ئاشقازان ئاستى بېزى
ئىشتىن كېلىپ قىلىدىغان بىرىنجى ئىشىم- يۈز، كۆزلىرىمدىكى توپىلارنى سۈرتۈپ ئادالاش، ئاندىن ئەينەكتىكى ياداڭغۇ چىراي، ئۇزۇن چاچلىق ئەبلەخكە قاراپ ‹ مەن بىر ھايۋان › دەپ پىچىرلاش. مانا بۇلار مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان بىراق ھەر كۈنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ئىشلار.
ئاش قازان سۈيۈقلىقى، ئۆپكە، جىگەر..دېگەندەك نەرسىلەر ئاڭلىماققا ماڭا ناھايىتى تونۇشتەك بىلىنگىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە ئۇلار ماڭا يەنىلا شۇنچىلىك مەۋھۇم، شۇنچىلىك ناتونۇش ۋە شۇنچىلىك يىراقلىقتا بىلىنىدۇ. شۇڭا مەن قۇرقۇنچلۇق بوران ھۇۋلاپ تۇرغان ئاشۇ ئېچنىشلىق ئاپرىل ئاخشىمى ئادەمسىز تار كوچىدا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقمنى بىلدۈرۈپ بولالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم. ھېچكىم مېنىڭ بۇ قايغۇلۇق، پەشكەشلەرچە تۆككەن ياشلىرىمنى كۆرمىدى، مەنمۇ بىرەر كىمنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىدىم. دېمەك، دېمەك مەن پۈتۈنلەي تۈگىگەنىدىم، شۇنچىلىك يەڭگىل، ۋە شۇنچىلىق نەپىس..
تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى مىللىيلىققا ئىگە بولىدۇ، بىراق مەن گىيوتىچە ئىنساپپەرۋەرلىككە ئۆچ! سۆيۈپ تۇرۇپ سۆيمىدىم دېيىش، كۆيۈپ تۇرۇپ كۆيمىدىم دېيىش ئوغۇل بالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس!
چۇقۇم بىر نەرسىلەر ئۈچۈن ئالەمچە شادلىققا تۇلۇپ خۇشال بۇلۇشۇم، ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك دەھشەتلىك ئاۋازلار بىلەن مىسلىسىز دەرت-ھەسرەتكە تۇتۇنۇشۇم كېرەك، شۇنداق قىلالىساملا مەن ئاندىن ھەقىقىي بىر تىرىك ياشاۋاتقان ئادەمگە-كۈلكىسىمۇ، ئازابىمۇ بار ھەقىقىي بىر ئادەمگە ئايلىنالايمەن. بىراق شائىر ئۈچۈن نە كۈلكە، نە ئازاب بولسۇن! بولۇم ھەقىقىيتىدە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىىشش، مەنە- سۆزلەر زىياپىتىگە مۇھەببەت باغلاش، ئىستىتىكا ئوپىراتسىيەسى، يېرىش، پارچىلاش، ھېس قىلىش، ئاندىن شىددەت بىلەن بۇ دۇنياغا سىغمىغانچىلىق مۇھەببەت بىلەن گويا ئۆز كىيىملىرىنى سېلىپ قىپيالىڭاچ بولغاندەك دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سەت گەپلەر بىلەن ئىچ- قارنىنى بىراقلا تۆكۈش!
بارلىق قەرىزلىرىمنى تۆلەپ بولدۇم. ئەمدى مەن بۇ نۇر ۋە زۇلمەتكە تولغان ئەركىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئەشەددىي قەھرىمانى بولىمەن. بارلىق دۈشمەنلىرىمنى يەر- بىلەن يەكسەن قىلىپ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ھەسرەت- نادامەتكە گېرىپتا قىلىمەن، ئۇلار گويا ئۇزاقى يىلى تەككەن زىققە كىسىلىدەك ئاستا، ئاستا قىينىلىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرگۈدەك بىچارىلىك بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلىدۇ.
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بولغانىدىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ھۆسنى- جامالدا تەڭداشسىز بىر سايىپجامال مەلىكىسى بار ئىكەن. ئۇ بىر كۈنى ئوردا لەشكەرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپتۇ..ئاھ، خۇدا! قەسەم قىلىمەنكى، چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق باشلىنىدۇ. بۇ.. بۇ.. نېمىدېگەن لاۋزىلىق-ھە!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 04:48 PM