مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2253|ئىنكاس: 0

ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەر  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 06:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەر

كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن چەكلەشكە ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم قەۋىم بارمۇ –دەيدۇ مۇقەددەس قۇرئانىمىز.ھالبۇكى ئاللاھنىڭ دىنىدىن چەكلەش دېگەن بۇ قاباھەتلىك سۆزنى، غەيرىيلەرنى قۇيۇپ تۇرۇپ بىر تىل بىردىندىكى كىشىلەرگە قىياسلىساق بەزىلەرنىڭ نەقەدەر شەقى،گۇمراھ ،ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى دەۋرى قىيامەتكىچە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىنغان، ئازغان قەۋىمگە نىسبەتەن ئىمانغا كىرىش،ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئاسمانغا تەتۈر چىققاندىنمۇ مۈشكۈل تۇيىلىدۇ.روشەنكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ.ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.ئەتراپىمىزغا قارىساق ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ تۈركۈملەپ ھەققە قايتىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن چەكسىز ھەمدىلەر ئېيتماي تۇرالمايمىز.بۇلۇپمۇ ياشلارنىڭ دىيانىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە ئىمانلىق دىللار سۈيۈنىدۇ.دىمەك ئاللاھ بىزگە ياخشىلىق ئىرادە قىلغاچقا ياشلارنى ھىدايەتكە باشلىدى،چۈنكى ياشلار بىر قەۋىمنىڭ كەلگۈسىدىن ئىبارەت.ئۈمۈدۋارمىزكى جانابى ھەق،ياشلار ئارقىلىق بىزگە ئىمانلىق ئەۋلاتلارنى يىتىشتۈرۈپ بېرىدۇ.
بىراق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرگە نىسبەتەن كۆزقىزارتىدىغانلارنىڭ بۇلۇشى دىلنى غەش قىلىدۇ.بىر قىسىم ئۆزلەرنىڭ لوپا ئەينەكتە سىنچىلاپ.ماشكىدەك ئىزلاپ تىنتىشى بىلەن نۇرغۇن ياخشىلار زىيانغا ئۇچرىدى .ئەلۋەتتە بۇ زىيانلارنى غەيرىيلەر ئەمەس بەلكى بىر تىل،بىر دىندىكى كىشىلەر كەلتۈردى.غەيرىيلەر تۇمىقىنى ئال دېسە ،تىرنىقىنى قۇشۇپ كېسىشلەرنى بىزنىڭكىلەر قىلدى.
بېرەيلەننىڭ بايانى ھازىرقىدەك ئېسىمدە.يەتتە سەككىز يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ،مەلۇم بىر يېزىدىكى يېزا ئورگىنىمۇ ياكى مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىنمۇ ئىشقىلىپ بىر كۈنى تاڭ سەھەردە تەكشۈرۈلۈپ ناماز ئۇقۇۋاتقان يېرىدە ئۇچراپ قالغان بىر تۈركۈم ياش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككى ئۈچىنى خىزمەتتىن قالدۇرۇپتۇ ،بىرەيلەننى «باشقىلارناماز ئۇقۇسا توسمىغان»- دەپ تېخىمۇ يىراق بىر يەرگە يۆتكىۋېتىپتۇ.ئىشقىلىپ قانداقتۇ باھانىلەربىلەن ئۈچ-تۆت نەپەر ياشنى خىزمەتتىن ھەيدەپتۇ.ئۇ چاغلاردا تېخى « ياغلىق دوپپىنى  ئال،بۇرۇت-ساقالنى چۈشۈرۈپ كۇسا بول »-دېگەن گەپلەر ھازىرقىدەك كۈچلۈك  ئەمەس ئىدى. ھازىر ئويلىسام،خۇددى تارىخى تۆھپە ياراتقاندەك كېرىلىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ،ئاشۇ قىزلارنى تاڭ سەھەردىلا  لالما ئىتتەك ماراپ ،ياتاقلىرىدىن نەق پەيتىنى تېپىپ تۇتىۋالغىنىغا قارىغاندا ،مۇشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆز ئادەملىرىمىزنىڭ نەقەدەر رەزىل،گۇمراھ،ئازغۇن،بەخىتسىز  ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.«قىزلارنىڭ ياتىقىنى تاڭ سەھەردىلا نىمە دەپ تەكشۈرۈسەن،ياكى باشقا مەقسىتىڭ بارمىدى»-دەپ بولسىمۇ  ئۆز قەۋمى قاتارىدا قوغداپ قالىدىغان   بىرەر ئەركەك چىقالمىغان ئىدى.ئەمەلىيەتتە ھېچكىم ھېچكىمنى قوغدىيالمايدۇ.ھەر قانداق كىشىنى پەقەت ۋە پەقەت يالغۇز ئاللاھىمىزلا قوغدايدۇ.
قوغداش دېگەن سۆزنى بىز بەندىلىكىمىزگە تەققاسلىساق قۇلىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلىرىمىز خېلى بار.ھەتتا« يىڭنىنىڭ قۇلىدىن كەلگىنى نەيزىنىڭ قۇلىدىن كەلمەپتۇ»-دېگەندەك نۇرغۇن ئىشلارنى ئەشۇ يىڭنە كەبى ئاۋام (قىسقسى ئىمانسىز بولغان بىر قىسىم ئۆزلەر)قىلىۋاتىدۇ.بىربىرىنى پۇتلاش،مارىلاش،سۇخەنچىلىك ۋە باشقا ياخشى كىشىلەرگە ئەرزىيەت قىلىدىغان ھەتتا قاپقارا تۆھمەتنىڭ لاي-لاتقىلىرىدا ناتىۋانلارنىڭ بىباھا ھاياتىغا سېسىق لاۋا چاچىدىغان      ئىشلارنى ھەم يەنە ئۈزىمىزنىڭكىلەر قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ، ھاياتىنىڭ ئالتۇن پەسلىنى پىسقى-پۇجۇر گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن ئەمەس بەلكى پارلاق بىر روھى نۇرانىلىكتە كۈندەك چاقناتقان،ئەمما سۇخەنچى تۇترۇقلارنىڭ قەستەن ئورا كولىشى بىلەن ئەررزىيەت چەككەن ،مەن تۇنىمايدىغان ئاشۇ قىزلارغا تېخىمۇ مۇستەھكەم تەقۋالىق ،ۋە ئىككى دۇنيالىق بەخىت سائادەت تىلەيمەن.
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى.بەزىدە ئاشۇقىزلارنى چېقىشتۇرۇپ «خىزمەت كۆرسەتكەنلەر» قانداقراق ئويلاردا بۇلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
بىرسى ئېيتىپ بەرگەن يەنە بىر ۋەقە ئېسىمدىن چىقمايدۇ.بىر دېھقاننىڭ چەت يىراق بىر يېزىغا يېڭىلا خىزمەتكە چىققان ئوغلى يەنە شۇ بىزنىڭ ئادەملىرىمىز تەرىپىدىن دەرس مۇنبىرىدە دىننى تەرغىپ قىلغان دەپ ئەيىپلىنىپ يەتتە يىللىق تۈرمىگە سۇلىنىپتۇ.شۇنداق قىلىپ مىڭ جاپادا ئۇقۇپ ئەمدىلا قۇلى ئىشقا تەككەن ياش بىر نوتا بىر قارا قۇرساق ،ناداننىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن مەھبۇسقا ئايلىنىپتۇ.ھېلىھەم ئويلايمەن.مەنچە بولسا ھېچبىر ئۇقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئۇنداق تەلىم بەرمەيدۇ.بۇ چۇقۇمكى بىر ناداننىڭ ،تۆھمىتى ئىدى.دەرۋەقە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاشۇ تۆھمەتخورنىڭ يالغۇز ئوغلى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ئېچىنىشلىق ھالدا ئۈلۈپ كېتىپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تۆھمەتخورمۇ تۇيۇقسىز ئۈسۈملۈك ئادەم بۇلۇپ قېلىپ، خار مايمۇندەك ھالدا ئۈلۈپ كېتىپتۇ. رەسۇلىمىز «زۇلۇمغا ئۇچرۇغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن ھەزەر قىل.ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەردە-ھىجاپ بولمايدۇ» دېگەن ئىدى.يەنى  زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجاۋەت ئىدى.دەرۋەقە ناداننىڭ زۇلمى بىلەن مەھبۇس بولغان ئاشۇ دېھقان بالىسىنىڭ دۇئاسى دەرگاھى ھەققە ئۆرلىگەچكە ،تۆھمەتخورنىڭ يالغۇز ئوغلى ۋە ئۈزى ئەشۇنداق ئاقىۋەتكە قاپتۇ.
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ئۆز-ئارا پۇتلاشلار نەتىجىسىدە دوستقا يىغا ،دۈشمەنگە كۈلكە بۇلىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.
ئەجەپ ئىش .مەسچىتلەرنى ساقلاشقا ياتلار كىرمەيدۇ،بىزنىڭكىلەر كىرىدۇ.بۇ شەقىيلەر(بەزىلىرى زورىغا كىرگەن بىلەن ئادەم چاقمايدۇ) مەسچىتكە كىم يېڭىدىن پەيدا بولدى؟قايسى كادىر كىرىۋالدى؟قارا دەپتىرىگە يازىدۇيۇ-بۇ بەخىتسىزلەرنىڭ مۈرىسىدىكى كىرامەن كاتىبىنلار بۇلارنى «كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يۇلىدىن توستى»-دەپ گۇناھىنى خاتىرلەيدۇ. ئەتە-ئاخشاملاردا كىمنىڭ ئۈيىدە ،نىمە يېڭىلىقلار بار؟قايسى بالا نىمە ئىش قىلىدۇ؟كۈزۈتىدىغانلارمۇ ھەم بىزنىڭكىلەر.ھەتتا ئۈيدە چوڭلار ئۈزى ئۇقۇغان ئەرەپ ئېلىببەسى قۇرئانلار كۈرۈنسە ،بۇ ئۆيدە ئۇقۇش يېشىدىكى بالا بۇلۇپلا قالدىمۇ  بولدى. ئۇقۇمىسىمۇ ئۇقۇدى دەپ جەرىمانىنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ،ئاتا-ئانا،دادۈي، مەكتەپ ،سىنىپ مۇدىر،دەرس ئۇقۇتقۇچىلرى بۇلۇپ كەم دېگەندە يىگىرمە ئوتتۇز مىڭنىڭ ئۇستىخىنى ئۈرە بۇلىدۇ.
ئۈچىنچى بىر مىسال؛-چەت بىر تاغلىق يېزىدا، خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن بىرەيلەن ئائىلىسىدىكىلەرگە(ئۆي-ئۇچاقلىق بۇلغان ئاكا-ئۇكا-ئاچا-سىڭىللىرىغا) قۇرئان ئۇقۇشنى ئۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن كەنىت كادىرلىرى ھەممەيلەندىن جەمئى  30مىڭ يۈۋەندىن كۆپرەك  جەرىمانە ئالغان.
ئاساسى قانۇندا پۇقرالارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار.يەنە كېلىپ بالىلىق ۋە  قىران چاغلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بارچە مىللەت ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن بالايى-ئاپىتى ئەڭ دەھشەتلىك بولغان پاسات زامانلاردا ،تۈگىمەس ئۈزۈندە يادلاش،سۈرەتلەردىن ئىجازەت سۇراپ پائالىيەت قىلىش قاتارلىق ئىنسان تەبىئىتى كۈتەرگۈسىز بىمەنىلىكلەر ئىچىدە گىياسىز دالىدەك قاقاس كەتكەن بۇ بىچارىلەرنىڭ پۇقرالىق ھۇقۇقى بۇيىچە ئۇنچىلىك ئىلىمنى ئۈگۈنۈشكە تەرەددۇت قىلىشى قىلچە خاتا ئەمەس ئىدى.بىراق ئۆلگەندە تۇپىغا ئايلىنىپلا قۇتۇلىدىغاندەك ئالدىغا كەلگىنىنى چىشلەپ،كەينىدىكىلەرنى تېپىدىغان بۇ نادان،ئازغۇنلارنىڭ پىتنىسى بىلەن تىرىكچىلىك ئۈچۈن كەتمەندىن باشقا دەسمايىسى يوق بىچارىلەردىن شۇنچىلىك كۆپ جەرىمانە ئېلىشىغا ھېلىھەم ئىچىم ئېچىشىدۇ.    توۋا دەيمەن مۇشۇنداق لالما ئىتتەك مارىشىپ قىلنى پىلدەك كۆپتۈرۈپ ،تالاي ياخشىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلارقانچىلىك خۇشال ياشار؟قانچىلىك نەپ ئالار-ھە؟مۇشۇنداق ئېرىشكەن پايدىلىرى يۇقاتقانلىرىغا سەي بولمايدىغان كىشىلەرنى بەخىتسىزلەر دىمەي كىمنى بەخىتسىز دەيمىز.
دەيمىزكى  ئەڭ بەخىتسىىز كىشىلەر --قەلبىدە ئىمان بولمىغان،ئاللاھنى تۇنىمايدىغان،ئىسلامغا ۋە  مۇسۇلمانلارغا ئۈچلۈك قىلىدىغان كىشىلەردۇر.ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئالىي ماشنىلىرى ،داچىلىرى،ھىساپسىز پۇللىرى ئاقىۋەت  نادامەتتىن بۈلەك ھېچنەرسە ئەكىلەلمەيدۇ.
