|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئېلىپبە ئېراسى ناملىق بالىلار كارتۇن كىتابىنى تەييارلاپ چىقتىم،ئېلىپبە ئېراسى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار:تىل-ئەدەبىيات،ماتىماتكا،گۈزەل-سەنئەت،تارىخ،مەشھۇر شەخىسلەر،تەبىئەت،ئەخلاق،ئۆرپ-ئادەت ۋە كومپىيوتېر بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئىچىدىكى مەزمۇنلار بالىلارنىڭ ياش ئۆلچىمىگە ئاساسەن تۆۋەندىن يۇقۇرىغا قاراپ ئۆگىنىشكە ماس كىلىدۇ.
ئىچىدىكى مەزمۇنلار ساغلام،كارتۇن رەسىملەر بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ،ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ،ئەدەبىي ۋە ماتىماتكىلىق تېپىشماقلار ئوماق پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئەقىلىنى تېخىمۇ ئاچىدۇ،كىتاب ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ بولدى،ئېلكىتاب شەكلىدە پات ئارىدا تارقىتىلىدۇ. كىتاب مەزمۇنىدىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەرنى ھوزۇرىڭلارغا سۇندۇم.كۆرۈپ باھا بەرسەڭلار،خاتا بۇلۇپ قالغان جايلىرىنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى تۈزۈتىۋالسام.ھازىرچە تىل قىسمىنىلا يوللاپ قويدۇم،باشقا قىسىملارنى مەكتەپتىكى مەخسۇس كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باھالاپ تۈزۈتۈپ،بىرىشىگە يوللۇدۇم.
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Alamdar-X تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 08:17 PM
|
|
|
|
|
|