ئەيلە (مۇناجات)
مۇھەممەد قادىر بارخان
.
ساناقسىز شول گۇناھىمنى ئى رەببىم مەغفىرەت ئەيلە،
كېچىككەن بولسىمۇ تەۋبەم بىرەر رەت خەيرىيەت ئەيلە.
.
ئىڭەلەپ كەلگىنىم ھەق-راس گۈدەكلىك چالغا بىتەققاس،
توسىن تايدا يۈگەن بولماس، دىلىمغا ئاڭ زەرەت ئەيلە.
.
ئەيىش-ئىشقىدا غەمناكىم، گۈزەللىك سۈرمىسى-لاكىم ،
نىتەي ياشلىق بىپەرۋاكىم؟ ھايا-شەرمى شەرەت ئەيلە.
.
پۇچۇلدۇم روزىغارىمچۈن، بالا-ۋاقى، ئايالىمچۈن،
ياشاش ئىستەك قارارىمچۈن، ھالاللىقنى دەۋەت ئەيلە.
.
يېشىم ئاشقاندا يەتمىشتىن ئۇيۇلدۇم قىلمى- ئەتمىشتىن،
ۋە ئىبرەت شۇكى كەچمىشتىن قەلەمنى خاسىيەت ئەيلە.
.
ئەجەلدىن ھۈركىدىم ئاخىر قىساسنى پۈركۈدۈم ئاخىر،
ئۆزەمنى تۈرتۈدۈم ئاخىر، سىنەم خۇسلى-تەرەت ئەيلە.
.
پېقىرنىڭ جەيناماز جايى، ۋەئەمدى بىرلا دۇئايى:
-ساتۇق سۇلتانى بۇغرايى تامانى ھەمجەھەت ئەيلە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-14 07:44 PM