گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ ،
يىڭى كەلدى قوشنىلار دەپ گەپ بولۇپتۇ .
ئائىلىسى بەكمۇ ئىناق -ئىجىل ئىكەن،
زەپ خۇش ئىكەن ھەممىسى دەپ گەپ بولۇپتۇ .
ئەتتىگەندە تۇرار ئىكەن بىر ئائىلە ،
رەببىمىزدىن شۈكرى ئەيلەپ بۇ ئائىلە .
خىزمەتتىكەن ئۆي تۈۋرۈكى ئاتىسى دەپ ،
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ .
مىھرىبانكەن پەرىشتىدەك خۇشچاق ئانا ،
ئىككى كۈندە كۆنگىدەك دەپ گەپ بولۇپتۇ .
ئىچەگىشىپ قولۇم قوشنا ،ھەممە ئارا،
سىڭىپ كەتسۇن ھەممىگە دەپ گەپ بولۇپتۇ .
تەۋرەتكەندەك بىر قولىدا دۇنياسىنى ،
يەنە بىردە تەربىيلىگەن پەرزەنتىنى .
ئۆزىگە ئوخشاش قىز كەمتەر دەپ ،
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ .
ھەر سەھەردە ھويلا ئارام شۇنچە پاكىز،
باغدا بۇلبۇل زەپ سايرىغان گۈلگە ئاشىق .
نەچچە كۈندە تۇلوپ كەتتى قىزغا ئاشىق ،
بىزگە بەرسۇن ئىشچان قىز دەپ گەپ بولۇپتۇ .
زەپ ياراشقان ئەتلەس كۆڭلەپ ھەم دوپپىسى ،
ئانىسىدەك خۇش مىجەزى ھەم خۇلقىسى .
بىزنىڭ ئۆينى گۈل قىلىدۇ ئۇيغۇر قىزى ،
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ .
ئاخىرى بارتى ئىشىم چىقىپ قالدى ، كېيىن تولۇقلاپ قوياي .
مەنبە : ئائىشە (شىرىن )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 326ayixa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 09:12 PM