|
|
|
|
تەيۋەن «ئەلباشى»مايىڭجىيۇ مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ئىككى قىرغاقتا ئىش بىجىرىش ئورگانلىرىنى قۇرۇشنى بېيجىڭ،شاڭخەي،گۇاڭجۇلاردا ئىش بىجىرىش ئورگانلىرنى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بۇنداق قىلىشنىڭ بىر تەرەپتىن : تەيۋەن سودىگەرلىرىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر تەرەپتىن ۋىيزا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلاردا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن«ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ مۇشۇ 11-كۈنى خەۋەر قىلشچە ، مايىڭجيۇ گومىنداڭ پارتىيسى(دۆلەت ۋە مىللەت پارتىيسى)« دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسى »ئۇيۇشتۇرغان چوڭ قۇرۇغلۇق،تەيۋەن سودا سانائەت ساھەسىنىڭ ئورتاق مۇھاكىمە مۇنبىرىدا قىلغان تەبىرىك سۆزىدە يۇقۇرقى سۆزلەرنى قىلغان.
مايىڭجىيۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چوڭ قۇرۇغلۇق يەنىلا بىزنىڭ «ئاساسى قانۇندىكى دۆلەت زىمىنمىز» شۇڭلاشقا بىز دۆلەت زىمىنمىزدا يەنە بىر دۆلەتنىڭ بۇلۇشىنى ئېتراپ قىلمايمىز. شۇڭا ھازىر ئىككى تەرەپ «ئىگىلىك ھوقۇقتا بىز-بىرنى ئېتراپ قىلماسلىق، باشقۇرۇش ھوقۇقىدا بىر-بىرگە بويسۇنماسلىق »پىرىنسىپى بۇيىنچە نۆۋەتتىكى قىيىنچلىقلارنى ھەل قىلىپ كەلدى.
مايىڭجىيۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ مۇناسىۋتى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتورسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەس ،بەلكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت. ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى گومىنداڭ سىياسىتىنىڭ ئاچقۇچى بولغان «ئاساسى قانۇن »رامكىسى ئاستىدا تەيۋەننىڭ « بىرلىككە كەلمەسلىك، مۇستەققىل بولماسىلىق،ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەسلىك»تەك ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ «92-يىل ئورتاق تۇنۇشى ، بىر جوڭگو ئىككى ھۆكۈمەت»ئاساسىدا ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن . مۇشۇ رامكا ئاساسىدا 5يىلدىن بۇيان ناھايىتى مۇقىم بولغان ۋەزىيەت شەكىللىنۋاتىدۇ.
مايىڭجىيۇ سۆزىدە ؛«ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن تەيۋەننىڭ سىياسەت بەلگىلەش تەرتىپى «ئاۋال جىددى ئاندىن ئاستا» ،« ئاۋال ئاسان ئاندىن قىيىن» ، «ئاۋۋال ئىقتىساد ئاندىن سىياسىي» بۇلۇپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى 3يىلغا يەتمىگەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئىككى قىرغاق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى « ئىككى قىرغاق مۇناسىۋتىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى قىرغاقتا ئىش بىجىرىش ئورگانلىرنى تەسسى قىلىش ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ خەلىقلەر مۇناسىۋتى نىزامىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت 3 يۈنۈلۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
مەنبە: خەنچە يەرشارى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
http://taiwan.huanqiu.com/news/2013-06/4020210.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-13 04:24 AM
|
|
|
|
|
|