ئۈچ گىراملىق خىش
مەلۇم قۇرلۇش ئۇرنىدا ئشلەيدىغان بىر ئشچىنىڭ8-9ياشلارغا كىرگەن بىر قىزى بار ئىدى.
بۇ قىز يىقىن ئەتىراپتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيتى.ئاتا-بالا ئىككىسى بىر-بىرىگە ھەمرا بۇلۇپ كۈن كەچۈرۈپ كىلۋاتاتتى.
بىر كۈنى، قىزچاق تاپشۇرۇقلىرىنى ئشلەپ بۇلۇپ دادىسىنى خوش قىلۋىتىش ئۈچۈن تۇنجى قىتىم ئۇنىڭ[[خىزمەت}} ئۇرنىغا كەلدى.ئەپسۇس،دادىسىنىڭ چوڭ بىر سىۋەت خىشىنى ناھايتى تەستە كۈتۈرۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قىزچاقنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى لىققدە ياشقا تۇلدى.
بىر كۈنى كەچتە،دادسى ئېسمىنا قۇشۇپ ئشلىگەچكە ئۆيگە كەچرەك قايتىپ كەلدى،قىزى ئاللقاچان تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەنتى.
دادىسى بىرەر قۇر شەخسى تازلىق قىلۋەتكەندىن كىيىن،قىزنىڭ سۇمكىسىدىن تاپشۇرۇق دەپتەرنى چىقاردى.مەكتەپنىڭ تەلپى بۇيىچە ،ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرىنىڭ تاپشۇرقىنى ھەركۈنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئىمزا قۇيۇپ بىرشى كىرەك ئىدى.
دادا قىزنىڭ ئالدىنقى قىتىملىق ئەدەبىيات تاپشۇرقىنى ئۇقۇۋىتىپ داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدى.
بۇ ئەسلىدە مەنىسى بىر-بىرىگە ماس كىلدىغان ئىككى گۇرۇپپا سۆزنى سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان سۇئال ئىدى.
ئۇڭ تەرەپكە {[بىر ئاپتۇمبىل تۇپا،بىر پارچە خىش،بىر ۋاراق قەغەز}}دەپ،سۇل تەرەپكە{{بىر تۇننا،ئىككى كىلۇگىرام،ئۈچ گىرام}}دەپ يىزىلغان بۇلۇپ،قىزچاق {{بىر پارچە خىش}}دىگەن سۆز بىلەن{{ئۈچ گىرام}}دىگەن سۆزنى تۇتاشتۇرۇپ قۇيغانتى.
بۇ جاۋاپ ئېنىقلا خاتا تۇرۇقلۇق،ئۇقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا100 نۇمۇر قۇيغانتى.
قىزچاق تاپشۇرۇق دەپتىرنىڭ ئاخىرغا مۇنداق دەپ يازغاندى.{{دادام خىش تۇشۇغۇچى،مەن ھەممە ئىمارەتلارنىڭ لىفىتى بۇلۇشنى،ھەممە خشلارنىڭ بەك ئىغىر بوپ كەتمەسلىگىنى تۇلمۇ ئارزۇ قىلمەن،بىر پارچە قىشنىڭ ئىغىرلىقى ئۈچ گىرام بۇلسىلا بۇلدى.}}
ئۇقۇتقۇچى تاپشۇرۇقنىڭ ئاخىرىغا :{{دادىڭىزغا بۇلغان مىھىرى مۇھەبىتىڭىز نەزەردە تۇتۇلۇپ نۇمۇر قۇشۇپ بىرلىدى}} دەپ يىزىپ قۇيغانتى.
تاپشۇرۇقىنى ئۇقۇپ بۇلغۇچە،دادىنىڭ يۈزلىرى ياش بىلەن يۇيۇلۇپ كەتكەنتى.
ئۈچ گىرام ئىغىرلىتىكى خىش،قىزچاق بۇنى ۋۇجۇددىكى مىھىرى-مۇھەبىتى ئارقىلىق ئىجات قىلغانتى.
ئىملاغا دىققەت قىلالمىدىم، مەن بۇ ئەسەرنى شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلدىن ئالدىم .....ئاپتۇرى:شاۋ شىشىن