مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 905|ئىنكاس: 6

قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد–تەرەققىيات ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94942
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 01:53:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد–تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى

  جۇڭ شيۇلىڭ ، چىن يوڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ‹‹قەشقەر ئىقتىساد–تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى›› بىلەن ‹‹قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى››نى تەستىقلاپ، بۇ ئىككى ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى نۇقتا، يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم ئاساس يارىتىپ بەرگەن .


  قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى ئاساسلىقى بۇ ئىككى رايوننىڭ تەرەققىيات ئاساسى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، ئومۇمىي تەلەپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئىشىكنى سىرتقا ئىچىۋېتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالغۇسى.


  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونلىرىنى ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئىچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى قىلىش››تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىستراتېگىيەنى چۆرىدەپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەچكە، بۇ ئىككى ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 82 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، سۇ، توك، يول، گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 588 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، سۇ، توك، يول، گاز، گۈزەللەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو – قازاقىستان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى 2012 – يىلى 4 – ئايدا رەسمىي دائىرە بەلگىلەپ تىجارەت باشلىدى.


  قەشقەر ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان 34 تۈردە قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە 2 مىليارد 430 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇ رايون بۇ يىل يەنە 34 تۈردە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 8 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە يەتتى. قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان تۈردىن 59 ىدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە 7 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى. ھازىر بۇ تەرەققىيات رايونىنىڭ تاشقى سودا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. 2010 – يىلى قورغاس پورتىدىن ئۆتكەن مال 3 مىليون 80 مىڭ توننا بولۇپ، 2012 – يىلىغا كەلگەندە 17 مىليون 630 مىڭ توننىغا (15 مىليون 800 مىڭ توننا تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېتىپ، ئىككى يىلدا 4.7 ھەسسە ئاشتى؛ ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 2010 – يىلى 3 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2012 – يىلىغا كەلگەندە 11 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2.7 ھەسسە ئاشتى.



مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


تەھرىردىن: كېيىنكى قېتىم گېزىتتىن خەۋەر يوللىسىڭىز قايسى سانى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-15 06:00 PM  


كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 09:32:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۈسىدە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرىگە بىز جاۋاب بەرگۈچىلەرمىز...

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3899
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 10:01:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
15 مىليون 800 مىڭ توننا تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ  



ئىچىم ھەجەپ سىيرىلىپ كەتتى.   ئىسىت بايلىقلار......   نەگىمۇ  كەتكەنسەن،   شۇ بايلىقلارنىڭ نەچچە يۈزدىن بىر پىرسەنتىنى  بىز شىنجاڭلىقلارغا بەرگەن بولسا  ،  نامرات كىشىلەر كۆپ ئازايغان  بولاتتى.....  

    بوپتۇلا....شۈكۈر ئاللاھ ، سەۋىر بەرگەيسەن،  رىسقنى ئاللاھدىن تىلەيمەن.   ئاللاھ بەرسە  بۇنىڭدىنمۇ جىق بىرىدۇ تىخى ....

ئاللاھتىن ھەممىزگە ھىدايەت ،تەۋپىق، مەغفىرەت ،ئىنساپ ۋە ئىمان تىلەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90948
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 01:40:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ گىزىتىنىڭ كونا سانلىرىدىن ئىلىنغان كونا خەۋەردەك قىلىدۇ ،،،بۇ خەۋەر،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1730
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12778
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 677 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنىئىي گاز قەتتىي تۈگەپ قالمىسۇن!!!!!!!!!!!!!

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12482
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 07:11:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كونا خەۋەرمۇ ياكى يېڭى گەپمۇ؟ تەستىقلىنىپ ئىش باشلىغىلى خىېلى بولدىغۇ.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10329
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5124 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 11:26:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلەن بوپتۇ

كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش