مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3528|ئىنكاس: 14

مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى تەرجىمھالى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95629
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 07:53:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى«ئەفەندى ھەزرەت»

قىسقىچە تەرجىمھالى

27.jpg

( ئەفەندى: چىن مائارىپ پەرۋەرلىكىگە. ھەزرەت: ئىتقادىغا. ھەزىرەتلىك ئەمەس، بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ كاشغەر شەھەر سىپىل ئىچىدىن)

  مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى«ئەپەندى ھەزرەت»1942-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۇنى قەشقەر شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر زىيالى ئىبراھىم ئىيساھاجى (قۇناق) ئوغلىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چوڭ ئانىمىز بەدۆلەت(ياقۇپ بەگ)زامانىسىدىكى شەمشىدىن بەگ ۋە ساۋۇتخان ھاجىملەرنىڭ نەبرە قىزى سۇلتان نەسىپخان.

(ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك ھۆكىمەت ئورنى بوۋىمىزنىڭ شەنىگە «شەمشىدىن بەگ مەھەللىسى» دەپ ئاتالغان، كىيىن «شامچى كوچىسى» دەپ ئاتالغان.)

رەھمەتلىك ئاتام، دەسلەپكى مەلۇماتىنى ئائىلىدە ئىلغار پىكىرلىك، ئىبراھىم چوڭ دادامدىن ئالغان. 1950-يىلىدىن باشلاپ 1960-يىلىغىچە قەشقەر2-باشلانغۇچ مەكتەپ، 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە قەشقەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1960-يىلى11-ئايدىن باشلاپ مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن قەشقەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ(ھازىرقى6-ئوتتۇرا مەكتەپ)دە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپا مەسئۇلى، مەكتەپ ئىلمى بۆلىمىدە ئىلمىې مۇدىر بولۇپ. ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ 1-سىپىدە، دوسكا-مۇنبەر ئالدىدا تۇرۇپ 42يىل خىزمەت قىلغان. دەم ئىلىشقا چىققاندىن كىيىنمۇ ئۈزلىكسىز تىرىشىپ، كۆپ پەنلەردە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ قاتناشقۇچىسى، مەھمۇد كاشغەرى ۋە يۈسۇپ خاس ھاجىپ ئالىم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ كىتابىياتلىرىنىڭ ئىختىيارى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىزدىنىپ، ھىچقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ياردىمىسىز، خالىسانە ئەجر-مىھنىتىنى قوشقان. ئاتام رەھمەتلىك 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۇنى سائەت 3:00نىڭ ئالدى-كەينىدە ۋاپات بولدى. ۋاپات بولۇش ئالدىدا قىلغان ئاخىرقى سۆزى«ئۆلۇم قاش بىلەن كىرپىك ئوتتۇرلىقىدا، قەسىت،،،،»دەپ، مەڭگۈگە قۇچىقىمدا بەندىچىلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. قەبرىگاھى قەدىم مىراس قەبرىگاھىمىز جايلاشقان تاختى كۆۋرۇك قەبرىگاھىدا، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ چوڭ بوۋىسى ئىيساھاجىم ۋە ئىبراھىم داداملەرنىڭ يىنىدا، شەمشىدىن بەگ بوۋامنىڭ چوڭ مەقبەرىسىنىڭ يان ئۇدىلى 150مىتىر كىلىدىغان ئورۇندا.

رەھمەتلىك ئاتام، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقاندىن باشقا، قولىغا ئۆمۇرلۇك سادىق ھەمراھى «قەلەم» دىن، ئىبارەت ئىككى دۇنيالىق ئەجىر ۋە ۋاپاسى بار شەيئىنى ئىلىپ. خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن باشقا ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا، 42يىللىق مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپمۇ يەنىلا داۋاملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن ھېكايە، شېئىر، غەزەل، نەسىرلەرنى يازغان. ئۇ، يازغان شېئىر، نەسىر،ئەسلىمە، تارىخى تەتقىقات بايانلىرى «قەشقەر گېزىتى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«قەشقەر ئەدەبىياتى»، «تارىم ژورنىلى».«شىنجاڭ سەنئىتى».«قۇمۇل ئەدەبىياتى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىر قىسىم شېئىرلىرى 1991-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «تاڭدىكى ئۇچقۇنلار» ناملىق شېئىرلار توپلامىغا كىرگۈزۈلگەن. 1993-يىلى 3-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەمەد دەرۋىش، مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى دەپ ئىككى كىشىنىڭ نەسىرلىرى «نۇر ئوغلى» ناملىق كىتاب قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. ئاتام رەھمەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۇرلۇك خىزمىتى قىلىش بىلەن بىرگە ئالىي تىخنىكۇم بىلىم سەۋىيەسىگە، ئوتتۇرا مەكتەپ «ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇتۇش خىزمىتى، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۆھپە-نەتىيجىلىرىگە ئاساسەن، كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن. 84-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۇمىتى تەرىپىدىن «ئىلغار خىزمەتچى» ، «مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خادىمى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ تەقدىرلەنگەن. 93-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى تەرپىدىن «ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ تەقدىرلەنگەن. 94-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۇمىتى تەرىپىدىن «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» دېگەن پەخرى نامغا نائىل بولۇپ، شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان. ۋاپاتىغىچە شۇ ناملىق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن. پارتىيە ۋە تەشكىلاتسىز، جامائەت ئەربابى.

ئاتام ئىنقىلاب شۇئارلىرى پەسلەپ، سىياسەتنىڭ ئەمىن ۋە ئىختىيارى بولىشىغا ئەگىشىپ مائارىپ ئىسلاھاتى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى مەزمۇن قىلغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. ئۇلار80-90-يىللىرىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇن دائىرسىدىكى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ، 1990-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت» ناملىق، مەجمۇئەگە «تەلىم-تەربىيە»نامىدا كىرگۇزىلىپ نەشىر قىلىنغان. 86-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئىزاھلىق لۇغەت كىتابى غولام غوپۇرى، مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى، خوجا ئەھمەد يۇنۇس قاتارلىق 3كىشىنىڭ كوللىكتىپ ئەمگىكى سۇپىتىدە 15مىڭ سۆزلۇك، 250مىڭ خەتلىك چوڭ ھەجىمدىكى، ئەمىلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» ناملىق كىتاپ قىلىنغان. 42يىل ئاددىي مۇئەللىم ۋە پاك دىيانەتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ 2002-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ دەم ئېلىشقا چىققان.

رەھمەتلىك ئاتامنىڭ، قەشقەردىكى مەدەنىيەت تۆھپىكارى مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم ھەققىدە يازغان«تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ» ناملىق كىتاپ، 2011-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، ھازىر كەڭ تارقالماقتا.

رەھمەتلىك ئاتام، دەم ئىلىشقا چىققاندىن كىيىنمۇ، خۇددىي خىزمەت قىلغان ھاياتىدەكلا ئالدىراش يۈرۈپ ئۆزىنىڭ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلق سەنئىتى، «قەشقەرنىڭ 30-يىللاردىكى ئاياللار مائارىپى»، «كاشغەردىكى مەكتەپ ۋە مەدىرىسلەر» قاتارلىق كەڭ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن ماقالىلەرنى گىزىت-ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرغان.

ئاتام رەھمەتلىك 12مۇقام تۆھپىكارى مەرھۇم سەپەر ھۈسىيىننىڭ ماتىريال بىلەن تەمىنلىشى ئۆزىنىڭ، قەلەم قۇۋۋىتىنى چىقىرىپ، ئىككى كىشى نامىدا «خەلق سەنئىتى»ناملىق ماقالىسىنى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، مەرھۇم سەپەر ھۈسىيىن ئاكام ۋاپات بولغاندىن كىيىنمۇ بىر ئىزىدا توختاپ قالماي، خەلق سەنئىتى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن. ھىچقانداق ئورۇننىڭ ياردىمىسىز، ئۇلارنى توپلاپ«قەشقەر خەلق سەنئىتى» ناملىق كىتاپ قىلغان. نۇرغۇن كىتاپلارنى، تەتقىقاتلارنى ئوغۇرلايدىغان، ئەدىپ كىشىنىڭ ئەجىرىگە ھىچ ھۆرمەت قىلمايلا قىتىلىۋالىدىغان، ناپاك ئەدىپلەر مەۋجۇت. ئاتام رەھمەتلىك ئەڭ ئىسىل ئەخلاقى، بىر كىشىنىڭ كىچىككىنە ياردىمى بولسىمۇ ئۇنى تەرىپلەيتى «خەلىق سەنئىتى»نىڭ، بايانلىرىنى تەھرىللەپ بىرىۋاتقىچە، جاپالىرىغا قاراپ، ئىختىيارسىز« دادا، كۆپ رىيازەت چەكلە، سىلىنىڭ قەلەملىرى بىلەن پۈتتى، ئۆز ناملىرى بىلەن چىقارسىلىرى بولمامدۇ؟»دەپ قالغىنىمغا، سەنلەپ باقمىغان دادام، چۆچۈپ قاراپ«سەن، مىنىڭ پۇشتۇمدىن تۇرۇپ، نىمە دەۋاتىسەن. ئىككىنجى مانداق ناچار نىيەتتە بولما. شەخسىيەت، ئۇنتۇش، مۇناپىقلىقنىڭ ئەڭ بىشى، مەن بىر كىشىنىڭ، ئەجرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان، يۈزسىز ئەمەس، قەشقەردىكى،،،،،دەك، ئەسىرنى تۇزتۇپ بىرەي دەپ. ئۆز نامىدا چىقىرۋالغان ھەتتا سوتلاشقان ئەدىپلەردەك شەخسىيەتچى ئەمەسمەن. شۇ كۇنلەردە ئۇلاردىن نۇمۇس قىلىپ ئەمدى ئۆزۇم قىلامدىمەن،سەپەر ھۈسىيىن ئاكاڭنىڭمۇ،قانچىلىك بولسا ھەسسىسى بار» دەپ، نەچچە كۇن تەربىيە قىلغان ئىدى. ئۆزىممۇ، ئىغىز خاتالىقىدىن نۇمۇس قىلىپ كەچۈرۇم سورىغان. ۋە ئەسەر ئوغۇرلىرىغا نەپرەتلەنگەن، نۇمۇس قىلىغان ئىدىم. دۇككاندا ئەدىبلەرنىڭ كىتاپلىرىنى ئۇرۇپ بىرىۋاتقان كۇنلەردە پەقەت كۆرۇپ، ئۇلاردىن سوراپ بىلىپ قالاتتىم. «قەشقەر خەلق سەنئىتى» ۋاپاتىدىن كىيىن 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۇنى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن دادام ۋە سەپەر ھۈسىيىن، ئىككى مەرھۇمنىڭ نامىدا «ئىنى بۇرادىرى»نىڭ كۆڭۇل بۆلشى ئارقىسىدا تۇنجى نۇسقىسىنى شۇ كۇنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئەپسۇسلۇنۇپ رەھمەتلىكنىڭ ئىنى بۇرادىرى بىلەن پاراڭلىشىپ پەقەت «بىسىلىپتۇ»دىگىنىنىلا ئاڭلاپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىگىنىگە كۆز يىشى قىلىپ كىتاپنى قۇچاقلاپ ھەسرەت ياشلىرىنى ئاقتۇردۇم. ھازىر كىتاپخانىلاردا كەڭ تارقالماقتا.

مەرھۇم ئاتامنىڭ ئا.ئۆتكۇر ئەفەندى، ئەھمەد زىيائى ئەفەندىملەر بىلەن ھەمداستىخانلىق، يىقىن بۇرادەرچىلىك مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋاپادىن كىيىنلا يۈزسىزلەرچە تۆھپىكارلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئەۋلادلار ياد ئىتىپ ئاخىرەتكىچە ئىزلىرىدا مىڭىپ،ئىزلارنىڭ داۋام قىلدۇرۇش ئارزۇسى بىلەن، نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى يازغان «چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار» ناملىق كىتابى يىقىندا كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۇشۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

تەستىق كۇتۇپ تۇرغان كىتابىياتلىرىدىن «ياپراق ۋە شەبنەم».«غەزەللەر»ناملىق شېئىر-غەزەليات توپلاملىرى. ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىملاسىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى، ماقالە-ئوبزورلىرىدىكى لېرىكىلىق مۇھاكىمىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇر ئىملا لۇغىتىگە سادىق بولغان ھالدا «ئىملا مەشىقى»نى ئاكا-ئۇكا ئىككىمىزنى ياردەمچى قىلىپ تۇزۇپ چىققان. ھازىر نەشىرقىلىنىشنى كۇتۇپ تۇرماقتا.

مەن رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ۋەسىيتى بىلەن، ئۇنىڭ مۇئەللىملىك ھاياتىدىن باشلاپ، تەكشۇرۇپ دەلىللىگەن. 20نەچچە يىللىق ھىچقاندان ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ياردىمىسىز ئىزدەنگەن. كاشغەر شەھەر ئىچىدىكى، كۆمۇلۇپ قالغان، تۇنجى قەدىمىي مائارىپ تارىخنى. «كاشغەردىكى مەكتەپ ۋە مەدىرىسلەر» ناملىق مەجمۇئەسى، ئۇيغۇر خەلقى تىپىك پىرسۇناژلىرىنىڭ گەۋدىلىك نامايەندىسىنى پۈتتۇردۇم. يىقىندا مەتبۇئاتلارنىڭ، ۋە تەستىقچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بىرىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن.

مەرھۇم ئابدۇرەھىم ھاشىم ۋاپاتىغا مەرسىيە


مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى


ئىلمۇ-ئىرفان باغچىسىدا، بىر ئۆمۇر ئۆتكەن ئىدىڭ،

تامدۇرۇپ شەربەت-ھەسەل، ھېكمەتنى ئۈگەتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

سىڭدۇرۇپ قەيسەر ئىرادە، ھېچ پۇكۇلمەس غايىلار،

بولسا ئەۋلاد خۇددى گەۋھەر، دەپ ئۈمىد كۇتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

دوسكىنى، مۇنبەرنى سەن، ئەيلەپ ئۆزىڭگە بارىگاھ،

بارچە شاگىرت قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرگەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

يا خەرىتە، گولۇبۇس ئىككى قولۇڭدا ئايلىنىپ،

كۆكتە چاقماق، سۇدا دولقۇن، سىرلىرىن بىلگەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

قىززىقىپ ھەر بىر بوغۇن، ئاڭلايتى تارىخ سۆزلىسەڭ،

گۈلگە ھەرە، شامغا پەرۋان، ھەركىمنى جەلىپ ئەتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

تەڭرى تاغ ئۇستىدە قار-مۇز، قۇم ئاستىدا سانسىز بۇلاق،

زوقلۇنۇپ ھەم سۆيىنىپ، بارماقتا كۆرسەتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

بىر پىيالە سۇ بېرىشكە، باغراش كۆلىدەك سۇ كېرەك،

سەن يىغىپ جەۋھەر بىلىم، يايراپ تۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

بىلمىدۇق چقىتى بوران، ئاسماننى قاپلاپ توپا-چاڭ،

نە بولار قىسمەت-ھايات، ۋەھمە بىلەن كۇتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

«جىن» دېدى، «شەيتان»دېدى، «بىرلا ئۇچۇم ئەخلەت» دېدى،

قىلمىدۇق پەرۋا پەلەك، كۆز قىر بىلەن باققان ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

بىر ئىدۇق، بىرگە ئىدۇق، ئۇشبۇ جاھالەت كۇنلىرى،

گاھ كۇلۇپ، گاھى كۇسۇلداپ، ئىچ سىرىڭ توككەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

شۇ جاھان ئەھلى غەزەپ بىرلە قاراپ قىلسا ئەلەم،

كۆتىرىپ زەمبىلنى جىم-جىت، مەن بىلەن ماڭغان ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

زاھىرى جىم-جىت ئىدۇق، زەنجىر بىلەن باغلاقتا شىر،

بىر سەھەر چاقنايتى چولپان، تەمكىن بىلەن كۇتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *


سەن چقېپ مۇنبەرگە قايتا«دائىرە»نى سۆزلىسەڭ،

كۆپ چاۋاك چالغان جامائەت، تەزىم بېجا ئەتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

بۇ جاھان سىرىدا ئاچقۇچ، تەكلىماكان ئاستىدا بار،

ئىزدىشىپ ئاچقۇچنى ھەم، تاپماققا قىززىققان ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

قوڭغۇراق چالغان ئېدى، تارىختا«كارۋانى بۇيۇك»،

نەدە دەپ، ئۆتەڭ-رابات، ھۆججەتنى سەن يىققان ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

قايسى قەبرە، قايسى دۆڭلەر، قايسى ئالىم، قايسى شاھ،

ۋەخپە خەت، بەخشەندە خەت، سېتىۋىلىپ يىغقان ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

ئانچە كۆپ ئالماي ئارام، تەتقىق قىلىپ، تەھقىق قىلىپ،

گاڭ قەلەم، ئۆچمەس سىياھ بىرلە، ئەسەر پۇتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

پىلە يەپ ئۈجمە غازاڭ، ئەللەر ئۈچۇن بەرگەي يىپەك،

ئۇشبۇ روھنى بىر ئۆمىر، ئەندىز قىلىپ ئۆتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

سايدا تاش بوينى قىسىق، ئاشىق-خىرىدار بولمىسا،

ئۆز ۋەتەن، خەلقىڭ ئۈچۇن، جاننى پىدا ئەتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *


بۇ ھايات راھەتلىرىنى كۆرگەي تولۇق، ئايرىم كىشى،

«مۇشكىلاتتا بىر ئاسانلىق بار» لىقىن بىلگەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

تەڭ ئەمەس بىلگەن بىلەن، بىلمەس ناداننىڭ پەرقى چوڭ،

ھەق سۆزى شۇنچە ئۇلۇق، قەلبىڭگە سەن پۇككەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

بۇ جاھان ئۆتكۇنچىدۇر، ھېچكىم ئۈچۇن باقىي ئەمەس،

ۋا دەرىخ! گۇل دەستىدىن، سەن ئۈزۇلۇپ كەتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

قولغا ئالدۇق ئول كىتابىڭ، دوستلار سۆيىندى باشقىدىن،

ياد ئېتپ نامىڭنى ھەم، شۇ كۇننى سەن كۇتكەن ئىدىڭ.

*    *   *   *   *   *   *   *   *   *   *

ئىزدىگەي كەلگۇ جاھان، سەن ئىزدىگەندەك سېنى ھەم،

قەبىر تاش قويغان مازار، ئۇندا ئىسىم پۇتكەن ئىدىڭ.



مەرھۇم ئابدۇرەھىم ھاشىم مەشھەدى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ16-كۇنى (دۇشەنبە) ۋاپات بولۇپ يەرلىكىدە ياتتى.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۇنى

كاشىغەر

شئېرنى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ھاشىم مەشھەدىنىڭ قانۇن ئورگانلىرىدىكى پەرزەنتلىرىگە ھەدىيەقىلغان، پاساھەتلىك قوشاقچىلار ئۆزگەرتسىڭىز، ياكى قالايمىغقان ئىشلەتسىڭىز، دەرتكە داۋا تاپالماي قالىسىز.


رەھمەتلىك ھەممە ئەمەللىرىنى تولۇق ئىيتىپ ماڭا تاپىلىغان. ھەرقىتىم«سەنلا بىلسەن،سەنلا بىلسەن»دەپ ئەسكەرتكەن، ۋاپاتىدىن كىيىن ئاز كىشىنىڭ ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، كۆپ دەتالاشقىلىپ «ئەجرى نىمە» دەپمۇ سوراپ سالمىدىم، قىيامەتكە ئىمان ئىيتىدىكەن، لىكىن،،،،،،،،،،،،،،ھەققىدىن قورقىمايدىكەن، بىلمەيدۇ دەپ، گۈزەكى ئويلاردا بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلار بىلمىسە قىيامەتنى مەن بىلىمەن. قىيامەتكىمۇ ئاز قالغىننى ئالىم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ سەپ-سەپ، بولۇپ مۇئەللەقتە بىزلەرگە قاراپ تۇرغىننى ھىس قىلدىم، تۇيدۇم، چۈشلىرىمدە 41كۇن رەھمەتلىكتىن تەلىم ئالدىم، بۇ چۆچەك ئەمەس.

ئاخىردا بايانات قىلىمەنكى:-مەن قەسەمخور ئەمەس، بەدنىيەت مۇناپىقلار كۆپ رىيازەت كۇلپەتلەرنى بەرگىنى ئۈچۈن رەھمەتلىك ئاتام نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن«بالىسىنى ياخشى تەربىيلىمىگەن»دىگۇچىلەرگە ھايات كۆرۇشسەم، دوئىلغا چۈشۇپ ئەلەم ۋە قەلەمدە تەڭ تەربىيلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ دەلىللەپ بىرمەن.كۆرۇشەلمىسەم، ياكى ھاياتىمنىڭ ئاخىرغىچە كۇچۈم يەتمىسە قىيامەتكە ئىمان ئىيتقان بولسا ئىشەنسۇن! ئەشۇ، كۇنلىكى بەدىبەخلەرنىڭ ياقىسىغا ئىسلىمەن. شۇ، بۆھتان قىلغۇچىلار ئاتامنىڭ شەنىنى بۇلغاپ پەرزەنىتلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەنلىكى ئۈچۈن يۈزىنى سۆرۇن قىلىمەن. ئەبەد دۇشمەن كۆرىمەن، ئاتام ھايات ۋاقتىدا ئۆزى يازاتتى بىزنى يىنىغا كەلتۈرمەيتى، پۈتتۇرۇپ بولۇپ تەھرىللەيدىغان چاغدا يىنىدا بىللە تەھرىللەيتۇق، ۋە دەيتى«مەندىن كىيىن قەلەم تۇتماسقا ھەققىڭ يوق» دەپ قەتئىي بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا تەكىتلەيتى. «دادىسى ھايات ۋاقتىدا يازماي ئەمدى نىم پايدىسى»دەيمىش. پايدىسى شۇكى قەلەم ئىزناسى ئۆچۈپ قالمايدۇ، تەتقىتاتى ھەر داۋاملىق داۋاملىشىدۇ، نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچقىغان بولساممۇ، ياراتقان ئىگىسى تاشلىۋەتكىنى يوق.ئائىلەمدىكىلەرنى، ھەتتا قەۋمىجامائەتلىرىمىزدىن تارتىپ، رىۋايەتتىكى شەخىسلەرگە ئايلاندۇرۇپ ۋاپات بىلەن تەڭ كۇلپەتلەرگە رىزا قىلىپ يەكلەشكە ئۇچقاپ يۇردۇق. رەببىم ئۆزى قوغداپ ھىمايىسىگە ئىلىۋاتقانلىقىنى ھەرخىل بىشارەتلەردىن ھىس قىلىپ تۇرىۋاتىمەن. پەقەت شۇ زاتنىڭلا ۋەدىسى راس ئىكەن. ھەق ئىكەن، ئەجىرنىڭ ھىممىتىنى، ھەققىنى شۇ زاتلا تولۇق بىرەلەيدىكەن.

ئاتام رەھمەتلىك تۆھپىكارلانى ھايات ۋاقتىدا ئىززىتىنى قىلغان بولسا، ۋاپاتىدىن كىيىن ئەسلەپ، ئۇلارنى يادلاپ، ئۇنۇتقاق قەۋمىمىزنىڭ يادىغا سىلىپ تۇرغان. ئاتام بىلەن تەڭ نى پىركالام ئۆلىمالار، ئەدىپلەر، روھلار ئالىمىگە سەپەر قىلدى. لىكىن ھايات ئەدىپلەر ئۇلارنى ئەسلەپ قويمىدى، رىۋايەتتىكى شەخىسلەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى، شانلىق ئىزنالىرىنى ئىيتىپ كىشىلەرگە بىلدۇرۇشنى ئويلاپ قويمىدى، ئەلگە قانداق يول تۇتسا ئاخىردا شۇنى كۆردۇ، چۈنكى بۇ ئالەمنىڭ ھاياتلىقى ھالىدىن كىتىپ،ئادەمىزات ئەۋلادى ھەممىمىز روھلارنىڭ سىپىگە قىتىلدىغانلىقىمىز ئىنىق. تىخى ئىجابىي تەسىر بىرىۋاتقان مۇنبەرلەردە، شۇ كىشىلەرنىڭ پەرزەنىتلىرىگە تىل سىلىپ، پىتنە بىلەن ئۆزىنىڭ ناپاك ئەسەرلىرىنىڭ كۆرلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى ئويلاپ ماھىيەتلىك يىمىرلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ. كىشىنى نائۈمۇد قىلىدىغان، پاساھەت ۋە جاسارەت يوق، ئاقماس بايانلارغا كۆپ كىشىلەر، تور مەنبەلىرىدە ئەگىشىپ ئۇلارنى ئۇلۇغلاپ «ئىسىل تىما» دەپ. قوللاپ قۇۋەتلەپ، ئوت ئىچىدەتۇرغان مىسكىن دىللارغا قارىغۇلارچە بۆھتانلارنى چاپلاپ ئازار بەردى. شۇ كىشىلەر تور ئەسەرلىرىنى كۆرگۇچىلەرنىڭ بىر-بىرىمىزنى تىللىغان، غەيرى بىر، يازمىشلارغا قىزقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئۇلار ھىس قىلىپ، ئۇزۇندىن بىر تەھلىل قىلغان، شۇ يولنى كۈچايتىپ ئوت پىلتىسى بولۇپ، ئەپ ئەمەس بەلكى بىر بىرىمىزنى چۈشۇرۇپ غەيرى دىندىكىلەرنىڭ غەيرى دىنلىرىنى تەشۋىق قىللىشى ئىكەنلىكىنى كىم ھىس قىلدى؟! كىم تەنبىھ بىلەن تەرغىباتلىرىغا رەددىيە بەردى؟! ھىچ كىم! يوق دىيەرلىك.

چۈنكى بىزنىڭ خۇسۇسىيتىمىزدە تىز كەلگەن ھىسىياتقا ئەگىشىش روھىنى ئۇلار بىلىدۇ، ھازىرقى ئارىمىزدىكى غەيرى مەدەنىيەت، غەيرى دىن، تەرغىباتچىلىرىنىڭ، قۇلقۇم بىلەن ئاڭلىغان بايانىنى ئىيتىپ بىرەي. تور ئەھلى كۆرۇپ قۇيۇڭلار«ئۇلار بىلمەيدۇ، ھىس قىلمايدۇ، توردىكى قىزغىنلىق بىر دولقۇن. ئۇ، ئاۋىيدۇ، كۆپىيدۇ. بىزلەر  توردىن پايدىلىنىپ بولۇپمۇ ئالقىشتىن پايدىلىنىپ قولاشقا ئىرىشىمىز، چاقىرقى روشەن بولغان پائالىيەتنى مەشئەل قىلىپ تۇرۇپ، ھىس قىلىپ قالسا، سەل جانلاندۇرۇپ، يەنە بىلىپ قالسا روياتلىققا چىقىرىپ، ۋاقتى كەلسە ئاتالمىش نەپرىتى كۇچلۇق ھۆكىمىتىگە ئارتىمىز، ئاشكارە قىلغۇچىنى ھالاك قىلىمىز، بىزلەر بۇلارنىڭ ئىددىيسىدىن نەچچە ھەسسە كۇچلۇق، كۆچەتلىرىدىن باشلاپ، بىز كىرگەن دىنغا باشلىشىمىز كىرەك،بىلمەسلىكى، بىلسە يوقۇتۇش، ياكى دامۇللامدەك قەست بىلەن ئۆز ئۆيىدىن چىقارماي قەست بىلەن ھالاك قىلىش، يەكلەش، تايانچىسىز قويۇش، دۈشمەننى نوتى ھالىتىدىن پۇتاپ، زەبۇن قىلشىمىز كىرەكتۇر». مانا! بىلىپ قىلىڭلار.

سۈكۇلگەن ئوغۇلنىڭ دەردى

مانا بۈگۇن، پەدەرىمدىن ئايرىلىپ ھەممىنى يوقۇتقانلىقىمغا ئاز كام 100 كۇن بولدى. ھەسرەت ياشلىرىم قۇرغىنى يوق. مۇسىبەت ۋۇجۇدىمنى مۇزلۇتۇپ، سوغۇقتا تىترەپ يىپىنچىمنى ئىزدەپ يۈرىپتىمەن. ناھاقچىلىق، بۆھتان، ۋەدىدە تۇرماسلىق، ۋاپاسىزلىقلارنى چۆچەك-كىنولاردا مەۋجۇت دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم. رىئال دۇنيادا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنمىگەن ئىدىم. شۇ، ئويۇمنىڭ جازاسىغا، دىل ئازارلىرى تىنىمنى زەيىپلىتىپ، دەرتكە-دەرت قوشۇدىغان قىسمەتلەرگە قىرىق كۇنلۇك ھازام يەتمەي، ھازىرغىچە داۋام قىلىپ، رەھمەتلىكنىڭ ئوتىنى كۈچەيتىپ قىساس ئوتۇمنى ئەۋجىگە كۆتۇرۇپ قىزىللىق بار بولغان ئەپتىم، جەسەت كەبىي ئاقىرىپ، ئىچىمدىن بىرقۇرۇت، شەربەتلەرنى سۈمۇرۇپ، زەئىپ ھالغا كەلتۇردى. كۆرمەي ھىچ ئىلاج يوق، 27يىللىق راھىتىم، ئەركىلىكىم، ئىشتىياقلىق خۇمارلىرىم، شۇنچە يىل داۋاملىشىپتۇ. رەببىم سىناققا مىنى تاللىغان دەپ شەرەپلەندىم «ھەر بىر مۇشكىلاتتا بىردىن ئاسانلىق باردۇر»دىگىنىدەك شۇ ئاسانلىقنى ئىزدەپ، شۇكرە ساناھ، ھەمدۇ دۇا قىلىپ، ياخشىلىق بولمىسا ئامانەتنى تىنىمدىن جۇدا قىلشىنى تەلەپ قىلدىم، ئەجەل دەقىقىلىرىگە ھايال بار ئوخشايدۇ، ھەم ياخشىلىق پاتلا كىلىدىغانمۇ ئوىشايدۇ، بولمىسا ۋەدىسىدە ئىيىتقىنىدەك ئامانەتنى ئالغان بولاتتى.

ئاتام رەھمەتلىكنى يەرلىكىدە قويۇپ ئەتىسى، ھازامنىڭ ئۈچى، رەھمەتلىك ھايات چىغىدا، مىڭلارچە ۋەدە بەرگەن دۇككان ئىگىسى. ئىقدىسات كىرىم مەنبەيىمنى زورلۇق، تالاي دەشنام، تەھدىدلەرنى سىلىپ، تۈزگەن توختامىغا ئەمەل قىلماي، چوڭ شىركەتنى، ھۆكىمەتنى، ئالدىمغا تەھدىدكە تاشلاپ، «كوچا باشقارمىدىكىلەر بىز ھەيدەپ كۆچۈرۋىتەمدۇق دەپتى مەن رەھىم قىلىپ قالدىم، كۆچمەملا،» دەپ. قورقۇتۇپ، ئامالسىزلارچە قولدىن تارقۇزۇپ. چىقىش يولۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم. بىرەر، ئىنساننىڭ پىقىر بولۇپ قالغان خارزادىگە، ئاتا ئورنىدا«ۋەدىگە ۋاپا قىلسىلا، ئەل ۋەدە مىنەل ئىمان دەپتىكەن. ئۈچ ئاي بۇرۇن پۇلنى ئالغاندا دىمەي، مەرھۇم ۋاپات بولۇپ ئۈچىنجى كۈنىلا نەگە بارساڭ بار. دىسىلىرى ئازار بوپ قالمامدۇ،»دەپ. قۇيارمىكىن، تۆھپىكارنىڭ ئاجىز بولۇپ قالغان كەنجى ئوغلىغا، «لىللا ئىككى ئىغىز گەپ» قىلىپ قويامدىكىن دەپ. دەت ئەلەمنى توردا بايان قىلسام. پىتنىلەر سۆزتارقىتىپ، بەتنام بىلەن ئادالەتسىزلىكنى قوللاپ مىنى «بىچچارە بولۇپ تىلەپ قاپتۇ» دەيمىش. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ خسلىتى بىلەن لىۋىمدىكى قاننى دۇشمەنگە بىلدۇرمەي، ئىككى ئاي تىركەشكەن بولساممۇ. تاپا-تەنىلەر«تولا ئاچمىغانتىلە»دىگەندەك سۆزلەرنى دوق قىلىپ، خۇددى رەھمەتلىك ئاتام ئىككى يىرىم يىل دوختۇرخانىدا ئاغرىپ يىتىپ قالسا غايىپتىن بىرسى كىلىپ بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلغاندەك.  كۆچۈپ كىتىشكە كۆنۇپ ئازغىنە تۆلەم تەلەپ قىلسام.«ھۆكىمەت مىنى قۇللايدۇ، سىنى خارلايدۇ». «ئەرىز قىلسىلا ئۇكام» دەپ. تەنە گەپلەر بىلەن ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ يوق گەپلەرنى چىشلەپ تارتقىلى تۇردى. ئاخىردا«بوپتۇ ئاكا، سىلىنى شىركەتلىرى-ھۆكىمەتلىرى قوللىسا مەن چەتئەللىك، مۇھاجىر ئوخشايمەن»دىدىم، كۆچۈش كۇنى ئىجارە پۇلىنى تەلەپ قىلسام «خەت يىزىپ، بارماق بىسىپ بەرسە»دەپ، مەجبۇرلىدى، كۆندۇم. كىتەر كۇنى«ھەقىقەتەن ئىسىملىرىدەك قەيسەر كىشى ئىكەنلا، يو رەببىم!  ۋەدىگە سىلىدەك ۋاپا قىلدىغان كىشىنى تونىۋالدىم جىمۇ! توختام دىگەننىڭ ئاقماس نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ كاتتا ساۋاق بەردىلە. كۆپتىن-كۆپ رەھمەت«ئەل ۋەدە مىنەل ئىمان»دىگەن نەقلە قىيامەتتە ئاقىدىغان ئوخشايدۇ. ھەققە ئىغىز يوق ئەل، ئارىسىدا ياشاۋاتقىنىمنى سىلى ئارقىلىق توندۇم. قىيامەتتە «بۇيۇك» ياردەم قىلغان يىللىق ئىجارىنى تولۇق قايتۇرۇپ بىرىشلىرىدەك، «ئۇلۇغ خىسلەت»لىرىگە ئىڭەكلىرىنى سىيلاپ سىيپاپ قويۇپ رەببىمگە ئىيتۇرمەن، كاتتا ساۋابنى ۋەدىلىرىدىن يانغانلىقلىرىغا بەرگەي»دىسەم، قىيامەتكە ئىمان ئىيتقان ئەشۇ كىشىنىڭ تۈكىنىڭ تەۋرەپ قويمىغىنىغا، پىشانەمگە بىرنى ئۇرۇپ تا ھازىرغىچە ھوشۇمغاكىلەلمەي يۇرىپتىمەن.

ئاتام كىتىپلا ئونىنجى كۇنى جىدەل بىلەن خوشى يوق، كىشىگە ئازارى يوق، رەھمتلىك ئاتامنىڭ قەبرىگاھى ئالدىدا،  قەدىم مىراس قەبرىگاھىمىزنى ئون،ئەركەك، تارتىۋىلىش قەسلىرىدە بىزلەرنى ئامان تىپىپ ‹ھىچنىمە قىلالمايسەن› دەپ، مەسخىرىلىك كۇلۇپ، زاڭلىق ۋە، تەھدىدلەرنى بەردى. ئىسپاتلار ئالدىغا دۆۋلەنگەن چاغدا (ئىسىت ئاغرىق ۋاقتىدا ھەممىنى ئىلىۋالساق بوپتىكەن، بىلىدىغان يۇۋاش كەتتى دىسەك، تەلۋىدىن بىرسى ھەممىنى ئۇقىدىكەن، ۋاي ئىسىت.)يەنە. ئۇششۇقلىقىنى پەسلىكىنى ئاشكارە قىلىپ (سەندەك قاندىن بىزنىڭ جەمەتىمىزدىمۇ جىق)دەپ، چىدىماسلىق بىلەن جودا-جىدەل چىقىردىغانلىقىنى ئىيتىپ قورقاق تاشلاپ يۇرىيدۇ، دىدىمكى«ھوي ئىسىل! ئاتامنىڭ ۋاپادارلىق بىلەن ئۆلەرچىغىڭدا ئۆي قىلسۇن دەپ كۆرسىتىپ بەرگىنىنىڭ جاپاسىغۇ. راس دەيسەن، مەن بىر قان، ئىسىڭدە تۇت، مەن ئاتامنىڭ ئايرىلىش ئازابىدا، ئوت ئىچىدە تورۇپتىمەن، ئىتىلساڭ سىنى كۆيدۇرۇپ كۇل قىلىۋىتىمەن ياكى ئەبەد ئۆچۇپ رەھمەتلىكنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئورنۇمنى، بەختىمنى تاپىمەن. ماڭا ئىككىلى تاللاش بۇرچ، سادىقلىق، شەرپىم ھەم. مەن تاللىشىمدىن ۋازكەچكەن كۇنۇم، ئۆزىڭنىڭ مەن بىلەن تەڭ ھالاك بولىشىڭنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىننىق بىلىۋال!»دەپ، جاۋاپ بەرسەم بىچچارىلار، كاشغەر خەلقىدىكى پىتنە-بۇزۇقلارنى نەدىن تاپتى. ھەممىگە قۇتۇرتۇپ، مىنى ۋاپاسىزغا ئايلاندۇرۇپ سۆكىپ يۈرىپتىمىش، ھەر كۇنلىكى تۇپراق بىشىغا چىقىپ  ئۆلەر چىغىمىزدىن بۇرۇن. بۇ، يەردىكى گور دىن ئورۇن ئىلىۋالىلىك دەپ.بىزلەردىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە شىكايەت قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. يەنە بىر كىملەرگە دەيمىش«مۇئەللىم بىرسى بىلەن ئۇرۇشمايدىغان كىشى ئىدى، ما كىچىك ئوغلى ئۆتۇپ كەتكەن بىر تەلۋە ئىكەن، قىل قالدى بىزنى ئۇرغىلى»خالايىق، ئاڭلاپ قويۇڭلار، مەن ئەسكىمىكەنمەن ياكى ئۇلارمۇ، ئادىللىق بارمىكەن. سۈرۇشتۇرسەك يۇمغاق سۇتنىڭ ئۇرقىچىلىك، كىلە.

مۇسىبەت ئون تۆتىنجى كۇنى، مەرھۇم ئاتام ھايات چىغىدا، مۇشۇك كەبى مىياڭلىيالمايدىغان كىشى. «سەندەك ئارزۇلۇقنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، قوغدايدىغان داداڭ يوق، بىر قولامدىلا، بوغاپ ئۆلتۇرۋىتىمەن» دەپ. مەرھۇم ئاتامنىڭ سىماسى بار، مۇسىبەتلىك ھازا چىلاپ تۇرىۋاتقان كۇلبەمدە نامەردلەرچە قوللىرىنى ئۇزتۇپ. ئايالى ئىككىسى نەرە تارتىپ ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئىتىلسام پەسلەيدۇ، يانسام قاۋايدۇ. تالا چىقسام ھەممىگە جار سىلىپ«تاغىسىغا ياندى ماۋۇ گۇي»سەت ۋاقىرايدۇ، نۇمۇس ماڭا بولسا، تەسەللىي شۇ مۇناپىققا بولدى. دىلىمغا ئۆچمەس، چىكىتتىن بىرنى قويۇپ. ئەجدادلىرىمنىڭ قىنىنى ئىنكار قىلىپ ئىتىپاقسىزلىق كەلتۈرۇپ، نادان، رەھىمسىزلىكىنى ئاشكارە قىلدى. كىشىلەر مىنى تاغىسى بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ دەپ يەنە ئازارنى ماڭا بىرىۋاتىدۇ، بۇ ھەممە ئوغۇللارغا سىگنال بولۇپ قالسۇن. دۈشمەن ھىمايەتچىڭلاردىن ئايرىلغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىكەن.

42يىللىق خىزمەت ئورنى ئاتام رەھمەتلىكنىڭ ھەقلىرىنى بەك جاپالاردا ھۆكىمەتكە تەلەپ قىلىپ بەك ئالدىراپ تىنەپ ھازىرغىچە تەستىق ئالالماي يۈرۇپتىمىش. بىر زامانداش ھايات شائىرلارنىڭ، ئەدىپلەرنىڭ، دادامنىڭ يىقىن بۇرادەرلىرىدىن باشقا، داڭلىنىپ كىلىۋاتقان، زامانداش ئالىملىرىنىڭ، ئىككى ئىلىك، ئەسلەپ قويمىغىنىغا ئۇلارنىڭ قانداقلىقىنى ھىس قىپتىمەن. بوپتۇ ئۇلار يازمىسا، يادلىمىسا، ئۆزۇم بار

ئاتام مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمىغا مەرسىيەم

ئوغلى لوتپۇللادىن

ماڭا ئاپتاب تېپىلماستۇر، ئاتامدەك مېھرىبان ئەندى،

بېشىمغا پەرۋەرىش ئەيلەپ، نەزەرگە باغابان ئەندى.

تىرىكتە بىلمىدىم مېھرۇ، ۋاپانى مەن  گۇدەكلىكتىن،

بۇگۇن چەكمەك نەسۇد پەرياد، بۇزۇبۇ خانەمان ئەندى.

ئىسىت دەيمەن، ئاتا، دەيمەن مۇرەببىي قىبلىگاھ ئىنسان،

نەچارە بار يانا مەندە، چىرايىم زەئپران ئەندى.

ماڭا ئاپتاب تېپىلماستۇر، ئاتامدەك مېھرىبان ئەندى،

بېشىمغا پەرۋەرىش ئەيلەپ، نەزەرگە باغابان ئەندى.

ئاتامددىن تاغدىن ئايرىلدىم، قانات سۇندى لاچىننىڭ،

كۆڭۇللەر زەررىچە خۇرسەند، كى بولماس شادىمان ئەندى.

غەمدىن بى خەبەر دۇرسەن، يۇمۇلغان مەڭگۇگە كۆزلەر،

قەبر ئاستىدا جىمجىت سەن، قارا تۇپراق ماكان ئەندى.

ماڭا ئاپتاب تېپىلماستۇر، ئاتامدەك مېھرىبان ئەندى،

بېشىمغا پەرۋەرىش ئەيلەپ، نەزەرگە باغابان ئەندى.

ئوغۇل باشىغا كۇن چۇسسە«ئاتام دەپ يىغلىغاي ئەرمىش»،

قەبرىگە تەلمۇرەر كۆزلەر چىقارمۇ نام-نىشان ئەندى.

«سۆيۇملۇك كەنجى ئوغلۇم سەن» دىگەنلەر كەلسە يادىمغا،

سىماپتەك تەنلىرىم تىترەر بىھۇش بوپ بىر زامان ئەندى.

دىگەنتىڭ «مەن ئۆلۇپ كەتسەم، سىنى كىم يوقلىغاي لوتپۇم!».

شۇ كەنجى، لۇتپىڭىز ئىيتۇر، «مىنى» كىم يوقلىغان ئەندى.

كۆڭۇلنىڭ شاتلىقى كەنسەن، تىلەكنىڭ توبرىكى كەنسەن.

سىنىڭدىن ئايرىلىپ مەھزۇت، بولۇپمەن نازۇكى ناتىۋان ئەندى.

دۇئا ھەركۇنى سىنىڭ روھىڭ ئۈچۇن كۇرسى ۋە تابارەكنى،

ئوقۇپ ھەقتىن تىلەپ دۇئادا رەھمەت، ساۋابنى ئاتاپ ئەندى.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 5كۇنى. كاشغەر نوربىشىدىكى دۇككاندا.

ئاتامنىڭ نەزمىلىرىدىن پايدىلنىپ تۈزگەن. ئىلتىماس:- پاساھەتلىك گەپ تاپىدىغان، پاتنىتلىق ئۆزگەرتكۇچى، كۆچۈمىكەشلىكنىمۇ ئوڭشاپ قىلالمايدىغان يا، ئۆزى تۈزەلمەيدىغان، شائىرلارنىڭ ئۆزگەرتمەسلىكىنى يىقىندا مەتبۇئاتتىن چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قوياي. جاھان ئۇششۇقكەن. مەن ئەمەس، شۇ چاغدا ئەيىپكە بۇيرۇپ قالماڭلار.

ئاتامنىڭ سىماسى يوقىمايدۇ

رەببىنىڭ قۇدىرتى بىلەن كۆز ئاچقان مەن، ئاتامنىڭ پۇشتىدىن، ئابىي سۇيى ۋە شەربەت ئىلھام مۇجەسسەم قىنىدىنمەن. ھامان بىر كۇنى شۇ كىشىنىڭ سىماسىدا پەيدا بولىدىغانلىقم بىشارەتلەردە ئاياندۇ. كۆپ باستۇرۇپ، مىنىڭ كۆتۇرلۇشۇمگە، قەۋمىمنىڭ ئالقىش، قوللىشىغا ئىرىشىمنى خالالىمايدىغان كاتتا ماھاجۇنلەر، ھەر تەرەپتىن باستۇرۋاتقان بولسىمۇ، ئىلھام كىلىۋەردى. نەزەر سىلىپ قوي، بۇنىڭدىن ئوزۇق ياكى ئۆسۇك، تىپىپ قالساڭ ئەجەپ ئەمەس. دوستۇم، مەن ئويلايمەن مىللىتىم ئۇيغۇر«ايغىر» شۇنداق ئىسىل بىر مىللەت، ئىتىپاق بىر مىللەت، پىتنىلەر يامان بولسا رۇخسارىنى ئايدىڭ قىلىپ قايسى قانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسۇن، خىتىمىزنى يازغان بىلەن كىمۇ ئۇ، قايسى ئەژنەبىي. ھىچ قايسىمىز بىلمەيسىز. بىز ئاشۇنداق ياۋاش، ئىسىل بىر مىللەت. نەزەر سال دوستۇم كۆپ ئەمەس تۆت قور بايانىم.

«بىشارەت» دىسە ئەپسانە كۆز ئالدىغا كەلگەنلەر مەن مۇسۇلمان دىمىسۇن. كىتاپلارنى جىق كۆرگەن، ئىلىم مەندە كۆپ دىمىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر كۇچى باي بولىدىغان بولسا، ئەڭ ئاددىيسى چۈشىمۇ بىر بىشارەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايتى. خاسىيەتلىك سىھىر تەلەپ قىلىپ يۇرمىسۇن. ئۇنىڭ ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ، ساق سالامەت ئۆيىگە كىرىپ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن خۇشاللىق ئىلكىدە ئاددىي غىزالەر بىلەن ھوزۇر سۇرگىنى ئەڭ كاتتا سىھرىگەرلىك، خاسىيەتلىك مۆجىزە. ئىشەنمىسە ئۆزىنى ئولتۇرمەي قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىر پۇكۇپ باقسۇن.  

ۋاپادار مەن دەپ ئەبەدىي ماختانمىسۇن، بىز ھىچ ۋاپادار بولالمايمىز. ئىشەنمىسەڭ ئوقې:-ۋاپادار بولدىغان بولساق، ئۆلۈمدە يىغلىمايتۇق، چۈنكى ئۇ ئازاپتىن گۇناھتىن قۇتۇلغان. لىكىن يەنىلا لايىقىدا يىغلاش كىرەك ئىكەن.  توغۇلسا كۇلمەيتۇق، چۈنكى ئۇ، گۇناھقا شاھىت بولۇپ قىلغۇچى. لىكىن ئىزىمىزنى داۋام قىلدىغانلىقى خۇشاللىق ئىكەن.

بوۋىلارنى ھازىرقىدەك ئۇنۇتمايتۇق، ئاتىسى ۋاپات بولسا پۇشتىنى تىللىمايتۇق. چاقناپ تۇرغان تۆت كىتابىمىزنى ئۆزگەرتمەيتۇق، خالىغانچە شىرە مۇشلاپ بىچچارە قىرىنداشلىرىمىزنى زىندانلارغا تاشلىمايتۇق. ساقچىلارنى تىللىمايتۇق، ئۇلارھەم بىزلەرنى سەتلىمەيتى. دوختۇرلارنى ئىزىزلىمەيتۇق، ئۇلار ئۆز كەسپىنى سۆيۇپ بىزلەرگە كۈلەتتى. باشلىق لارغا خوشامەت قىلىپ ئۇلارنى كۆندۇرمەيتۇق، مۇئاشى تەمىناتى يىتەتتى ئاچ دىۋانە كەبىي پارا تەلەپ قىلمايتى. تارىخنى بۇرمىلىمايتۇق، ئۇنى قىزىپ، جەۋلان قىلاتتۇق. ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەيتۇق، ئۇلارمۇ ئاددىي يۇرۇپ خىسلەتلىرىنى ئۇلگە قىلاتتى. شەرەپلىنىپ ئادىل مەن دىمەيتۇق، ئادىل نۇشرىۋان كافىر ئىدى. «مۇھەممەد»يولىنى ئادىللىق، ھەق ئىدى.

مەن باي دەپ كىبىر قىلمىسۇن، شەدداتنى قانداق ئۆلتۇرگەن بولسا زۇل جالال ھىلىمۇ قادىر. مەن كەمبەغەل دىمىسۇن، ئىمان ئىيتقان بولسا ئۇنداق سۆز زۇۋاندىن چىقمايتى، ئەپسۇسلانمايتى، ئۆزىنىڭ بىر كۇن بولسىمۇ قۇللۇقىنى بىلدۇرەتتى.

كۆپ تەلەپ قىلسۇن، لىكىن ئەتىگەندە بۇگۈننى. رەببىم ھاسىل بولمىغان ئەتىدىكى ئىبادەتنى تەلەپ قىلمىغان. «بەندەم مەندىن تۇر،تاغىدەك ئالتۇن تەلەپ قىلسىمۇ بىرمەن»دەپ ئەسكەرتكەن.

دوستۇم، كۆرگەن كۇنلىرىم بەدىلىدىن كىچىككىنە ئىيتىپ ئۆتتۇم، قىنى باھا بىرىڭ. ئەيىپ تاپقۇچىلار تىللىماي، تۆشۇكنى ئېتىپ بىرىڭ. ماختىغۇچىلار، ئىلھامغا باي قەلبىڭىزدىن ئىككىلىك ئوزۇق بىرىڭ، چۈنكى ئاش ناندىن بەكرەك كىرەك بولدىغىنى روھىيەت ئوزۇقى.

مەن ماختاشقا تىگىشلىك ئەمەس، بەك خالاپمۇ كەتمەيمەن، لىكىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قىلىشقىمۇ بولماس ئىكەن. ماختاش، كۆپ بولۇپ كەتسە كىبىرلىك پەيدا بولۇپ روھىيەت زەيىپلىشىدىكەن. تىللاش، قەبىي ناپاكلىق، ئۇنىڭدا ياخشىلىق مەۋجۇت بولمىسىمۇ ھىس قىلسا، كاۋاكنى تولدۇرۇپ، ئىزدەندۇرىدۇ، ياماق ياماشقا تەشەببۇس، بىر كىشىنى تىللىغان كىشى، ھامىنى بىركۇنى ئۆزىنى تىللايدۇ. مىنىڭ خالايدىغىنىم ئارزۇ قىلدىغىنىم. بىر كۇنلەردە ئاتامنىڭ قەلمى مىسران قىلچىم. ئاتامنىڭ كىتاپلىرى ۋە مىنىڭ ئاددىي يازمىشلىرىم ساۋۇتۇم. ئاتامنى قوللىغۇچى، دوس-يارەن، قەۋىم جامائەتلەر قالقىنىم. پاساھەت، تاپقان كۈنۇم ئۇچقۇر تۇلپار نىسىپ بولغان كۇنى بولسىكەن دەيمەن. شۇ، كۇنلۈكى قەۋمىمدىكىلەر، مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرمايدۇ، «مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمنىڭ ئوغلى»دەپ. ئاتام رەھمەتلىكنىڭ ئىتىنى چاقىردۇ.

پىتنە-نىجىس مۇناپىقلار مەشھۇرلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاتا كەسپىدە مىڭىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا تەنبىھ بىلەن پىتنە تارقىتىپ روھىيتىنى سۇندۇرماقچى بولىدۇ.  كۆرگەن كۇنلىرىم، رىيازەت تاپىلار، ئىلھام تاپىدىغان، ماختاشقا كۆنمەيدىغان، زىيادە مەغرۇللانمايدىغان، يىڭىچە بىر قىياپەت ھاسىل قىلىپ تاۋلاپ چىقتى، مەندىكى نىشان ئىتقاتنى، روھىيتىمنى، سادىقلىققا ئىرىشتۇردى، تەۋرەنمەس ئىتقاد ئارقىلىقلا، ھەممە ئىرىشىمەن، ئەي قەدىردان دوستۇم. ۋەدىگە زۇل جالال دىن باشقىنىڭ ۋاپا قىلمايدىغانلىقىنى، ئاتىدىن ئايرىلىپ ھەممىدىن ئايرىلغان مەن كەنجىدىن:- ۋاپاتتىن كىيىن، رەببى ساڭا، دوس ئارىسىغا يوشۇرۇنغان، دۈشمەنلەرنىڭ ماھىيەتلىك ساختا قىياپەتلىرىنى ئىچىپ بىرىپ. بىلدۇردۇ،ساڭا تالاي كۇلپەتنى كۆرسىتىپ چىنىقتۇردۇ. شۇنداق قىسمەتلەر كەلمەستىن بۇرۇن، دۇنيادا پەقەت ئىگىمىزنىڭ ۋەدىسىلا راسلىقىنى تونىۋال، دۇشمەننىڭ دەججالغا ئوخشاش پىشانىسىدە(كافىر)  دەپ يىزىلغىنىدەك (دۈشمەن)دەپ، خىتى يوق.

ئاتام نەسىھەتى:- «ئەيىپلەش سىزنىڭ خاتالىقىڭىزنى. سۇ، ئىقىۋاتقان تۈشۇكچىنى ئىتىشقا شەرىت ھازىرلاپ بىرىدۇ»دىگەن. قەلەم دىن ئىبارەت، مۇبارەك كەسىپكە، قەلەم سىپاھى ۋارىس بولۇش. گۈدەك چاغلىرىمدىكى «تارىم غۇنچىلىرى» ۋە «قەشقەر گىزىتى»گە چىقىرىلغان خاتىرلىرىم. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ كىچىكىمدىن باشلاپ ئۈمىدلىك قەلبىنى، ماڭا تىككەنلىكىنى بىلدۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئاخىرقى نەسھەت، ۋەسىيتى، ھەم دۇئاسى«ئوغلۇم مەن ‹ئۈمىد›نىڭ ئۆلگەنلىكىنى ياكى خاراپ بولغىننى كۆرمىدىم، سەن دەل مىنىڭ ئۈمىدلىك ئوڭ ۋە سول قولۇم،خەنزۇلارنىڭ ھىكمىتىدىن «قوتاننى قوي قىچىپ كەتكەندىن كىيىن تۇزىسەڭمۇ كىچىككەن بولمايسەن.».«亡羊补牢,为时不晚».بۇ، دىگىنى: تىپىپ ياكى سىتىۋالساڭ يەنە كىرىدۇ دىگىنى. تۇغۇلغان چىغىڭدا ئوڭ قولىڭدا قان پۆپۇك تۇتۇپ چۈشكەن ئىدىڭ.  سەن دۈشمىنىڭگە، مۇشتا ئەمەس. قەلەمدە غالىپ كىلىشىڭ كىرەك. چۈنكى بۇ، مەڭگۈ تىللاردا داستان بولىدىغان رىئاللىقتۇر،ئاتا كەسپىڭدۇر، مەن سىنى 27يىلدىن بىرى يىنىمدىن ئايرىماي تەربىيلەپ ئۆز قۇۋىتىمنى بىرىپ كەلدىم، ھازىر مەن يازىمەن، ئۆلۇم كەلسە، سەن يازىسەن، نەۋرىلىرىم يازىدۇ، لەكمىڭ قەلەم سىپاھلىرى بۇرچ ھىس قىلىپ مەيدانغا چىققاي. ئامىن،، ئاللاغۇ ئەكبەر »دەپ دۇا قىلغان ئىدى.

