شىركەتكە قۇبۇل قىلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدە
خوجايىن:قىزغىن قارشى ئالىمىز،ناۋادا سىز بولمىسىڭىز شىركىتىمىزنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولىدۇ.
خىزمەتچى:ئەگەر خىزمەتتە چارچاپ كەتسەم ئىستىپا بېرىشىم مۆمكىن.
خوجايىن:خاتىرجەم بولۇڭ،مەن بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەت بېرىمەن.
خىزمەتچى:قوش دەم ئېلىش كۈنىدە دەم ئالسام بولامدۇ؟
خوجايىن:ئەلۋەتتە!بۇ ئەڭ ئاخىرقى چەك.
خىزمەتچى:ئادەتتە كۈندە ئىسمىنا ئىشلەپ كەچ قالىمىزمۇ؟
خوجايىن:ئۇنداق بولمايدۇ.
خىزمەتچى:تاماق پۇلى قوشۇپ بېرىلەمدۇ؟
خوجايىن:بۇنى دەپ ئولتۇرۇش كېتەمدۇ؟ئادەتتىكى ئورۇنلاردىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
خىزمەتچى:خىزمەتتە خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرىلەمدۇ؟
خوجايىن:نىمىشقا بۇنداق ئويلايسىز؟
خىزمەتچى:شىركەتتە سايەھەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرامدۇ؟
خوجايىن:بۇ ئەقەللىي ساۋات.
خىزمەتچى:ئۇنداقتە مەن ئۆز ۋاقتىدا خىزمەتكە كېلىشىم كېرەكمۇ؟
خوجايىن:ياق،ئەھۋالغا قارايمىز.
خىزمەتچى:مائاش ۋاقتىدا تارقىتىلامدۇ؟
خوجايىن:ئەزەلدىنلا شۇنداق.
خىزمەتچى:ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭى خىزمەتچىلەر قىلامدۇ؟
خوجايىن:ئۇنداق بولىشى مومكىن ئەمەس،ئۈستىڭىزدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئىستېداتلىق كەسپداشلىرىڭىز بار.
خىزمەتچى:ئەگەر رەھبەرلىك ئورنى بوش بولسا،رىقابەتلىشىشكە قاتناشسام بولامدۇ؟
خوجايىن:بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟بۇ شىركىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى ئاساس.
خىزمەتچى:مېنى ئالدىمايۋاتقانسىز؟
شىركەتكە قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش
(تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئوقۇڭ)
مەنبە:«تۇرپان گېزىتى»4331-سانىدىن ئۆزۈم ياقتۇرۇپ قېلىپ كۆچۈردۈم.تەرجىمە قىلغۇچى:دىلئارام دىلشات قېيۇم