|
|
|
|
2007-يىللىرى ئىسسىقلىقنى بىۋاستە ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى ئىشلەپ باققان ئىدىم. بۇرۇنلاردا 3د د15د بەلگىلىك چوڭ قۇۋۋەت لامپىلىرى ئىشلىتىلەتتى. مېتال قاپقىقىنى بۇزۇپ ئېلىۋېتىپ، لوپا ئەينەكتىن فۇكۇسلانغان نۇرنى لامپا تۈگۈنىگە توغرىلىسىڭىز قۇياش باتارىيسىگە ئوخشاش توك ھاسىل بۇلغان. ئەمما باشقا ساھە ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەتكەچكە 0.25 ۋولىتتىن ئاشمايتتى.
مەن قۇياش بولمىغان ۋاقىتتا داۋاملىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە يۇقىرىقى لامپىنىڭ تۈگۈنىنى ئۇچۇق قۇيۇپ قالغان قىسمىنى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشى ياخشى بولمىغان يىلىم بىلەن قاپلاپ ئاندىن قىزىتىلغان ترانسفورماتور مېيىنى ئۇچۇق قىسىمغا تەگكۈزدۈم، نەتىجىدە ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا قۇتۇپلىرى ئارىسىدا ئاجىز توك ئېقىمى پەيدا بولدى. ئەمما فۇكۇسلانغان نۇر ھاسىل قىلغاندىن خېلى ئاجىز.
ئىككى خىل مېتال ياپراقچە ئارىسىغا بىر-بىرىگە تېگىشىپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى نىپىز2-3مىكرومېتىر قېلىنلىقتىكى تورنى ئۇتتۇرغا ئىلىپ، بىر تەرەپ سوۋۇتۇلىدۇ، يەنە بىر تەرەپ قىزىتىلىدۇ. مانا بۇ ئىسسىقلىق باتارىيسىدۇر.
ھازىر بار بولغان باتارىيلەردىن ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى يىقىلغۇ باتارىيە، ئەمما ئوتياش، كۆمۈر دېگەن يىقىلغۇلاردىن يىقىلغۇ ئورنىدا پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.
ئەسلى مەقسىتىم: ئولتۇراق ئۆيلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئىسسىتىش سىستېمىسىغا ئورنىتىپ، ئىسسىنىش مەقسىتىمگە يەتكەندىن تاشقىرى ھەقسىز توكقا ئېرىشىۋېلىش.
ھەربىر ئائىلىدىن سائىتىگە 1كىلوۋات توك ئايرىۋېلىنسا، كۈندە 24 كىلوۋات دېگەن گەپ. بۇنى ئايرىم توك سائىتىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتىگە بەرسىڭىز. ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتى توپلاشتۇرۇپ زاۋۇت-كارخانىلارغا سېتىپ بەرسە، سىز ھەقسىز ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەنگەن بولىسىز.
4 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (27.29 KB)
ھازىر بۇخىل (ئىككى تال توك سىمى بار ياپراقچە) مەھسۇلات يېڭىدىن جۇڭگو بازىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ. (热能电池)
گېرمانىيىدە پۇخرالار قۇياش باتارىيسىنى ئۆزى سېتىۋېلىپ ئۆيلىرىگە ئورنىتىپ ئېلېكتىر ئىدارىسىگە توك سائىتىدىن ئۆتكۈزۈپ سېتىپ بېرىدىكەن، پۇقرا ھەر ئايدا ئېلېكتىر ئىدارىسى بىلەن ھېسابلىشىپ ئۆزى ئىشلەتكەندىن زىيادە قىسمىغا پۇل ئالىدىكەن. (ئۇلار شۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈشكە قۇربى يېتىدۇ، بۇ شۇ يەرنىڭ سىياسىتىگە باغلىق. رايونىمىزغا كەلسەك: قورساققا يوق چاپانغا نەدە؟ دېگەندەك ئىش بولىدۇ.) شۇڭا گېرمانىيە قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش كۆلىمى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇرۇن ستىرلىڭ ماتورى ئارقىلىق بۇ تۈرنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان، ئۇنىڭدا ئىش ئۈنۈمى بۇ نەرسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى، بىخەتەرلىك مەسلىسى تۈپەيلى تۇختىتىپ قويغان ئىدىم.
http://ablimitt.blog.163.com/blog/static/4862604820082461654645/
ئاپتورى:ئابلىمىت مەمەت(مەن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 08:08 AM
|
|
|
|
|
|