سىز ئىنتىرنىتتىكى قان شورىغۇچى ئالۋاستىمۇ ؟
تور دۇنياسى چەكسىز بىر دۇنيا ، كىشىلەرنىڭ تورغا بولغان تايىنىش دەرىجىسىمۇ كۈندىن –كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ .ھەرقانداق ماتىرىيالغا ئىھتىياجلىق بولساق ،توردىن ئىزدىسەك ئاساسەن دىگىدەك تېپىلىدۇ . مۇزىكا ، كىنو ، كىتاب ،رەسىم ، ھەر خىل دەرىسلىك ،يۇمشاق دىتال ...دىگەندەك .
مۇشۇ ماقالىنى كۈرىۋاتقان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىنتىرنىتتىكى بىر سەيياھ ئىكەنلىكى ئىنىق . بىزمۇ ھەركۈنى ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ماتىرىياللارنى توردىن ئىزدەيمىز ،پايدىلىنىمىز . ئۇچرىغانقىيىن مەسىللىرىمىزنى تورغا يوللاپ كەڭ تورداشلاردىن ياردەم سورايمىز ، نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ تۇرىمىز .
ئەلۋەتتە تور دۇنياسىدا شۇنداق بىر تۇركۈم كىشىلەر باركى ئۇلار ھەر خىل مۇنبەر ۋە كەسپىي بىكەتلەردىن ئۆزى قىزىقىدىغان ياكى ئىېتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىدۇ ، قانچىلىك تاپالىسا شۇنچىلىك پايدىلىنىدۇ . لېكىن ئۇلار ئەزەلدىن ئىنتىرنىت بايلىقىغا ھېچقانداق تۆھپە قوشمايدۇ . پەقەت باشقىلار چىقىرىپ قويغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ بولۇپلا تىكىۋېتىدۇ .ھەتتا بىرەر ئېغىز رەھمەتمۇ ئېيتمايدۇ .ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تەجىربىللىرىنى ، مەسىلە ھەل قىلىش چارىللىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشمايدۇ . مانا مۇشۇ خىل كىشىلەر «ئىنتىرنىتتىكى قان شورىشۇچى ئالۋاستى » دەپ ئاتىلىدۇ .
ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تور دۇنياسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ،خىلمۇ خىل تور بەتلەر ئىنتايىن كۆپ ،يىڭىدىن قوشىلىۋاتقان تور بىكەتلەرمۇ ئاز ئەمەس ، لېكىن كۆپ قىسمىنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 2-3يىلغىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ ،ئەلۋەتتە ئاز بىر قىسىم تور بىكەت قۇرغۇچىللىرى بىردەملىك قىزىقىش بىلەن ھەر خخل تور بىكەتلەرنى قۇرۇپ ،يەنە بىردەمدىلا غايىب بولۇپ كىتىپ بارىدۇ .
لېكىن خېلى ئۇلۇغۋار غايە ،ئۈمۈد بىلەن قۇرۇلغان مەسئۇلىيەتچاغلىق بىلەن باشقۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان تور بىكەتلەرمۇ
ئاستا- ئاستا ئاجىزلىشىپ يوقىلىپ كىتىپ بارىدۇ . ئەلۋەتتا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشىدە بىز يۇقاردا تىلغا ئالغان «قان شورىغۇچىلار » نىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار .
ھازىر نورمال مېڭىۋاتقان تور بىكەتلەرگە قارايدىغان بولساق ، زور كۆپ سانلىقنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى يوق ، ياكى كىرىمى چىقىمىنى تۆزلىيەلمەيدۇ ، ئانچە مۇنچە كىرىم بار دىگەندىمۇ ، شۇ تور بىكەتنى قۇرۇش باشقۇرۇش جەريانىدا سەرپ قىلغان ۋاقتى ۋە زىھنىنى ھىسابلىغان ۋاقىتتا ئۇنى كىرىم دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ .
ھەر قانداق ئىشنى باشتا باشلىغاندا ،باشقىلارنى قوللىشىغا ، ئىلھاملاندۇرىشىغا مۇھتاج بولىدىغان گەپ ، تور دۇنياسىدىكى مەزمۇنلار بىزگە توغرا يول كۆرسىتىپ بىرەلىسە ، ئىلھاملاندۇرالىسا ، توغرايول كۆرسىتىپ بىرەلىسە ، ياردەم بىرەلىسە بىز ئەلۋەتتە شۇ تور بىكەتكە ياكى شۇ ئادەمگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىشىمىز كىرەك . بۇ بىر ئەقەللىي ساۋات . لېكىن تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى ،مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بىز شۇ تور بىكەتكە ياكى شۇ يازما ئىگىسىگە بىر ئادەمگەرچىلىك قەرزى بولدۇق دىيىشكە بولىدۇ . بۇنى چۇقۇم قايتۇرۇش كىرەك ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە قايتۇرالمىساقمۇ ، ئىنتىرنىت دۇنياسىغا قايتۇرالىساق ، ئۆزىمىزگە ئوخشاش ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەر شۇنىڭدىن نەپ ئالالىسا شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك .
دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرۇپ ھاردۇقىڭىز چىققاندا ، دەرەخ تىكىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ..
مەنبە : ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-12 03:24 PM