مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6046|ئىنكاس: 37

بابۇر قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 02:13:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

babur.jpg



بابۇر قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان؟


كەنجىبەگ سۇباتاي ئوغلى دولىموۋ(تىببىي پەنلەر نامزاتى)


     ھەر قېتىم "بابۇرنامە"نى ئوقۇغۇنىمدا ھەم جىسمانىي ھەم ئەقلىي جەھەتتە بىقۇۋەت ئىنسان بولغان بابۇرنىڭ 47 يېشىدا ئالامدىن كەتكىنى مېنى تەئەججۈپكە سالىدۇ. كۆپ جەڭگى جېدەللەر ۋە جاراھەتلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بابۇر ئۆز ۋەتىنىدە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان تەدبىرلىرىنى ھىندى ئېلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇ يۇرتتا بار-يوقى بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. 47 يېشىدا- ئاتىسى ئۆمەرشاھ يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بابۇر كۆپ جەڭلەردە يارىدار بولدى،ئەمما ئامان قالدى. شۇڭا، ئۇ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازغان:


ئەگەر تىغى ئالەم بىجۇنبەد زى جاي،

نەبۇررەد رەگى تا نە خاھەد خۇداي.


   مەنىسى:مەيلى ئالەم تېغى ئۆز جايىدىن قوزغالسۇن،خۇدا خالىمىسا،بىرەر تۆمۈرنىمۇ كېسەلمەيدۇ.


    مەلۇمكى،ھىندىستان دورا-دەرمان مىسلىسىز كۆپ خىل گىياھلارغا باي ئۆلكە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زەھەرلىك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ خەۋپلىكلىرى ھەم شۇ ئۆلكىدە مەۋجۇت: ئىلان زەھىرى، قاراقۇرت زەھىرى، تەركىبىدە كۈچلۈك زەھەرى بار گىياھلار، ئۆسۈملىكلەر(كۇرارە مىۋىسى ۋە باشقىلار). مەن تىبابەت خادىمى بولۇش سۈپىتىدە بابۇر ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا ئائىت تارىخىي مەنبەلەردە شائىر ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ھال-ئەھۋالى، روھىيىتى ۋە  ئۇنىڭ جىسمانىي ھالىتىنىڭ بايانلىرىغا بەك ئېتىبار بەردىم. “بابۇرنامە”دە،  گۈلبەدەن بېگىمنىڭ “ھۇمايۇننامە” ئەسىرىدە يېزىلىشىچە، ئىبراھىم لودىينىڭ ئانىسى بايدا بەرگەن زەھەردىن بابۇر زەھەرلەندى ۋە ئېغىر كېسەلگە مۇبتىلا بولدى، ئەمما تىرىك قالدى.مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ تائامنى بابۇر بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلغان بىر خادىم شۇ ۋاقىتتىلا ئۆلگەن. بېرىلگەن زەھەر شۇنداق كۈچلۈك بولغان.بۇ ھالەت بابۇرنىڭ جىسمانىي بىقۇۋۋەتلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر پاكىتتۇر. ئەمما ئۇنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلمىگەن. كۈندىن-كۈنگە ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ بېرىۋەرگەن. ئەھۋالى يامانلىشىشنىڭ تىببي مەنزىرەسى(سەۋەبى) ئۆزلۈكسىز جىگەر كېسەللىكىنى، ئېنىقراقى،ئاستا-ئاستا زەھەرلەيدىغان جىگەر ياللۇغىنى (hepatitis) ئەسلىتىدۇ. بۇ كېسەللىك بەلكىم، ئەسلى جىگەر توقۇلمىسىنى يىمىرگۈچى جىگەر ياللۇغى (گېپاتاتروپ) ماددىسى تەسىرىدە بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

      بايدا بابۇرنى ئوتتۇرا ئەسر شەرق دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقالغان مەرگىمۇش ياكى تىسئان بېرىكمىسى بار بولغان ماددا بىلەن زەھەرلىگەن بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. بۇ ماددىلار شۈبىھسىزكى، جىگەر توقۇلمىسىنىڭ ئۆتكۈر زەھەرلىنىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ جىگەردە نېتۇرۇنلاش پائالىيىتى سۇسلاشقانلىقى سەۋەبلىك ئىچكى ئەزالاردا ناچار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە مۇنداق خۇلاسىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. چۈنكى، بۇ مەسىلىدە بىرەر ئېنىقراق تىببىي ئىلىمگە يېقىنراق كېلىدىغان مەنبەنى ئۇچىراتمىدۇق. بابۇرنامىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالار يۇقىرىدا ئېيتىلغان پىكىرلەرنى تەستىقلىشى مۇمكىن.

    يەكشەنبە كۈنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 16سىدا ئىسسىتتىم، تىتىرىدىم، قايتا-قايتا ئاشۇنداق بولدى. يىگىرمە بەش-يىگىرمە ئالتە كۈنگە سوزۇلدى. دورىنى ئىچتىم. ئاخىرى سەل پايدا قىلدى. ئۇيقۇسىزلىق ۋە تەشنالىقتىن تولىمۇ ھەرەج تارتتىم. بۇ مەرەز ئايامدە ئۈچ-تۆت روبائىي پۈتۈلدى، ئۇلارنىڭ بىرى:


جىسمىمدا ئىسسىتما كۈندە مەھكەم بولادۇر،

كۆزدىن ئۆچەدۇر ئۇيقۇ چۇ ئاخشام بولەدۇر.

