|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!
قېرىنداشلار :
ئالدىنقى قېتىم مەن بىز تەربىيلىنىۋاتقان گۇاڭدۇڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن فاكۇلتىتلار ئارا ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئىدىم ، بۇ قېتىم ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول مۇسابىقە خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدىم .
ئالدىنقى قېتىم ۋالىبول مۇسابىقىسىدە ئوغۇل-قىزلار قوش لوڭقا كۆتۈرگەندىن كېيىن ،مەكتەپ مۇسابىقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ ئالىي مەكتەپ ئىنتامىسىغا قاتنىشىپ ئۆتكەن ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس،مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا سالاھىيەتتىكى ئوقۇغۇچىلار قاتناشسا بولمايدۇ ›› دېگەن سەۋەپ بىلەن بىز شىنجاڭ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سالاھىتىمىزنى چەكلىگەن ئىدى . سەۋەبى : جىق ئىشلار قولىدىن كەلمەيدۇ دەپ قارىغان بىزدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلىمىغان يەردىن بىر تۈردىكى مۇسابىقىنىڭ قوش لوڭقىسىنى ئېلىشى ‹‹بەسەيلەرنىڭ ئىچىنى سېسىتىپ كۆتىكىنى بوشىتىپ ›› بايىقىدەك سەۋەپ ئوتتۇرغا چىقتى . شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش بىز ئۈچۈن بىر مەسىلە بوپ قالدى ، ئەمما بىزنىڭ كۈچلۈك تەلىىپىمىز بىلەن كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق بۇ 8 كىشىلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىنى قولغا كەلتۈردۇق ، مەكتەپ مۇسابىقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق گۇرۇپ مۇسابىقىسىدىن باشقا مۇسابىقىلەردە نەتىجىمىز ھىساپقا ئېلىنمايدىغان ،دوسلۇقنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان شەرت ئاستىدا مۇسابىقىگە تىزىملاتتۇق . مۇسابىقە باشلىنىپ تۇنجى مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە بۇلتۇرقى چىمپىيون كوماندا كومپىيوتىر پەن-تىخنىكا ئىنىستىتوتى (计算机科学学院) كوماندىسى بىلەن ئوينىدۇق . مۇسابىقە جەريانىدا بىزنىڭ ئەزالارنىڭ ماسلىشالماسلىق ۋە قارشى تەرەپ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ئۈستۈن بولىشى ھەم رېپىرلارنىڭ بەكمۇ ‹‹ يۇقىرى سەۋىيلىك ›› بولىشى سەۋەپلىك 4 : 0 نۇمۇر پەرق بىلەن يېڭىلىپ قالدۇق ، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىنى ئاسپىراىنت ئوقۇغۇچىلار كوماندىسى بىلەن ئوينىدۇق ،مۇسابىقە جەريانىدا بىزنىڭ ئەزالارنىڭ خاتالىقلارنى يەكۈنلەپ ، ياخشى ماسلىشىشى ئارقىسىدا ئاسپىراىنت ئوقۇغۇچىلار كوماندىسىنى 0 : 18 چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن يەڭدۇق ، ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقە چەتئەل تىلى ئىنىستىتوتى كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى ، بۇ مۇسابىقىدىمۇ ئەزالىرىمىزنىڭ ياخشى ماسلىشىشى ئارقىسىدا ، بۇ كوماندىنىمۇ 0 : 4 نۇمۇر پەرق بىلەن يېڭىپ گۇرۇپتىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتۇق . ئىككىنچى باشقۇچلۇق شاللاش مۇسابىقىسىدە ئىلىكتىرمىخانىكا ئىنىستىتوتى (机电学院) كوماندىسى بىلەن ئويناپ بۇ كوماندىنى 1 : 3 نۇمۇر پەرق بىلەن يېڭىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا 4 كۈچلۈككە كىردۇق . مۇسابىقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئويلىدىكىن تاڭ ؟ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ئوينىماي فاكۇلتىتلار چىمپىيونى ئايرىلىپ بولغاندىن كىيىن بىۋاستە شۇلار بىلەن ھەل قىلغۇچ دوسلۇق مۇسابىقىسى ئويناش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىز بۈگۈن چۇشتىن كېيىن ( 6-ئاينىڭ 13- كۈنى چارشەنبە ) بېيجىڭ
ۋاقتى 17:00 دە ئاتالمىش بۇ قېتىملىق مەكتەپ چىمپىيونى بولغان باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتوتى (管理学院) كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدۇق . بۇ مۇسابىقىدە بىزنىڭ كوماندىدىكى 8 ئەزمەت قارشى تەرەپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن رېپىرلار قوشۇلۇپ 12 ئادەملىك كوماندا بىلەن تىركەشتۇق . مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغاندا بىزنىڭ 10-نۇمۇرلۇق ئەزا چەپدەسلىك بىلەن قارشى تەرەپ ۋارتارىغا چىرايلىق ئەمما غەزەپ بىلەن بىر توپ سېلىپ ئۇلارنى خېلىلا تەمتىرىتىپ قويدى ( بۇ ئەزا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ‹ ئەڭ مۇنەۋەر توپ ئۇرغۇچى › بولۇپ باھالاندى ) ، لىكىن ئادەم سانى ۋە رېپىرلار قوشۇنىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىردا 1 : 3 نۇمۇر پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇق . قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ماھارىتىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتتى . ھە راس ، يەنە بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . بۇ يىل 9-ئايدا يەنە مەكتەپنىڭ فاكۇلتىتلار ئارا ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنى ئورۇنلاشتۇردىكەن ، مەكتەپ تەنتەربىيە بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى ئېنىق قىلىپ بىزنى بۇ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئەمما بىز يەنە پۇرسەت تېپىپ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبۇل ساھەسىدىكى تالانتىمىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويىمىز . ئاخىرىدا بىرنەچچە پارچە سۈرەت قىستۇرۇپ قويدۇم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 07:48 PM
|
|
|
|
|
|