قەلبىمدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز
ئابدۇمۇتائالى ئەدرۇللام
ئويلىسام زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،خۇددى ئاپام مۇشۇ دۇنيادا باردەكلا تۇيۇلىدۇ،ئىشىكنى ئىچىپ كەل بالام دەيدىغاندەك تۇيغۇ قەلبىمدە ھىلىمۇ ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ.ھالبۇكى كاللامدىن ھەقىقىي كۆرۈنۈشلەرنى كىنو لىنتىسىدەك بىرمۇ-بىر ئۆتكۈزسەم ئاپامنىڭ ئىشىكى يوق ئۆيگە كىرىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىگە ئۆز كۆزۈم شاھىت. ئاپامنىڭ بىشىدا ئولتۇرۇپ ئۇيغۇنۇشلىرىنى كۈتكەنلىرىم،زار-زار يىغلاپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغانلىرىم،سەھەردىلا ئاكامنىڭ كۈنەستىن كىلىپ ئۆكسۈپ يىغلاشلىرى،ئىنىمنىڭ يۈرەكنىڭ تارىنى چەككۈدەك نالە قىلىشلىرى،دادامنىڭ كۆزىدىن تارام-تارام ئىقىپ چىققان ئىسسىق ياشلىرى،توققۇز قىرىندىشىنىڭ ئاھۇ پەريادى ئۇنى ئۇيغۇتالمىدى.بىز ئانىسىدىن ئايرىلغان قۇش بالىلىرىدەك چۇرقۇرۇشۇپ قالدۇق،ھەرقانچە تەشنا بولساممۇ ئاپام يوق ئىدى،گويا بارلىق روھىم ساماغا ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم.ئاپا! ئاپا! ئاپا...دەپ قاتتىق ۋاقۇرغۇم،سەن ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەردىم،ئانىلىق مىھرىڭگە قانمىدىم دەپ توۋلۇغۇم بار ئىدى.بىراق ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش،تەقدىرگە تەن بىرىش يۈزىسىدىن ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ يىغلىدىم،ئامال قانچە؟بىشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ بۇ تەقدىر قىسمەتتىن قۇتۇلالماتتىم.يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ‹‹ئاپا ياتقان يىرىڭىز جەننەتتە بولسۇن>> دىگەن سادالار جاراڭلىق ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.
دۇنيادىكى ھەربىر جان،بارلىق مەۋجۇدات ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلدى،شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ ئاللاھقا قايتىدىغىنىمىز دەر ھەقىقەت،بۇنىڭدا قىلچىمۇ شۈبھى يوق.ئاپام ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايىتتى.بۇ دەل 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى يەنى ئاللاھنىڭ رەخمەت-كەرەملىرى بىلەن بارلىق جەننەت دەرۋازلىرى ئىچىلغان،دەۋزەخ دەرۋازىلىرى تاقالغان،خاسىيەتلىك رامىزان ئىيىنىڭ يەتتىنچى كۈنى(پەيشەنبە)ئىدى. شۇ كۈنى پىشىن نامىزىدىن كىيىن مۇردا نامىزى ئوقۇلۇپ يەرلىككە قۇيۇلدى.
ئاپام ئاقكۆڭۈل،مىھرىبان،كۆيۈمچان،بارلىقىنى پەرزەنىت بەختى ئۈچۈن ئاتىغان كۆڭلى يۇمشاق،پەرزەنىتلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن مەسئۇليەتچان ئايال ئىدى. ئاپامنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمۈدۋارلىقى،پەرزەنىتلەرگە بولغان مىھرىبانلىقى،قۇياشتەك ئىللىق تەبەسسۇمى قەلبىمگە خۇددى ئالتۇن مۆھۈردەك چوڭقۇر ئىز باسقان ئىدى.گەرچە ئاپام ھايات ۋاقتىدا ياخشى ئوقۇپ مەندىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بەرگەن بولساممۇ،بىراق ئۇنىڭغا پەرزەنىتلىك قەرزىمنى تولۇق ئادا قىلغىنىم يوق.شۇڭا ئاپامنىڭ قەلبىمدىكى ئۆچمەس يۇلتۇزدەك ئوبرازىنى ئىختىيارسىز بۇ ئاددىي قەلىمىمگە مۇجەسسەملەشكە مەجبۇر بولدۇم.
1.ئاپامدىكى ئۈمۈدۋارلىق
ئاتا-ئانا پەرزەنىتنى بىقىپ ئۆستۈرگۈچى بولۇپلا قالماستىن ، ماھىيەتتە ئۇلار ئەڭ مۇھىم پەرزەنىت تەربىيىلىگۈچىلەردۇر.شۇنداقلا يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنىت قەلبىگە بىلىم ئۈنچىلىرىنى،ئەخلاق مارجانلىرىنى تىزغۇچى ئۇلۇغ سەنئەتكاردۇر.ئاتا-ئانىنىڭ ئىلىپ بارغان ھەربىر ھەركىتى،ئىيتقان ھەربىر سۆزىمۇ پەرزەنىت ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تەربىيە ھىساپلىنىدۇ. ئاپامنىڭ بىزگە ئەڭ چوڭ تەسىر قىلغان يىرى دەل مۇشۇ ئۈن-تۈنسىز تەربىيەدۇر.ئىسىمنى بىلگەن چىغىمدىن باشلاپلا ئاپام بىزنى ئانچە بەك ئىشلارغا بۇيرۇمايىتتى،پەقەت ئوقۇشىمىزغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلەتتى.ھەم ھەرقانداق ئىشقا ناھايىتى ئۈمۈدۋارلىق بىلەن قارايىتتى،ئەڭ چوڭ ئۈمۈدى بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئىدى.مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەر قىتىم ياخشى نەتىجە ئىلىپ كەلگىنىمدە ئاپام مەندىن ئالەمچە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمەتتى.بىز ئۈچ ئوغۇل ئاپامنىڭ كۆز قارىچۇقى ئىدۇق،ئۇ بىزنى قۇش بالىلىرىنى ئاسرىغاندىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل قۇيۇپ ئاسرايىتتى.
ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازىم دادام بىلەن ئاپام بولۇپ،ئۇلارنىڭ ماڭا ئەڭ چوڭ قالدۇرغان يىرى ئائىلدىكى ھەركىتى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىدۇر.ئۇلار تۇرمۇش توغۇرلۇق ۋە ياكى شەخسىي ئىش تۇغۇرلۇق بىرەر قىتىممۇ جىدەللەشكىنى يوق.ئەكسىچە پەرزەنىت ئۈچۈن قىلغان جاپالىق ئەجرى،تارتقان كۈلپىتى،تۇرمۇشتىكى ھەربىر گۈزەل ھەركىتى بىز ئۈچۈن ئەمەلىي تەربىيە، بىز ئۈچۈن ھازىرلانغان ياخشى بىر ئائىلە مەكتىپى ئىدى.ئائىلىدە ئىناقلىق كەيپىياتى يۇقىرى بولغاچقا تۇرمۇشىمىز بەك كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى.مۇشۇنداق گۈزەل ئائىلە مەكتىپىدە بەخت قۇچىۋاتقان گۈزەل كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئاپام قان بىسىم سەۋەبىدىن يىقىلىپ قالدى.ئۇ خۇددى جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئادەمدەك يىتىپ قالدى.ۋاقىتسىز كەلگەن بۇ ۋەھىمىدىن زار قاقشايىتتۇق،يىغلايىتتۇق،چىن يۈرەكلەردىن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا شىپالىق بىرىشىنى تىلەيىتتۇق، دوختۇرخانىدا بىر كۈن تاماق يىمەي ئۇنىڭ ئوپراتسىيىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى دىلىمىزدىن ئىستەيىتتۇق.كۆز يىشىمىز تەڭرىنى تەسىرلەندۈردىمۇ،ئاپام بىز ئۈچۈن قەيسەرلەك بىلەن دەس تۇردى،تۇرغاندىمى شۇنداق تۇردىكى ئىلگىرىكى ھالىتىگە ئاساسەن قايىتتى.