دېھقان بولماق تەس ئەمەس
قويسىلا شۇ ئۇ تەس،بۇ تەس،دېگەن گەپلەرنى!دېھقان بولۇشنىڭ نەرى تەس!؟قارىسىلا تاغا،ھازىر ماۋۇ جۇڭگودا ھەممىدىن دېھقان بولۇش ئاسان.ئۇيغۇردا دېھقان بولۇش تېخىمۇ ئاسان،دېھقان بولۇش ئۈچۈن ئوننەچچە يىل بىلىم ئېلىش كەتمەيدۇ.ئالىي مەكتەپ ياكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇش كەتمەيدۇ،ئىمتىھان بىرىش كەتمەيدۇ.ھېچقانداق بىر سالاھىيەت ياكى كىنىشكا ئېلىش كەتمەيدۇ.قوش تىل بىلىش كەتمەيدۇ.كومپىيوتىر بىلىش كەتمەيدۇ.
بىرتال كەتمەن سېتىۋالسىلا بولدى ئەمەسمۇ!
پۇت-قولى بىجىرىم ھەرقانداق بىر ئادەمنى،ھەرقانداق بىر ساھەدىن ئەكىلىپلا ماۋۇ يەر سېنىڭ،ھازىردىن باشلاپ دېھقان بول دېسە دېھقان بولۇپ كېتەلەيدۇ.ئەمما سېلىنى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىشىنى سەن قىل دېسە قىلىپ كېتەلمەيلا.
قارىسىلا تاغا،دېھقان بولسىلا خەجلەيدىغان پۇل ئېتىزلىرىدىن چىقىدۇ،يەيدىغان ئاشلىق-تۈلۈك،ئوتياش،ھەتتا گۆش-ياغلىرىغا قەدەر ئۆيلىرىدىن چىقىدۇ.مېچە —چېۋە،قوغۇن-تاۋۇز باغلىرىدىن چىقىدۇ. يىل ئاخىرىدا ھېچكىم سىلىنى مۇناۋەر،لاياقەتسىز دەپ باھالاپ يۈرمەيدۇ.ئەلا باغا لايىق دېھقان بولسىلا،ھالال ئەمگەكلىرىنىڭ مېۋىسىدىن كۆڭۈللىرى يايرايدۇ.لاياقەتسىز دېھقان بولسىلا تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىپ يەنە خاتىرىجەم ياشايلا.
تېرىكلىكلىرىدە ئۆينىڭ غېمىنى قىلمايلا،ئۆلگەندە گۆرنىڭ غېمىنى قىلمايلا.
دېھقان بولسىلا ھېچكىم سىلىنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىغا ئارىلاشمايدۇ.كېيىم-كېچەك،نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشمايدۇ.
قانچە مو يەرلىرى بار؟قانچە بالىلىرى بار؟قانچىسىنى يوقۇرىلاپ ئوقۇتتىلا؟
دېھقان بولۇش ئاسان بولغاچقا،شۇڭا بالىلىرىنىڭ ھېچقايسىنى ئوقۇتمىغانلا ھەقاچان.بالىلىرىمۇ شۇ ئوقۇشتىن دېھقان بولۇشنىڭ ئاسانلىقىنى بىلىپ ئوقۇمايمىز دەپ تۇرىۋالغاندۇ ھەقاچان؟!
مېنى دەملا،مەن شۇ ئونبەش يىل ئوقۇپ ئاران تاكسى ھەيدەپ يۈرىمەن مانا.دېھقان بولۇشتىن ماشىنا ھەيدەش ئاسان دەملا!ئەمىسە مەن ماۋۇ ماشىنىنى سېلىگە مەڭگۈلۈك بېرىۋىتەي،سىلە شوپۇر بولسىلا. 15مۇ يەرلىرىنى ماڭا مەڭگۈلۈك بېرىۋەتسىلە،مەن دېھقان بولاي.قانداق،قوشۇلاملا!؟
مېنىڭچە،جاھاندا تەس ئىش يوق،ئىشنى تەس كۆرىدىغان ئادەم بار.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-12 01:04 AM