|
قايتالمىدۇق <ئاپپاق ئاي >
دوستۇمنىڭ ئەسىرى ئىدى يوللاپ قويدۇم قىزىقارلىقكەن .
بىرىنجى قىسىم
مۇئەتتەرنىڭ گېپىنى قىلىشىپ شۇ تونۇشقان يىللار يادىمغا كېلىپ قالدى.
تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىققا چىققان كۈندىن باشلاپ تەكرار,مۇزاكىرەدىن باشقا ھىچقانداق يېڭىلىق يوق ئىدى,شۇ يىللىرى ياپونىيەنىڭ ۋاسكىتبول ماھىرى دىگەن كارتون مودا بولغاچ مەكتەپتىمۇ تولۇق يىللىقلارنىڭ مۇسابىقىسى ئەۋج ئېلىپ كەتتى,ئىككى يېقىن ئۆتىدىغان دوسلۇرۇم كۈندە مۇسابىقىنىڭ جىدىلىنى قىلاتتى ,سۆرۈلۈپ مەيدانغا چىقىپ كۆرەتتۇق,تولۇقسىز ھاياتىمىزدا ئەزەلدىن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولسا ئارغامچا تاخلاشقىمۇ قاتناشمايدىغان , قار ياغسىمۇ گۈرجەكنىمۇ ئوڭشاپ كۆتىرەلمەي مۇئەللىمدىن "سىلەر پەقەت ئابىدە بولۇشقا يارالغان "دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بىز تۇيۇقسىزلام پۇتبول ۋاسكىتبولغا قىزىپ قالغانلىقىمىزدىن سىنىپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ھەيران بولۇشتى,شاشراقلىرى مەقسەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندى,پارتىيە بالىلىرى يېشىل ھەركەتلەرگە قىزىقىش ماختاشقا ئەرزىيدۇ دەپ سۆيۈندى,ئەمدى بۇ ئىككىسىنىڭ نېمە كۆرىۋاتقانلىقى ئۆزىگە ئايان ئىدى,بىر قېتىم ئا كوماناندا ئۆزىنىڭ ۋارتاسىغا توپ كىرگۈزۋەتكەندە بۇ ئىككىسى چاۋاك چېلىپ چۇقىرشىپ كەتكەن ئىدى,ئۈچىمىز بولمىسا ئا كوماندىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدۇق,ھەممىسىنىڭ كۆزى بىزدە,ئاسمان ئېگىز يەر قاتتىق ھالەتتە,مەسخىرە ئارلاش كۈلۈشلىرىنى كۆرۈپ ھوپ قىپلام بىرسىنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ قالسامچۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم .
-قىزلار نېمىشقا توپ ئوينىمايدۇ بىلەمسىلەر -دىدىم مۇسابىقە كۆرىۋىتىپ.
-نىمىشقا؟
-چۈنكى ئونبىر قىز بالا ئوخشاش كىيىم كىيىشكە چىدىمايدۇ دە -دىدىم كۈلۈپ.
-ھا ھا ما گەپنى ,ئەمسە مەكتەپ فورمىسىچۇ-دىدى ئالىيە.
-كىيمەي كەسەڭ ئاسىي گۇناكار بولىسەن شۇ.
تۇيۇقسز ھەممە ئادەم چۇقىرشىپ كەتتى ,بىز نىم بوغىنىنى بىلمىدۇق.
-مانا قاراڭلار,سىلەر گەپكە تۇتۇپ نىم بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم -دىدى گۈلمىرە نارازى بولۇپ.
-قۇلقۇڭ بىزدە بولغان بىلەن كۆزەڭنى بىز توسۇۋالمىدۇققۇ,سەن شۇ سالپاڭ قۇلاقنى كۆرسەڭلا بولىدۇ.-دېدى ئالىيە.
-ئۇنىڭ قۇلىقى كۆزەڭنى توسۇۋالغان ئوخشايدۇ,ئاستا گەپ قىلىڭلا,يوغان قۇلاق ئادەمنىڭ قۇلىقى بەك ئىشلەمىش,ھېلى قۇلىقى بىلەن كېلىپ سىلەرنى ئۇرۇپ كەتمىسۇن-دىدىم شىمىشكەمنى چاققاچ.
دوستۇم گۈلمىرەنىڭ توپ كۆرۈش مەخسىتى خالمۇراتنى كۆرۈش ئىدى,ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇرۇن بىر مەھەللىدە چوڭ بولغانمىش,كېيىن كۆچۈپ كېتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەندە ئۇچرىشىپ قاپتەك,
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ھەر مۇسابىقىدە بىزنى تارتىپ چىقاتتى,بۇ بالنىڭ قۇلىقى ئادەتتىكى ئادەمنىڭ قۇلقىدىن بىر يېرىم ھەسسە يوغان بولۇپ چېچى بەك قىسقا بولغاچ قاتتىق شامال چىققاندا ئىككى قۇلىقى بايراقتەك لەپۈلدەپ بېشىغا ئۇرۇلۇپ تاق تاق تاق قىلىپ كېتىدىكەن,
بۇنى بىر قېتىم ئالىيە بىلەن ئىككىسى تازا بوراندا كېتىۋاتسا خالمۇرات ئۇچراپ قېلىپ ئەتىسى بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى,دىمىسمۇ ھەر بىر قېتىم مۇسابىقىدە ئۇنىڭ بايراقتەك لەپىلدەپ تۇرغان قۇلىقىنىلام كۆرەتتۇق,بىرە قېتىم توپنى كىرگۈزۈپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى سىنىپىدىلەر"قۇلقۇڭنى تېشىپ كەينىگە باغلاپ قويساق بولاتتى "دەپ چىشغا تېگىدىكەن,ئەمما قۇلقى يوغان بولغاچقا دەرستە بەك ئەلاچى,تۆتتە گۈزەل بەشتە ياخشى سىنپنىڭ ئۈلگىسىمىش.
ئەمدى گۈلمىرە ئالىيەنى كۈندە سۆرەپ چىقىپ بۇ كېسەل يۇقتىمۇ ئۇمۇ شۇ سىنىپتكى بىرىگە كۆيەپ يۈردى,ئۆزى خېلى قاملاشقان بالا ئىدى ,بۇمۇ تۆت گۈزەل بەش ئالتە بولۇش سېپىدىكى بولۇپ ئەمما قاچانلا مۇسابىقىدە تاسمىسى بوساپ كەتكەن ئىشتاننى يۇقىرغا تارتىپلا ئاۋار بولاتتى,بىز دائىم ئالىيەگە چاقچاق قىلىپ "مۇسابىقە كۆرگەچ ئارغامچا ئەكىلىپ تامبالدىن بىرنى توقۇپ ئولتۇرساڭ بولمامد ۇ دەپلا چىشىغا تېگەتتۇق,بۇ بالنىڭ ئىسمى رېقىپ بولۇپ ئادەتتىمۇ ئىشتاننى تارتىدىغان ئادەت بارمۇ بىلمىدىم ,تېشىدا زىنھار كۆرۈپ باقمىدىم ,مۇسابىقىدىن باشقا ۋاقىتتا مەكتەپتە ئۇچراتقىلى بولمايتى.
ئەمدى ماڭا كەلسەك ئىسمىم سەرۋەر,مۇسابىقە كۆرۈش مەخسىتىم بۇلارغا ھەمرا بولۇش ,كۆرمەيمەن دىگەنگە ئۇنىماي سۆرەپ چىقىدۇ بەزىدە,كۈندە بىزدە ئاق رەڭلىك شىمىشكە ئايرىلمايدۇ,مۇسابىقە بولمىغان كۈنلىرى دەرستىن چۈشۈپ مەيداننىڭ بىر بۇلىڭىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكەن كەتكەننىڭ سۈپىتىنى سۆزلەپ ,ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىڭ ,سىنىپلاردا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئاڭلىغان كوچا پاراڭلىرىنى ئۆز -ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ
ئاق شىمىشكىمىز تۈگىگەندىن كېيىن شەرەپلىك ۋەزىپىمىزنى تۈگىتىپ ماڭاتتۇق,بەزىدە مۇسابىقە كۆرىۋىتىپ ئۇلارنىڭ قۇلاق مېڭىسىنى يەۋىتەتتىم.
تولۇقسىز يىللىق بىلەن تولۇق يىللىقلارنىڭ بىناسى ئايرىلىپ تۇراتتى,ئۇلار ئالدىدىكى بىنادا بىز كەينىدىكى بىنادا تۇراتتۇق .
بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ مۇئەللىمنىڭ يۈگە يېتىم ئىشىنى قىلىپ تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى ئىشخانىغا ئېلىپ چۈشىۋېتىپ ,قايتا تۆرەلگىلى ماڭغان بىرسىگە سوقۇلۇپ كېتىپ پۈتۈن دەپتەر چېچىلىپ كەتتى,ئۆزۈم سەل يوغان بولغاچ ئۇنىڭ ئوقتەك ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بەدىنىگە تېگىپ سەنتۈرلۈپ كەتتىم ,بۈگۈن يۈگە يېتىمدا مۇئەللىمنىڭ بىكا تېپىۋالغان ئېشىكىدەك تولا سوكۇلداپ ئاچچىقىمنى ئالدىغان يەر تاپالماي تۇرغاندا
مانىڭ ئۇدۇل كېلىپ قالغىنى,سوقۇشاي دەپ دەر-غەزەپ بىلەن ئارقىمغا قارىشىم
ئۇ دەرھاللا كەچۈرۈڭ كەچۈرۈڭ دەپ كەتتى,ئۇ پەلەمپەينىڭ يۇقىرى قىسمىدا مەن تۆۋەنكى قىسمىدا,ئۇنىڭ كەينىدىكى ئەينىكتىن كىرگەن قۇياشنىڭ نۇرى,ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كۆزى,ئوھۇي خۇددى كۈل قىزنىڭ ئىچىدىكى بېشىغا تاجا تاقىغان شاھزادە ماڭا قاراپ قولىنى ئۇزارتىۋاتاتتى ...
-ئىمتىھانغا كېچىكىپ قالماي دەپ ,كەچۈرۈڭ,مەن يىغىشىپ بېرەي.
مەن خۇددى قىرىق يىل ئاپتاپ كۆرمىگەن ئاپتاپ پەرەس تۇيۇقسىز قۇياش جامالىنى كۆرگەندە يۈزىنى ئاپتاققا قاراتقاندەك كۆزلىرىمگە كۈلكە ي
يۈگۈرتۈپ ئۇنىڭغا ئىللىققىنا:
-ھېچقىسى يوق ,ئىمتىھانغا كىرىۋېرىڭ ,مەن ئۆزۈم يىغاي -دىدىم .
ئۇنىڭغا ماندالا تەكەللۇپ قىلىپ قويسام ماقا دەپلا سېكونىتنىڭ ئىچىدە غايىپ بولدى,ئوھۇش دىدىمدە ئەخلەت تېرىغاندەك ئۆمىلەپ يۈرۈپ دەپتەرلەرنى تېرىپ چىقتىم.
ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇنى مەكتەپتىن ئىزدەشكە باشلىدىم ,ئىككى دوستۇمغا تولا تەرىپلەپ بېرىپ ئاغزىمدىن چاقماق كوپتا دەپ بولغۇچە سېكونىتقىچە ئۇ ئىككسى ئۇخلاپ قالىدىغان ھالەتكە كەلدى.
خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ مەيدانغا چىقساق مۇسابىقە باشلىنىپ كېتىپتۇ,بىر يەرلەردىن ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ قالدىم ,مۇسابىقە تۈگەي دىگەن چىراي ئۇ تۇيۇقسىزلام ۋاش ۋۇش قىلىپ توپنى كىرگۈزۋەتتى,كۆرىۋاتقان بىر نەچچە قىزلار سىنىپىدىكى قىزلارمىكىن بىرنىمىلەرنى دەپ غەيرەت قىل دەپ ۋاقىردى.
-ئىسمىنى نىم دىدى؟ئەتتىر دەمدا؟-دىدىم ئالىيەگە قاراپ.
-مەنمۇ شۇندا ئاڭلىدىم قازاق ئوخشىمامدۇ؟
-ئاداش ,بىزنىڭكىنى ياراتمايۋاتىتىڭ ,ئەسلى باشقا مىللەتكە ئامراق كەنسەندە,جاخسى جاخسى.
بىز چىقىپ بىردەمدىلا مۇسابىقە ئاياغلاشتى ,سالپىىپ ئۆيگە كەتتىم ,نەچچە كۈنگىچە ئۇ ئىككىسى ماڭا قازاقچە سۆزلەپ بېشمنى ئايلاندۇردى.
-ئاداش ,بىزنىڭ سىنىپتىكى قازاق ساۋاقدىشىمىزمۇ تونۇيدىغاندۇ.
-ئۇ يەرشارىلىق ئەمەس,ئۇ مارىستىكى ئادەملەر بىلەن ئارلىشىدۇ دىدىم .
چۈنكى بۇ قازاق ساۋاقدىشىمىز ھىچكىم بىلەن ئارلاشمايتى ,ھەتتا بىر يىللىقتىكى قازاق بالىلار بىلەنمۇ پاراڭلاشمايتى ,پات پات مېنى سىلەر چۈشەنمەيسىلەر دەپ قوياتتى ,شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى يەر شارىنىڭ ئادىمى ئەمەس دەپ بىلەتتىم.
نەچچە كۈن ئۆتۈپ خەنزۇچە دوسكا ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدۇق,خەنزۇچە مۇئەللىمنىڭ بۇيرىقى بويىچە ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ باشلىقىنى ئىزلەپ ماقالىنى ئالماقچى بولۇپ ئەخلاق ئىشخانىسىغا ماڭدىم ,ئىشخانىغا كىرسەم مېنى بىر دەم ئولتۇرۇپ تۇرشۇمنى ,ئويۇشما باشلىقى ھازىر چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى,ئۇنداق كاتتا ئەزالار بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغاچ قورۇنۇپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇردۇم .ئۇ تامغا بۇ تامغا قاراپ ئولتۇرسام ئىشىكتىن بىرى كىردى,ئىزدەپ يۈرگەندە ئۇچرىمايدۇ ,مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇچراپ قېلىشى,چۈشتە يېگەن جۈسەي مانتىسى چىشىمغا چاپلىشىپ قالمىغاندۇ دەپ ئەنسىرىپ چىشىمنىڭ ئارسىدىن گەپلىرىمنى سۈزۈپ سۈزۈپ چىقىرۋاتاتتىم ,گېپىمنىڭ ئالدى كەينى قولاشماي ئىشقىپ ئۇ چۈشەندى بولغاي قولامغا بىر ۋاراق قەغەزنى تۇتقۇزدى,ئۇنىڭ قولى قولۇمغا ئۇرۇپ كەتكەندە 220 ۋاتلىق توكمېنى سوقۇۋەتكەندەك خۇددى يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ بەدەننى تېشىپ پۈتۈن تاملارغا ۋاس ۋۇس ۋاس ۋۇپ قىلىپ ئۇرۇلۇپ قايتا قېپىغا چۈشۈپ پولتۇڭ پولتۇڭ قىلىپ كېتىپ باراتتى ...
تېگىپ كەتكەن قولامنى قاتتىقراقمۇ يۇيمىدىم ,خۇددى قولام ئۇپىراپ كېتىدىغاندەك,ئەڭ چوڭ غەلبە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ مۇئەتتەر ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم .
-خاتا ئەمەستۇ ئىسمى -دىدى ئالىيە.
قەغەزدە ئۇيۇشما ھەييىتى مۇئەتتەر,گۈلجامال دەپ تۇرسا.ئۇنىڭ ئىسمى ئەجىبا گۈلجامالمىدۇ؟
-گۈلجامالنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇ -دىدى گۈلمىرە بىزگە قاراپ.
ئالىيە ئىككىمىز بىر بىىرىمىزگە قاراپ قويۇپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق.
بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە بىز گارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردۇق,ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىپ چاۋاك چېلىۋاتقان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ۋاقىراۋاتقان ھەربىر قىزلارغا بىردىن ئالىيىپ چىقتىم,ئىككىسىمۇ ماڭا"تەڭ ئالىيىشىپ بېرەيلى "دەپ كۆزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ تۇردى.
بىرىنجى مەيدان تۈگەپ ئىككىنجى مەيداندا ئۇ مەيدانغا چۈشمەي گارنىڭ ئاستىدا ئولتۇردى,تۇيۇقىسىز كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇ بىز تەرەپكە كۈلۈمسىرىدى,مەن كەينىمگە قارىسام ئادەم يوق ,باشقىلارغا قارىغان چېغى دەپ ئولتۇرۇپتىمەن .
-ئاداش ,ئۇ بايام ماڭا قاراپ كۈلدۇمۇ نېمە؟
-يۈزى تاتىشىپ قالغاندۇ,كۈلدى دەپ ئويلاپ قاپسەن ,جىق ئويلىما.
-راس ,سېنى تونۇغان بولسا ئالدىنقى قېتىم گەپ قىلار ئىدى ,يۈزى تاتىشىپ شۇڭا مۇسابىقىگە چۈشمىگەن گەپ.
دېدى گۈلمىرە.
ئالىيە ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ ئۇف تارتىپ قويدۇق.
-ھېي گۈلمى ,باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە ئەقلى ئىقتىدارىڭنى تەكشۈرتۈپ باققانمۇ؟ياكى كىچىكىڭدە قاتتىق قىزىپ كەتكەندە مېڭەڭ كۈيۈپ كەتكەنمۇ -دىدىم مەن.
-ئاداش بۇ چۈشەنمەيدۇ ,قۇلىقىنى سوزۇپ ئاۋۇ كۈيۈپ يۈرگەن ئەنجۈر قۇلاق بىلەن ئوخشاش قىلساق چۈشۈنۈپ قالارمىكىن -دېدى ئالىيە ئۇنىڭ قۇلقىنى سوزۇپ.
نەچچە كۈن بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىرىگە يالۋۇرۇپ مۇئەتتىرنىڭ كوت كوتىنى تاپتىم نومۇرنى قولۇمغا ئېلىپ نوم ئەكەلگەن تاڭ راھىپتەك تورخانىغا قاراپ مەن كەلدىم دەپ يۈگۈردۈم ۋە قېتىۋالدىم .ئۇنىڭ كوت كوتىدىكى ئىسمىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئىلمى بولۇپ "ئېتىقاد ۋە غەيرەت "ئىكەن.
مېنىڭ بولسا "يۈگرەۋاتقان پولو" ئىدى.
ئۈچ كۈندىن كېيىن كىرسەم ئۇمۇ مېنى قوشۇۋاپتۇ,بىردەم ئۇنى بۇنى كۆرىۋاتسام ئۇنىڭ باش سۈرىتى ياندى ,بىر ھازادىن كېيىن ماڭا:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەرۋەر قىز -دەپ خەت ئەۋەتتى.
ئەسلى نومۇرىنى ئېلىشتىن بۇرۇن مېنىڭ سورىغىنىمنى دەپ بوپتىكەن ,شۇ كۈنى خىجىلچىلىقتا بەك تەستە پاراڭلاشتۇق.
|
|