تاماقتىن چۈشكەندىن كېيىىن شاھانە سۆھبەت سورۇنى قۇرۇلدى.شاھلار بۇ سورۇندا يانمۇ-يان ئولتۇرۇشۇپ خۇش كەيپىياتتا بىر-بىرى بىلەن ئۈلپەت بولۇشتى.داڭدار ھاپىزلار يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرسە،سازەندىلەرمۇ سازلىرىنى ماھىرلىق بىلەن چېلىشىپ ھوزۇر بەخش كۈيلەر بىلەن ھاپىزلارنىڭ ناخشىلىرىغا جان قوشاتتى.بۇ شاھلارغا خاس ئالىي دەرىجىلىك مېھماندارچىلىق بولغاچقا مېھمانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەممىلا نەرسە ئەڭ ئېسىل،ئەڭ قىممەتلىك بۇيۇملار ھېساپلىناتتى.مەسىلەن مېھمانلار مەي ئىچىۋاتقان مەي جاملىرىنىڭ ھەممىسى گۆھەردىن ئېدى.ئاش تارتىشقا ئىشلىتىلگەن لىگەن ۋە تاۋاقلار بولسا ساپ زەردىن ياسالغان ئېدى.ساقىنىڭمۇ بېشىغا كىيگەن كۇلاھى زەردىن،كىيگەن كەشلىرىنىڭ نەقىشى گۆھەردىن ئېدى.سورۇندىكى دوستلاردىن گۈل ھېدى كېلىپ دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ ھۆر-غىلمانلاربىلەن بىرگە ئولتۇرغاندەك تەسىرات بېرەتتى. شۇڭا بۇ جاي شەنگۇلنى ھەيرەتكە سېلىپ قويدى.ئۇ:
-بۇ ئىران بىھىشمىدۇر ياكى پانىي دۇنيادىكى گۈلزارمىدۇر؟!-دېگەنلەرنى ئويلاپ تەئەججۈپلىنەتتى.
بۇ ئازادە مېھماندارچىلىقتىن ئۇنىڭ روھىكۆتۈرۈلۈپ قالغان بولغاچقا كۆڭلى كۆپرەك مەي ئىچىشنى خالاپ قالغان ئېدى.
مېھماندارچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەنگۇلئىران شاھىغا دىل سىرىنى ئېچىپ قىزىنى كۆرۈش ئىستىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.شاھ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرماق بولۇپ ئۆزىنىڭ يېقىن خادىملىرىدىن بىرىگە :‹‹ئۇ ئاي يۈزلۈكسەنەم شۇ ھامان بۇ يەرگە كېلىپ شاھ ئاتىسى بىلەن كۆرۈشسۇن،دەرھال بېرىپ چاقىرىپكەل!››-دەپ بۇيرۇدى.
شەنگۇل قىزىنى ئۆز سارىيىدا، ئۆز ھالى بىلەنكۆرۈشنى ئىستىگەن بولغاچقا خادىملار ئۇنى قىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكسارىيىغا-ئىچكىرىگە باشلاپ ماڭدى.ھىندى شاھى ئۇ يەردە بەئەينى نەۋ باھاردەك ياشنىغان بىر ساراينى كۆردى.قىزى ئۇ سارايدىكى شاھلارغاخاس زەر تەخت ئۈستىدە خۇددى كۆكتە پارلىغان تولۇن ئايدەك ئىللىق كۈلۈپ نۇرانەقىياپتتە ئولتۇراتتى.شۇ تاپتا ساراي- قىزغا،قىزمۇ سارايدىكى گۆھەر نەقىشلىك تەختكەخويمۇ ياراشقان ئېدى.شاھ ئاتىسىنى كۆرگەن مەلىكە يۈگرەپ ئالدىغا كېلىپ تازىملەرقىلىپ ئۇنىڭغا چىن دىلىدىن ھۆرمەت سالىمى قايتۇردى.شەنگۇلمۇ ئۇنى باغرىغاچىڭ بېسىپ چوڭقۇر سېغىنىشلىرىنىئىپادىلىدى.ئاتا قىزىنىڭ پىشانىسىغا مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويغان چاغدا سېغىنىشتىنھاياجانغا چۆمگەن مەلىكە قىز ئىللىق ياشلىرىنى ئاققۇزدى.
ئاتا قەلبىدە پەرزەنت مېھرى جۇش ئۇرۇپ زار يىغلىسا،قىزىمۇ سېغىنىچ سېھرىدىن گىريانئېدى.شەنگۇل بۇ ھەشەمەتلىك قەسىر ئايۋاندا قىزى بىلەن دىدارلىشىپ ۋە شاھانە مېھمانبولۇپ شادلىققا چۆمدى.شۇ خوشاللىقىدا قولىنى سېخىيلىق بىلەن ئېچىپ مۇبارەكبادقىلىپ كۆپلىگەن دىنار يامبۇلارنى دەرۋىشلەر ۋە يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپبەردى.سۆھبەت ئارىلىقىدا ئۇ قىزى سەپېنۇدقا ئىران ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپشۇنداق دېدى:
-بۇجاي بەئەينى بىھىشنىڭ ئۆزىلا ئىكەن.بۇندا بەخت-سائادەت،بۇندا تاج-ساراي ،دۇنياھوزۇرىنى سۈرەي دېسە ھەممىلا نەرسە تېپىلىدىكەن. مەن بۇ جاينى ياخشى كۆرۈپقالدىم.قىزىم، ئامىتىڭىز بار ئىكەن.مەن سىزنى قۇتلۇقلايمەن!
شەنگۇلئۆزىگە شاھ بەھرام بەرگەن زىبۇ-زىننەت،گۆھەر-ياقۇت،زەرلىك كىمخاپ،نەچچە مىڭ ھەميانتىللا قاتارلىق بارلىق سوۋغا-سالاملارنى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن سوۋغىلار بىلەن قوشۇپقىزىغا تارتۇق قىلىپ بېرىۋەتتى.سوۋغىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن قەسىر ئىچى زەر چاچقۇ بىلەنتولغاندەك بولدى.بۇلار ئارىسىدا ھەرقانداق داڭدار دانامۇ باھاسىنى بىلەلمىگۈدەكدەرىجىدىكى بىباھا سانىلىدىغان گۆھەر كۆزلۈك زەر تاجلاردىن نەچچە ئونى بار ئېدى.
قەسىرىدكىكۆرۈشۈش تۈگىگەندىن كېيىن شەنگۇل خۇرسەنتلىك ئىچىدە شاھ بەھرام يېنىغاقايتتى.ئۇنىڭ ۋۇجۇدى شادلىققا بەند بولۇپ ئېيتقۇسىز دەرىجىدە خۇرسەن بولغان ئېدى.ۋۇجۇدى ھاياجانغا چۆمۈپ روھى تاغدەك كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئېدى.شاھ بەھرامنىڭمېھمانخانا سارىيىدا شاھانە مېھماندارچىلىق يەنە داۋاملاشتى.ھىندىستاندىن كەلگەنسەردار ۋە سىپاھلار قانغۇچە يەپ ئىچىپ شاھانە مەيلەر كەيپىدە شادلىق پەيزىنىسۈردى.مۈشك رەڭ ئاسمان چېدىرىدا تۈن پەرىسى پەيدا بولغاندا پايانسىز ساما يورۇقيۇلتۇزلار بىلەن قاپلاندى.مەيخورلار خۇش كەيىپ بولۇشۇپ چۈشكۈنلىرىگە قايتىپ شېرىنئۇيقىغا ئەسىر بولدى. خىزمەتكارلار شەنگۇلنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن كۆركەم ئارامگاھ تاللاشتى.
ئەتىسى سەھەردە شەرىق تەرەپ ئاقىرىشقا باشلاپ ئوتقاشتەك گۈزەل ئۇپۇق ئارىسىدىن يېڭى ئالتۇن جام كۆرۈندى.ئۇ ئالتۇن جام ئىچىدىنتېخىمۇ پارلاق نۇرلارنى چېچىپ مىسلى شاھانە مەي قىيامىدەك قىپقىزىل قۇياشكۆتۈرۈلۈپ چىقتى.ئۇنىڭ كۆتۈرىلىشى بىلەن ھەسەتخورنىڭ يۈرىكىدەك قاپقارا تۈن چېدىرىنى نۇر باتۇرلىرىپارە-پارە قىلىپ مەردنىڭ قەلبىدەك بىپايان دالىلارنى ھېقىق ۋە بىللۇر كەبى رەڭدارنۇرلار بىلەن بېزىدى.شاھ بەھرام ھىندى شاھىنى ھەمراھ قىلىپ قۇلان شىكارىغاچىقتى.لاچىن ۋە شەھبازلار دەشت قوينىغا ئۇچۇرۇلدى.ئۇچقان قۇشلار كۆكتە پەرۋازقىلىشىپ دالىدىكى سان-ساناقسىز قۇلان ۋەكىيىكلەرنى ئوۋ قىلىشقا باشلىدى. ئوۋ قىزىپ غەنىيمەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىشكەباشلىدى.دەل بىر ئا ۋاقىت دەشت قوينىدا شۇ خىلدا ئۆتۈپ كەتتى.بۇندا ھەر بىر دەمكۆڭۈللۈك ئوۋ،ئۇنتۇلماس ئويۇن-تاماششىلار بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتتى.بارچە غەم-ئېسەلەرتامام ئۇنتۇلدى.
ئاسمانغا يېڭى ئاي كۆتۈرۈلۈپ چىققاندا ئۇلارئوۋنى تاماملاپ شەھەرگە قايتىپ كىرىشتى.شەھەردىكى شاھ سارىيىدا يەنە يېڭى-يېڭى بەزمىلەرباشلىنىپ كۈنلەر شادلىق ئىچىدە ئۆتتى.شەنگۇل شاھ بەھرام بىلەن ئىستىراھەتتە بولۇپقۇلان شىكارىدىمۇ،مەيخورلار بەزمىسىدىمۇ راھەتتە ئۆتتى.ئۇلار مەيلى مەيدان،مەيلىمەجلىسلەردە بولسۇن ئۆز-ئارا ئىتتىپاقبولۇپ يېقىن ئۆتتى.شەنگۇل شاھ بەھرامدىن بىر كۈنمۇ نېرى بولمىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-13 04:55 PM