« يىڭنە سانجىلمىسا كىيىم پۇتمەيدۇ. يىڭنە سانجىلمىسا يارا تىكىلمەيدۇ. يىڭنە سانجىلمىسا ئوكۇل سۇيۇقلىقى بەدەندىكى مىكروپنى ئۆلتىرەلمەيدۇ،» ئۇيقۇدا ياتقاندا، ياكى ساراسىمدا تۇرغاندا بۇرغا قاتتىق چىققانلىقى سەپراس تۇرۇشنىڭ، غەپلەتتىن ئويغۇنۇشنىڭ، بىر چاقىرقى تور ئەھلى يارەنلەر. مەن «ھەق» نى ئۆلۇم. قەسىت بىلەن «شېھىت» بولۇشتەك سىرلىق قەستنىڭ بەدىلىگە تونۇدۇم. ئەمدى يانغىلى بولمايدۇ. يىنىش مۇناپىقلىقتۇر دەپ ئىيتىلغان پەيغەمبەر. زۇل جالال، ئاللاغۇ ئەكبەر! ئاللاغۇ ئەكبەر! ئاللاغۇ ئەكبەر!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MEuqkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-14 08:23 AM  


QQ图片20120517003452.jpg
IMG_20130501_210946_mh000.jpg
IMG_20130501_210842_mh000.jpg
QQ图片20120601020353.jpg
QQ图片20120518090754.jpg
复件 QQ图片20120517003511.jpg
7.jpg
4_副本.jpg
2.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 10:58:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى مۇئەللىمنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقوپ كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم.رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82228
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3139
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:17:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەردار قىلدىڭىز رەھمەت!...سىز ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى توغرا يېزىشنى ئۆگۈنۋالسىڭىز بولغۇدەك! ئۈنىڭدىن كىيىن دادىڭىزنىڭ شەھېت لىكىدىن ئېغىز ئاچسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز!    ئاللاغۇ ئەكبەر، دەپ گەپ يوق ئىسلام دىنىدا...ئاللاھۇ ئەكبەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11349
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5112 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:48:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي!!ئۇستازىمىز بىلەن ئۈتكۈزگەن مەكتەپتىكى مىنۇتلارنى ،شۇ قەدىردان ئۇستازلىرىمىزنى ۋە ساۋاقداشلىرىمىزنى ئەسلەپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن رەسىمنى يوللاپ قويدۇم. 高三毕业班级合影.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DAWRAN0991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-14 11:51 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95629
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:50:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 11:39 AM
كەچۈرۈڭ! مەن سىزنى مازارنى ئۇلۇغلىدى دىمىدىم. مىنىڭ ئ ...

ھە، مەن ئۆزۇمگە ئىپ كىتىپتىمەن، مىسرانىم مۇنبىرگە يىڭى بولغاچ كۆپىڭلارنى تونىمايمەن، مەن تۇزگەپ قىلىپ كۆنۇپ قاپتىكەنمەن ياساپ سۆزلەي دىسەم تەنىگە كىتىپ قالدىكەن، ھەممىڭلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن بولسا ئىنكاسنى ئادالەتسىزلىك ۋە ھازىرقى چەتئەل پەرەسلىك قاتارلىقمەزمۇنلارغا قاراتساڭلار، ئىنكاسىڭلار تۈپەيلى، ئەشۇ ناپاكلار نۇمۇس قىلىپ قالسىكىن. ھۆكىمەت خىچقانداق ئىشلارغا ئارا تۇرالمايدىكەن، ھەم كارىمۇ بولمايدىكەن، تورداشلىرىم، رەھمەتلىك ئاتام مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى، 42يىلى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ياش چىقىپلا 10يىللىق بوراننى ساق بىشىدىن ئۆتكۇزگەن، رەھمەتلىك ئاتام، كىتىشى بىلەنلا ئۇنتۇلۇپ قالغۇدەك، ئەدەم ئەمەس ئىدى، ئەگەر جامائەت ئەربابى بولمىغان بولسا، چوقۇم ھەممە مەتبۇئاتلار بەس-بەستە يىزىشىپ كىتىشەتتى. يوقلاپ بىزەرنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلغان بولار ئىدى. بولدىلا، زەرداپ بولۇپ قالىدىكەن ئادەم، تور سەھنىسىدە بولسىمۇ ئىككى ئىلىك نارازىلىق سۆزلىرىنى بىرىپ قويساڭلار مىنىڭ ئۆتىنىشىممۇ، تەۋسىيەرىممۇ شۇ، ئويلاپ كۆرسە رىئال دۇنيادا شۇنداق ئادالەتسىزلىكنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگۇسى كەلمەيدۇ، ياخشى تەنبىھ بەرگەنلەرگە مەن قەتئىي نارازى ئەمەس. تەلىپىم ئىنكاسىڭلارنى ھازىرقى ئادالەتسىزلىك قۇرۇق پوپوزىغا بولۇپمۇ ھۆكىمەت دەپ قورقاق سالىدىغانلارغا يۆتكەپ قويساڭلار دىمەكچى ئىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95629
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 11:51:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DAWRAN0991 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 11:48 AM
مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي!!ئۇستا ...

رەسىم يوققۇ كۆرۇنمىدى ساقلاپ قوياي دىگەن.

bihayat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 01:04:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 01:45:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيىپلىگۈچىلەر بىلمەي قالغاندۇ.باغداشتا بىر تىمىڭىزنى ئوقۇغانتىم.شۇنداق تەسىر قىلغان بۇمۇ شۇنداق.
خاتاغا ئەپۇنى لازىم تۇتۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەسەر توغرىسىدا كەچۈرۈم سورىيالىغان ئىنسان خاتا ئەيپلىگىنىگە ھەم پۇشايمان قىلالايدۇ ئاللاھ خالىسا.
تەۋسىيەم ئۆتكۈركەسكىن ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەشنى،يامان تەرىپىنى سۈپەتلەشنى تاشلىغايسىز.سىلىقلىق ئىنشائاللاھ قايىللىقنىڭ ئۇرۇقچىسى بولۇپ قالار.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 01:56:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 11:25 AM
U kanjuk islamiy kiyimlarni arabning digan iddiyni koturup qikkan idi

قېرىندىشىم.سەبىر ئىنسانغا بەك لازىمدۇر.مەن ھەقىقى ئىسلام يولىغا ئىنتىلگۈچى دىگەن كىشى ئۈچۈن تېخىمۇ بەك لازىمدۇر.ھاقارەتتىن ساقلىنايلى.مەسجىدكە تاھارەت قىلغۇچىغا تاھارەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىلىق مۇئامىلە قىلغان پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىز.لايىقلىشايلى.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95629
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 02:41:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bihayat يوللىغان ۋاقتى  2013-6-14 01:04 PM
سىزگە بۇ تەكلىپنى بەرمەي بولمايدىغاندەك تۇرۇدۇ:
1- مەر ...

مىنىڭمۇ، قەتئىي دىگىم يوق لىكىن، بىر كىشىنىڭ ئىسمىدىن تارتىپ، ھاياتىغىچە ھەتتا 1000يىللىق تارىخقا تىل تەككۇزىدىغانلار، ئۆزگەرتىدىغانلار ئالدىمىزدا ھازىرلىنىپ شۇنداق تەنبىھلەرنى ئەسكەرتىشكە كۆندۇرۋاتىدۇ. ئۇنىمۇ يوق قىلسام بولغۇدەك.  ئىملا جەھەتتە ئاخشام كىچە ئۇخلىماي، يازغان ئىدىم ھازىرمۇ مۈگىدەپ تۇرۇپتىمەن بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي.
شۇنداق ئىسىل باھالاررنى، تۈزتىشنى توغرا تەلەپ قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت، بولسا ئىنكاس يازغۇچىلار سىزدىن ئۈلگە ئالسىكەن دەيمەن. تەنە دۇشمەنگە، يىقىملىق نەسىھەت تۈسىنى ئالغان تۈزتۇش، قۇبۇل بولىشى تىز بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش