نۇر تورى تەرجىمىسى:
6- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە، نەننىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدىن كېلىپ چىققان جېدەل- ماجىرا توپلىشىۋېلىپ تاماشا كۆرۈش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە بۇ ۋەقە بېسىقتى، ئالاقىدار ئەھۋاللار تەكشۈرۈلمەكتە.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا، چېن فامىلىلىك (سىرتقى ئۆلكىنىڭ ئادىمى، گۇاڭشىدا خۇسۇسىي كارخانىغا ياردەملىشىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن) ھەيدىگەن نومۇر تاختىسى ئېسىلمىغان بىر كىچىك ئاپتوموبىل بىلەن بىر تاكسى ئاپتوموبىلى بىر بىرىنى قوغلىشىپ سوقۇشۇپ كەتكەن. ئىككى تەرەپ توقۇنۇشۇپ قېلىپ، تاكسى شوپۇرى تاياق يېگەن، بۇنىڭ بىلەن توپلىشىۋېلىپ تاماشا كۆرۈش ئەھۋالى كېلىپ چىققان. قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى تەكشۈرۈش ئارقىلىق چېن فامىلىلىك بارلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ بېكىتكەن. ساقچىلار چېن فامىلىلىكنى ئېلىپ كېتىپ تەكشۈرمەكچى، ھەمدە نومۇر تاختىسى ئېسىلمىغان ئاپتوموبىلنى سۆرەپ ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، تاكسى شوپۇرى تەرەپتىكىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان، ئاز ساندىكى كىشىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاتاق چىقىرىپ، بۇ ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرىۋەتكەن.
شىشياڭتاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىدىكىلەر قاتناش ساقچى، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق تارماقلارنىڭ ياردىمىدە، ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ، ئوت كەتكەن ئاپتوموبىلدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ، چېتىشلىق كىشىلەرنى كونترول قىلغان، تاماشا كۆرۈۋاتقان ئاممىنى تارقاقلاشتۇرغان. 14- ئىيۇن سەھەردە ئىش بېسىققان، چۆرىدىۋالغان ئامما نەسىھەتنى ئاڭلاپ تارقىلىپ كەتكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بۇ ئىش ئۈستىدە ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە چېن فامىلىلىك ئىش تېرىغۇچى ھەيدىگەن كىچىك ئاپتوموبىلغا نومۇر تاختىسى ئېسىلمىغان، ئەمما كېيىن ئاپتوموبىل ئىچىدىن نۇرغۇن ساختا ھەربىي نومۇر تاختىسى بايقالغان، چېن فامىلىلىك ھەربىي ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەقەنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ ۋەقە 14- ئىيۇن سەھەر سائەت تۆت يېرىمغىچە داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان.
شەرق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
مۇخبىرنىڭ گۇاڭشى نەننىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىشىياڭتاڭ شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 13-ئىيۇن كەچتە نەننىڭ شەھىرى يوۋ ئەي يولىدىكى سىترېئولۇق كۆۋرۈك تېگىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى بىر قېتىملىق ماجىراغا سەۋەب بولغان. نۆۋەتتە ماجىرا تىنجىتىلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.
ج خ ئورۇنلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى چېن فامىلىلىك (باشقا ئۆلكىدىن، نەننىڭ شەھىرىدە بىر خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىنىڭ شوپۇرى) ھەيدىگەن نومۇر تاختىسى ئاسمىغان كىچىك تىپتىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بىر كىرا ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، تەرەپلەر جېدەللىشىپ قالغان، كىرا ئاپتوموبىلى شوپۇرى تاياق يېگەن. قاتناش ساقچىسى ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، بارلىق مەسئۇلىيەتنى چېن فامىلىلىك ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ قاراپ، چېن فامىلىلىكنى ۋە ماشىنىسىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، كىرا ئاپتوموبىلى شوپۇرى تەرەپدارلىرى بۇلارنى ماڭغىلى قويمىغان. ئاز بىر قىسىم كىشىلەر توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، جېدەل چىقىرىپ چېن فامىلىلىكنىڭ ماشىنىسىنى كۆيدۈرىۋەتكەن. شىشىياڭتاڭ شۆبە ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ساقچى كۈچى ئاجىرىتىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ۋەقەگە ئالاقىدارلارنى بويسۇندۇرغان ۋە توپلىشىۋالغانلارنى تارقىتىۋەتكەن. 14-ئىيۇن سەھەردە ۋەقە تىنجىتىلدى، توپلىشىۋالغانلارغا نەسىھەت قىلىپ تارقىتىۋېتىلدى. ساقچى تەرەپ ۋەقەنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتە.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، چېن فامىلىلىك ھەيدىگەن ماشىنا نومۇر تاختىسى ئاسمىغان بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ماشىنىسىدىن بىر قانچە ساختا ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسى چىققان.
كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنكى قالايمىقانچىلىقتا بىر قانچە چارلاش ماشىنىسى ۋە ساقچى ماشىنىسى ئۇرۇپ چېقىۋېتىلگەن ياكى ئۆرۈۋېتىلگەن. 14-ئىيۇن سەھەر سائەت 4:30 ئەتىراپىدا قالايمىقانچىلىق ئاندىن بېسىققان.
مەنبە:نۇرتورى
http://www.nur.cn/news/2013/06/124586.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 01:36 PM