مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 765|ئىنكاس: 2

قايغۇرما! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 01:05:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئوغلۇم قايغۇرما!
قايغۇرما!
ئەگەر يۈرىكىڭ ئىچىشىۋاتقان بولسا ،بىر قەلبىڭ بار دىمەككى.  قەلىبسىزلەر دەرتنى بىلمەيدۇكى!
بۇ نىمە دىگەن بەختىيارلىق، سەن دەرتلىنەلىدىڭ ،قەلبىڭنى سىپاشتۇرىۋاتقان بىرى بار دىمەككى.
يا قەلبىڭ سىپاشتۇرۇلمىغان بولسىچۇ؟ يا قەلىب تۇپراقلىرىڭغا قايغۇ سىڭدۈرۈلمىگەن بولسىچۇ؟
دىمەككى، سەن نەزەردىن ساقىت قىلىنمىدىڭ... دىمەككى ،ھازىرمۇ بىر ئۈمۈد ئىكىنزارلىقىسەن.
    قايغۇرما !
ئەگەر قايغۇرىۋاتقان بولساڭ ،شۇنى بىلگىنكى، سىنىڭ پارلاق مەۋجۇتلىقىڭنى بىرسى پاتىقاقتىن چىقىرىشنى خالىماقتا، شۇڭا قەلبىڭنى سىپاشتۇرماقتا.  قەدرىنى بىلگىنكى،دەرت چەكتۈرۈشكە لاياقەتلىك كۆرىۋاتقان گەپ سىنى .
قايغۇلىرىڭ قەلىب تۇپراقلىرىڭنى ئاستىن -ئۈستۈن قوچىۋاتقان بولسا،سەن تىرىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىكىنزارلىق دىمەككى.
دەرت-ئەلەم زەربىسىدە كۇكۇن-تالقان بولۇۋاتقان بولسا ئەگەر ،قىيا تاشتەك چوڭايتقان ئىشەنچىلىرىڭ، يىرىلغان كۆكسۈڭگە ئۈمۈد كۆچەتلىرى تىكىلمەكتە دىمەككى.
    قايغۇرما!
قوللىرىڭ ئىڭىكىڭنى يۆلىگەن ،باشلىرىڭ يەرگە ساڭگىلىغان ھالدا كىتىۋاتقان بولساڭ ، يۈرۈكىڭنى شاتلاندۇرىدىغان خەۋەرلەرنىڭ رەڭلىرى تامشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ئۆمۈر دەپتىرىڭگە دىمەككى.
قار يىغىۋاتقان بولسا ئىشەنگەن تاغلىرىڭغا ، ئەتىنىڭ ئويمانلىقىدا رەڭگارەڭ گۈللىرىڭ بولۇدۇ دىمەككى.
تەلۋە شىۋىرغانلار تەۋىرتىۋاتقان بولسا ،شاتلىق چوقىللىرىڭنى ،بوران -چاپقۇنلار تەستەكلەۋاتقان بولسا ئۈمىد قىيالىرىڭنى ،سەن بىر ئۇلۇغ تاغسەن دىمەككى.   ئازىراقلا كۈتكىن ئىتىكىڭدىن سۈرۈن شاماللىق ئىرىق -ئۆستەڭلەر ئاقىدۇ ،دىمەككى.
قايغۇرما!
دەرتلەنسەڭ مەغرۇرلاشمايسەن... كىبىرنىڭ مەينەت ئازگىلىغا چۈشمەيسەن....مەنمەنلىكنىڭ لايلىرىدا بۇلغانماس ئاياقلىرىڭ...ئازغۇنلۇقنىڭ يوللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ ماڭىدىغان بولىسەن....ھاۋايى- ھەۋەسنىڭ ئارقىغا كىرىپ ،گۇناھكارلىقنىڭ قاراڭغۇ ئۆرىكىگە چۈشمەيسەن.
سىنى بىرسى يىقىنلىقىغا چاقىرۋاتىدۇ،دىمەككى.
سىنى ئۇ ئۇلۇغ زات سىغىنغان بولىشى مۇمكىن دىمەككى.
قايغۇرما!
دەرتلىنىۋاتقان بولساڭ ،بىر مۇقەددەس تەسەللىي ئىشىكى ئالدىدا ساقىلتىلىۋاتىسەن دىمەككى.
كۆزۈڭنى تارت! ۋاپاسىز دۇنيانىڭ ئىشىكلىرىدىن.... قەلىب ئالىمىڭدىن قوغلاپ چىقارغىن سەۋەبلەرنىڭ قۇرۇق ئۈمۈدلىرىنى.... ئۈمۈدىڭنى ئۈزگىن ساختا قانائەتلەردىن...يۈرۈگىڭنى نىرى قىل ! بۇش ھاياجانلاردىن .... ئىشىك مانا ئىچىلاي، ئىچىلاي دەيدۇ،دىمەككى.
قايغۇرما!
قايغۇرىۋاتقان بولساڭ ،قولۇڭدىن كىتىدىغان قىممەتلىك بىر نەرسەڭ بار دىمەككى.
قولىدىن كىتىدىغان قىممەتلىك نەرسىسى بار كىشى ،ئاللى بۇرۇن قازانغان كىشى دىمەككى.
قولۇڭغا كەلتۈرەلمىگەنلىرىڭنى سانايمەن دەپ ئۇپراتما نەپسىڭنى ....قولۇڭدىكىلەرنى ساناشقا باشلا!  ھەممىنى سانىيالىساڭمۇ نەپەسلىرىڭنى ساناشقا نەپسىڭ يەتمەيدۇ.  
مانا قارا! نىمە دىگەن بايسەن.نەپەس ئىلىۋاتىسەن،دىمەككى.
   قايغۇرما!
سىنى بىر تىڭشاۋاتقان زات بار ..... سەن ئۆزۈڭنى سۆيۈشتىنمۇ ئىلگىرى ئۇسۆيگەن سىنى.... سەن ئۆزەڭمۇ بىلمەيدىغان ئۇنۇتۇش ھاڭلىرىدىن ئۇ تارتىپ چىقاردى سىنى.  
تارتىۋاتقان ئازاپلىرىڭغا خۇددى مەشخۇل چىلنىۋاتقان تىلىفۇنغا ئوخشاش گاس، قارىغۇ ئەمەستۇر ئۇ...... يۈرىكىڭنىڭ ھەربىر ئەلەملىك ئاتەشلىرىگە سۇ سىپىشكە ئۇيىتىپ كىلىدۇ.  جۇدالىقىڭغا ،ئازاپلىرىڭغا.....تۆمۈرگە ئوخشاش پەرۋاسىز ئەمەستۇر ئۇ....
يوقاتقانلىرىڭنىڭ ھەممىنى ساڭا قايتۇرۇپ بىرىشكە ئۇ ۋەدە بىرىدۇ. سۆيگەنلىرىڭگە ،سىغىنىشلىرىڭغا... خۇددى كۆپ خىل تاللاش ئۇسۇللىرى بولغان ئىمتاھان قەغىزىگە ئوخشاش تەمسىز ،تۇزسىز فورمىلالارنى سۇنمايدۇ ئۇ.  
سىنى ھەممىدىن بەك ياخشى چۈشۈنىدۇ، ساڭا سىنىڭ ئۆزەڭدىنمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ...  ئۇ پەقەت كۆز ياشلىرىڭ بىلەن ئۇنىڭ ساداسىغا ئىمزا ئىتىشىڭنىلا خالايدۇ. بىر ئەبەدىيلىك سۈرەت رامكىسى ئىچىگە رىياسىز بەندىچىلىكنىڭ رەسىمىنى قويۇشنى خالايدۇ. سورۇلۇپ كىتىۋاتقان ئۆمۈر زەرەرلىرىڭنىڭ ئارىسىدىن ئىللىققىنە بىر لالە گۈلنىڭ ئۈمۈدىنى ياشارتىشنى خالايدۇ. ھال -ئەھۋالىڭنىڭ يىرىلغان يىرىقلىرى ئارىسىدىن مەڭگۈلۈك تەسەللىي ئۆستەڭلىرىنى ئىقىتىشنى خالايدۇ.
قايغۇرما!
ھەر بىر قايغۇرۇش مەۋجۇتلۇقنىڭ جىسمىغا بىر سىزىقچىدۇر... دىمەككى قايغۇرۇشلۇرۇڭ مەۋجۇتلۇقنىڭ خەۋەرچىسىدۇر.
قىنى ئەسلەپ باققىنكى ، بىر چاغلاردا ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەكمۇ بىر نەرسە ئەمەس ئىدىڭ . ھىچ ئىككىلەنمەستىن ،ئەخلەتكە ئاتسا بولغۇدەك بىر مەينەت سۇ ئىدىڭ . پەقەت ئاشۇ بىرلا زات يۈزۈڭگە باقتى... ھىچ كىشى ئىزدەپ سوراپمۇ قويمايدىغان... ساڭا ئەھمىيەت بىرىپ ئىسمىڭنى بۇلۇڭغا يازمايدىغان ... يىزىشقا لايىق ھەتتا ئىسمىڭمۇ بولمىغان شۇ كۈنلەردە ، پەقەت ئەشۇ بىرلا  زات سىنى ئەسلىدى . ساڭا يۈز خاتىرە قىلدى..سىنى يىنىغا ئالدى ۋە ھەر دائىم سەن بىلەن بىرگە بولدى. سەن ئۆزەڭنى ئۇنتۇپ ئۇيقۇ ياستۇقىغا باش قويغىنىڭدىمۇ ،ئۇ سىنى ھەر قىتىم يەنە سەھەرگىچە يەتكۈزدى. شۇنداقتىمۇ سەن ئۇنى قانچىلىغان قىتىم ئۇنۇتتۇڭ ، ئەمما ئۇ سىنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمىدى.
قايغۇرما!
ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىسىمۇ يالغۇز قالغان...  چالما كىسەك قىلىنغان... پالانغان.. يارىلانغان.. قوغلاپ چىقىرىلغان... ئاچ، سۇسىز قالغان.. ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئۇزاقتىن ھەسىرەت بىلەن ، كۆزياشلىرى ئىچىدە چارىسىزچە نەزەر سالغان ... غاردىمۇ يالغۇز مۇداپىئەسىز قالغان..  شۇ چاغدا ئۇنىڭ يىنىدا ساڭا ئوخشاشلا قايغۇرغان يىگانە ھەمراھىغا ، مەڭگۈلۈك بىشارەت بەرگۈچى تەبەسسۇمى بىلەن  << قايغۇرما! ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە>> دەپ بىشارەت بەرگەن .     
ئەمدى سەنمۇ قايغۇرما!!!
كۆتۈر بىشىڭنى يەردىن ، ئۇسۆيۈملۈك زاد سىنى مۈرەڭدىن سىلكىپ ئەسلىڭگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ . چۈنكى ئۇ رەببىڭ ، ئۇ پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رەنجىمەيدۇ دىمەككى.
سۆيۈملۈك كىشىلىرىڭنىڭ كۆزلىرىگە ئىچكىرلەپ بىر قاراپ باققىن ، شۇنى كۆرۈپ يىتەلەيسەنكى ، رەببىڭ سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ،دىمەككى.
قايغۇرما!!!
<قايغۇرما ! ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە>
ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە!
ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە!

  
(ئاپتورى؛ دوكتۇر  سەنائى دەمىرجى)
                               تەرجىمە قىلغۇچى؛ مىركامىلجان كاشغەرى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokboraa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-15 01:06 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-15 09:11 AM):

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 01:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبە ‹ۋىسال سىتۇدىيەسى›.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 06:28:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم يوققۇ

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش