|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى سىتۇدىنت ئاكا-ھەدىلەر :
ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانى ئاخىرلاشتى ، ئەمما ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇرەككەپ ، قېيىن بىر ئىش باشلاندى...
مەن قانۇن كەسپىگە قىززىقاتتىم ، نۇمۇرۇممۇ(ئاللا خالىسا) خېلى ياخشى چىقىدىغاندەك قىلىدۇ ، شۇڭا ئىچكىردىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسپىنى يېزىشنى ئويلاشتىم ، ئەمما ئاڭلىسام ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى قانۇن كەسپىنى ئۆز رايۇنىدىكى يەنى ئۆز تىلى بويىچە ئۆگەنسە كېيىنكى خىزمەت ئىشلىرى تېخىمۇ قولايلىق بولىدىكەن..... شۇڭا سىلەردىن سورايدېغىنىم :
قانۇن كەسپىنى ئىچكىردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن ياخشىمۇ ياكى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۆگەنگەن ياخشىمۇ؟
ياخشى تەكلىپ -پىكىرىڭلار ، تەجىربەڭلار بولسا سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلا!!!
باشقا كەسىپلەر ھەققىدە بايانىڭلار بولسىمۇ ئاڭلاپ باققان بولسام....
قوشۇمچە: مەن قوشتىل ئوقۇغۇچىسى
رەھمەت
|
|
|
|
|
|