مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1159|ئىنكاس: 8

ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95673
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 01:29:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئەيدىز كىسىلىنىڭ كىلىش مەنبەسى  ئاساسلىقى بەتچىۋازلىق ، بۇلارنىڭ روھى ئاللىقاچان زەيىپلىشىپ بولغاچقا ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرى زەھەرگە خۇما بوپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن شىپىرىس بىلەن زەھەر چىكىش داۋامىدا يىڭنىنى ئورتاق ئىشلىتىپ بىر بىرىگە يۇقۇتقان ، ئاندىن ئايالىغا ، ئۇندىن كىيىن قالايمىغان مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ، باشقا يولدىن چىققان ئاياللارغا ، ئۇ ئاياللار باشقا ئەرلەرگە ، ئاندىن ئۇ ئەرلەر يەنە ئۈز ئاياللىرىغا ، ئۇندىن باشقا قىزىل چىراق چوگلەپ كىتەلمەيدىغان ياش يىگىتلىرىمىز توي قىلماي تۇرۇپ قىزلار بىلەن ئۆي تۇتۇپ مۇھاببىتى دەپ قۇيىدىگەن شۇلارغا، ئاندىن بەزى قىزلار زورلۇققا ئۇچراش داۋامىدا مانا مۇشۇنداق ئۆمۈچۈك تورىدەك ھەممە ياقنى بۇ كىسەل چىرمىۋالماقتا ، ئادەتتە ئەر كىشىدىن ئايال كىشىگە يۇقىشى 100  پىرسەنىت ، ئەمما ئايالدىن ئەرگە يۇقىشى 0.5%بۇلىدىكەن دەپ بەزى ماتىرىياللاردا شۇنداق خاتىرلەنگەن ، ئەمما قىززىق يىرى بەزىر كىشلەر ئەيدىز بىمارى بىلەن خېلى ئۇزۇن تۇرمۇ ش كەچۈرسسىمۇ يۇقمايدىغان ، بەزىللىرى بىر قېتىمدىلا يۇقىدىغان ئىشلار مەۋجۇت ، ئادەمنىڭ ئەڭ ئىچى سىيرىلىدىغىنى ئۆيىدىن  سىرتقا چىقمايدىغان باشقا شەھەرگە بېرىپ باقمىغان شۇنچىلىك پاكىزە تەقۋا ئاياللاردا، بىر ئۆمۈر ئىرىگە سادىق بوپ ياشاۋاتقان ياشتا خېلى چوڭ ئانىلاردىمۇ بۇنداق كىسەل بايقالماقتا ئۇلار ئەلۋەتتە يولدىشىدىن يوقتۇرۋالغان ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يولدىشى تىجارەتچى يۇرت ئاتلاپ سودا قىلىدىغانلار ، بۇرۇن بۇنداق كىسىەللەرنى ئەخلاقسىز ئادەملەردە بايقىلىدۇ دەپ ئويلايتتۇق ، ھازىىرچۇ مەيلى دىھقان بۇلۇڭ ، مەيلى ئىشچى ، مەيلى كادىر ، مەيلى ئۇقۇغىچى ، ۋە مەيلى باشلىق بۇلۇڭ سەل بىخەستەلىك قىلسڭىزلا بۇ كىسەل بىزنى يالماپ كىتىشكە تەييار تۇرىدۇ ، ئىشقىلىپ بۇ كىسەل ئادەم بولسىلا يۇقۇۋىرىدۇ .
بەلكىم بۇ كىسەلنىڭ بەزىلەرگە يۇقۇپ بەزىلەرگە يۇقماسلىقىسدا ئاللاھنىڭ بىر ھىكمىتى بار دەپ ئويلايمەن، سىزنىڭ بىر گىپىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلدى مۆھمىنلەرنى دەپسىز ، بۇنداق دىگنىڭىز ياخشى ، ئەمما مەن دۇئايىمدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ساقايماس كىسەلگە داۋاسىز كىسەلگە گىرىپ قىلمىغايسەن رەببىم دەپ تىلەيمەن ، چۇنكى پەن تەخنىكىدا بۇنداق داۋاسىز كىسەلگە شىپا تېپىلسا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئىشلىتىدۇ ، چۇنكى ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بەندىللىرى ، نۇرغۇ ن ھەقنى تۇنىيدىغانلار خاتا يولغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن ، ئەمما نۇرغۇن كاپىرلار ھەق يولغا قايتىشى مۇمكىن چۇنكى بىر ئامىرىكىدىكى بىر ئىسلامغا قارشى بىر ئالىممۇ قۇرئاننى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭدىن ئىۋەن ئىزدىمەكچى بۇلۇپ ئەڭ ئاخىردا ئۈزىنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىنى جاكارلىغان .قايسى قەۋىمدىن بولسۇن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەت تاپقۇزالايدۇ ، خالىمىغان كىشىنى ھالاك قىلدۇ ، بىزنىڭ باشقىلاغا باھا بەرگۈدەك نىمە سالاھىتىمىز با دەيسىز ؛
بۇ كىسەلنىڭ يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ؛
1)تازلىققا ئەھمىيەت بىرىپ ئۈز ئۆز ىنى سۇيۇش ، جۈرىسىگە ۋاپادار بۇلۇش ، ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانمىغان بىرلا مۇقىم ھەمراھى يەنى ھالال جۈپتى بۇلۇش .
2)زەھەر چەكمەسلىك ، بولمىسا شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك .
3)ھامىلدار ئاياللار ۋاقتى قەرەلىدە قان تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ، ئەگەر بۇ كىسەل بايقىلىپ قالسا ، ئامال بار بالىنى تۇغماسلىق .
4)تەكشۈرۈشتىن ئوتمىگەن قان ۋە قان پىلازمىسى سالدۇرماسلىق.  
5)بالا ئالدۇرماقچى بولغانلار ، ياكى جىنسى كىسىلىنى  داۋالاتماقچى بولغانلار كىچىك تىپتىكى دوختۇرخانىلاغا ، شەخسى شىپاخانىلارغا بارماسلىق بۇ كىسەل قاندىنمۇ يۇقىدىغان بولغاچقا داۋالىنىش جەريانىدىمۇ يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن .
6)چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ، ئۇندىن باشقا قۇلاق كولىغۇچ  ، تىرناق ئالغۇچ ، ساقال ئالغۇچ دىگەنلەرنىمۇ ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كىرەك ،ئاممىۋى ساتراچخانىلاردا چاچ ساقال ئالدۇرغاندا ياخشى دىزىنفىكسىيە قىلىنمىغان تىغنى ئىشلەتمەسلىك .
7)قالايمىقان يەرلەردە قاش كۆز چەككۈزمەسلىك ، بەدەنگەگۈل چەككۈزمەسلىك .
8)ئەركىن مۇھەببەتلەشتۇق دەپ قالايمىقان سۇيۇشمەسلىك ، ئەگەر ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ ئېغىزىدا يارا ياكى قوقاق بوپ قالغا ياكى زىدە بوپ قالغا ن بولسا بىر تەرەپتە ، ئەيدىس ، سىفلىس ، ھەر خىل  يۇقۇملۇق جىگەر كىسىلى  بولسا قارشى تەرەپكە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
9)شۇنى دىمەي تۇرالمايمەنكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن گەرچە ئەيدىس يۇقمىسىمۇ ئەمما باشقا جىنسى كىسەللەر يۇقىشى مۇمكىن ، ئەگەر جىنسى كىسىلىڭىز بۇلۇپ ۋاقتىدا داۋالانمىسىڭىز ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇقىشى ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلاپ بەگەن  بۇلىسىز ، چۈنكى جىنسى كىسەل ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئۇچىقى ھىساپلىنىدۇ .
10)بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىىل يۇقۇملۇق كىسەل بىلەن تەڭ يۇقۇملىنىشى  مۇمكىن مەسلەن ئەيدىس ، سىغلىس ،س تىپلىق  جىگەر يالۇغى ,ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ، بۇلار بىراقتا كۈرۈلسە داۋلاش يۇلىمۇ قىيىن ،ئۇندىن باشقا تامچە قۇرت ياللغۇغى ، ئۆل سىگەل ،يۇمشاق شانكىر ،جىنسى ئەزا پىتى قاتارلى 20 نەچچە خىل جىنسى كىسەل بۇلۇپ ۋاقتىدا دىئاگۇنۇز قويدۇرۇپ داۋالاتمىسا ئىنسانلانى ئۈلۈم گىردابىغا سۆرەپ بارىدۇ ،
11)ئامال بار ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش لازىم ،بۇ گەرچە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ، ئەيدىز ۋە جىنسى كىسەلدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى بولسىمۇ ، توغرا ئىشلەتمىسىڭىز ياكى يىرتىلىپ كەتسە يەنە يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن ، دىمەك بىخەتەرلىك قاپچۇقى  100%بىخەتەر ئەمەس .
شۇڭا مەن ساق دىگەن ئادەملەمۇ پات پات ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرىشى كىرەك كىسەل بولسا ۋاقتىدا بايقاپ داۋالىنىشقا پايدىلىق ۋاقتى ئۈتۈپ كەتسە كىسەلدىمۇ دۇرىغا قارشى تۇرۇش كۈچى  شەكىللىنىپ داۋالاشقا تەسىر يىتىدۇ .
ئاۋال سەۋەپ قىلىپ باقىمىز ئەمما پىشانىگە پۈتۈلگەن بولسا كۆرمەي ئامال يوق ، بۇ كىسەلنى ئۇنداق يۇقىدۇ بۇنداق يۇقىدۇ دىگەن بىلەن ئەڭ دەسلەپتە بايقالغان ئادەمگە ئەمسە قانداق يۇققان ، خۇدا سالغان ئەمەسمۇ ،بۇ كىسەل ۋاقىت زامان چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلاۋاتقان
مۇشۇ دەۋىردە ھەممىمىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ھەق يولدىن چىقمىساق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ئوبدان ئىگەللسەك  بەلكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىمىز مۇمكىن .
ئەسكەرتىش : ئەيدىز بىمارلىرىنى ھېچكىمنڭ ئەيىپلەيدىغان ھۇقىقى يوق ، ئۇلار كۈڭۈل بۈلۈشكە مىھرى مۇھەببەتكە مۇھتاج ، ئۇلار ئاللىقاچان جازاغا ئۇچراپ بولغان كىشىلەردۇر ،ئۇلارمۇ  بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ، ئاچا سىڭلىمىز ، ۋە ياكى سۆيگەن كىشىللىرىمىز ۋەياكى جان جىگەر دوستىمىز ،ئاكا ئىنىمىز ، مۇبادا سىز شۇنداق بوپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز ،بەلكىم ئاللىقاچان يۇقۇملىنىپ بولغانسىز ، ياكى بىلىپ بىلمەي ئەيدىس بىمارىنى ياخشى كۈرۈپ قالغانسىز ، ۋەياكى بىللە بۇلۇپ   بولغانسىز ، ئايالىڭىزغا ، گۇناھسىز بالىڭىزغا يۇقتۇرۇپ بولغانسىز ، ھېچقايسىمىز بۇ ئۆمىرىمىزدە يۇقۇملانمايمىز دەپ ئېيتالمايمىز ، بەلكىم ئۇ كىسەل ئەتراپىمىزدىلا بادۇ شۇڭا ھەر بىر ئىنسان ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە قېرىنداشلىرى ئۇرۇق تۇققانلىرىغا تەرىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرنى ئىگەللەش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تۆۋبە قىلىپ ئاللاھتىن بۇ كىسەلگە شىپالق بىرىشنى تىلەشتىن ، ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇلۇغ كەرەملىك شەپقەتلىك مىھرىبان  ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق ، يۇقۇملىنىپ بولغان قېرىنداشلار مۇ بەك ئاھ ئۇرۇپ ئازاپلىنىپ كەتمەي سەبىر قىلىپ  كىينكى دۇنيانى يەنى ئاخىرەتنى ئويلىغىنى ياخشىدۇر ،ئۈلۈم قوقۇنۇشلۇق ئەمەستۇر  بەلكى ئەڭ قوقۇنۇشلۇق بولغىنى گۈر ئازابى ،ساڭا ئىبادىتىڭدىن باشقا  ھېچنىمەڭ ئەسقاتمايدىغان سۇراق مەيدانىدۇر .......
ئۇلۇغ ئاللاھىم ئۈزۈڭ سالغان كىسەلگە ئۆزۈڭ شىپا بەگەيسەن ،پەقەت سەنلا ئازماس ،بىزدەك ئازغۇن بەندىلىرىڭنى ھىدايەت يۇلۇڭغا باشلىغايسەن ، جېنىمىزنى خار پېتى  ئالمىغايسەن ئامىن !!!!!!

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-15 06:46 PM):
مەنبە ئۆزقەلىمىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3458
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 07:51:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى  ئەھمىيەتلىىك  تىما  بوپتۇ ،تىما  ئېگىسىگە  كۆپ رەھمەت ...............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92559
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 868
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 08:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز

دوسلار يا خشڭمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82306
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 08:49:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز كېسەللىرى ھەر بىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا يۇقۇمەن يۇقۇمەن دەپ ئەگىپ يۈرمەكتە ، ئۇنداق كىسەل كىملەرگە يۇقىدۇ ؟ ئۇنداق كىسەللەر يولدىن چىققان ئىمانى زەئىپ كىشىلەرگە ئاسانلا يۇقىدۇ ۋە ئاسانلا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم مۇددىتىگە ئېرىشىدۇ قيامەتتىكى ئېغىر ئازاپلاردىنمۇ قاچالمايدۇ !!!

ئەگەر يازغۇچىلار ھوقۇق ئالدىدا گەپ قىلالمىسا، قاراڭغۇلۇق ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرسا ئۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك سۈكۈت قىلىدۇ ، سۈكۈت بولسا ئىنسانىيەتنى تەرەققى تاپقۇزمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5841
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 09:12:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز پەقەت قاندىنلا يۇقامدا؟

دەردىم ئىچىمگە لىق تولۇق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5841
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 09:15:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ياتاقتا ئانچە–مۇنچە ھېلىقىنداق ئىش قىلغىلى ناشايان يەرلەرگە بارىدىغان ئادەم ئەمەس ماز نېمىلەر بار. ئۇ ھېجىقىزلارنىڭ ساقال ئالغۇچ، تارغاق دېگەندەك نەرسە كېرەكلىرىنى تۇتمىسام بولغۇدەك.

دەردىم ئىچىمگە لىق تولۇق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91139
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2013-2-4
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:24:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇنداق كىسەلدىن ساقلىسۇن ئامىن

بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 10:47:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت...مۇھىمى ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتالىساق بۇنداق نىجىس كېسەللەر بىزنى ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ!

ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!

سىز ئۇزىڭىزگە ئى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4687
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15140
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 7423 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 03:03:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق نىجىز كىسەلدىن ساقلىسۇن .

رىۋايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش