناسى سىلىنغىنىغا نەچچە يىل بولدى ، ھەممە قەۋەتتە ھەممە ئويدە كىشىلەر بار ، بۇ رايۇنمۇ دىھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان دىھقانچىلىق بازىرى ، غۇلجا (بۇرۇن چاپچالنىڭ قاراشلىقىدا ئىدى ) كالا فىرمىسى بازىرى (نەينۇچاڭ ) دا ئائىلە ئولتۇراق رايۇنلىرى قەت كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ ، بۇنداق ئائىلە ئولتۇراق بىناسى بار يىزا بازارلار جىققۇ ... بۇ بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرگەنلىك ئەمەس .. بىزنىڭ يىزىغا سىرىتىتىن كىلىپ ئىشلەۋاتقانلار كۆپ ، بەزىلىرى دۆلەت كادىرى بەزىلىرى خۇسۇسى ، ئەگەر بىزنىڭ يىزىغا شۇنداق بىر ئائىلە ئولتۇراق رايۇنى سىلىنسا مەنچە ئۇ ئۆيلەر قۇرۇق قالمايدۇ ..

مىللىتىگە ھاقارەت قىلغان كىشى مىللىتىگە خايىن بولۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5869
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 08:31:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىلمىي سۆزلەپسىز.

دەردىم ئىچىمگە لىق تولۇق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4456
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 338 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 09:12:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە ھەممەيلەن ئىتساد بىلىملىردىن خەۋەردار بۇلىشى كېرەك ، بۇ تېما بەزى مۇھىم ئىقتىساد بىلىملىرنى بەك ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ . جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىدا مەسىلە خېلى ئېغىر . ئىقتىسادنىڭ كۆپۈك ئېشىشى سەل ئېغىر .

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش