|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ھازىرقى جەمئىيتىمزدە تور سودىسى بارا-بارا ئوموملاشىشقا باشلىدى ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تور سودىسىمۇ نۇرغۇن تەراققىياتلارغا ئىرىشتى، تور سودىسى ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تىخىمۇ نامايەن قىلماقتا، بىراق ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى كارخانىلار تور سودىسىغا ئانچە ئىتىبار بىلەن قارىمايۋاتىدۇ.شىركەت كارخانلارغا قارىغاندا شەخىسلىرىمىز ئۆزىدە بار بولغان پايدىلىق شارائىتلاردىن پايدىلنىپ تور سودىسى قىلىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى تىپىۋاتىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقوغۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى تور سودىسىنىڭ ئوموملاشماسلىق سەۋەبىدىن ئەجرىگە يارىشا ھۇسۇل ئالالمايۋاتىدۇ ، بۇنىڭغا كەم بولىۋاتقىنى تور سودىسىنىڭ تىخى ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدە ئوموملاشماسلىقى ،قوللاشنىڭ ئاز بولىشى شۇنداقلا تەشۋىقاتنىڭ ئاز بولىشىدى دەپ ئويلايمەن . (شەخسى قاراش )
مەنمۇ بىر ئوقوغۇچى ، توردا دۇكان ئاچقان ئىدىم، سودام ھەر ھالدا ياخشى كىتىپ بارىدۇ، ئۆزىمنىڭ دۇكىنىنى تەشۋىق قىلغاچ باشقا بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئاچقان تور دۇكانلىرىنىمۇ تەشۋىق قىلىشنى ئويلاپ قالدىم ، شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئاچقان تور دۇكان ئادىرىسلىرىنى قالدۇرۇپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مىنىڭ بىلىدىغانلىرىم :
1- نىشان ئۇيغۇرچە خەتلىك كىيىلەر دۇنياسى
http://nixan.taobao.com/
2-پاراسەت تور كىتابخانىسى
http://paraset.taobao.com/
3-دەۋىر تور دۇكىنى
http://dewir.taobao.com/
4-ئاريان يانفون قوغداش قاپلىرى دۇكىنى
http://uyqap.taobao.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdusalam7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-14 09:43 PM
|
|
|
|
|
|