ھەر ئىككىسى غېمىم بىلە سەبرىمدەك،

بارغان سايى بۇ ئارتەدۇر، ئول كەم بولادۇر.


    پىرىمقۇل قادىرۇۋنىڭ "يۇلتۇزلۇق تۈنلەر"ناملىق رومانىدا بابۇرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىشىشى ، رەڭگى-روھىنىڭ بارا-بارا سارغىيىشى، ئورۇقلاپ كېتىشى، ئۇيقۇسىزلىقى ھەققىدە نۇرغۇن بايانلار بېرىلگەن" ھۇمايۇن ئوغلۇم، بەيدا ماڭا زەھەر بەرگەندىن كېيىن ھېچ ئۆزۈمگە كېلەلمىدىم، قالغان كۈچۈم ئىجاد قىلىشقا يەتسىمۇ ناھايىتى ياخشى بىر ئىش بولاتتى. ئەمدى دۆلەت يۈكىنى سەن يەلكەڭگە ئالمىقىڭ كېرەك". يەنە "مىزان ئۆتۈپ قەۋس ئېيى كىرگەندە، بابۇرنىڭ كېسەللىكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بىرەر يېرىدە يارا ياكى شىش يوق، لېكىن ئىچى قىززىدى، قىزىتمىسى ئۆرلىدى.بىتاقەت بولدى، ئۇيقۇسىزلىق قىينىدى. چىرايى كۈنسايىن سولۇپ باردى". "ھۇمايۇن كەلسە، ئاتىسى  چوڭ ئاق تۆشەكتە تەرگە پېتىپ ياتقان بولۇپ،رەڭگى ساپ-سېرىق بولۇپ كەتكەنىكەن".....

      يۇقىردىكى ئالامەتلەر : ئۇ ئۇيقۇسىزلىق، بىتاقەتلىك، سارغىيىش، ئورۇقلاش، جىگەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى يەنى،جىگەرنىڭ ئورگانىزىمدىكى قاننى زەھەرلىك ماددىلاردىن تازىلاش خۇسۇسىيىتى يوقالغانلىقتىن، تازلىنىشى زۆرۈر بولغان قان زەھەرسىزلەندۈرۈلمەستىن تەنگە،مەركىزى ئەزالارغا تارقالغانلىقتىن بىشارەت بېرىدۇ . چۈنكى، ئورگانىزىمدىكى 3500-4000 مىللىمىتىر قان جىگەر توقۇلمىلىرىدىن(پاراناخىمەسىدىن) دىن تازلىنىپ ئۆتۈپ، بەدەنگە تارقىلىشى كېرەك. جىگەرنىڭ بۇ ئاساسىي پائالىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىقىشى يۇقىردا بايان قىلىنغان سەۋەبكە( مەنزەرگە) ئېلىپ كېلىدۇ.

      خۇلاسىلىغاندا، زۆھۈرىدىن مۇھەممەد بابۇر جىگەر پائالىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى – يەنى جىگەر ياللۇغى (گېپاتاتارىيە)دىن كۆز يۇمغان دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرغا قويۇش مۇمكىن.


"ئۆزبىكىستان ئەدەبىيات –سەنئىتى"گېزىتىنىڭ 2004-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى.


ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى:لوپنۇرى


مەنبە:لوپنۇرى تور خاتىرىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-12 02:14 PM  


oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 03:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 03:40:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.جاپا چىكىپسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3656
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 04:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇمبۇيا بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ،يىراقتىمۇ،يېقىندىمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.

قېرىندىشىم:www.baghrax.com سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا مۇھتاج!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 04:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا تىلۋوزۇرلاردا بىرىلۋاتقان ھېندىستان فىلىمى(ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ)پادىشاھ ئەكبەرنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى سۆزلىندۇ. شۇ فىلىمدىكى باش رول پادىشاھ ئەكبەر بابۇرخاننىڭ نەۋرىسىمۇ؟بىلدىغانلار بولسا ئىزاھات بەرسەڭلار .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 04:36:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 04:25 PM
يېقىندا تىلۋوزۇرلاردا بىرىلۋاتقان ھېندىستان فىلىمى(ئ ...

ئەكبەر بابۇرنىڭ نەۋرىسى،ئۇ بابۇرنىڭ ئوغلى ھۇمايۇننىڭ بالىسى بولىدۇ. ئەكبەر ھىندىستان مۇغۇل ئىمپىريىسىدىكى ئەڭ قابىلىيەتلىك ھۆكۈمراننىڭ بىرسىدۇر.

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 06:11:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73156
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 06:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بابۇر ئۆزبىك ئەمەستۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90350
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 07:10:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچقۇنى يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 06:36 PM
بابۇر ئۆزبىك ئەمەستۇ ؟

ياق  تىمورىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72332
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 08:17:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچقۇنى يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 06:36 PM
بابۇر ئۆزبىك ئەمەستۇ ؟

ياق، ماۋارەئۇننەھىر دىيارىنى بابۇردىن شۇ ئۆزبىكلەر تارتىۋالغان.

مۆئمىن كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش