مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1624|ئىنكاس: 24

(بىلىك) ئانا تىلدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86140
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-10-16
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:28:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


قىسقىچە مەزمۇنى

تورنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئانا تىلدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش مىللىي مائارىپ تەرەققىياتىغا ئازدۇر-كۆپتۇر تۆھپە قوشۇپ، ياشلارنىڭ پەنگە بولغان ئىشتىياقىنى قوزغىتىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىل سەۋىيسىمىزنىڭ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە كۆرىنەرلىك ھەسسە قوشالايدۇ.  ئون نەچچە يىللىق ئۇيغۇر تورچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شۇنىڭ بىلەن تور ئاممىسىغا تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولىشى ئۈچۈن، تورنىڭ تىلىمىزغا بولغان ئىجابىي تۆھپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر قەدەر سېستىمىلاشقان ۋە مۇنتىزىملاشقان؛ نىسبەتەن ئىلغار ۋە كەسپىي بولغان تور بىكەتلەرنى قۇرۇش بەكمۇ زۆرۈر. بۇ يازمىدا شۇنداق بىر مۇنتىزىم ۋە سېستىمىلىق، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان تور بىكىتى قۇرۇش ھەققىدىكى پىلان ۋە تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.


مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئانا تىلدا ئېلىنغان بىلىم


ئېنگىلىزچە تورلارغا قارىسىڭىز ئاممىباپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىللىرىنىڭ، قىزىقارلىق ۋە جانلىق سىن-دەرسلەرنىڭ كۆپلىكىنى،  ئېلىمپەن ۋە يۇقىرى-يېڭى تېخنېكىلار ھەققىدە مۇھاكىمە، مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىيالىشىڭىز مۇمكىن. پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپنىڭ مەزكۇر تىلنى ئىشلىتىۋاتقان مەملىكەتلەردە تەرەققىي قىلغانلىقىغا قارىماي بۇنداق «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەيپىياتى» نىڭ يەنە ئەشۇلارنىڭ ئارىسىدا قويۇق بولۇشى نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ قىززىق يىرى، ئۇلارنىڭ مائارىپ سەۋىيسى يۇقىرى بولغانسىرى باشقىلارنى پەن-تېخنىكىنى سۆيۈشكە، ئۆگىنىشكە ۋە تارقىتىشقا چاقىرىپ، ئېلىھاملاندۇرۇپ تۇرىدىكەن...


بۇنىڭ سەۋەبىنى مېنىڭچە بىۋاستە ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مائارىپتىكى تەرەققىيات بىلەن ئۇشبۇ كەيپىيات بىر-بىرى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆز-ئارا ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. يەنى، تەرەققىيات ئاشقانسىرى كەيپىيات يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ، مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە قىزغىنلىقى پەيدا بولىدۇ؛ قىزغىنلىق كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈلىشى ئېلىمپەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئېنگىلىز تىلى گەرچە بەك ئەۋزەل، ئەڭ ياخشى تىل بولمىسىمۇ دۇنياۋى تىل بولۇپ قالدى، ئۇنى ئېنگىلىزلاردىن سىرت، باشقىلارمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ، پۈتۈن دۇنيا ئىشلىتىۋاتىدۇ... دۇنيا پەن-تېخنىكىسى، ئەدەبىيات-سەنىئىتى مۇشۇ تىلنى كۆۋرك قىلىۋىتىدۇ، مۇشۇ تىل ئارقىلىق ئوخشىمىغان تىلدىكى ئېلىمگەرلەر بىر يەرگە كىلىپ پىكىر ئالماشتۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئوچۇق، پەن ۋە تېخنىكا شۇلاردا بەكىرەك تەرەققىي قىلغان ئىكەن بۇ تىل شۇنچە ئومۇملىشىدۇ...


  لىكىن، ئاساسي مائارىپتىكى تىل يەنىلا ئۆز ئانا تىلدا بولىدۇ.  ئېنگىلىزلارغا ئوخشاشلا مائارىپى تەرەققىي قىلغان ياۋرۇپا ئەللىرى ئاساسى مائارىپنى ئۆز تىللىرىدا داۋاملاشتۇرىدۇ، شەرقتە ياپۇنىيەمۇ مائارىپنى ياپۇنچە داۋاملاشتۇرىدۇ. لاتىن تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە، ئېنگىلىز تىلى بىلەن تۇغقاندارچىلىقى بولغان تىللارنى قويۇپ تۇرساقمۇ ياپۇنلارنىڭ تىلى ئېگىلىز تىلىدىن شۇنچە يىراق تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، بىرىنچىدىن مائارىپقا بىرىلگەن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەھمىيەت بولسا، ئىككىنچىدىن ئۆز تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان توسالغۇسىز تەپەككۇر يىتىلدۈرۈش جەرىيانىنىڭ، يەنى ئانا تىلدىكى مائارىپ جەرىيانىنىڭ مەسھۇلىدىن ئىبارەت...

بىر مىللەتنىڭ دۇنيادا قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم، بەلكى، بىردىن-بىر ئامىل، مائارىپ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت. مائارىپنىڭ تەرەققىياتى، شۇ مىللەت توپلىمى ئىچىدىكى ئېلىمپەنگە قىزغىنلىق كەيپىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمسە بۇ قىزغىنلىقنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز؟


بۇ يەردە قىزغىنلىق بىلەن بىلىشنىڭ فۇنكىسسىيلىك مۇناسىۋېتى بار. يەنى، قانچە بىلگەنسىرى شۇنچە قىزغىنلىق پەيدا بولىدۇ؛ قانچە قىزىققانسىرى شۇنچە كۆپ نەرسە بىلىشكە ئىنتىلىدۇ. چۈنكى، بىلىم چەكسىز بىر ئالەم... قانچە بىلگەنسىرى بىلىنمىگەن نەرسىلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بىلگۈچىلەر شۇ قىزغىنلىقتا بىلىنمىگەن نەرسىلەرنى بىلىش يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ ئىزدەنگۈچىلەر ئىزدىنىش يولىدا تاپقانلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ، تاپالمىغانلىرىنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، پەن-تېخنىكا مۇشۇنداق يۈكسىلىپ ماڭىدۇ...


دىمەك، بىلىش قىزغىنلىقنى قوزغايدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئامىل بولۇپ، قانچە كۆپ كىشى ( قانچە كۆپ پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، ھازىرقى زامان مەنتىقە، ئانالىز يۆلىنىشلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە قائىيدىللىرى ھەققىدە)  بىلىمگە ئىگە بولسا قىزغىنلىق كەيپىياتىنى شۇنچە جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.  لىكىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈرۈكى، بىلىش جەرىيانى بىر تەپەككۇر جەرىيانى بولۇپ، تەپەككۇر تىل دىمەكتۇر. ھەر بىر ئادەمنىڭ بىلىم توپلاش ئۇسۇلى ئوخشىمىغاندەك، ھەر بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بولغان تەپەككۇر ئەندىزىسى، بىلىم ئېلىشقا ئەڭ ماس كەلگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى يەنى، ئانا تىلى بولىدۇ؛ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىگىلىنىدىغان ۋە ئەڭ ئېنىق ئۆزلەشتۈرۈلىدىغان بىلىم يەنىلا ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ئەندىزىسى ئىچىدە، يەنى ئانا تىل ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ. ئەگەر ئانا تىلدىكى مائارىپ يوقالسا بىلىش ۋە قىزغىنلىق بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالىدۇ؛  بىلىش ۋە قىزغىنلىق تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشسە  تەرەققىيات ۋە ئىلغارلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ تەرەققىيات تۆۋەنلەپ، بىلىمسىز، ساپاسىزلار كۆپەيسە شۇ توپلامنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپلا قالماي، ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىك سىزىق بويىنچە تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. ئىجتىمائىي مەسىلە ئۆز نۆۋىتىدە تەرەققىياتنى خورىتىدىغان ئەڭ تەسىرچان ئامىل بولۇپ، شۇ جەمىيەتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان سېستىمىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم ئالاھىدە چوڭ تەسىر كۆرسۈتىدۇ.

ئەمسە بىز توردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەيپىياتىنى قوزغاپ مىللىي مائارىپىمىزغا، تىلىمىزغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن نىمە قىلالىشمىز مۇمىن؟ تۆۋەندىكى بۆلەكتە بۇ ھەقتىكى پىلانىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.


پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى

ئانا تىلدىكى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىر ئەزانىڭ جىددى قاراشقا تېگىشلىك بۇرۇچلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يۇقىرقى بۆلەكتە دېيىلگەندەل، ئارىمىزدا ئېلىمپەن-قىزغىنلىق كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن، تىلىمىزغا ( مىللىي مائارىپىمىزغا شۇنداقلا تەرەققىياتىمىزغا ) زەررىچە بولسىمۇ ھەسسە قوشۇلۇشى ئۈچۈن، سەمىمىي نىيەتلەرنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، يۈزەكى بىر پىلان تۈزۈپ چىقتىم. بۇ پىلاننىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە  رىئاللىققا ئۇيغۇن بولۇش بولماسلىقى كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە، ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقى كۆپچىلىكنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىغا باغلىق.

