مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 5

مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلارغا قۇتلۇق كۈن بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 08:01:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەردە مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلارغا قۇتلۇق كۈن بولىدۇ


   بۇنىڭدىن 10 يىل مۇقەددەم قەشقەر شەھىرىدە ھاجى ئاتىكە مىرئەخمەت باشچىلىقىدىكى 36 نەپەر پېشقەدەم مېھرىبان ئانا ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، ساخاۋەتلىك ئىشلارنىڭ بىر يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. مانا شۇنىڭدىن بۇيان، بۇ شاپائەت پەرۋىشكارلىرى سەمىمىيەتنى بايراق، مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈشنى قانات قىلىپ، سانسىز قەلىب ئاسمىنىدا يۇرۇق يۇلتۇزلاردەك چاقنىدى: ئۇلار ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھايات شاملىرىنىڭ نۇرىنى تېخىمۇ جۇلالىتىپ، سېخىي، كەڭ ئالقان كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلىدى ھەمدە غەمكىن، ئىلاجىسىز قالغان كىشىلەرنى يۆلەپ، ئۇلارنى ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان رىغبەتكە ئىگە قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك ئىشى ۋە تۆھپىسى شۇكى، 1 مىليۇن 81 مىڭ 480 يۈەن يىغىش قىلىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان 427 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى مەكتەپ پۈتكۈزۈش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بار، ئاجىز، مېيىپ، يېتىم- يېسىر، كېسەلچان كىشىگە ھەم مېھىر بەردى، ھەم ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، قىيىنچىلىقنىڭ دىشچارچىلىقىدىن قۇتۇلدۇردى.

   بۇيىل 4- ئايدا ئاپتونۇم رايون بويىچە مېھرىبان ئانىلارنى توردا باھالاش پائالىيىتى باشلانغاندا، قەشقەر مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھاجى ئاتىكە مىرئەخمەت ئاۋامنىڭ بېلەت تاشلاشتىكى يۇقىرى رېكورتى بىلەن «مۇنەۋۋەر ئانا» بولۇپ باھالاندى. بۇ شەرەپ قەشقەرنى شادلىققا تولدۇردى، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. قەشقەردىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئىشقا ئەستايىدىل قاراپ، ئۇنى قەشقەر خەلقىنىڭ ئۇتۇقى سۈپىتىدە تەبرىكلەش، ئۇتۇقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن يەنىمۇ يۇرۇق يول ئېچىش مەقسىتىدە، قەشقەر مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى ھەمدە تەييارلىقلارنى پۇختا ئىشلىدى.

    6-ئايىنىڭ 14- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈش پىلان قىلىنغان بۇ پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت داۋامىدا   مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق جەمئىيەتكە مېھرىبانلىق ئۇرىقىنى يەنىمۇ كەڭ چاچىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 08:07 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73415
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 12:30:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن قۇتلۇقلاشقا تىگىشلىك ئىش بوپتۇ . مىھرىبان ئانىلار ، ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمىيىتىنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى تىلەيمەن .
بۇ جەمىيەتنىڭ قولايلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلىدىغان دوسلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشىنى سورايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 01:41:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېنىق ئورنى قەيەردىكەن؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75600
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3447
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 04:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن،ساخاۋەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1866
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 09:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

.       . .    .  

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2732
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9486
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 04:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش