ھەممىمىز ئىراننىڭ تىزگىنەك ئارقىلىق ئۈچ دانە ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنى ساپ-ساق قوندۇرۋالغانلىقىدىن ئاخبارات ۋاستىلېرى ئارقىلىق خەۋەر تاپتۇق.بىرنىمۇ تۇتىۋىلىڭ!ئەمما ئۈچنى تۇتىۋالسا بۇنىڭدا ئۇيۇن بارمۇ قانداق؟... ئاددى ياسالغاننى بۇ تەرەپتىن ئەۋەتىپ دىققىتىنى بۇراپ،يۇقىرى تېخنىكىلىقى يەنە بىر تەرەپتىن كىلىپ رەسمى ئاخباراتقا ئېرىشىش مومكىنلىكى بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ھازىرقى ئىلىكتىر تېخنىكا تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇ ئايرۇپىلاننىڭ كونتۇرول سېستىمىسىنى مەن لايىھەلىسەممۇ ئۇنچە بىپەرۋالىق قىلمايمەن.قايسى دۆلەت بولسۇن ئەمگەك مىۋەمنى ساپ-ساق چۈشۈرۋىلىشىغا يول قويمايمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىلا بۇخىل ئايرۇپىلانلاردا يەر بىلەن مۇۋاپىق ئارلىق ساقلاش ئىقتىدارى بار تۇرسا؟!!! ئۇنچە چوڭ ئىشتا ئايرۇپىلانغا كونتۇرول سىگنالىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىغى،سىگنال مەنبەسىنىڭ يۈنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرغاندىن باشقا يەنە مەلوم ۋاقىتقىچە يەرگە قۇنۇش بۇيرىقىنى چەكلەش سېستىمىسى(ئاتمۇسفىرا بىسىمى ئارقىلىقمۇ يەر بىلەن بولغان ئارلىقنى ئۆلچىگىلى بۇلىدۇ) ئورنىتىپ،ئەھۋال بىنورمال بولسا بۇرلۇپلا قاچىدىغان،بىر كىلومىتىر ئارلىققا بىر نەرسە كەلسە ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان قۇرۇلما سەپلەيمەن. ئەلۋەتتە، بەزىلەر رادار بىلەن ئەتراپنى نازارەت قىلسا دۈشمەنگە ‹‹مەن كەلدىم››دىگەنلىك بولمامدۇ؟دىيىشى مومكىن؛ئەمما ئايرۇپىلاندىكى رەسىم ئاپراتى بىلەن گۇگۇلنىڭ خەرىتىسىنى ئاپتۇماتىك سىلىشتۇرۇش تېخنىكىسى بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى رادىئو تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن،دوستلارغا توردىن بىر رادىئو توك يۇلى ئسخىمىسىنى چۇشۇرۇپ، رادىئو تۇغىرلىق قىسقىچە چۈشەنچە بېرەي.
ئاددى رادىئو قۇبۇللىغۇچلاردا بىرلا كىرىستال لامپا ۋەبىر سازلاش توك يۇلى(ئانتىنا تاياقچىسى) ئىشلىتىلىپ، سازلاش توك يۇلىدىكى كوندىساتور 270پىكو فارادا بولغاندا 550كڭلو گىرتىس ئەتراپىدىكى سىگناللار بۇيەردە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالايدۇ،يۇقىرى چاستوتىلىق سىگناللاركوندىساتوردىن ئۈتۈپ كىتىپ يەرلىشىپ يۇقايدۇ،تۇۋەن چاستوتىلىق سىگناللار بولسا كوندىساتور سىغىمى يىتەرلىك چوڭ بولمىغاچ ئۇيەردىن كىيىنكى ئورامغا ئىندوكسىيلىنەلمەي شۇيەردىلا قالىدۇ. بۇخىل رادىئو قۇبۇللىغۇچتا ئىستانسا ئارلىشۋىلىش،ئەتراپتىكى ئىلىكتىر ماگىنىت شاۋقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئاۋازى سۈزۈك بولماسلىقتەك كەمچىلىكلېرى بار بۇلۇپ،پەقەت يىقىن ئەتراپتىكى سىگنالى كۈچلۈك رادىئو ئوزىللېرىنىڭ ئاڭلىتىشىنى ئاڭلىغىلى بۇلىدۇ،ئەمما دۆۆلىتىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ بولغاچ،بۇرۇنلاردا ئۈچ-تۆت بۇغۇملۇق ئۇتتۇرا چاستوتا كۈچەيتكۈچلۈك ئىنتايىن سەزگۈر رادىئو قۇبۇللىغۇچلار بار ئىدى، بىر تەرەپتىن ھەممەيەردە رادىئو ئىستانسىلېرى كۈپەيسە يەنە بىر تەرەپتىن ئەركىن ئاسىيا دەمدۇ ئىشقىلىپ قانداقتۇر بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ رادىئو ئارقىلىق قىزىققان ياشلارنى ئازدۇرۇپ مەنۋىتۇرمۇشىمىزغا، ئىقتىسادى تەرەققىياتىمىزغا تۇسقۇنلۇق(سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق بولغان شاپتول ياغىچىدىن چۇكا ئشلەپچىقىرالماي ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۈتكەپ كەلگەن چۇكىلارنى ئىشلىتىمىز) قىلىشى، خەلىققە ئاۋارىچىلىك تىپىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى ئويلىغانمۇ ئىشقىلىپ ھازىرقى رادىئولارنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئىشىپ كەتسە ئىككى بۇغۇملۇق ئۇتتۇرا چاستوتا كۈچەيتش دەرىجىسىدىن ئاشمايدۇ. ھازىر بىر بۇغۇملۇق ئۇتتۇرا چاستوتا كۈچەيتكۈچلۈك رادىئو قۇبۇللىغۇچ بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ(رىمنوتچىلار 465 كىلو گىرتىسلىق ئوتتۇرا چاستوتىنىڭ ھاسىل بۇلىشىغا دىققەت).
