مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3165|ئىنكاس: 16

جىنسى كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95673
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 08:19:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئاساسەن جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدىغان ( قىسمەن چاغلاردا باشقا يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ ) باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ، مىكوپلازما، خلامىدىيە، تامچە قۇرت قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدىن پەيدا بولىدىغان ھەرخىل جىنسىي يول كېسەللىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەللىكلەر كۆپ ئەھۋاللاردا جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئايرىم ئەھۋاللاردا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا يۇقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسەللىكى ( AIDS ) ئىنسانلارغا ئېغىر تەھدىت تۇغدۇرىۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىراجىتىنىڭ غايەت زور بولۇشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ ماقالىمىزدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش ئەھۋالى، تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ ئۆتمەكچىمىز.
  1.  ئەيدىزنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى

   ئىنسانلار يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۆپ قىسىم جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بەزى دۆلەتلەردە ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. شۇنداقتىمۇ دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ كەڭ دائىرىلىك تارقىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئىلگىرىكى ئەيدىزنى ئوڭاي يۇقتۇرىۋالمايدىغان كىشىلەر توپى بۈگۈنكى كۈندە ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ، بۇ ئىككى توپنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەيدىزنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، قىيىنلىشىپ كەتتى.
1.  ئەيدىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىشىلىشى

  جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئوڭاي يۇقتۇرۋالىدىغان كىشلەر توپى بىلەن ئوڭاي يۇقتۇرۋالمايدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز كېسەللىكى ئادەتتىكى كىشىلەر بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىغا يەتكەن قىز- ئاياللار ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالماقتا. بۇ خىل ئەھۋال تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە نىسبتەن ئېغىر بولماقتا. مەسىلەن، تانزانىيىنىڭ داررۇلئىسلام رايونىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئامبولاتورىيە بىمارلىرى ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار %16.9 گە، سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى ياكى خلامىدىيىسىدىن يۇقۇملانغانلار %8.2 گە، تامچە قۇرت ياكى تەسۋىيسىمان زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغانلار %27.2 گە يەتكەن. لېكىن كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلاردا روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن. بۇ خىل ئەھۋال تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تەدھدىتىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2 .   ئەيدىزنىڭ ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تارقىلىشى

   ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپى ئاساسلىقى STD گە قارىتىلغان بولۇپ، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەنلەر ياكى يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ئاساسەن جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار، ھەمجىنىسۋازلار ( 恋性同 ) ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يۇقۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، زەھەرنى تومۇرغا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق چېكىدىغانلار ۋە دائىم قان ساتقۇچىلارمۇ ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپىغا كىرىدۇ. شۇڭا، ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
3. ئەيدىزنىڭ ئوڭاي يۇقتۇرۋالمايدىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تارقىلىشى
  ئىلگىرىكى كۆزقاراشلاردا، ھامىلىدار ئاياللار ئوڭاي يۇقتۇرىۋالمايدىغان كىشىلەر توپىغا تەۋە، دەپ قارىلاتتى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن ئەمەسكەن. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن كەلگەن 24 ~ 15 ياشلىق قىز- ئاياللارنىڭ ئىچىدە، خلامىدىيىدىن يۇقۇملانغانلار %14.5 ~ %3.7 نى، سۆزنەك شارچە پاكتېرىيىسىدىن يۇقۇملانغانلار %4.7 ~ % 0.9 نى
ئىگىلىگەن.

  ياش-ئۆسمۈرلەر دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 5/1 قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. دۇنيا بويىچە ھەريىلى 20 ياشقا توشماي تۇرۇپ بالىلىق بولىدىغان قىزلار 15 مىليۇنغا يېتىدىكەن. نۆۋەتتە ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش كەچۈرمىشى بارلارنىڭ نسىبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاش يۆنۈلىشىدە بولۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماستىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغانلار ۋە سودا خاراكتېرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشىنى تېزگىنلەش ۋەزىيىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملنىش ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ئوڭاي يۇقتۇرۋالمايدىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
2. ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار

جىنسىي يول يوقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئاساسەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. قىسمەن ئەھۋاللاردا دوختۇرخانىدا داۋالىنىش جەريانىدا يۇقىدۇ. شۇڭا، يۇقۇش يوللىرى ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئەڭ مۇھىم يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، باشقا يۇقۇش يوللىرىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىدە كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بەزىلىرىدە روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ. كىلىنىكىلىق ئالامەت كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ كېسەل يۇقتۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. كىلىنىكىلىق ئالامەت كۆرۈلمىگەن بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يوشۇرۇن، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولغاچقا، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە بولغان تونۇشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئاجىز بولۇشى، دائىم قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماسلىق ۋە ۋاقتىدا داۋالانماسلىق قاتارلىق ئامىللار جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مىكرو ئامىللاردۇر. شەخسنىڭ ئاڭلىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۇ ئامىللارنى ئۆزگەرتىپ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك تېزگىنلەش تامامەن مۇمكىن.
   بىر دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى، سىياسىي-ئىقتىسادىي، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇرۇش ۋە نامراتلىق قاتارلىق ئامىللار جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماكرو ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئامىللارنى شەخسنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ ئامىللارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىپ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك تېزگىنلەشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئۇزاق ۋاقىت بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدىكى ھەرخىل ئامىللارنى ئازايتىش بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى تېزگىنلەشتىكى مۇھىم ھالقىدۇر.
   2. مىكرو ئامىللار

(1) خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت: خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپ ئادەم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماسلىق، تۇنجى قېتىملىق جنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزش يېشى بەك كىچىك بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەرخىل جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، جىنسىي جۆرىسى كۆپ بولۇش جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش نۆۋەتتە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، سودا خاراكتېرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتلەردە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش كۆپ ھاللاردا ئەرلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا.
      نۆۋەتتە، تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش يېشىنىڭ بەك كىچىك بولۇشى يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى بىلەن جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. ياش- ئۆسمۈرلەر فىزىئولوگىيە ۋە پسىخولوگىيە جەھەتلەردىن تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە قارىتا تونۇش كەمچىل بولغانلىقتىن، ئوڭايلا جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدۇ.

  (2) جىنسىي جۆرىسىنىڭ خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى: جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى جىنسىي جۆرىسىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. شۇڭا، جىنسىي جۆرىسىنىڭ خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىشىمۇ بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئامىل ئادەتتىكى ئاياللار توپىنىڭ جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.
   ھامىلىدارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىلىرىنى قوللىنىش: بەز ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تابلېتكا دورىلىرى زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنى قايتا قوزغىشى مۇمكىن. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۈزۈك سالدۇرغان ئاياللارغا قارىغاندا ئۈزۈك سالدۇرمىغان ئاياللارنىڭ زەمبۇرۇغ، باكتېرىيە ۋە شورىغۇچسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملاردىن يۇقۇملىنىش نىبسىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ خىل يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنىڭ تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغانلىقىدا ئىكەن.
     ماكرو ئامىللار
     ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك: ئەرلەر ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان جەمئىيەتتە، ئاياللار مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق جەھەتلەردە مەلۇم كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدۇ. ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئەرلەردىن ئومۇميۈزلۈك ھالدا نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەرلەرگە بېقىنىدىغان بولىدۇ. كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئەرلەر ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدىمۇ ئەلەرنىڭ ئىرادىسى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇلار دائىم بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تەھدىتىگە زور دەرىجىدە ئۇچرايدۇ.
  ئىجتىمائىي پسىخىكا: كىشىلەر ئادەتتە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا نىسبەتەن كەمسىتىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. شۇڭا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، تەكشۈرۈنۈپ-داۋالىنىشى پسىخىكا جەھەتتىن مەلۇم توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى ۋە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
( 3) جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلىرى تېخى بارلىققا كەلگىنى يوق. ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى ۋە ياكى ئەيدىز ۋاكسىنىسى تەتقىقاتلىرىدا تېخى بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋاپپەقىيەتلەر قازىنىلمىدى. ۋىرۇستىن بولىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپمۇ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق. كېسەللىكنىڭ يۇقۇشىدىن ساقلىنىشتىكى بەزى تەدبىرلەر مەسىلەن، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش جەھەتتە قىيىنچىلىقلار يەنىلا كۆپ.

3.   ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش

ئەيدىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشى ئاۋام خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغان، نوپۇس قۇرۇلمىسى-سۈپىتى، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئاممىۋىي گېگىنا قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسلىلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر. شۇڭا، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر. شۇنىڭدەك خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە چوڭ تىپتىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنى بۇ ساھەگە كۈچ چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان مەنبەلەردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. بۇ، جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى.  
تېببىي خادىم ۋە تېببىي ئەسلىھە ئامىلى
   خادىملارنىڭ جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلاشقان زور بىر تۈركۈم تېببىي پەن قوشۇنى بەرپا قىلىش جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىلدۇر. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە تېببىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش تولىمۇ مۇھىم. جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاشمۇ مۇھىم بولۇپ، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ داۋالاشقا كېتەرلىك ئۈسكۈنە ۋە دورىلار كەمچىل بولىۋاتىدۇ. كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈنۈپ داۋالىنالمايدىغان ياكى دوختۇرغا كۆرۈنگەن بىمارلار ئۆز ۋاقتىدا توغرا دىئاگنوزلىنىش ۋە داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد. شۇڭا، بۇنداق رايونلاردا بەلگىلىك دائىرىدە ئومۇميۈزلۈك نىشانلىق تەكشۈرۈش، داۋالاش ئېلىپ بېرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

3 . تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش
  تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىق- تەربىيىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ جىنسىي يول يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىشىنى تېزگىنلەش بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقىدۇر. شۇڭا، ياش-ئۆسمۈرلەر، ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار كىشىلەرگە قارىتا جىنسىي ساغلاملىق تەشۋىق-تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى پۈتۈن جەمئىيەتكە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4570
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2881 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 09:23:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارام زىنادىن . قالايمىقان ئىشلاردىن خۇدايىم ساقلىسۇن.                                                   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1499
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 09:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ھەممە كېسەلنىڭ دېگۈدەك داۋاسى تېپىلدى.لىكىن مۇشۇ ئەيدىز دىگەن كېسەلنىڭ داۋاسى تېپلمىدى.بولمىسا ھازىر ئامىرىكا قاتارلىق غەرىب ئەللىرنىڭ تېخنىكىسى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن.مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنى ئىسپاتلاشتىكى بىر پاكىت.

رۋايەتتكى زەنجىر پالۋان كەلدى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94010
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 10:55:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز  بىلەن ئۆلگەن  بىر  بالىنىڭ  مېيىتىنى  يۇۋاتقان  چاغدا  ، ئېغىز ، بۇرۇن ، كۆز ، قۇلاق قاتارلىق  ئەزالىردىن  قىزىل ، سېرىق  قان ژىرىڭغا ئوخشاش  بىر  نەرسىلەرنىڭ  چىققىننى   كۆرۈپ  نەچچە  كۈنگىچە  تاماق  يىگۈممۇ  كەلمىگەنتى .،.،

-_-ئۆسەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى پالۋان دەپ ، چۆكەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى گالۋاڭ دەپ -_-...!!!






















.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3754
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:14:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىسەلنىڭ تارىخىنى نەچچە مىڭ يىللىق دىيىشكە بولىدۇ.بۇ، ئاللاھ بەچچىۋازلارغا ۋە  زىناخورلارغا ئېبەرتكەن كېسەلكەنتۇق،ئىككىنجى قېتىم يەر يۈزىدە پەيدا بولىشىمۇ يەنە شۇ نىجىس بەچچىۋازلار تەرىپىدىن تارقىلىپتىكەن. ئاللاھ مۆئمىنلەرنى بۇ مەرەزدىن يىراق قىلغايسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4052
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:24:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بىزلەرنى نىجىس ئىشلار،ناچار خۇلقتىن ساقلىسۇن.ئامىين!

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 12:19:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ،بەدىللىرىنى بۇنداق نىجىس كىسەلدىن يىراق قىلسۇن!!ئامىن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95673
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2023
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 12:51:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shoubiznis يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 11:14 PM
بۇ كىسەلنىڭ تارىخىنى نەچچە مىڭ يىللىق دىيىشكە بولىدۇ.ب ...


بەك توغرا دىدىڭىز ، ئاساسلىقى بەتچىۋازلىق ، بۇلارنىڭ روھى ئاللىقاچان زەيىپلىشىپ بولغاچقا ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرى زەھەرگە خۇما بوپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن شىپىرىس بىلەن زەھەر چىكىش داۋامىدا يىڭنىنى ئورتاق ئىشلىتىپ بىر بىرىگە يۇقۇتقان ، ئاندىن ئايالىغا ، ئۇندىن كىيىن قالايمىغان مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ، باشقا يولدىن چىققان ئاياللارغا ، ئۇ ئاياللار باشقا ئەرلەرگە ، ئاندىن ئۇ ئەرلەر يەنە ئۈز ئاياللىرىغا ، ئۇندىن باشقا قىزىل چىراق چوگلەپ كىتەلمەيدىغان ياش يىگىتلىرىمىز توي قىلماي تۇرۇپ قىزلار بىلەن ئۆي تۇتۇپ مۇھاببىتى دەپ قۇيىدىگەن شۇلارغا، ئاندىن بەزى قىزلار زورلۇققا ئۇچراش داۋامىدا مانا مۇشۇنداق ئۆمۈچۈك تورىدەك ھەممە ياقنى بۇ كىسەل چىرمىۋالماقتا ، ئادەتتە ئەر كىشىدىن ئايال كىشىگە يۇقىشى 100  پىرسەنىت ، ئەمما ئايالدىن ئەرگە يۇقىشى 0.5%بۇلىدىكەن دەپ بەزى ماتىرىياللاردا شۇنداق خاتىرلەنگەن ، ئەمما قىززىق يىرى بەزىر كىشلەر ئەيدىز بىمارى بىلەن خېلى ئۇزۇن تۇرمۇ ش كەچۈرسسىمۇ يۇقمايدىغان ، بەزىللىرى بىر قېتىمدىلا يۇقىدىغان ئىشلار مەۋجۇت ، ئادەمنىڭ ئەڭ ئىچى سىيرىلىدىغىنى ئۆيىدىن  سىرتقا چىقمايدىغان باشقا شەھەرگە بېرىپ باقمىغان شۇنچىلىك پاكىزە تەقۋا ئاياللاردا، بىر ئۆمۈر ئىرىگە سادىق بوپ ياشاۋاتقان ياشتا خېلى چوڭ ئانىلاردىمۇ بۇنداق كىسەل بايقالماقتا ئۇلار ئەلۋەتتە يولدىشىدىن يوقتۇرۋالغان ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يولدىشى تىجارەتچى يۇرت ئاتلاپ سودا قىلىدىغانلار ، بۇرۇن بۇنداق كىسىەللەرنى ئەخلاقسىز ئادەملەردە بايقىلىدۇ دەپ ئويلايتتۇق ، ھازىىرچۇ مەيلى دىھقان بۇلۇڭ ، مەيلى ئىشچى ، مەيلى كادىر ، مەيلى ئۇقۇغىچى ، ۋە مەيلى باشلىق بۇلۇڭ سەل بىخەستەلىك قىلسڭىزلا بۇ كىسەل بىزنى يالماپ كىتىشكە تەييار تۇرىدۇ ، ئىشقىلىپ بۇ كىسەل ئادەم بولسىلا يۇقۇۋىرىدۇ .
بەلكىم بۇ كىسەلنىڭ بەزىلەرگە يۇقۇپ بەزىلەرگە يۇقماسلىقىسدا ئاللاھنىڭ بىر ھىكمىتى بار دەپ ئويلايمەن، سىزنىڭ بىر گىپىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلدى مۆھمىنلەرنى دەپسىز ، بۇنداق دىگنىڭىز ياخشى ، ئەمما مەن دۇئايىمدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ساقايماس كىسەلگە داۋاسىز كىسەلگە گىرىپ قىلمىغايسەن رەببىم دەپ تىلەيمەن ، چۇنكى پەن تەخنىكىدا بۇنداق داۋاسىز كىسەلگە شىپا تېپىلسا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئىشلىتىدۇ ، چۇنكى ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بەندىللىرى ، نۇرغۇ ن ھەقنى تۇنىيدىغانلار خاتا يولغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن ، ئەمما نۇرغۇن كاپىرلار ھەق يولغا قايتىشى مۇمكىن چۇنكى بىر ئامىرىكىدىكى بىر ئىسلامغا قارشى بىر ئالىممۇ قۇرئاننى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭدىن ئىۋەن ئىزدىمەكچى بۇلۇپ ئەڭ ئاخىردا ئۈزىنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىنى جاكارلىغان .قايسى قەۋىمدىن بولسۇن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەت تاپقۇزالايدۇ ، خالىمىغان كىشىنى ھالاك قىلدۇ ، بىزنىڭ باشقىلاغا باھا بەرگۈدەك نىمە سالاھىتىمىز با دەيسىز ؛
بۇ كىسەلنىڭ يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ؛
1)تازلىققا ئەھمىيەت بىرىپ ئۈز ئۆز ىنى سۇيۇش ، جۈرىسىگە ۋاپادار بۇلۇش ، ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانمىغان بىرلا مۇقىم ھەمراھى يەنى ھالال جۈپتى بۇلۇش .
2)زەھەر چەكمەسلىك ، بولمىسا شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك .
3)ھامىلدار ئاياللار ۋاقتى قەرەلىدە قان تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ، ئەگەر بۇ كىسەل بايقىلىپ قالسا ، ئامال بار بالىنى تۇغماسلىق .
4)تەكشۈرۈشتىن ئوتمىگەن قان ۋە قان پىلازمىسى سالدۇرماسلىق.  
5)بالا ئالدۇرماقچى بولغانلار ، ياكى جىنسى كىسىلىنى  داۋالاتماقچى بولغانلار كىچىك تىپتىكى دوختۇرخانىلاغا ، شەخسى شىپاخانىلارغا بارماسلىق بۇ كىسەل قاندىنمۇ يۇقىدىغان بولغاچقا داۋالىنىش جەريانىدىمۇ يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن .
6)چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ، ئۇندىن باشقا قۇلاق كولىغۇچ  ، تىرناق ئالغۇچ ، ساقال ئالغۇچ دىگەنلەرنىمۇ ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كىرەك ،ئاممىۋى ساتراچخانىلاردا چاچ ساقال ئالدۇرغاندا ياخشى دىزىنفىكسىيە قىلىنمىغان تىغنى ئىشلەتمەسلىك .
7)قالايمىقان يەرلەردە قاش كۆز چەككۈزمەسلىك ، بەدەنگەگۈل چەككۈزمەسلىك .
8)ئەركىن مۇھەببەتلەشتۇق دەپ قالايمىقان سۇيۇشمەسلىك ، ئەگەر ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ ئېغىزىدا يارا ياكى قوقاق بوپ قالغا ياكى زىدە بوپ قالغا ن بولسا بىر تەرەپتە ، ئەيدىس ، سىفلىس ، ھەر خىل  يۇقۇملۇق جىگەر كىسىلى  بولسا قارشى تەرەپكە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
9)شۇنى دىمەي تۇرالمايمەنكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن گەرچە ئەيدىس يۇقمىسىمۇ ئەمما باشقا جىنسى كىسەللەر يۇقىشى مۇمكىن ، ئەگەر جىنسى كىسىلىڭىز بۇلۇپ ۋاقتىدا داۋالانمىسىڭىز ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇقىشى ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلاپ بەگەن  بۇلىسىز ، چۈنكى جىنسى كىسەل ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئۇچىقى ھىساپلىنىدۇ .
10)بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىىل يۇقۇملۇق كىسەل بىلەن تەڭ يۇقۇملىنىشى  مۇمكىن مەسلەن ئەيدىس ، سىغلىس ،س تىپلىق  جىگەر يالۇغى ,ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ، بۇلار بىراقتا كۈرۈلسە داۋلاش يۇلىمۇ قىيىن ،ئۇندىن باشقا تامچە قۇرت ياللغۇغى ، ئۆل سىگەل ،يۇمشاق شانكىر ،جىنسى ئەزا پىتى قاتارلى 20 نەچچە خىل جىنسى كىسەل بۇلۇپ ۋاقتىدا دىئاگۇنۇز قويدۇرۇپ داۋالاتمىسا ئىنسانلانى ئۈلۈم گىردابىغا سۆرەپ بارىدۇ ،
11)ئامال بار ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش لازىم ،بۇ گەرچە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ، ئەيدىز ۋە جىنسى كىسەلدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى بولسىمۇ ، توغرا ئىشلەتمىسىڭىز ياكى يىرتىلىپ كەتسە يەنە يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن ، دىمەك بىخەتەرلىك قاپچۇقى  100%بىخەتەر ئەمەس .
شۇڭا مەن ساق دىگەن ئادەملەمۇ پات پات ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرىشى كىرەك كىسەل بولسا ۋاقتىدا بايقاپ داۋالىنىشقا پايدىلىق ۋاقتى ئۈتۈپ كەتسە كىسەلدىمۇ دۇرىغا قارشى تۇرۇش كۈچى  شەكىللىنىپ داۋالاشقا تەسىر يىتىدۇ .
ئاۋال سەۋەپ قىلىپ باقىمىز ئەمما پىشانىگە پۈتۈلگەن بولسا كۆرمەي ئامال يوق ، بۇ كىسەلنى ئۇنداق يۇقىدۇ بۇنداق يۇقىدۇ دىگەن بىلەن ئەڭ دەسلەپتە بايقالغان ئادەمگە ئەمسە قانداق يۇققان ، خۇدا سالغان ئەمەسمۇ ،بۇ كىسەل ۋاقىت زامان چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلاۋاتقان
مۇشۇ دەۋىردە ھەممىمىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ھەق يولدىن چىقمىساق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ئوبدان ئىگەللسەك  بەلكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىمىز مۇمكىن .
ئەسكەرتىش : ئەيدىز بىمارلىرىنى ھېچكىمنڭ ئەيىپلەيدىغان ھۇقىقى يوق ، ئۇلار كۈڭۈل بۈلۈشكە مىھرى مۇھەببەتكە مۇھتاج ، ئۇلار ئاللىقاچان جازاغا ئۇچراپ بولغان كىشىلەردۇر ،ئۇلارمۇ  بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ، ئاچا سىڭلىمىز ، ۋە ياكى سۆيگەن كىشىللىرىمىز ۋەياكى جان جىگەر دوستىمىز ،ئاكا ئىنىمىز ، مۇبادا سىز شۇنداق بوپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز ،بەلكىم ئاللىقاچان يۇقۇملىنىپ بولغانسىز ، ياكى بىلىپ بىلمەي ئەيدىس بىمارىنى ياخشى كۈرۈپ قالغانسىز ، ۋەياكى بىللە بۇلۇپ   بولغانسىز ، ئايالىڭىزغا ، گۇناھسىز بالىڭىزغا يۇقتۇرۇپ بولغانسىز ، ھېچقايسىمىز بۇ ئۆمىرىمىزدە يۇقۇملانمايمىز دەپ ئېيتالمايمىز ، بەلكىم ئۇ كىسەل ئەتراپىمىزدىلا بادۇ شۇڭا ھەر بىر ئىنسان ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە قېرىنداشلىرى ئۇرۇق تۇققانلىرىغا تەرىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرنى ئىگەللەش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تۆۋبە قىلىپ ئاللاھتىن بۇ كىسەلگە شىپالق بىرىشنى تىلەشتىن ، ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇلۇغ كەرەملىك شەپقەتلىك مىھرىبان  ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق ، يۇقۇملىنىپ بولغان قېرىنداشلار مۇ بەك ئاھ ئۇرۇپ ئازاپلىنىپ كەتمەي سەبىر قىلىپ  كىينكى دۇنيانى يەنى ئاخىرەتنى ئويلىغىنى ياخشىدۇر ،ئۈلۈم قوقۇنۇشلۇق ئەمەستۇر  بەلكى ئەڭ قوقۇنۇشلۇق بولغىنى گۈر ئازابى ،ساڭا ئىبادىتىڭدىن باشقا  ھېچنىمەڭ ئەسقاتمايدىغان سۇراق مەيدانىدۇر .......
ئۇلۇغ ئاللاھىم ئۈزۈڭ سالغان كىسەلگە ئۆزۈڭ شىپا بەگەيسەن ،پەقەت سەنلا ئازماس ،بىزدەك ئازغۇن بەندىلىرىڭنى ھىدايەت يۇلۇڭغا باشلىغايسەن ، جېنىمىزنى خار پېتى  ئالمىغايسەن ئامىن !!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hammasahta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-15 01:16 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabinur + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4052
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 01:08:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hammasahta يوللىغان ۋاقتى  2013-6-15 12:51 AM
بەك توغرا دىدىڭىز ، ئاساسلىقى بەتچىۋازلىق ، بۇلارنىڭ  ...

ئامىين.بەك ئەتراپلىق مۇلاھىزە،توغرا پىكىر قىپسىز.تىما بىلەن تەڭ تۇرغۇدەك ئىنكاس بوپتۇ.تىما ئىگىسى ۋە سىزگە رەھمەت.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2691
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 04:56:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈندىن پايدىلىق ساۋاتلارنى يوللاۋاتىسىز ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى، قەدىرلەش باسقۇچىدا شۇنىمۇ ئويلاپ قۇيايلى ،نېمىشقا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا شۇنچە تېز بولىدۇ، ئەجىبا ئۇلار شۇ دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ ؟.تارقالغان رايۇنلارنى مىسالغا ئالساقمۇ  شۇ تىلغا ئېلىنغان رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىلا مەملىكىتىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ 90%تىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ،بۇنىڭ سەۋەبى توغرىلىق ئويلىشىدىغان ئادەم يوق يەنە ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلايمىزما ؟
ئەلۋەتتە ئەيدىز كېىسىلىگە  قارشى تۇرىشىمىز كېرەك ، ئوڭ مېڭىمىزدە ئەيدىزكە بولغان  چۈشەنچىمىزنى تاكامموللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە سول مېڭىمىزدە نېمىشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز بۇلۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى دەپ ئويلاپ باقايلى ،جەمىيەتتە ياشاپ باققان چوڭلاردىن سوراپ باقتىم، 90-80-يىللاردا ئۇلارمۇ چىكىدىكەن شۇ ئاقنى ، ئۇلارمۇ ئۆتكۈزىدىكەن قالايمىقان مۇناسىۋەتلەرنى ،ئۇ چاغلاردا نەدە ھازىرقىدەك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بار، مانا ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شۇنچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ، شۇنچە تەشۋىقات كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامرىشى كىشىنى چۆچۈتكىدەك بولماقتا........................................ھەممىنى بىلگۈچى بىر ئۇلۇغ اللاھ!


كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش