نامىزىڭنى زايە قىلماھەمشىرەم
بەش ۋاق ناماز پاك ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ،
بەش ۋاق نامازدىنىمىزنىڭ تۈۋرۈكى .
ناماز شۇڭاپىردەۋىسنىڭ يولخېتى.
نامازدىسەن سەن بىناماز ئەمەسسەن.
نامىزىڭنى زايە قىلما ھەمشىرەم.
ئىخلاس بىلەن ئۇقۇپ ئۆيدە نامازنى ،
سىرتقا چىقساڭ تاشلاپ ھەتتا رۇمالنى ،
كىيىپ ئىشتان نېپىزيۇققا كىيىمنى ،
ئايان قىلىپ نازۇك زىبا ھالىڭنى ،
نامىزىڭنى زايە قىلماھەمشىرەم.
چۇققىمىزدىن تاپانغىچە ئەۋرەتتۇر،
ئۇنى يېپىش بىزگەمەڭگۈ پەرىزدۇر.
خامىليۇندەك بۇلساق ساۋاپ ھەقىردۇر.!
ئەقىدەمنى ياتتىن پىنھان تۇتاي دەپ،
نامىزىڭنى زايە قىلماھەمشىرەم.
مۇسلىمەگە خاس سىياقتا يۈرىۋەر،
ئىتلار قاۋار لېكىن كارۋانلار يۈرەر.
ئاييۈزۈڭدىن ئۆزگەيەرنى ياپ سىرتتا،
چۈمپەردىگەئۆزرىلىكمىز ھەق بىلەر....
نامىزىڭنى زايە قىلماھەمشىرەم.
بىر ئاجايىپ زاماندىمىز ھەممىمىز،
يەكلەشلەرگە دۈچ كەلدى پاك دىنىمىز.
نۇر ۋە زۇلمەت يوللىرىنى كۆرسىتىپ،
سالىھلارنى سىنىغاندۇر رەببىمىز.
ناماز ئۇقۇپ يەنەياتتەك ياسىنىپ،
نامىزىڭنى زايە قىلماھەمشىرەم.
دېمە زىنھارنىيەتتىكى ئەلا دەپ،
ماي قاچىسى تۇرارسىرتتىن تەپچىرەپ.
ئارتما نېپىز سۈزۈك شايى رومالنى.
كەيمە ئەمدى نىيۇزەيكۇنى كالتىنى .
ئۆيدە مۇئمىن سىرتتا غەيرى بۇ نەگەپ؟؟؟؟
نامىزىڭنى زايە قىلماھەمشىرەم.
مۇسلىمەسەن رەببىمىزنى تۇنۇغان،
سەھەر كەچلەر قىبلەتامان يۇز تۇتقان.
ئويلاپ باقەدىنسىزلاردەك كىيىنسەڭ،
ئەمەسمۇ بۇ ئاجىزانەبىر ئىمان؟؟؟؟
شەرىئەتكە كىرەربولساڭ تۇلۇق كىر!!!!
بىرنى قىلىپ بىرنى قويساڭ بەك يامان!!!
نامىزىڭنى زايە قىلما ھەمشىرەم.
نامىزىڭنى زايە قىلماھەمشىرەم،
پاك ئىسلامنىڭ ھۆرمىتىنى قىل ھەردەم!!
ناماز ئۇقۇپ ياتتەك يۈرۈش پاسىقلىق!
پاسىقلارنىڭ جايى بۇلۇر جەھەننەم!!!
شەرىئەتكە كىرسەڭ ئەگەر پۈتۈن كىر!
بىرنى قىلىپ بىرنى قويغان قەلبى كىر!!!!
تەقۋالارغا يۈلەك بۇلۇر پاك ئىگەم.
نامىزىڭغالايىقلاشتۇر تۇرقۇڭنى .
نىيەت ئەلا دېسەشەيتان ئالدىنىپ،
نامىزىڭنى زايە قىلماھەمشىرەم!!!!!!
بۇ ئەسەرنى ناماز ئۇقۇپ تۇرۇپ ،نامازنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماي يەنە ياتلاردەك كىيىنىدىغان قىز-ئاياللارغابېغىشلايمەن.ئاللاھ ھەممىمىزگە قۇبۇل بۇلىدىغان ئەمەللەرنى نېسىپ قىلغاي.ئەمەللەرقۇبۇل بولغاندا ھەربىر ئايال قىياپىتىنى تۈزەيدۇ.ئىمان كېكىرتەك ئاستىغا ئۆتكەندەنامازخان ئاياللار نۇرغۇن مەئسىيەتلەردىن ئۈزىنى تارتىدۇ.ئەي ھەمشىرەم،ئەمەللىرىڭىزنىڭ قۇبۇل بولغان بولمىغانلىقىنى تۇرقىڭىزدىن بىلگەيسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-12 07:39 PM