بۇخىل رادىئو قۇبۇللىغۇچلارنىڭ ئىستانسا تاللاشچانلىقى ياخشى بولغاندىن سىرىت يەنە ئاجىز-كۈچلۈك رادىئو ئوزىللېرىنىڭ سىگنالىغا قارىتا كۈچەيتىشچانلىقنى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ ئاۋاز يۇقىرى تۈۋەنلىكىنىڭ مۇقىم بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ئارتۇقچىلىقى بار. ئۇتتۇرا چاستوتا كۈچەيتكۈچلۈك رادىئو قۇبۇللىغۇچتا ئىككى سازلاش توك يۇلى بۇلۇپ، بىرى ئۆزىدىكى تەۋرەنگۈچB2، يەنە بىرى ئىستانسا تاللاش سازلىغۇچىB1.تاللانغان ئىستانسا سىگنالى 1-لامپىدا كۇچەيتىلىپ ئوزىدىكى تەۋرەنگۈچتىكى ئورامدىن ئۈتۈش جەريانىدا ئۆزىدىكى تەۋرىنىش سىگنالى ئىندوكسىيلىنىپ ئارلاشما سىگنال B3كە يىتىپ بارىدۇ. ئۆزىدىكى تەۋرەنگۈچ، ھامان تاللىنىدىغان ئىستانسا چاستوتىسىدىن 465 كىلوگىرتىس يۇقىرى تەكرارلىقتا تەۋرىنىپ يەنى بىر ۋاقىتتا تەڭ ئۆزگىرىدىغان ئىككى ئۆزگىرىشچان كوندىساتورنىڭ خۇسوسىيتى ئارقىلىق ئىستانسا سىگنالىدىن 465 كىلوگىرتىس يۇقىرى پەرىقنى ھەرۋاقىت ساقلاپ، پەرىق سىگنال 465كىلو گىرتىسنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.مەسلەن؛ئىستانسا سازلىغۇچى توك يۇلى 555كىلو گىرتىس تىكى بىر ئىستانسىغا تۇغىرلانغاندا ئۆزىدىكى تەۋرەنگۈچ چاستوتىسى 1020كىلو گىرتىستا تەۋرەنگەن ھالەتتە بۇلۇپ، B3تەۋرىنىش ئرام گۇرۇپپىسى 465كىلو گىرتىسلىق تەۋرىنىشتىن باشقا سىگناللارنى يەكلەش ھالىتىگە تەڭشەلگەنلىكتىن باشقا سىگناللارنىڭ بىر قىسمىنى يۇقىتىپ بۇيەردە ئارلاشما سىگنال بارلىققا كىلىدۇ. ئەمما رادىئو سىگنالىدا ئاۋاز سىگنالى بولغان بىلەن ئۆزىدىكى تەۋرەنگۈچتە تۈۋەن چاستوتىلىق سىگنال بولمىغانلىقتىن 2-لامپا ئارقىلىق كۈچەيتىلىپB4كە يوللانغاندا ئۇتتۇرا چاستوتىلىق تەۋرەنگۈچتە ئاۋاز سىگنالى ھىچقانداق بۇزۇلمايدۇ.كۈچەيتىلگەن ئۇتتۇرا چاستوتىلىق سىگنال ئۈچىنچى لامپىدىن ئۈتكەندە كۈچەيتىلىش بىلەن بىرگە تارقاتقۇچى قۇتۇپتىكى ئۆزگىرىشچان قارشىلىقتىن ئۈتۈپ ئاۋاز چوڭ-كىچىكلىكى تەڭشەلگەندىن كىيىن تۇۋەن تەكرارلىق(ئاۋاز تەكرارلىق)كۇچەيتكۈچكە يوللىنىدۇ،ئۇيەردىن كۈچەيتىلىپ ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئاۋازغا ئايلىنىپ قۇلىقىمىزغا گاڭنام ئات مىنىش مۇزىكىسى ئاڭلىنىدۇ (رادىئو تېخنىكىسىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسىدىدە يازغان تىما).
ئاپتور:ئابلىمىت.مەمەت(مەن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-14 07:45 PM
|