«ئانا تىلغا قانچىلىك ھەسسە قوشالايمىز؟» دىگەن يازمىدا بايان قىلىنغاندەك، تورچىلىق ۋە نەشىرياتچىلىقنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ، ئالاھىدە تەكىتلىگەن «ئېلىمپەن قىزغىنلىق كەيپىياتى» بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىپ باقساق بولامدۇ يوق؟


ئۇيغۇرتورچىلىقى تەرەققىي قىلىپ ھازىرغا كەلگۈچە ئون يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ. ئاز ساندىكى بلوگلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئۇنۋېرسال مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ھالىتىدە بولۇپ كەلدى ھەمدە  بۇ تورلاردا تارقىتىلىۋاتقان ئۇچۇرلار ۋە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان بايانلار كوچا پاراڭلىرى سەۋىيسىدىن كۆپ دەرىجىدە ھالقىيالمىدى. باشقىلارنىڭ قىزىقىشى پوزىتسىيسىگە تەتۈر ھالدا،  پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئائىت ماقالىلەر يوقنىڭ ئورۇنىدا بولۇپ كەلدى، ماقالىلەرگە ئىلمىيلىك ۋە تىل جەھەتتىن ئۆلچەم قويۇلمىدى ۋە ھاكازا...


ئەمدى بىزباشقىچە يول تۇتۇپ، مەخسۇس «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» توربىكىتىدىن بىرنى قۇرۇشنى ئويلاشساق بولمايدىغان ھېچقانداق يېرى يوق. ئىسمى ئۆزگىچە قويۇلغان  (مەسىلەن،«ئۇيغۇر ئېلىمپەن تورى» دەپ تۇرايلى) بىر تور بىتىنى قۇردۇق دەپ تۇرايلى، بۇ تور بىكەت يالغۇز  مۇنازىرە مۇنبەر بىكىتى بولماستىن، ئانا تىلدا ئېلىمپەن ئۆگۈتىدىغان ۋە ئۆگۈنىدىغان «تور مەكتىپى» شەكىلدىكى ئۆزگىچە، قېلىپلاشقان ۋە سېستىمىلاشقان توربىكەت بولىدۇ.

دەسلەپكى پىلان تۆۋەندىكىچە:

1.  تور بىكەت سېستىمىسى ئۈچۈن ھازىرقى ئىلغار سېستىمىلاردىن بىرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.


مەسىلەن، قۇرۇلمىسى ئەۋرىشىم، ئۇسلۇبلىرى كۆپخىل جۇملا(joomla) نى ئىشلەتسەك بولىدۇ. تۆۋەندە جۇملا تور ئۇسلۇبىدىن بىر پارچە رەسىم كۆرسۈتۈلدى.



2.  ئۆزىمىزنىڭ سىن-دەرسلەر ئامبىرى بولىشنى نەزەردە تۇتۇپ، بوشلۇق يىتەرلىك چوڭلۇقتا سېتىۋېلىنىدۇ.


دەسلەپتە تەييار سىن-دەرسلەرنى تەرجىمە قىلىپ بوشلۇققايوللىساق، كىيىنچە خادىملارتەرىپىدىن ھەر بىرى 45 مىنۇتلۇق ئۆزگىچە سن-دەرسلەر قىزىقارلىق، نەق بىلىملەرنى ئۆزئىچىگەئالغان، مىساللىرى جانلىق قىلىپ ئىشلىنىپ توربوشلۇقىغا قويۇلىدۇ...

سىن-دەرسلەرنىڭ مىسالى ئۈچۈن تۆۋەندە بىر تال سىن-دەرس قىستۇرۇلدى:


3. تور بەتنىڭ بالا سەھىپىللىرى ئۈچ ئاساسلىق غول لىنىيەنى مەركەز قىلىپ راۋاجلاندۇرىلىدۇ.

1)ئېلىمپەن تور مەكتىپى

تەبىئىي پەن: باشلانغۇچ مارىپتىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرى
توردا ئېچىلىدىغان ppt ھۆججىتى شەكىلدە ھەمدە كىينچە 45 مىنۇتلۇق سىن-دەرس شەكىلدە تورغا يوللىنىدۇ.
مەخسۇس، تور مەكتىپىمىزگە تىزىملىتىپ دەرس ئالسىمۇ بولىدۇ ياكى ئائىلە تەكرارى سۈپىتىدە قوشۇمچە پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ مۇشتەرىيلىرى ئاساسلىقى ھازىرقى تىلدا قىيلىنىپ كىتىۋاتقان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى ئىشتىن سىرىتقى قىزىققۇچىلارمۇ تىزىملىتىپ دەرس ئالسا بولىدۇ. دەرسلەر باشلانغۇچنىڭ تەبىئەت دەرسىدىن باشلاپ، تاكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئالىي ماتېماتىكا ۋە فىزىكا، خىمىيەلىرى سەۋىيەسىگىچە بولىدۇ...

ئىجتىمائىي پەن: باشلانغۇچ مارىپتىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بارلىق ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى
توردا ئېچىلىدىغان ppt ھۆججىتى شەكىلدە ھەمدە كىينچە 45 مىنۇتلۇق سىن-دەرس شەكىلدە تورغا يوللىنىدۇ.
مەخسۇس، تور مەكتىپىمىزگە تىزىملىتىپ دەرس ئالسىمۇ بولىدۇ ياكى ئائىلە تەكرارى سۈپىتىدە قوشۇمچە پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ مۇشتەرىيلىرى ھازىرقى تىلدا قىيلىنىپ كىتىۋاتقان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى بولىدۇ. دەرسلەر باشلانغۇچنىڭ ئېلىپبە دەرسىدىن باشلاپ،  تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات سەۋىيەسىگىچە بولسا بولىدۇ.

تور مەكتىپىنىڭ كۆپ خىل پايدىسى بار. ئېلىمپەن ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرغىلى بولىدۇ،ئانا تىل سەۋىيەسىنى يۇقىرى بالداققا كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئانا تىل تەپەككۇر ئەندىزىسىنى كىيىنكىلەرگە قالدۇرغىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا ھەقىقىي نەپ بەرگىلى بولىدۇ، بىلىمنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھەقىقى يوسۇندا ئۆگەتكىلى ۋە ئۆگەنگىلى بولىدۇ...

2) ئېلىمپەن مۇھاكىمە سالۇنى: ھازىرقى مۇنبەرلەرگە ئوخشاش ئۇنۋېرسال بولىدۇ، لىكىن ئىلمىيلىكى يۇقىرى بولىدۇ. مۇنبەرگە ئاممىباپ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ماقالىللىرى، ئېلىمپەن ھەققىدە تەرجىمە تەرمىلەر، ئەڭ يىڭى نەتىجىلەر، تارىختا بۈگۈنكى كۈندىكى ئېلىمپەن ساھەسىدىكى شەخىسلەر ۋە نەتىجىللىرى قاتارلىقلار يوللانسا بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە ھەرقانداق مۇشتەرى خۇددى پەتىۋا سورىغاندەك پەن-تېخنىكا ھەققىدە «پەتىۋا» سورىسا خادىملار مۇۋاپىق ھالدا قىسقىچە جاۋاپلاندۇرىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ بۇ مۇنبەرنىڭ (مۇھاكىمە سالۇنى ئىچىدىكى) كۆپ قىسىم سەھىپىللىرى ئېچىۋېتىلسىمۇ بولىدۇ.

3) ئېلىمپەن ژورنىلى


تەبىئىي پەن: ساپ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان تەبىئىي پەن ئىلمىي ژورنىلى
باشقىلارنىڭ مەخسۇس ئېلىمپەن يېڭىلىقلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئىلمىي مەجمۇئەلىرى بار، بىزنىڭ يوق. ھالبۇكى، ئارىمىزدا ئانا مائارىپنى ئانا تىلدا ئوقۇغان، جوڭگو ۋە چەتئەللەردە يۇقىرى مائارىپ سەۋىيەسىدە ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېنگىلىزچە ئىلمىي ژورناللارغا ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرىدىغانلىرىمۇ كۆپ...
ئەمدى، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلدا مۇشۇنداق بىر مەجمۇئەسى بولسا،  يۇقىرى سەۋىيدىكى ئېلىمدارلار مۇشۇ مەجمۇئەگە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ(ياكى تەرجىمە قىلىپ) ئەۋەتسە، مەخسۇس تەيىنلەنگەن تەھرىر ۋە مۇھەررىرلەر گورۇپپىسى تەرىپىدىن تەھىررلىنىپ، توردا ۋە مەتبۇئاتتا تارقىتىلسا تىل ۋە مائارىپ تەرەققىياتىغا ھەسسىسى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ!
بۇنىڭ كۆپ تەرەپتىن پايدىسى بار. ئالدى بىلەن ئېلىمدارلار مەجمۇئەگە توپلىنىدۇ، ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى كۆتۈرىلىدۇ، تەسەۋۋۇرغا باي، تىل سەۋىيسى سەۋەبىدىن يازالمايدىغان كىشىللىرىمىز ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، خەلق ئارىسىدىكى قاسىق سىدىق ئاكىمىزدەك ئادەملەر ئۇيغۇر تىلىدا ماقالىسىنى چۈشىنىشلىك ۋە ئۆلچەملىك يېزىپ بۇ مەجمۇئەدە ئېلان قىلسا ئۇنى باشقىلار ئېنگىلىزچىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا مەجمۇئەلەرگە سۇنۇپ باقسا بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئىشلىتىلىشى تىل سەۋىيسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ...

ئىجتىمائىي پەن: ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىختىساد نى مەركەز قىلغان ژورنال
ئەدىبلەرنىڭ، گۈزەل سەنئەتچىلەرنىڭ ۋە خەتتاتلارنىڭ  ژورنىلىمىزغا تورىمىز ئارقىلىق كۆپلەپ ئەسەر ئەۋەتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا قەلەم ھەققى بىرىلىپلا قالماي يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيەتلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دەۋرىمىزدە ئېلىمپەن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىختىساد بىلىملىرى بەكمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن مەخسۇس ئىختىساد ھەققىدىكى مۇلاھىزە ماقالىللىرى، تەرجىمە ماقالىلەر بۇ ژورنالغا يوللانسا بولىدۇ...


يەنە كۆپ قىسىم ئامما تورغا چىقالمايدىغانلىقى ئۈچۈن تور ژورناللىرىمىزنى، توردا ئېلان قىلىنغان ھىكايە، رومانلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ باقىمىز. نەشىرياتچىلىقنىڭ جەرىيانلىرى قانداق بولىدۇ ماڭا قاراڭغۇ. بۇنى قانۇنىي تەرتىپتە بىجىرگىلى بولىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە بىلىدىغانلارنىڭ پىكىر بىرىشىنى ياكى ياردەمدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!

ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى، ئۈزلۈكسىزلىك ۋە ئايلانما مەبلەغ مەسىلىسى

تور ئارقىلىق پەن-مائارىپ ئىشلىرىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشى مەسىلىسى ئەلبەتتە تەسەۋۋۇرغا سىغىدىغان، مەنتىقىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان، قانۇن ياكى سىياسەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدىغان بىر ئىش. بۇ پەقەت پوزىتسىيە مەسىلىسى بولۇپ، پەقەت ئۆز نېنىنى يەيدىغانلار ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن، لىكىن، ئۆز نېىنىنى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىى تەۋە توپلامنىڭ ئاز-تولا غېمىنى يەيدىغانلار ئۈچۈن ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە «سەن تۆھپە قوشۇشۇڭ كىرەك» دىيىشكە ھەققى يوق، ھەركىم ئۆز نىنىنى تېپىپ يەۋەرسۇن، ئەمما ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇ توپقا پايدىلىق ھەرقانداق خەيرلىك ئىشلارغا، قارشى تۇرۇشقا، سەلبىي تەسىر بىرىشكە ياكى زىيان يەتكۈزۈشكە ھەققى يوق!


شۇڭا بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى نەزەرىيە جەھەتتىن %100 دېيىشكە بولىدۇ. ئەمدى بۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ داۋامىشلىپ تۇرىشى ئۈچۈن مەلۇم تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەگەر بۇ تور بىكىتى مەلۇم قانۇنلۇق شىركەت نامىدا ئەنگە ئېلىنىپ، دەسلەپكى مەبلەغ سېلىنىپ، تېخنىكتىن تارتىپ ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىرگىچە بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ مائاش بېرىپ ئىشلەتكەندە مۇنتىزىم، سېستىمىلىق ھالدا مېڭىپ كىتىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىشى مۇمكىن؛ ئەگەر ئۇنداق قىلماي، بۇنى خالىس كۈچلەرگە تاشلاپ قويغاندا ئۈزلۈكسىزلىككە ۋە مۇنتىزىملىققا تەسىر يېتىدۇ، دەسلەپتە قىززىپ بارا-بارا «چىۋىن قورۇيدىغان ھالەت» كە بېرىپ قېلىشى، ھەتتا توختاپ قېلىشى مۇمكىن...

  
شۇڭا بۇنىڭ ئايلانما شەكىلدە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئەزالارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن سىرىت ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان، خادىملارنى مائاش بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە باشقا چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىساد مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا كىتىدىغان ئايلىق ئىختىسادنى تەخمىنەن ھېسابلاپ كۆرەيلى:


تور نامى ۋە بوشلۇقىنىڭ چىقىمى: تور نامىنىڭ يىللىق چىقىمى120 سوم، ئايلىقى 10 سوم،  بوشلۇق چىقىمى ئۈچۈن تەخمىنەن 600 سومدىن 700 سومغىچە. شۇڭا، تور نامى ۋە بوشلۇق ئۈچۈن ئايلىقى 700 سوم.  

خادىملارنىڭ ئايلىق مائاشى: تۆۋىنى 1000 سومدىن يۇقىرىسى 5000 سومغىچە.


توپلام(سوم)

يەككەمائاش(سوم)

سانى خادىم
9000 3000 3تور تېخنىك
3000 1000 3باشلانغۇچ:(ئېلىپبە، ھېساب، تەبىئەت)
8000 2000 4تولۇقسىز:(تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە)  
18000 3000 6تولۇق:(تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە)
60000 5000 4*3ئالىي:(ئالىي ماتېماتىكا، ئالىي فىزىكا ۋە خېمىيە)
جەمئي توپلىغاندا 98700 سوم، تەخمىنەن 100000 سوم بولىدىكەن.
ئەمدى بۇ مەبلەغنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

ھەرقانچە باي شەخىس ياكى شىركەت بولسىمۇ ئايلىقى 100000 سوم مەبلەغنى چىقىرىپ بولالمايدۇ، شۇڭا بۇنى ئۆزىدىن ئايلىنىدىغان قىلىشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ تور بىكىتىگە ئايدا ھەقلىق مۇقىم مۇشتەرى قوبۇل قىلىدىغان قىلساق، بۇ ئايلىق ھەقنى 100 سوم دېسەم 1000 نەپەر مۇشتەرى؛ 50 سوم دېسەك، 2000 نەپەر مۇشتەرى؛ 25 سوم دېسەك 40000 نەپەر مۇشتەرى بولىشى كىرەك بولىدىكەن. ئوتتۇرىھال بولغان 50 سومنى مۇۋاپىق كۆرسەك، ئەڭ تۆۋەن 2000 نەپەر قېرىندېشىمىزنىڭ مۇقىم ھالدا ھەقلىق مۇشتەرى بولىشىغا توغرا كىلىدىكەن...

ئۇنىڭدىن باشقا،  ئەدەبىيات ۋە ئىختىساد ژورنىلىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتالايمىز دېسەك، ئۈرۈمچىدە 2000 تال، باشقا شەھەر ۋە ناھىيلەردە 3000 تال بولۇپ، جەمئىي 5000 تال ژورنال چىقىرالىدۇق دېسەك، بىرى 10 سومدىن جەمئىي 50000 سوم ژورنالدىن كىرىدۇ. بۇ پۇللارنى ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنىڭ قەلەم ھەققىگە، مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىگە ۋە نەشىردىن چىقىرىش ئۈچۈن كىتىدىغان چىقىملارغا چىقارساق بولىدۇ. بۇ ژورنالنى 100 بەت دېسەك، ھەر بىر بېتىگە 100 سومدىن قەلەم ھەققى بىرىلسە 10000 سوم قەلەم ھەققىگە قالغان پۇللار باشقا چىقىملارغا ئىشلىتىلسە بولىدۇ...

ئاخىرىدا شۇنى ئىتىراپ قىلىمەنكى، مەن بىر ئىختىسادچى ئەمەس، تورچىلىقنىڭ ئەھلىمۇ ئەمەس، نەشىرياتچىلىق ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيمەن. پەقەت ساددا تەسەۋۋۇر ۋە خام دىت ئارقىلىق يۇقىرقى نەزىريىۋى پىلان تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر پىلان ۋە كۆر قاراشلىرىمدا رىياللىقتىن چەتنىگەن، خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ تولۇقلىشىنى سورايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ پىلاننى قوللىغۇچىلارنىڭ مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بىرىپلا قالماستىن، ئەمەلىي قوللىشىنى، ئەگەر بۇ بىكەت قۇرۇلسا مۇشتەرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشۇشلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن!  ئەگەر مۇشتەرى سانى 3000 ئەتىراپىغا بېرىشى مۇمكىن بولمىسا، بۇ پىلانمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ...  

ئاخىرقى سۆز
مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ بولىشىنى بۇرۇندىن ئويلىشىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، خىيال قىلغېنىم خىيال پېتى قېلىپ، تېخىچە ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن ئىدى. ئەمدى بۇ خىيالىمنى كەڭ تور ئاممىسى بىلەن ئورتاقلاشتىم. بۇ ئىش پۈتۈنلەي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسىتىدە يۈرۈشىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەرقانداق سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلە، مۇنازىرىلەردىن خالىي بولىدۇ. خۇددى دۇنيادىكى  ئۇرۇش-جىدەل، سىياسى بوران-چاپقۇنلار ئىچىدىمۇ ئېلىمپەن خادىملىرى سىياسىدىن خالىي ئۆز تەتقىقاتلىرىنى قىلىۋەرگەندەك،  بۇ تور بىكىتىمۇ،  نىمە بولىشىدىن قەدئىينەزەر پەقەت ۋە پەقەت پەن ۋە تېخنىكا، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ھەمدە ئىختىساد توغرىلىق مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرلەردىلا بولىدۇ،  سىياسي مەسىللەرنى مۇھاكىمە قىلىشتىن %100 خالىي تۇرىدۇ.   


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
happy123 + 30 ئېسىل پىلان!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86140
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-10-16
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ھەقىقەتەنمۇ ئېغىزدا دىيىلگەن، نەزىرىيەدە كۆرسىتىلگەن نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە تەس... لىكىن،  بۇلا ئەمەس ھەرقانداق تەسەۋۋۇرغا سىغىدىغان ئىشنىڭ قىلغىلى بولمايدىغان يېرى يوق مېنىڭچە. قاراپ باقساق، ئېنىگىلىزچە، خەنچە تورلاردا بىلىم تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش كەڭ كۆلەملىك بىر ھالەتتە ئىكەن... بىزمۇ ئۆزىمىزگە، نۇپۇسمىزغا ۋە تورغا چىقىش ئىمكانىيتى بارلارنىڭ سانىغا قاراپ بۇ ئىشنى كۆلەملەشتۈرۈپ باقساق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئەسلىدە بۇ ئىشنى پارتىزانلارچە، داۋراڭسىز، ئاستا-ئاستا باشلاپ بېقىش خىيالىدا بولغان. ئەمما، يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى، كۆز قاراشلىرىنى ۋە قوللاش ماھىللىقىنى كۆرۈپ بېقىپ، ئاندىن بىر ئىشى قىلاي دېدىم. بۇ يازمىدا دىتلىغان سان-سىفىرلار تەخمىنەن بولغاچقا رىئاللىقتىكىسى بىلەن بەلگىلىك پەرقنى ساقلىشى مۇمكىن. بۇنى توردا مۇزاكىرە قىلىپ ئىنچىكە بىكىتسەك بولىدۇ.

