يېرىم ئاسمان
يېرىم ئاسمان، يىرتىق ھاياجان، قەتئىي ئايرىلالماسلىق، چۈشتىن كېيىنكى زېرىكىشلىك ئاپتاپ، گەۋدە، مەڭگۈ كەلمىگۈچىلەرنى كۈتۈۋېلىش زالىدىكى قۇپقۇرۇق گەۋدە، ئەخلاق، يالغانچىلىق، قىزغىنلىق، نەشە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش...
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، كەچ سائەت يەتتىدىن قىرىق بەش مىنۇت ئۆتكەندە قاراقاش
ناھىسينىڭ يىپ بازار ئەتراپىدا كېتىۋېتىپ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلغۇم كەپ قالدى. نېمىشقا بۇنداق
گەپلەرنى قىلىدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۈ بىلمەيمەن، بىراق مەن ئەخلەت، سۇلغۇن چىراي، بوران ھۇۋلاپ
تۇرغان بۇ ۋەيرانە بازاردا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىشقا مۇھتاج بۇلۇپ قالدىم.
داۋىنچى مونالىزانىڭ چىرايلىق لەۋلىرىنى سىزىش ئۈچۈن ئون يىل سەرىپ قىلغان، پىل دۇنيادىكى بىردىنبىر سەكرىيەلمەيدىغان ھايۋان، ئەگەر سىزنى تۇيۇقسىز تىمساھ چىشلىۋالسا، قولىڭىز بىلەن كۈچەپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باسسىڭىز ئۇ شۇئان سىزنى قويىۋېتىدۇ، بۇنداق دېسەم يالغانمىكىن دەپ قالماڭ دۇنيادىكى توخۇلارنىڭ سانى ئادەملەرنىڭ سانىدىن كۆپ.
سوئال: ئوڭ قۇلىقىڭىز نېمىگە ئوخشايدۇ؟
جاۋاب: سول قۇلۇقىمغا ئوخشايدۇ.
سوئال: قانداق قۇشنىڭ ئىسمىنى تەتۈر يازسىمۇ مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ؟
جاۋاب: ھۆپۈپۈپ.
-سىزنى شۇنداق سېغىندىم.
- ماڭا بۇنداق ياغلىما گەپلەرنى قىلغۇچى بولماڭ، مەن ئوغۇللارنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە بەك ئۆچ!
- ۋاي، خۇدايىم، سىزدە پىسخىك پارچىلىنىش كېسىلى بار ئىكەن. دۇختۇرغا كۆرۈنسىڭىز بولغۇدەك.
- مەن ئوغۇللارنىڭ سىزنى سېغىندىم، بىللە تاماق يەمدۇق دېگەندەك سۆزلىرىدىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن. سىز ئەگەر يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغان بولسىڭىز مەڭگۈ تېلىفونىڭىزنى ئالمايمەن.
- ھە، ئەمدى بىلدىم، مەن بىلەن تۇنۇشۇشتىن بۇرۇن بىرسى سىزنى شۇنداق ئالداپتىكەن-، دە! ۋاي بىچارە بايقۇش...
- يوقۇلۇڭ....
- مەنمۇ يوقۇلۇشنى بەكلا ئارزۇ قىلىۋاتىمەن، بىراق شۇ قېرىشقاندەك يوقۇلالمايۋاتىمەن...
مۇئەللىملىك خىزمىتىمدىن ئاخىرى ئىستىپا بەردىم. چۈنكى خۇشاللىقىدىن ئازابى كۆپ بۇ خىزمەت مېنى باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. سانسىسزلىغان جۈپ- جۈپ گۆدەك كۆزلەر قىزىقىش، ھەۋەس ئىلكىدە ماڭا باققاندا، كاللامغا فىرود، نېتزىلار كېلىۋېلىپ گويا بىرەر گۇناھلىق ئىش قىلىپ
قويغاندەك قاتتىق ئېسەنكىرەپ كېتىدىكەنمەن. بالىلارنىڭ تىرىشىپ بىلىم ئىلىشىدىن ئۇلارنىڭ مەكتەپكە تۇلۇق كېلىشى مۇھىم دەپ ھېساپلىنىدىغان، مۇئەللىملەرنىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ تارلىقى، بىلىمنىڭ چولتىلىقى، غېرىب چىراي، مەيۈسلۈككە تولغان يىراق يېزا... مائاش ئالغاندىن كېيىنكى ۋىجدان ئازابى، بۇرۇقتۇرۇملۇق... مانا بۇلار مېنىڭ ئىستىپا بېرىشىمگە تۇلۇق سەۋەبچى بولالايتتى.
- ياخشىمۇسەن ھايۋان؟ قانداق ئەھۋالىڭىز؟
- يامان ئەمەس، ئۆزۈڭچۇ مەخلۇق. تىژلىقما؟
- يەنە مەكتەپتە بىلىم بېرىمەن دەپ كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى زەھەرلەۋاتامسەن؟ ساڭا دەپ قوياي، يەنە
مۇئەللىملىك قىلىۋەرسەڭ سېنى تەڭرىممۇ كەچۈرمەس..!
- ھا..ھا.... مە گۇينى...
قەشقەرلىك ئاغىينلىرىم بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشىمەن، نېمىدېگەن ئەركىن ۋە نېمىدېگەن لەززەت-ھە!
‹بىر كۈنى بىر قىزنى ئۇچراتتىم، شۇندىن باشلاپ مېنىڭ ھاياتىم ئۆزگەردى›
بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپتىكى چىرايلىق بىز قىزغا يازغان سۆيگۈ خېتىمنىڭ تۇنجى مىسراسىنى مۇشۇنداق باشلىغانىدىم....
مەنبە: ئۆزۈم