بىلگۈم كېلىدۇ
چولپان(سەئىدىيە)
ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلەرگە كىرگۈم كېلىدۇ،
تىمىلارنى قايتا قايتا كۆرگۈم كېلىدۇ.
ئەمما باقسام بەزى تىما ،تورداشلارغا ھەم،
دەرىت ئەلەمدىن ئاچچىق ئاچچىق كۈلگۈم كېلىدۇ.
برى يۈرسە ئەل مىللىتى دىنى غېمىدە،
بىرى يۈرەرقۇرۇق خىيال، غەيۋەت ئىچىدە.
ھىچ بىلمىدىم مەقسەت نىمە، خىيال نىمدە؟
ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇنمىكىن بىلگۈم كېلىدۇ.
بەزى تىما ئەسلىتىدۇ يۇرتۇمنى گويا،
بەزى تىما ئىيتار ماڭا قىلدىڭ كۆپ گۇناھ،
تۆۋبە قىلدىم كەچۈردىڭمۇ ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ؟
شۇ قوللارغا رەھمەت قىلغىن دىگۈم كېلىدۇ.
ئەمما بەزى خەنزۇچىنى چالا بىلگەنلەر،
تەرجىمىنى توختىتىڭلار دىگۈم كېلىدۇ.
ئۆزگىلەرنىڭ قىلمىشلىرى ماس ئەمەس بىزگە،
تەرجىمىگە تىما ئازمۇ بىلگۈم كېلىدۇ.
بەزى قاراپ تىمىسىدىن بولىمەن بىتاب
چىرايلىق سۆز چىقماسمۇ دەپ قىلىمەن خىتاب
قىل نەسىھەت،قىلما غەيۋەت،پاچاقنى غاجاپ
شۇنداقلارغا بىر ئالىيىپ ئۆتكۈم كېلىدۇ.
يوشۇرماستىن ناشاياننى سۆزلەپ ئاشكارە،
چۈشكۈنلۈك ۋە ئەنسىرەشلەر بولدى زىيادە
شۇ تىمىدىن ئىبرەت ئالار قېنى ئۇ نەدە؟
قايغۇ بىلەن كۆز ياشلىرىم تۆككۈم كېلىدۇ.
ياخشى ئىشنى ئۆگىنەيلى سۆزلەيلى كۆپلەپ،
ئەۋلاتلارنىڭ، ياشلارنىڭ ھەم بەختىنى كۆزلەپ.
يامان ئىشلار يوشۇرۇلۇپ، ساقلانسۇن ئەدەپ،
دىيانەتلىك مىللىتىمنى كۆرگۈم كېلىدۇ.
مەن زىيالىي ياتئەللەردە سەرسانمەن سەرسان،
ھەممە يەردە ئەخلاق ئاجىز كۆڭلۈم پەرىشان.
يۈز قىزاردى ئۇيغۇر تورىغا كىرسەم شادىمان،
ئېيىت ئەي خەلىقىم، ھالىڭ نىچۈك بىلگۈم كېلىدۇ.
ۋاقىتقا يىزىلغان خەت
seidiye
كۆزۈم قاراسى ئەي دىلبەر، ئاۋارىمەن سېنى ئويلاپ،
يۈرىكىمدە گويا ئوقسەن تۇتالماسمەن سېنى قوغلاپ.
ئېقىشىڭ سۇ بولۇپ دەريا،دېڭىزلارنى قىلىپ مەنزىل،
ئاقارتىپ چاچ ،ئىگىپ بەلنى ،قىلارسەن ھەممىنى بىتاپ.
ئۆمۈركى ئەڭ گۈزەل سوۋغات ئىماندىن قالسا ئىنسانغا ،
ئۆمۈرنىڭ شاھى سۇلتانى ، قەدەم باستىڭ ھاياتىمغا،
نىچۈك قىلماي سېنى مىھمان ، كىتۇرسەن تىز سېلىپ ئارمان
قىلماستىن سەن بىلەن بەيگە ،يىتەلمەسمەن مۇرادىمغا.
مەنبەسى قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-16 01:32 AM