تور بىكەت قۇرۇش ئىشى تەس ئەمەس، تور بىكىتى ئۈچۈن مەبلەغمۇ چاغلىق. لىكىن، تور بىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ كۆزلىگەن مەخسەتكە يېقىن ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا مېڭىشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئەمەلىي قوللىشى بەكمۇ مۇھىم!  بۇ قوللاش، 1) تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، 2) بىلىم مەنبەلىرى جەھەتتىن قوللاش ۋە 3) ئىختىساد جەھەتتىن قوللاش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

1) تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش: توربەتچىلىككە، كومپىيۇتېر بىلىملىرىگە پىششىق ئۈچ نەپەر قېرىندېشىمىزنىڭ مۇقىم ھالدا بۇ تور بىكىتى ئۈچۈن ئىشلەش.
تېخنىكا جەھەتتىن قوللايدىغان ئۈچ نەپەر قېرىنداشنىڭ تېپىلىشىدا مەنچە مەسىلە يوق!

2) بىلىم مەنبەلىرى جەھەتتىن قوللاش: ماقالە يوللايدىغان، دەرس ئۆتىدىغان قېرىنداشلارنىڭ چىقىشى
بىلىم مەنبەلىرى جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە جوڭگو ۋە چەتئەللەردە بىلىم ئېلىۋاتقان، ۋە بىلىم ئالغان قېرىنداشلاردىن ۋە  تەجىربىلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرىدىن توپلامدا تەخمىنەن 25 نەپەر قېرىندېشىمىزنىڭ (ھەق ئېلىپ تۇرۇپ) بۇ تور بىكىتىنى ئۈزلۈكسىز بىلىم بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ. مەن بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى بولسام، ماڭا ئوخشاش ئاۋارىكەش قېرىندېشىمىزدىن يەنە باشقىلار ئاۋاز قوشسا بۇ ئىشمۇ ھەل بولىدۇ. مەن بۇ 25 ئادەمنىڭ چىقماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن...

3) ئىختىساد جەھەتتىن قوللاش: كەم دىگەندە  2000 دىن 3000 غىچە  قېرىندېشىمىزنىڭ ئايدا 30 سومدىن 50 سومغىچە بولغان مۇشتەرى ھەققى ئارقىلىق بۇ تور بىكىتىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىنى ساقلاش.
ئىختىساد جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن كەڭ تەشۋىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. نورمالدا بىر ئۇيغۇرچە تور بىكىتىنىڭ 3000 دىن 5000 غىچە ئەزاسى بولىدۇ دېسەك، بىزنىڭ بۇ تور بىكىتىمىزگە ئايلىق مۇشتەرى ھەققىگە چىداپ تۇرۇپ تىزىملىتىدىغان قېرىندېشىمىزدىن كەم دىگەندە 2000 نەپەرنىڭ چىقىشىغا بىر يىللىق ھۆددە قىلالىساق بۇ بىكەت بىر يىل خاتىرجەم مېڭىپ كىتىدۇ. بىر يىل ئوبدان ماڭالىسا، كىلەر يىلىمۇ ئوخشاش ماڭىدۇ ياكى تەرەققىي قىلىدۇ؛ ئەگەر ياخشى ماڭالمىسا ئەلەكمۇلىللاھ دەيمىز...

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8416
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىىلىق يەسلى  دەپ   ساپلا خەنچىنى  دەرىس قىپ ئۆـتىدۇ بۇ يەردە

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

توۋا....................

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12032
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9322
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پىلان بوپقالىدىكەن، ئەگەردە مۇشۇ تور بېكەت قۇرۇلۇپلا قالسا ساپ ئۇيغۇر تىلدا دەرس ئۆتۈلسە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش شارائىتى بولمىغانلارغا زور پايدىلىق بىلىم سەھنىسى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ.

قانچىكى يۇقۇرى ئۆرلىسەڭ، شۇنچە يىراقنى كۆرەلەيسەن!

توۋا....................

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12032
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9322
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:28:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پىلان بوپقالىدىكەن، ئەگەردە مۇشۇ تور بېكەت قۇرۇلۇپلا قالسا ساپ ئۇيغۇر تىلدا دەرس ئۆتۈلسە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش شارائىتى بولمىغانلارغا زور پايدىلىق بىلىم سەھنىسى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ.

قانچىكى يۇقۇرى ئۆرلىسەڭ، شۇنچە يىراقنى كۆرەلەيسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8356
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 04:58:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ياخشى پىلان بوپتۇ، بەلكىم مەن ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەسلىكىم مۇمكىن، لىكىن مەن بۇنى چىن يۈرۈكۈمدىن قوللايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1866
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:02:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمىز

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17490
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6249 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:29:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،بىلىك قېرىندىشىم بۇ پىلانلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئوتتۇرغا قويۇپسىز،خېلى باش قاتتۇرمىسىڭىز،مۇلاھىزە قىلمىغان بولسىڭىز ، بۇنچە ئىنچىكە ھالقىلارغىچە پىلاننى ئوتتۇرغا قۇيالمايتتىڭىز........ھەقىقەتەن ئەل سۈيەر قېرىنداش ئىكەنسىز،ئاۋۋال رەھمەت سىزگە.......مېنىڭچىمۇ بۇ پىلانىڭىز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى بىر چوڭ بوشلۇقنى تۇلۇقلايدۇ،شۇنداقلا ئۇيغۇر پەن -تېخنىكىسىنى يۇقىرى بالداققا كۈتۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ.....سىز دىگەندەك تور تېخنىكى تېپىلىدۇ،سىزدەك ئەل سۈيەر ،پەن سۈيەر ئوقۇتقۇچىلارمۇ تېپىلىشى مۇمكىن،ئەمدى شۇ ئىقتىساد مەسىلىسى (مۇشتەرىلەر مەسىلىسى ) قانداق بۇلۇپ كېتەر،ئىنكاسقا قاراشقا توغرا كېلىدۇ،مانا مەن بۇ بىكەت قۇرۇلسا بىرىنچى بۇلۇپ مۇشتەرى بۇلىمەن ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ،پەن -تېخنىكىسى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن مەن رازى.ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن قېرىندىشىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zumrettash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 06:31 PM  


مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئۆتمۈشىڭنى ئۇنۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3182
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 2373 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:50:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86140
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-10-16
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 07:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكىر قاتناشتۇرغانلار ئۈچۈن رەھمەت، بولسا تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي پىكىرلەرنىڭ قاتناشتۇرۇلىشىنى كۈتىمىز...

مۇشتەرىي مەسىلىسىدە، ئايلىقى 50 سوم دىگەن پەقەت بىر خام دىت، بۇنى تور بىكىتىنىڭ بىر ئايلىق چىقىمىغا قارىتا، 2000 مۇشتەرى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان ئەھۋالدا ھېساپلاپ چىقىرىلغان سان. ئەلبەتتە مۇشتەرىلەرنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا بۇ سان شۇنچە كىچىكلىشى تەبىئىي. چۈنكى، قۇرۇلماقچى بولغان تور بىكىتىمىز شەخسىي پايدا كۆزلىگەن تور بىكىتى بولماستىن، تور بىىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مېڭىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇنتىزىملاشتۇرۇش ئۈچۈن خادىملارغا ھەق بىرىش يولىنى مۇۋاپىق كۆردۇق، قېرىنداشلارنىڭ تەخمىن ھىسابلارغا يەنە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشىنى سورايمەن...

بۇنى ئەلبەتتە ھەقسىز ۋە خالىس قىلغىلى بولىدۇ، لىكىن خالىس نەرسىنىڭ مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتى بولمايدۇ، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس... ئۈزلۈكسىزلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىدىغان خادىملاردىن تەشكىللەنگەن سېستىمىىق تور بىكىتى بولىشى كىرەك.

مېنىڭچە خادىملارنى تېپىش ئاسان، ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىمىز. ئالغان ھەققە چۇشلۇق، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ رازى قىلارلىق بىلىم سۇنۇشىغا كاپەلەتلىك قىلىمىز. بۇ تور بىكىتىنىڭ ھەرقانداق بىر تور بىكەتلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرىپى، كەسىپچانلىقى ۋە ئۆلچەمدە قاتتىقلىقى. ئۆلچەم نەشىريات ئۆلچىمىدە ياكى ئۇنىڭدىن قاتتىق بولۇشقا تىرىشىلىدۇ...

شۇڭا ھەقلىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ئويىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئەلبەتتە ھەممە ئادەم «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» قا قىزىقىپ كەتمەيدۇ، لىكىن پۈتۈن ئۇيغۇر نۇپۇسى ئىچىدىن، تورغا چىقىدىغان، بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلاردىن كەم دىگەندە 2000 نەپەر چىقماسلىقى بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ...

ئەمدى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن، ئوتتۇرا، ئالىي مەلۇماتلىق قىزىققۇچى قېرىنداشلارنىڭ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ سەۋىيسىنىلا ئەمەس تىل سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان تورداشلارنىڭ تېما ئاستىغا سەمىمى ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. يەنى «ئايدا مۇنچىلىك ھەق تۆلەپ بۇ تور بىتىگە مۇشتەرى بولۇشقا مەن قوشۇلىمەن» دەپ ئىنكاس قالدۇرۇشىنى سورايمىز. بۇ بىزنىڭ كىىنكى قەدەمدە ئۆزىمىزنى دەڭسىشىمىز، پىلاننى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق!  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش