يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت -قەشقەر ئۆزىنىڭ مىللى خاسىلىققا تويۇنغانلىقى ؛ ئۇيغۇر مىللى خاسىلىقى ۋە مىمارچىلىق شۇنداقلا دۇنياغا تونۇلغان سىرلىق كوچىلىرى بىلەن باشقا جايلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىندۇ .
شۇنداقلا بۇ دىياردىكى كوچىلار بەكمۇ كۆپ بولۇپ سىز بىر كوچىنىڭ بۇ بىشىدىن كىرىپ قالسىڭىز ئايىغىدىن چىقىپ بولالماي گىرەلەشمە كوچىلار ئاراسىدا تىڭىرقاپلا قالىسىز .....
قەشقەردە قانچە كوچا بار دىگەن سۇئالغا مەن بۇرۇن 99 كوچا-مەھەللى بار دەپ ئاڭلىغان .
تۆۋەندىكى قەشقەردىكى كوچا -مەھەللە دىگەن يازمىدا كوچا -مەھەللە 120 گە يىتىدىكەن .
تۆۋەندە << كەتمەن ساداسى >> بىلۇگىدىن قەشقەردىكى كوچىلار دىگەن تىمنى كۆرۈپ قەشقەردىكى كوچا -مەھەلىلەرنىڭ بەكلا كۆپلىگىنى ھەتتا مەن ئۆزۈم قەشقەر شەھرىدە ياشاتىپمۇ ئۆزەم ئىسمىنى بىلمەيدىغان كوچىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .
قىنى سىزمۇ كۆرۈپ بىقىڭ !!! سىز ئاڭلاپ باقمىغان كوچا ئىسىملىرىمۇ بارمىكەن ؟؟؟
قەشقەر شەھىرىنىڭ «ئىچكەركى شەھەر» قىسمىدىكى كوچا، مەھەللىلەر:
تۈنۈگۈن 20:18 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (71 KB)
ئاۋراڭقاي مەھەللىسى،
سەررارچىلار كوچىسى،
كونا دەرۋازا مەھەللىسى،
جىننە گۈزىرى(ئارا كوچا)
مىرزىلار كوچىسى،
ئەگلەكچى كوچىسى،
ساقىيە كوچىسى،
خانىقا كوچىسى،
ھېكىم ئاغچام كوچىسى،
تاختا مەسچىت كوچىسى،
كونا ئوردا مەھەللىسى،
ئوردا ئىشىكى مەھەللىسى،
كاللا مەھەللىسى،
زىلچى كوچىسى،
سۇ دەرۋازىسى،
بۇلاقبېشى مەھەللىسى،
زىندان كوچىسى،
ئارائوردا مەھەللىسى،
دۆڭ مەسچىت كوچىسى،
جاڭقورغان مەھەللىسى،
زەيتاپ كوچىسى،
مەخسۇم كوچىسى،
تۆرە يارباغ مەھەللىسى،
خام بازىرى (توققۇزاق دەرۋازىسى)
بەشئېرىق مەھەللىسى،
زەگەرلى كوچىسى،
لايپەشتاق مەھەللىسى،
قۇرۇق كۆلبېشى مەھەللىسى،
غوجىلار كوچىسى،
چاچ مەدرىسىسى مەھەللىسى،
ئەۋرىشىمكاھ كوچىسى،
كەسكەن يار مەھەللىسى،
ئامبارچى مەھەللىسى،
چاپان بازىرى،
ئارائوردا مەھەللىسى.
"تاشقارقى شەھەر" دەپ ئاتالغان قىسمى:
شەرق–جەنۇب تەرەپتىن:
قازانچى ياربېشى،
گورباغ مەھەللىسى،
جەنۇب تەرەپتىن:
بورىچى كوچىسى،
قاراقى دەرۋازا (قاراقىر دەرۋازىسى)
كىپەك بازىرى،
شامچى كوچىسى،
يېڭى مەھەللە،
قوناق بازىرى مەھەللىسى،
ياغ بازىرى،
دورغابەگ كۆلبېشى مەھەللىسى،
يامۇل ئالدى مەھەللىسى،
گۇڭگاڭ كوچىسى،
دەڭ كوچىسى،
غەربىي تەرەپتىن:
باغچە كوچىسى،
سېپىل تۈۋى كوچىسى،
يۇمىلاق شەھەر مەھەللىسى،
غەرب – شىمال تەرەپتىن:
نور بېشى مەكتەپ ئورنى،
لىجىڭ يامۇل،
چوكانلار مەكتىپى ئورنى،
يارباغ دەرۋازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
"تاشقارقى شەھەر"قىسمىدىكى كوچا، مەھەللىلەر:
قازانچى ياربېشى مەھەللىسى،
گورباغ مەھەللىسى،
بورىچى كوچىسى،
قارقى دەرۋازا (قاراقىر دەرۋازىسى)
شامچى كوچىسى،
كىپەك بازىرى،
كەتمەن بازىرى،
ياغ بازىرى،
قوناق بازىرى،
يىلقىچى كوچىسى،
زەيكەش توغراق كوچسى،
كەسكەن يار مەھەللىسى،
دورغابەگ كۆلبېشى مەھەللىسى،
ئوردا ئالدى (قۇم كوچا ياكى ئەلچىخانا)
دوپپا – تۇماق بازىرى،
تايخان غوجام خانىقا مەھەللىسى،
پىچاقچى كوچسى،
يېڭى مەھەللە،
يامۇل ئالدى كوچىسى،
گۇڭگاڭ كوچىسى،
دەڭ كوچىسى،
ئارقا ئوردا،
خەزىنىچى بەگ مەھەللىسى،
تۇرۇمتاي كۆلبېشى،
سەي(كۆكتات) بازىرى،
قۇرۇقتېرەك مەھەللىسى،
زوھىرىدىن بەگ كوچىسى،
جانان كوچىسى،
ئۆستەڭ بويى زەرگەر مەسچىت مەھەللىسى،
گوداڭ كوچىسى،
بۆشۈك بازىرى،
قادىربەگ ھاجى مەھەللىسى،
چۆگۈنچى ھاجى مەھەللىسى،
ئېگىزئېرىق بېشى مەھەللىسى،
باغ كوچىسى مەھەللىسى،
ئەنجان رەستە كوچىسى،
نادىرخان ھاجى كوچىسى،
ئەنجان كوچا مەھەللىسى،
لىجىڭ يامۇل كوچىسى،
خوجا ئەررار ئاخۇنۇم كوچىسى،
داموللا ھاجى كوچىسى،
باغچە كوچا،
سېپىل تۈۋى كوچىسى،
نور بېشى مەھەللىسى،
يۇمىلاق شەھەر كۆلبېشى مەھەللىسى،
كونا قازىخانا مەھەللىسى،
ياغاچچى كوچىسى،
زەردەك بازىرى مەھەللىسى،
قاسقان بازىرى كوچىسى،
تاغارچى كوچىسى،
ئارىپ ھاجى كوچىسى،
سۈت – قايماق كوچىسى (موفاڭ كوچىسى)
ئىمىن خەلپىتىم كوچىسى،
ئاتۇش مەھەللىسى،
جىڭچى كوچىسى،
موللاخۇن خەلپىتىم كوچىسى،
يېڭى ئاچقان دەرۋازا.
شەھەر سىرتىدىن قېتىلغان كوچا، مەھەللىلەر:
كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى،
ئاراتۈمەن بويى مەھەللىسى،
گۈزەر،
چاۋاك مەھەللىسى،
گۆر مەھەللىسى،
پاخال بازىرى مەھەللىسى،
چىنەباغ مەھەللىسى،
گۈلباغ مەھەللىسى،
كونا ياغاچ بازىرى مەھەللىسى،
گۆر ئۆستەڭ مەھەللىسى،
پاختابازىرى مەھەللىسى،
توخۇ بازىرى،
تاش بازىرى،
خوجام كۆلبېشى مەھەللىسى،
يېڭى جاي مەھەللىسى،
http://www.1miskal.com/forum.php?mod=viewthread&tid=339
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-13 06:42 PM