شۇ كۈندىن تارتىپ ئاپام ئاجايىپ بىر ئۈمۈدۋارلىققا تولغان ئىدى.قىلغان ھىر بىر ھەركىتى،ئىيىتقان ھەربىر سۆزى بىزگە ئۈمۈدتىن،ئالغا ئىلگىرلەشتىن دىرەك بىرەتتى.ئاپام سالامەتلىكىنىڭ بالدۇراق ياخشى بولۇپ كىتىشى ئۈچۈن،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەر كۈنى توختىماي تىنىمسىز ھەرىكەت قىلاتتى.تاكى ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرىكى چاغدىمۇ ھەرىكەتتىن توختاپ قالغىنى يوق.ئاپامنىڭ بۇ قەيسەرلىكىدىن ئۆزۈمگە ئالاھىدە كۈچ بىغىشلىغاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم.ئاپامنىڭ ئۈمۈدۋارلىقى پەرزەنىت ئۈچۈن ئىدى.مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەيۈسلىنىپ يۈرگەن چاغلاردا ئاپامنىڭ ئۈن-تۈنسىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشى،ھەر كۈنى ئۈمۈدۋارلىققا تولغان كۆزلىرى بىلەن قارىشى،بوشاشما،تىرىش ئوغلۇم دىيىشلىرى ماڭا چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلاتتى.كاج تەقدىرنى يىڭىپ يىڭى خىزمەتكە ئىرىشكەنلىك خەۋىرىم بىزنى بىر كۈنلۈكمۇ خۇشاللىققا ئىلىپ بارالمىدى،خۇددى ئەجەل ھارۋىسىنى خىزمەت تىپىش بىلەن تەڭ ھەيدەپ كەلگەندەك بولدۇم.خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىق خەۋرىمنى يەتكۈزگىنىمدە ئاپام بىر بۈيۈك ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندەك ئاجايىپ بىر خاتىرجەم ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.چۈنكى ئاپامنىڭ ئەڭ چوڭ غىمى مەن ئىدىم،ئۇ مىنىڭ توي قىلۋىلىشىمنى،خىزمەتكە ئورۇنلىشۋىلىشىمنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى.ئىچىمدە‹‹توۋا!ئانا دىگەن ئاجايىپ قەيسەر بولىدىكەن،پەرزەنىت ئۈچۈن بارلىقىنى بىرىشكە رازىكەن››دەپ قۇياتتىم.شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئۈمۈد نۇرلىرى ئاجايىپ بىر خاتىرجەملىكتىن دىرەك بىرەتتى،كۆڭلۈم خۇددى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك تەنلىرىم ئورۇنسىز شۈركىنەتتى.ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاپامغا چىن يۈرىكىمدىن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيىتتىم.
ئەپسۇسكى،بىر كۈن ئۆتمەيلا ئاپامنىڭ ھالىتى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ ئاللاھقا قايىتتى.
ئويلىسام ئاپام پەرزەنىت ئۈچۈنلا ياشاپتىكەن،ئاخىرقى ئۈمۈدىنى مەن ئۈچۈنلا ئىلىپ قاپتىكەن،ئۇنىڭ ئۈمۈدۋارلىقى بىزنىڭ بەختىمىز،خۇشاللىقىمىز ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈمۈدۋارلىقى،ماڭا سىڭدۈرگەن ئۈن-تۈنسىز تەربىيەسى مىنى غەلبىگە ئىرىشتۈردى.مىنىڭ تۇرمۇشتىكى غەلبەم بىلەن تەڭ ئاپام ۋاقىتسىز كىتىپ قالدى،لىكىن ماڭا قالغىنى ئاپامدىكى ئۈمۈدۋارلىق.
2.ئاپامدىكى مىھرىبانلىق
مەن دائىم ئائىلىمىزدىكى بەش جاننى قولدىكى بەش بارماققا ئوخشىتاتتىم.دادامنى باش بارماققا،ئاپامنى باش بارماق بىلەن ھەرىكەت ئىلىپ بارغۇچى بىگىز بارماققا،ئۈچ ئوغۇلنى قالغان ئۈچ بارماققا ئوخشىتاتىم.لىكن ئائىلىنىڭ ئاساسلىق بىگىز بارماق رولىدىكى ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز كىتىپ قىلىشى ئىشىمىزنى مۇشكۈل،يولىمىزنى تار قىلدى.ھەر ئىشنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرۋاتقان،ھەم ئايرىلماس گەۋدە بولۇپ كەتكەن بەش بارمانىڭ تۆتكە ئايلىنىپ قىلىشى مىنى چەكسىز ئازاپقا مۇپتىلا قىلدى.ئائىلىمىزنى يورۇتقۇچى ئىللىق بىر چىراقنىڭ ئۆچۈشى مىڭىش يولۇمنى خىرەلەشتۈردى...
ئۆيىمىز يىزىدا بولغاچقا دادام خىزمەتتىن باشقا دىھقانچىلىق،چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى.تەتىلدە ئائىلە ئىشلىرىغا ئاندا مۇندا ياردەملىشەتتىم.تەتىلدە مەھەلىمىزدىكى بالىلار بىلەن توپلىشىپ كالا باقاتتۇق.ئەگەر سەللە كەچ قالسام ياكى ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ يامغۇر ياغسا دادام ھەر قىتىم ئالدىمغا چىقىپ ئەكىلىۋالاتتى.شۇ چاغدا مەن دادامغا ئاچچىقلاپ باشقا بالىلارنىڭ دادىلىرى ئالدىغا چىقمايدۇ،پەقەت سەنلا مىنىڭ ئالدىمغا چىقىسەن،مەن يا يالغۇز بولمىسام،نىمىگە ئەنسىرەيسەن دەتتىم.لىكىن دادام ماڭا ۋاي بالام ئاپاڭ مىنى ئەنسىرەپ مىنى زادى ئۆيدە ئولتۇرغۇزمىدى،شۇڭا ئالدىڭغا چىقتىم دەيىتتى.ئاپام بىزگە بەكلا كۆيۈنەتتى،ئەڭ قىسقىسى بىرەر يەرلەرگە بىرىپ قالسا قايتىپ كىلىپ قانچە كەچ بولغانلىقىغا ۋە ھىرىپ قالغانلىقىغا قارىماي بىزگە تاماق ئىتىپ بىرەتتى.ئاپامنىڭ بۇنداق مىھرىبانلىقلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.ھازىر ئويلىسام ئاپام دۇنياغا پەرزەنت تەربىيىلىگىلى ۋە پەرزەنىت ئۆستۈرۈش ئۈچۈن دۇنياغا تۆرەلگەندەكلا.ئۇنىڭ بارلىقىنى بىز پەرزەنىتلەرگە بىغىشلاش روھى قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنمىكىن دەپ قالىمەن.شۇ ۋاقىتلاردا ئاپامنىڭ كۆيۈنۈشلىرىدىن رەنجىپمۇ قالاتتىم،لىكىن ھازىر ئويلاپ باقسام ئاپامنىڭ بىزگە كۆيۈنۈشى،ئاسىرىشى ۋە مىھرىبانلىقىنى كەڭ يايغانلىقىدىن ھازىرقى بەختىيار كۈنۈم تۇغۇلغان ئىكەن.ئانىسىز ئۆيدىكى مىھرىبانلىق چۆلدە قالغان يالغۇز گىياھقا ئوخشاش ئۈنۈمىنى كۆرسەتمەيدىكەن.يالغۇز كۆچەت ئورمان بولماس دىگەندەك بىزگە ھىچقانداق سايىداش رولنى بىرەلمەيدىكەن.
ئەمدى ھەر قانچە قىلساممۇ ماڭا ئۇنداق كۆيۈمچان ئاپا يوق،بىزگە قىپقالغىنى پەقەت ئاپامدىكى كۆيۈمچانلىق روھىدۇر.ئاپام بىزگە ئادەم بولۇشنى،ئادەمدە كەم بولسا بولمايدىغان پەزىلەت كۆيۈنۈش،مىھرىبانلىق ۋە سەمىمىيلىكنى ئۆگەتتى،بولۇپمۇ بىزگە ئەۋلادنى قانداق تەربىيىلەشنى، ئەۋلادقا قانداق كۆيۈنۈشنى ئۆگەتتى.ئاپامنىڭ مىھرىبانلىق روھى ماڭا ۋە بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشۇمغا ھەر ۋاقىت ھەمراھ،شۇنداقلا ھەر ۋاقىت قەلبىمدە يالقۇنجايدۇ،
3.ئاپامدىكى تەبەسسۇم
ئاپامنىڭ قاپاق تۈرۈپ ئاچچىقلىغىنى زادى ئىسىمدە يوق،ھەمىشە كاللامدا ئەكىس ئىتىدىغىنى ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇم ھالىتى.ئوقۇشنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن تەتىلدە ئاپام قان بىسىم سەۋەبلىك ئىغىر ئاغرىق تارتىپ قالدى.نىمىشقىدۇر ئاپام ساقايغاندىن كىيىن ھەر قىتىم بىزگە تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى.ئاپامنىڭ ھەربىر تەبەسسۇمى بىزگە ئىللىقلىق، مىھرى-مۇھاببەت ئاتا قىلاتتى.لىكىن ئاپام ئىلگىرىكىگە سىلىشتۇرغاندا بەك كەمسۆز بولۇپ قالدى.گەپ قىلساق بىزگە تەبەسسۇم بىلەن تويماي قاراپ كىتەتتى،ھەربىر كۈلۈمسىرەش ئىچىگە زور مەنە،زور ئىلھام يوشۇرۇنغان ئىدى.ھەر قىتىم تەتىل كەلگەندە ياكى سىرتقا چىققان ۋاقتىمدا ئۆيگە قايتىپ بىرىشقا بەك ئالدىراتتىم،ئىشىكنى ئىچىپ كىرسەم ئاپامنىڭ ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان جامالى كۆز ئالدىمدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.بىراق ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ھەر قىتىم مەن سىرتلاردىن كەلگەندە ئاپامنى ئۆيدە باردەك ھىس قىلىپ ئۆيگە يۈگرۈپ كىرىپ ئۇنى كۆرۈشكە ئالدىرايىتتىم.ئەپسۇسكى ئاپام بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولاتتى.نىمىشقىدۇر ئوچاق بىشىدا ئاپامنىڭ تەبەسسۇم ھالىتى كۆزۈمگە غۇۋا كۆرۈنگەندەك تەسىر بىرەتتى.ئىشقىلىپ ئاپامنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى قەلبىمدە ھەرگىز ئۆچكىنى يوق،ھەر قىتىم ئاپامنى ئەسلىگىنىمدە ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى كۆز ئالدىمدا نۇرلۇق چولپاندەك چاقناپ تۇرىدۇ.
خاتىمە
كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ماڭا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاسمىنىدا يۇلتۇزى بولىدۇ،ئۇ ئۆلسە ئۇنىڭ ئاسماندىكى يۇلتۇزىمۇ ئۆچىدۇ دەيىتتى.بىراق ئاپامنىڭ ئاسماندىكى يۇلتۇزى ئۆچكەن بولسىمۇ،لىكىن مىنىڭ قەلبىمدە ئۆچۈپ قالغىنى يوق.ئاپامنىڭ ماڭا قالدۇرغان يۇلتۇزى بىر ئەمەس ئۈچ يۇلتۇز،ئۇ بولسىمۇ ئاپامدىكى ئۈمۈدۋارلىق،مىھرىبانلىق ۋە تەبەسسۇمدىن ئىبارەت.بۇ ئۈچ يۇلتۇز قەلبىم ئاسمىنىدا مەڭگۈ چاقنايدۇ، ھاياتىمدىكى ھەربىر ئىشتا يولۇمنى يورۇتۇپ تۇرغۇچى مەشئەلدۇر، شۇنداقلا ئاپامنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ قىممەتلىك مىراسىدۇر.بەلكىم ئاپاممۇ بۇ قىممەتلىك مىراسىدىن پەخىرلىندىغاندۇ؟
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى(دۈشەنبە)