پەرزەنت تەربىيەسىدە بېشىم قاتتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم ئەھلى. پەرزەنت تەربىيەسىدە بېشىم قېتىپ، مەسلىھەت سوراپ كەلدىم. مەسلىھەت بەرسەڭلارمۇ ياكى مەسلىھەت بېرەلەيدىغانلارنى، پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرىنى تەۋسىيە قىلساڭلارمۇ كۆپ خۇرسەن بولارئىدىم.
مۇنداق ئىش: ئوغلۇم (14 ياش) ھازىر تولۇقسىزنىڭ (قوش تىل) 2-يىللىقىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۈگۈنۈش نەتىجىسى بۇ ماۋسۇمدا بىراقلا چېكىنىپ كەتتى، ئۈگۈنۈشكە خۇشياقمايدۇ دەيدۇ، ئۆيگە كەلگەندە تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدۇ، دەرس تەكرارلىمايدۇ، مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە دەرسخانىدىمۇ جىم ئولتۇرالمايدىكەن. باشلانغۇچتا سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئوقۇغان، تولۇقسىزنىڭ 1-يىللىقىدىمۇ ئوبدان ئوقۇغان. 2-يىللىققا چىقىپ چېكىنىشكە باشلىدى. بۇ ماۋسۇمدا چېكىنىش بەك ئېغىر.
تەربىيە قىلساقمۇ تەسىر قىلمايۋاتىدۇ، نېمە سەۋەب بولغاننى سورىساق ئۈگۈنۈشكە خۇشياقمىدىلا دەيدۇ. كومپيۇتېرغا ئامراق، ئويۇن ئويناشقا، تورغا چىقىپ چ چ بوشلۇقىدا ئويناشقا، ناخشا ئاڭلاشقا، پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈشكە ئامراق. پۇتبول، ۋاسكىتبول ئويناشقا ئامراق، ئىشتىھاسى ئوبدان، پۇل بەرسەك خەجلەيدۇ، ئاساسلىقى گېلىغا خەجلەيدۇ، پۇل بەرمىسەك، پۇل بەر دەپ كاجلىق قىلمايدۇ. تورخانىغا قاچىدىغان، دەرس تاشلايدىغان ئىشلىرى ئاساسەن يوق. ئىچىپ-چېكىدىغان ئىشلارنى قىلغاننى بايقىمىدۇق، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوبدان ئۆتىدىكەن. لېكىن بىز بىلەن كۆپ پاراڭلاشمايدۇ، گەپ قىلساقمۇ، نەسىھەت قىلساقمۇ قۇلىقىغا تازا يېقىپ كەتمەيدۇ، ئۆزىنى چوڭ ئادەمدەك چاغلايدۇ.
ئىلگىرى تەلەپنى قاتتىق قويۇپ كەلگەن، بەزى سەۋەنلىكلىرى سەۋەبىدىن ئۇرۇپ-تىللىغان ئىشلارمۇ بولغان. كومپيۇتېر ئويناشقا رۇخسەت قىلمىغان، ئەمدى تاپشۇرۇقنى ئىشلە، تەكرار قىل، ئاندىن كومپيۇتېر ئويناشقا رۇخسەت دېسەكمۇ ئۈگىنىشكە خۇشياقمىدى، كومپيۇتېر ئويناپلا ئولتۇرىدۇ، كومپيۇتېرنى بەرمىسەك سىرتقا چىقىپ توپ ئوينايدۇ ياكى دوستلىرى بىلەن ناخشا ئاڭلايدۇ. ياخشى ئوقۇمىساڭ كۈن ئالمىقىڭ تەس دېگەندەك بەك جىق گەپلەر بىلەن نەسىھەت قىلساقمۇ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ. 3-يىللىققا چىققاندا، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۈگەنسەممۇ ئالي مەكتەپكە ئۆتەلەيمەن دەپ ئولتۇرىدۇ. يانفۇن ئەپ بەرسەڭلار دەپتى، سىنىپتا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرسەڭ ئېلىپ بېرىمىز دېسەك، ماقۇل بولدى. بورت ئوينايمەن دەپتى، ئالدىنقى 17 نىڭ قاتارىغا ئۆتسەڭ بورت ئالايلى دېسەك ماقۇل بولدى. لېكىن تاپشۇرۇق ئىشلەش، تەكرار قىلىشقا خۇشياقماي تۇرىدۇ.
بالىنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى، ياخشىلىنىش بولمايۋاتقانلىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز بەك يېرىم، قانداق قىلارىمىزنى بىلمەي قالدۇق. ئەقىللىق ئوغلۇم موشۇنداقلا يارامسىز بولۇپ قالارمۇ، ئۈگىنىشكە قىزىقتۇرۇپ، ئىلگىرىكىدەك تىرىشىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ دەپ بېشىمنىڭ ئىچىمۇ قاتتى، تېشىمۇ قاتتى. مەسلىھەتىڭلارغا مۇھتاجمەن، قېرىنداشلىرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا meslihet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-12 03:50 AM