- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىزدىن بەزى ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي دېگەنتىم.
- قېنى سوراڭ!
- بىر قىسىم ۋاقىتلاردا ئەسىر نامىزى ۋاقتىدا دەرسخانىدا (ياكى ئىشخانىدا ۋە ياكى باشقا خىزمەت ئورنىدا) بولۇپ قالىدىكەنمىز. دەرستىن (ياكى ئىشتىن) چۈشكىچە كۈن ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن، بۇنداق چاغلاردا نامازنى ئىشارەت بىلەن ئوقۇساق ياخشىمۇ ياكى كەچتە قازاسىنى تولۇق ئوقۇساق ياخشىمۇ؟
ـ ئەگەر نامازنى ھەرىكەتلىرى بىلەن ئوقۇشقا ھەقىقەتەن ئامال قىلالمايدىغان ھالەتتە بولۇپ قالساق، بۇ ئەھۋالدا نامازنى ئىشارەت بىلەن ئوقۇشىمىز ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشىمىزدىن نەچچە ھەسسە ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، دىنىمىزدا نامازنى ئىشارەت بىلەن ئوقۇشقا بىر قىسىم ئەھۋاللاردا رۇخسەت بار، ئەمما، نامازنى قازا قىلىپ، كېيىن تولۇقلاپ ئوقۇشقا ھىچقانداق يوچۇق يوق. ناماز ۋاقتى بىلەن قوشۇپ پەرز قىلىنغاندۇر. سىزنىڭ يۇقىرىدا دېگەن ئەھۋالىڭىزغا كەلسەك، بۇ خىل شارائىت ھەرگىزمۇ نامازنى قازا قىلىشقا ياكى ئىشارەت بىلەن ئوقۇشقا باھانە بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى نامازنى ئىشارەت بىلەن ئوقۇش دەرىجىسىگە چۈشمەيدۇ.
- ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟
- سىزدىن بىر سوئال سوراي، ئەگەر دەرس(ياكى خىزمەت) ۋاقتىدا تۇيۇقسىز قورسىقىڭىز قاتتىق ئاغرىپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟ ئەجابا، ئىشتانغا چىقىپ كەتسە مەيلى، دەپ قاراپ تۇرامسىز؟
- ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەندە، دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھاجەتخانىغا چىقىمەن.
- ئوقۇتقۇچىڭىزغا(ياكى باشلىقىڭىزغا): قورسىقىم بەك ئاغرىپ كەتتى، ھاجەتخانىغا چىقىپ كىرەي، دەمسىز؟
- ئۇنداق دېگىلى بولامدۇ؟ گەپ قىلمايلا غىپىدە چىقىپ كېتىمەن.
- ئەگەر دەرس تىڭشاپ ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا تېز يوللانما شىركىتىدىن سىزنىڭ بىر نەرسىڭىزنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىر دەرۋازىدا ساقلاۋاتقانلىقىنى، تېزدىن چىقىپ ئېلىۋېلىشىنى ئېيتىپ ئۇچۇر ياكى تېلىفۇن كەلسە قانداق قىلىسىز؟
- دەرھال مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراپ پوچتىدىن كەلگەن نەرسەمنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن چىقىمەن.
- سىز ئۈچۈن پوچتىدىن كەلگەن ئاشۇ نەرسىڭىز مۇھىممۇ ياكى پەرز ناماز مۇھىممۇ؟
- نامازغۇ مۇھىم، لېكىن ئۇ نەرسىنىمۇ تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ-دە!
- شۇنداق، ئۇنى تاشلىۋەتمەيسىز، لېكىن نامازنى تاشلىۋېتەلەيسىز، شۇنداقمۇ؟ بىر ۋاق نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇپ ئېرىشكەن ساۋابنى ئاشۇ نەرسە ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟ بىر ۋاق نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماسلىقنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم بولۇشى ئۈچۈن ئاشۇ نەرسىنىڭ مىڭ ھەسسىسىچىلىك نەرسىنى كەپپارەت بېرىپ گۇناھتىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟
- بولمايدۇ.
- چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ جاۋاب بېرىپ بېقىڭ، ناماز ھەقىقەتەن ماددىي بايلىقتىن مۇھىممۇ؟
- ھەئە، نامازنى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنى پۇل بېرىپ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، پەرزلەرنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھىنى پۇل ئارقىلىق يۇيغىلى بولمايدۇ.
- توغرا دېدىڭىز. ئەمىسە نىمىشقا بىرەر ماددىي بۇيۇم ئۈچۈن ھىچقانداق سۈلھىسىزلا دەرستىن ۋاز كېچەلەيسىز-يۇ، ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا مۇئەللىمدىن قورقۇپ بىر سائەتلىك دەرستىن ۋاز كېچەلمەيسىز؟
- لېكىن، قورساق ئاغرىش، جىددىي ئىش چىقىپ قېلىش دېگەنلەر ھەمىشە يۈز بەرمەيدۇ-دە. ھەر كۈنى دەرس ۋاقتىدا شۇنداق قىلسام مۇئەللىمنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالمامدىم؟
-خاتىرىڭىزنى جەم قىلىپ تۇرۇڭ، ئۇنداق بولمايدۇ. بايا دەرس ۋاقتىدا قورسىقىڭىز ئاغرىپ كەتسە غىپپىدە چىقىپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز، شۇنداققۇ؟
- شۇنداق.
- سىزنىڭ دەرسكە كېچىكىپ كىرىشىڭىز ياكى دەرس ۋاقتىدا چىقىپ كېتىشىڭىز مۇئەللىمنىڭ نەزەرىدە ئىنتايىن نورمال ئەھۋال، خۇددى، قورسىقىڭىز ئاغرىپ قالغان، بۇرنىڭىز قاناپ كەتكەن، جىددىي تېلىفۇن كېلىپ قالغان، جىددىي ئىشىڭىز چىقىپ قالغان... ۋە ھاكازالارغا ئوخشاش. سىز مۇئەللىمگە: مەن ناماز ئوقۇۋېلىپ كىرەي، دېمەيسىزدە! ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزگە بىر ھەپتە ئىچىدىكى ھەر كۈنى ئوخشىمىغان ئوقۇتقۇچىلار ئوخشىمىغان دەرس ئۈچۈن كىرىدۇغۇ؟ يەنە بىرسى، سىز كۈندىلا بۇنداق قىلمايسىز، ھەرخىل ئۇسۇللار بار.
-ئەمىسە قانداق قىلىمەن؟
- ھەر بىر سائەتتىن كېيىن تەنەپپۇس ۋاقتى بارغۇ! شۇ ۋاقىتتىن ئوبدان پايدىلىنىسىز. ئون مىنۇتتا قانداقمۇ ياتاققا بېرىپ بولغىلى بولىدۇ، دەمسىز؟ مەن سىزنى ياتاققا بارىسىز، دېمىدىمغۇ؟ يانچۇقىڭىزغا كىچىككىنە رەختنى ياكى سۇلياۋنى تىقىۋالىسىز، دەم ئېلىش ۋاقتى بولۇشىغىلا سىرتقا چىقىپ يا ئورمانلىققا كىرەمسىز يا بىنانىڭ ئارقىسىغا ئۆتەمسىز، ئىشقىلىپ خالىي بىر يەرگە بېرىپ بىجىرىدىغاننى بىجىرىۋالىسىز. بۇنداق بولغاندا دەرسكە ئاساسەن كېچىكمەيسىز، كېچىككەن تەقدىردىمۇ بىر نەچچە مىنۇتلا.
- بۇنداق قىلسام باشقىلار كۆرۈپ قالسا خەتەرلىك.
- ئەمىسە (ئوغۇل بالا بولسىڭىز) تېخىمۇ ياخشى بىر ئامال بار.
- قانداق ئامال؟
- پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي 200-300 كويغا ۋىلىسپىتتىن بىرنى ئالىسىز، ۋىلىسپىتتا ياتىقىڭىزغا بېرىپ كېلىشكە ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش مىنۇت كېتىدۇ، بەش مىنۇتتا قىلىدىغان ئىشىڭىزنى قىلىپ بولىسىز.
- ئەمدى گەپنى يىغىنچاقلاي:
سىزنىڭ ناماز ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىلىۋاتسىمۇ دەرسخانىدىن ياكى ئىشخانىدىن ياكى خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلالماي نامازنى قازا قىلىۋېتىشىڭىز ياكى ئىشارەت بىلەن ئوقۇيمەن، دېيىشىڭىز خۇددى قورسىقىڭىز قاتتىق ئاغرىپ كەتسىمۇ چىقىپ كەتمەي ئىشتىنىڭىزغا چىقىرىۋەتكەنگە ئوخشاش بولىدۇ. ئاشقازاننىڭ ئىچىدىكىنى ئادەم بار يەردە ئىشتانغا چىقىرىۋېتىشتىن شۇنداق خىجىل بولىسىزكى، ئەگەر سىزنى شۇ ئادەملەر ئارىسىدىن چىقىرىپ قويۇش بەدىلىگە بىرەر ئىككى مىڭ كوي تەلەپ قىلسىمۇ ئىككىلەنمەي بېرىشىڭىز مۇمكىن. ئەجابا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ۋاقتىدا ئورۇندىماسلىقتىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا خىجىل بولمامسىز؟ قورسىقىڭىز قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە ئۇنىڭ ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشكە ئامالىڭىز بارمۇ؟ چوقۇمكى، مەلۇم ۋاقىتقا كەلگەندە سىز خالىمىسىڭىزمۇ ئۇ ئىش چوقۇم يۈز بېرىدۇ، سىز ھەر قانچە كۈچىسىڭىزمۇ توسۇپ قالالمايسىز. نامازنىڭمۇ خۇددى شۇنىڭدەك بىر ۋاقتى باركى، ھەر قانچە كەينىگە سۈرسىڭىزمۇ چوقۇم دەرھال ئورۇندىمىسىڭىز ۋاقتىدا ئورۇنداشتىن مەھرۇم قالىدىغان بىر ۋاقىت بار. ئۇ دەل شۇ نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتى.
ئاخىرقى نەسىھىتىم، ئادەملەر ئارىسىدا ئىشتانغا چىقىرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ھەر ئامالنى ئىشلەتكەندەك، ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ «ئىشتانغا چىقىرىۋەتمەسلىك» ئۈچۈن چوقۇم قاتتىق تىرىشىڭ!
ئۇنتۇپ قالماڭكى، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن ياكى مەسخىرىسىدىن قورقۇپ نامازنى ۋاقتىدا ۋە ئۆلچەم بويىچە ئوقۇماسلىق قورسىقى ئاغرىپ كەتسىمۇ ھاجەتكە بارماي ئىشتاننى پوخلىغانغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يامان ۋە خىجىللىق ئىشتۇر!
يەنە بىر ئىش، بۇ ماقالىدە پەقەت بىر تۈردىكى ئادەملا مىسال كەلتۈرۈلدى، ئەمەلىيەتتە نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئىشتىنىنى توختىماي پوخلاپ يۈرىدىغانلاردۇر!تورداشلار، ئىشتاننى بۇلغاپ قويۇشتىن ئىھتىيات قىلىڭلار جۇمۇ!
[ئەسكەرتىش: بۇ خىل ئەھۋاللار پەقەت بىزنىڭ دىيارىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى، باشقا بەزى مۇسۇلمان مەمىلىكەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت، شۇڭا، بۇ يازمىنى مۇشۇ ئۇيغۇرلارغىلا خاس، دەپ يامان گۇمان قىلىۋالمىغايسىلەر، بۇ دېگەن چەتئەللىكلەرگە قىلىنغان نەسىھەت بۇنى ئۇقالماي قېلىپ يەنە ئالدىنقى سۆھبەتلىرىمدەك رەھمەتلىك بولۇپ كەتمىسۇن بۇمۇ]
ئەسكەرتىش،ئالدىنقى قىتىم نامازسىزنى بىچارە دەڭلار دىگەن تىمىدا نۇرغۇن ئىختىلاپ بولۇپ،نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ ئەبتى بەشرى ئاشكارلاندى،بىلمىدىم ئۇ تىما بەزەنلەرنىڭ نەرگە تاقاشتىكىن يۇيۋىتىپتۇ،ھىچقىسى يوق،بىر مىسرانىمدا يۇيۇلغان بىلەن باشقا توربەر،ۋە ئۈندىداردا شۇنداق قارشى ئىلىنىشقا ئىرىشتى ئۇ تىما،ماۋۇ تىمىمۇ يۇيلىپ كەتمىسۇن؛