دۇنيادا كەشپىيات-ئىجادىيەتلەرنىڭ تۇلىسى ئاسان چۈشەنگىلى بۇلىدىغان بۇلۇپ، ئاددى تۇرمۇشتىن كەلگەن بۇلىدۇ،بىرقىسىملېرى گەرچە شۇ ساھەدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە مۇرەككەپ تۇيۇلسىمۇ كۈڭۈل قۇيۇپ تەتقىق قىلغاندا چۈشىنىپلا قالماي يەنە كەمچىلىكى ۋە كەمچىلىكىنى تۇلۇقلاش تەدبىرىنى بايقايسىز. مانا بۇ تەدبىر سىزنىڭ ‹‹ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە كەشپىياتىڭىز›› بۇلىدۇ.
كىچىكىمىزدە ئالدى بىلەن ئالىملېرىمىزدىن دارۋىن، ئىدىسون.نىيوتون،ئېينىشتىيىنلارنىڭ پەن-تېخنىكىغا قۇشقان تۆھپىلېرى بىلەن تۇنۇشىمىز.ئىدىسون گىزىت سىتىپ يۈرۈپ شۇنچە ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ياراتقىنىچۇ؟
بەزىلەر بىزمۇ شۇ دەۋىردە بولساق بىزمۇ شۇ شان شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بۇلاتتۇق دىيىشى ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ.شۇ چاغلاردا بولسام ئاشۇ ئالىملارنىڭ ئىدىيسىگە قارشى مۇقام توۋلىغۇچىلارنىڭ قاتارىغا ئۈتۈپ قالار بولغىيمىتىم؟دىگەننى ئويلىشى مومكىن ئەمەس!چۇنكى بۇرۇن بولسۇن ھازىر بولسۇن مەنپەئەت دىگەن بۇ نەرسە يەنىلا بۇنداق قارشىلىقلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىپ تۇرىدۇ…
شۇنچە ياخشى شارائىتتا توپلارغا كىرىۋىلىپ ‹‹كىم بار؟گەپ قىلىڭلار ››دەپ بىكاردىن تىت-تىت بۇلۇپ يۈرۈپ ۋاقىت ئۈتكۈزىمىزكى ئۈگەنگەن كەسپىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ماتىريال ئىزدەپ باقاي دىگەننى خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايمىز.بەزىلەر ياش تۇرۇپلا خەنزوچە بىلمىسەم نىمە ئامال!دىسە بەزىلەر ئۇيغۇرچە ماتىريال يوق دەپ جاۋاب بېرىدۇ…
تۈۋەندە ئىلىكتىر توك يوللېرى لايىھەلەش ۋە سىنوس سىگنالىنى سىممىتىرىك رەتلەشتە ئىشلىتىدىغان تۈۋەنكى يېرىم سىگنالنى ئۆرۈش توك يۇلىدىن قىسقىچە چۈشەنچە بېرەي.
قارشىلىق توك يۇلى لايىھەلەشتە بەك مۇھىم ئامىل ھىسابلىنىدۇ،كۈپىنچە دوسىتلار قارشىلىق قىممىتى ۋە قارشىلىق قۇۋۋىتىنى ھىسابلاشنى بىلمەيدۇ.