بەزىلەر يامانلىقتا شۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتسىمۇ جانابىي ئاللاھىمىزنىڭ  ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ قىلىپ بىرىشى ئىستىدىراج دەپ ئاتىلاركەن. گۇناھكارلارنى جازالاشقا ئالدىرمايدىغان مەرھەمەتلىك ئاللاھ  بەزى پىرقە،تائىپەلەرنىڭ پانىيدىكى دەرىجىسى قاتلاممۇ-قاتلام ئۆستۈرۈپ ،ھەر جەھەتتىن ئىشلىرىنى ئوڭ،يوللرىنى راۋان قىلىپ بىرىشى ئۇلارنى بىر يۇلى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر.يەنى شۇتىنىڭ بىرىنچى بالدىقىدىن چۈشسە ئانچە بىلىنمىگىنى بىلەن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن چۈشسە چۇقۇمكى ھالەك بۇلغۇسىدۇر.نادان چاغلىرىمدا بەزىلەرنىڭ كۇفرىدا شۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتسىمۇ ،يەنە ئىشلىرىنىڭ شۇنچە ياخشى كېتىپ بارغىنىدىن ،ئاسىيلارچە ئەجەپلەنگەنىكەنمەن.(پاك رەببىم ئاشۇ ئازغۇن ئويلىرىمىنى كەچۈرسىلە) .ئەمدىلىكتە، بولسا  ئاللاھنى تۇنىمايدىغان،ئاغزىدا تۇنۇپ رىئاللىقىدا  ئەمەل قىلمايدىغان، ھەممىنى بىلگەن بىلەن ھېچقايسىسىغا  ئەمەل قىلمايدىغان ،ئۈلۈمنى بىلگىنى بىلەن ،ئۈلۈمگە تەييارلىق قىلمايدىغان ،ئالى شارائىتى بولغان بىلەن ،قەلبى مەنىسىزلىككە،روھى قۇرغاقلىققا  تولغان ،ئەلگە يۇرۇقلۇق تىلىگىنى بىلەن ،ئۈزىنى  يۇرۇتالمايدىغان،ئاشۇ بىر قىسىم  ھالى ياخشىلارنىڭ ، ئىشى ئوڭلارنىڭ ،يۇلى راۋانلارنىڭ تەلىيىدىن ئەجەپلەنمەيدىغان ،قىسقىسى كۈنلىرىمدىن سانسىز شۈكرى قىلىدىغان بولدۇم.
گۇناھنى توسمايدىغان ،يالىڭاچلىقنى  ياخشى كۈرىدىغان،روھى ئۈلۈكلەر ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
ئۆمرىدە ياخشى  ئىش قىلىپ باقمىغان،ھەمىشە مەئسىيەت بىلەن ياشىغان گۇمراھلار ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
ئاللاھنى تۇنىمايدىغان،تەۋھىدنى بىلمەيدىغان ،بىلسىمۇ ئەمەل قىلمايدىغان، قەلبى ئىبلىسنىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئاسىيلار ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
ئۆمرىدە  قىبلىنى بىلمەيدىغان،پىشانىسى سەجدە كۆرمىگەن،كۈنلىرىنى پەقەت ئويناپ-كۈلۈپ،يەپ-ئىچىپ،ئۇخلاپ كېرىلىپ ،بىكار ۋاقىتلىرىنى تۈگىمەس تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۈرۈش بىلەن بىھۇدە قۇيۇۋېتىپ ، ھەتتا دىلبۇزۇر ئۈچۈن نامازنى قازا قىلىپ ،ياكى كىنوغا ئالدىراپ ھاپىلا-شاپىلا ئۇقۇپلا يەنە تىزگىنەككە يۈگرەپ كىنوغا غەرىق بولغان ، شۇنداقلا يەنە قۇرساق توق بولسىلا بەخىت مۇشۇ دەپ ، باشقىنى ئويلىمايدىغان ھايۋان كەبى ياشىغان قۇرساق بەندىلىرى  ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
ياشلىقىنى نەپسىگە قۇل بۇلۇپ ئۆتكۈزگەن، قېرىپ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندىلا تەۋبە قىلغان، ئاللاھ بەرگەن قىممەتلىك ھاياتنى ئەرزىمەس،بىھۇدە ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ ،تەۋبىگە يۈزلەنگەندە ،ياكى بولمىسا تەۋبىگە مۇۋەپپەق بۇلالمايلا ئۆمۈر قۇياشى غەرىپكە قىيسايغانلار ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسقان،مەئسىيەتكە مەجبۇرلىغان،ياتلار تىرنىقىنى ئال دېسە بارمىقىنى قۇشۇپ كەسكەن، كالتە باشلىقلىقىدىن پەخىرلىنىپ،تالاي ياخشلارغا مالى ئەرزىيەت ۋە روھى ئەرزىيەت يەتكۈزگەن غالچىلار ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
دوستۇم سۆزلەپ بەرگەن يەنە بىر  بىر باياننى قىستۇرغۇم كەلدى.مەلۇم بىر ئۇقۇتقۇچى تەربىيلەش كۇرسىدا،تەربىيلەش نوقتىسىنىڭ كاتتىلىرى، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ تۇلا دەرسكە قاتناشمىغان،تۇلا رۇخسەت سورىغان بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلارنى ئەيىپلەپ ،يەرلىك باشلىقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بەرگەندە ، مەلۈم بىر ناھيىلىك  مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ،«بىز ئۇقۇڭلار دەپ ئەۋەتكەنلەرنى ئۆزلىرى  ياخشى تۇتالماي،ئەمدىلىكتە بىزگە يوللاپ بەرسە،ئەجىبا بۇلارنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ بىز باشقۇرۇپ بېرەمدۇق»-دەپ «كەپسىزلەر» تىزىملىكىنى يىرتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ،ئاشۇ بىر تىلدىكى باشلىقنىڭ ۋىجدانىدىن سۈيۈنگەنتىم.مانا ئاشۇ ئىدارە باشلىقىنىمۇ بىر كىم « نىمىشقا بىر تىلدىكىلىرىڭنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ ،جازالىمىدىڭ »دەپ سورىمىغاندۇ؟دەپ كەلسەك ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ ئادەملىرىمىز تەرىپىدىن ئاستىن –ئۈستۈن بۇلۇپ كەتتى.دىمەكچىمەنكى ،باشقىلارغا مەيلى مال جەھەتتىن بولمىسۇن ياكى روھى جەھەتتىن بولمىسۇن زىيان سالغانلار ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
ئۆمرىنى غاپىللىقتا،گۇمراھلىقتا ئۆتكۈزگەن،ئاللاھنى ۋە رەسۇلىمىزنى بىلمىگەن،ئەۋرەتلەرنى ياپماي،غەيرى دىندىكىلەردەك يۈرگەن ھەتتا ھاياتىنىڭ كەچكۈزلىرىدىمۇ ھەققە قۇللۇق ئەتمەي،يېرىم-يالىڭاچ،توبا باش، بەدبەشرە سىياقتا يۈرگەن،يەنە تېخى ئۈزىنىڭ قانداقتۇ نامازسىز خەيرى-ساخاۋەتلىرىدىن ماختىنىپ،ئاللاھنىڭ مەغپىتىنى تىلەپ يۈرگەن روھى گادايلار ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
قەلبى ئىپلاس كىبىرنىڭ سېسىق ھاۋاسىغا تولغان،ھاكاۋۇر،مەنمەنچى،ماختانچاق،خۇددى تەكاسۇر سۈرىسىدە -«تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا قەدەر ،پۇل مال دۇنيا بالىلار بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى »- دىيىلگەندەك پۇلىدىن .ئىمتىيازىدىن،بالىلىرىدىن پەخىرلىنىپ  غەپلەتتە يۈرگەنلەر ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
«تىلى ۋە قۇلىدا مۇسۇلمانلارغا  ئەرزىيەت يەتكۈزمىگەن كىشى كامىل مۇسۇلماندۇر»-دېگەنىدى رەسۇلىمىز.بىراق مۇشۇ تىلىمىز ئارقىلىق بىر تالاي مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلدۇق.غەيۋەت،تۆھمەت،سۇخەنچىلىق،چېقىمچىلىق يالغانچىلىق ھەممىسى مۇشۇ تىلىمىز ئارقىلىق سادىر بولدى.
بىلىدىغان ،بىراق ئەمەل قىلمايدىغان،ناماز ئۇقۇيدىغان بىراق نامازنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمايدىغان،«خۇددى ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار»- دېگەن يازمامدا تەسۋىرلىگەندەك جاينامازدا تەقۋا خېنىم،جەينامازدىن چۈشسە يەنە يېرىم-يالىڭاچ رەسۋا خېنىم كەبىي بىلگىنىچە يۈرىدىغانلار،ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
قىسقىسى قەلبىدە ئىمان بولمىغان،ئاغزىدا ئىمانى بولسىمۇ ئەمەلىيىتىدە ئەمەل قىلمايدىغان،ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى بىلمىگەن،شەرىئەتتىن ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان،ناماز ئۇقۇمايدىغان،يېرىم-يالىڭاچلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان ،يالاڭباش،چاڭگا چاچلىرىنى گۈزەللىك دەيدىغان،قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ ،زىكرىنى ئۇنۇتقان،تەكەببۇر،ھەقتىن باش تارتىدىغان(يەنى ھەقنى تەۋسىيە قىلغانلارنى يامان كۈرىدىغان)يازمىلىرىدا ئەخلاقنى جار سالغىنى بىلەن،ئەمەلىيىتىدە يالاقنى ياقىلايدىغان،ئەسەرلىرىدىن مەسچىت نامايان بولغان بىلەن،تۇرقىدىن كىرسىت پۇراپ تۇرىدىغان،كەئبىنى كۈرۈپ كەلگىنى بىلەن،نامازنى رۇستلاپ ئۇقالمايدىغان،ئەركەكلىكىنى جار سالغىنى بىلەن ،ئاجىزەلەرگە لالمىلىق قىلىدىغان،ئۈزى ھەقنى تۇنۇغىنى بىلەن،پىتچىلىك ئەمىلى ئۈچۈن تەۋەيىدىكىلەرنى ھەقتىن تۇسىدىغان(يەنى ياتلار تاپانچا تەڭلەپ تۇرغاندەك ؛-يالاڭباش بول،ئۇزۇن كىيىم كىيمە دېگەندەك پاسىق سۆزلەرنى قىلىدىغان)ئۈزىنى چوڭ تۇتىدىغان،ئۈزى تەقۋا بولسىمۇ ،ئەھلىنىڭ يالىڭاچلىقىنى تۇسالمىغان،ئۆزلىرى جاينامازدا ئاللاھقا ئېسىلغان بىلەن بالا-چاقىلىرى بىناماز،گۇمراھ،پاخما باش،غەيرى دىندىلەردەك يۈرىدىغان،ناماز ئۇقۇغان بىلەن زاكات بەرمەيدىغان،خەيرى-ساخاۋەتچى بولغان بىلەن ناماز ئۇقۇمايدىغان،تەشۋىقاتلاردا ئاتالمىش«ئۇنداق ئانا-مۇنداق دادا »دەپ جار سالغان بىلەن،ياشانغان دەملىرىدىمۇ ئەۋرەتلىرىنى ياپمىغان، ياكى خۇتۇنلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى ياپقۇزالمىغان،ئۈلۈمنى ئويلىمىغان، ،ھەر ئېغىز سۆزلىرىدىن ئاللاھ زىكرى قىلىنسىمۇ ،بىراق ئەمەلىيىتىدە ئەمەل قىلمايدىغان،(يەنىلا غەيرى دندىكىلەردەك يۈرىدىغان)ياتلار تۇمىقىنى ئال دېسە .بېشىنى قۇشۇپ كېسىدىغان ،شەرمەندە شۆھرەت،ئازغۇن شەرەپلەر ئۈچۈن ۋىجدانىنى ساتقان كىشىلەرلا ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.
تۈگەنچە؛-قىسقىسى قەلبىدە ئاللاھ بولمىغان،ئىمان بولمىغان ،ئاغزىدا بار بولسىمۇ ئەمەل قىلمىغان ياكى ئىمانى گېلىنىڭ ئاستىغا ئۆتمىگەن،يالغان تەقۋا،تىپىك مۇناپىق،ئاللاھنى تۇنۇمايدىغانلار.... ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەردۇر.ئاللاھنى تۇنۇغان ،رەسۇلىمىزغا مۇھەببەت باغلىغان،ھەقنى سۆيگەن،نامازنى تەئدىل-ئەركان بىلەن ئۇقۇغان ئەۋرەتلىرىنى ياپقان،شۇنداقلا ئىمانى كامىل مۆئمىنلەرلا ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەردۇر.
ئەي قېرىندىشىم،مەيلى بىز كىم بۇلايلى چۇقۇم ھېساپ بەرگۈچىلەرمىز.بەلكىم سىز ئاللاھقا ۋەرەسۇلىمىزغا مۇھەببەت باغلاپ ،ئاللاھنى مۇھەببىتىدە سەكپارە بۇلىۋاتقان ۋەلىيدۇرسىز.ۋەياكى تېخىچە ناماز باشلىمىغان،قوغلاندى شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن «ئەتە باشلايمەن، ئۆگۈن باشلايمەن»- دېگەندەك ۋەسۋەسىلەر ئىلكىدە بىباھا ۋاقتىڭىزنى زايە قىلىۋاتقان كىشىدۇرسىز.ۋەياكى ھىدايەت تىلەپ ئاللاھقا ئېسىلغان،قەلبىڭىزدىكى ئالىي تۇرمۇش شارائىتى ۋە زامانىۋى مەئىشەتلەرمۇ تولدۇرالمىغان بوشلۇقنى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى، ھىدايەتنىڭ پارلاق نۇرى  بىلەن قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاۋاتقان كىشىدۇرسىز.ئويغىنىڭ قېرىندىشىم قاچانغۇچە مۈگدەيسىز؟؟.بىر كۈن ئۆتتى ئۈلۈمگە بىر كۈن يېقىنلىدۇق.ئاللاھنى تۇنايلى .بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس،بەلكى بىلىشكە ئىنتىلمەسلىك چوڭ ئەيىپ يەنى گۇمراھلىقتۇر.ھەقنى تەۋسىيە قىلغانلارنى ئەيىپلەش،بەدنام قىلىش ئاسىيلىققا يۈلەنچۈك ئىزلىگەنلىكتۇر .ھەقنى قۇبۇل قىلمىسىڭىزمۇ تەۋسىيە قىلغانلارنى يامان كۆرمەڭ .بۇنداق قىلسىڭىز ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن باش تارتقان شەقىيلەردىن بۇلۇپ قالىسىز.ئاللاھقا يۈزلىنىڭ ئاللاھ سىزگە ياردەم قىلىدۇ..ئاللاھقا تېۋىنىڭ ئاللاھ سىزنى ئۈستۈن قىلىدۇ.بۇرۇن بۇيازمىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن نىمىلا قىلىڭ ئەيىپلەرنى يۆگىگۈچى ئاللاھ سىزنى ئەپۇ قىلغاي.ئەمما بۇ يازمىنى ئۇقۇغاندىن كېيىن ئويلىنىپ بېقىڭ.ئۆز ،(تىلداش،دىنداش )قېرىنداشلىرىڭىزغا يامانلىق قىلماڭ.ياتلار تىرنىقىنى ئال دېسە سىز قۇشۇپ بارمىقىنى ئالماي،تىرنىقى ئۆسمەپتۇ دىيىشنى ئۈگۈنۈڭ.ياتلار مەسچىت ساقلا دېسە سىز زىكرىڭىزنى ئېيتىڭ،ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بىرىدۇ.ياتلار سىزنى ماراشقا قويسا ،ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزنى ئاللاھنىڭ يۇلىدىن تۇسۇشقا ۋىجدانىڭىز قانداق يول قويغاندۇ؟؟؟سىز مەيلى قانداقلا بۇلۇڭ بەرىبىر ۋۇجۇدىدا ئىمان بار بولغان قەۋىمنىڭ پۇشتىدۇرسىز.بۆرە قازى بولسا قوي ئەرىز ئېيتمىسۇن دەپتىكەن.سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز ئاشۇ قازىنىڭ ياردەمچىلىگى خالاس!لېكىن تۇمۇرىڭىزدىكى بولسا كىمنىڭ قېنى ئىكەنلىكى ئۈزىڭىزگە ئايان.
ئەمەل تۇتقان ئىنسان ئۇنۇتماڭ ئاشۇئەمىلىڭىز ئۈچۈن مەھشەردە ھېساپ بىرىدىغىنىڭىزنى.بەزىلەر قىلدەك ھۇقۇقنى پىلدەك كۆپتۈرۈپ بەندىلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.دەرۋەقە ھەممىمىز زىددىيەتتە ياشاۋاتىمىز.بىراق ياتلار پۈۋلىسە سىزلەر قارا بۇران چىقىرىپ ،قىز-ئاياللىرىڭلارنىڭ ياغلىقىنى تامامەن ئۇچۇرتۇپ بۇلاي دىدىڭلار.بۇ نىمە ئۈچۈن ؟؟؟؟يەنە شۇ ۋاقىتلىق ئەمىلىڭلار ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟؟؟؟ھازىرغەقەدەر بىرەر قىز-ئايالنىڭ ياغلىقى سەۋەبى بىرەر تىلداش باشلىقلارنىڭ ھۇقۇقىدىن قالغىنىنى ئاڭلىمىدىم.سىلەر بۇيرۇق ئىجرا قىلىشتا خۇددى ئادىمىلىك ھىسياتى بولمىغان ماشىنا ئادەم كەبىى قۇتراۋاتىسىلەر.بۇ ماشىنا ئادەمدە ھېسيات،مېھىر-مۇھەببەت يوق،پەقەت تۈگىمەس بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىدىغان سېستىمىلا بار.قىز-ئاياللار ئىختىيارى ياغلىقسىز قالسا گۇناھى ئۈزىگە ئېرىگە بولغان بىلەن ،سىلەرنىڭ ۋاستەڭلار-پوپوزۇڭلار،قانداقتۇ مەنپەئەتكە تاقاپ جازالىشىڭلار ۋەجىدىن ياغلىقسىز قالغانلارنىڭ گۇناھى سىزلەگە خالاس!!!!!
ئەي ئىلىم ساھەسىدىكى قىز ئاياللار قاچانغۇچە خامۇش يۈرگۈلۈك ئەمدى؟قاچانغۇچەياتنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ ،غاپىل يۈرگۈلۈك –ھە؟نىمىشقا ياتلارغا ئوخشاپ قالغۇلۇق؟بەزىلىرىمىز نامازسىز ،نۇرسىز ھاياتىمىزدىن ئۈكۈنمەكتە يوق تېخى پىژغىرىم ئىسسىقلاردىمۇ ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن تۇلۇق كىيىنگەن قىز-ئاياللارغا  ھېسداشلىق قىلغاندەك ئويلاردا بۇلىمىز-يۇ ئەملىيەتتە ئۈزىمىزنىڭ نەقەدەر بەخىتسىز بىچارە ئىكەنلىكىمىز خىيالىمىزغا كەلمەيدۇ.بەزىلىرىمىز ناماز ئۇقۇيمىزۇ بىراق نىمىشقا ئۇقۇغان نامازلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماي،خامىليۇندەك يۈرىمىز؟؟نىيەت ئەلا دېگەن بۇ سۆزنى نىمىشقا ئەقىدىگىلا قىياسلايمىز؟؟؟سىزنى ھەقتىن توسقان،سىز ئۈچۈن يەنە تالاي مىكىرلەرنى ئويلاۋاتقانلارنىڭ توپىغا ئوخشاپ قېلىشتىن نىمىشقا ئىچىمىز ئېچىشمايدۇ؟؟دەڭا قايسى بىر غەيرى بىزگە -ئېمان-ئېتىقادلىق قەۋىمگە ئوخشاپ يۈردى؟؟؟قايسى بىر غەيرى بىزنىڭ مىللى كىملىكىمىزدەك كىيىنىدۇ؟؟؟قايسى غەيرى سىزگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدە(ئىسلامغا كىرگەنلەردىن باشقا ) بىدار بولدى؟؟؟نىمىشقا مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ ئاۋۋالقى كىملىكى بولغان ياغلىقنى تاشلايسىلەر؟؟؟؟سىلەر ئىماننىڭ رىداسى بولغان ياغلىقلارنى بۇرۇنلا تاشلىغاچقا ياتلار نەزەرىدە« ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق تاشقى جەھەتتە بىزگە ئاساسەن ئوخشايدۇ»دېگەندەك تەسىرلەرنى بەردىڭلار.ئەمدىلىكتە قىز ،ئاياللار تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بېسىملارغا ئۇچرىدى.ياغلىق خۇددى تېرورلۇق بەلگىسىدەك باشقىلارنىڭ سۇغ مۇئامىلىسىگە يۇلۇقتى.بىلەمسىلەر،ياغلىق قاچان تاشلاندى ،يەڭلەر قىسقاردى ،كۆكرەكلەر ئېچىلدى.پۇت-پاچاقلار ئۈستىدە شەيتان جەھەننەم سىمفونىيەسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلىدى.نىمىشقا ھەمشىرىلىرىم ياتلاردەك كىيىنىشنى ،تاشقى كىملىك جەھەتتە غەيرى دىندىكىلەردەك ياسىنىشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمىز؟؟؟؟يەنە بەزىلەر ياغلىقنى ئاۋۋال يۈرەككە چىگىشى لازىمەي،ئۇندىغەي مۇندىغەي دەپ ئۈزەڭلارنىڭ ئازغۇنلىقىغا دەسمايە ئىزلىمەڭلار.بەلكىم شۇنداقتۇ.لېكىن ھادىسە ماھىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ زاماندا ئاۋۋال بېشىغا ئارتقاچ تۇرسا،ئاستا-ئاستا روھىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ يۈرىكىگە چىگىلسىمۇ ئەجەپ ئەمەس ئىدى سىلەرنىڭ پەلسەپەڭلارچە.لېكىن مەن ئويلايمەن ،بېشىغا چەككەن ئايال يۈرىكىگىمۇ چۇقۇم چىگىدۇ.بېشىغا ئارتالمىغىنىنىڭ نىيىتى ھەر قانچە كاتتا بولسىمۇ ،ئۇنىڭ دىنسىزلاردەك يالاڭباشلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.چاچتىن ئىبارەت يەنە بىر ئەۋرەتنى ياپالماي ،نىيىتىم ئەلا دىگۈچىلەر ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر.بەزىلەر تېخى ئاللاھنى ياغلىقى بىلەن ئەمەس يۈرىكىدە  ياد ئېتەرمىش.بۇ گەپكە ھەرقانداق بىر ئەقىدىلىك ئىنسان ئىشەنمەيدۇ.چۈنكى  يۈرۈكىدە ياد ئەتكەن كىشى ،ياغلىقىنى چۇقۇم ئارتىدۇ.دىنسىزلار بىلەنكى ئەقەللى پەرقنى چۇقۇم ساقلايدۇ. بىراق تىلىمىز جەھەتتىلا ياتلاردىن پەرقلىنىپ تۇرغان بۇزاماندا بىزلەر مۇقەددەس شەرىئەتنى ئۇنتۇپ،ئىسلامدىن يىراقلىشىپ،ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تاشلاپ قويدۇق.بىز نەپسىمىز ئۈچۈن تىرماشقانسىرى نۇسرەت بىزدىن يىراقلاشتى.ئاللاھ بىزنى تاشلىۋەتتى.بىز كۇفرىنىڭ قاپقارا-تۇمانلىرىدا خار-زەبۇن ھالدا تېنەپ يۈرۈپتىمىز.
ئەي-زىيالىيلار نىمىشقا ئويغانمايسىلەر؟؟؟ئاشۇ ئىلمىڭلارنى نىمىشقا ھەق ئۈچۈن ئىشلەتمەيسىلەر؟؟؟؟ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن ،ئىبادىتىدىن ئايرىلغان ئۇ كاتتا ئىلىملەرنىڭ مەنبەسى يوق كۆلچەك سۈيى كەبى ھەرۋاقىت قۇرتلاش خەۋپىدە ئىكەنلىكىنى ھەتتا قۇرۇتلاپ كەتكەنلىكىنى نىمىشقا ئويلىمايسىلەر؟؟؟نىمشقا ئەھلى –ئاياللىرىڭلارنى قىزلىرىڭلارنى دىنسىزلاردەك بۇلىۋېلىشتىن چەكلىمەيسىلەر؟؟؟ئىلىم ئۈگۈنۈشتىن مەقسەت ھەقنى تۇنۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟؟؟ئاللاھنى تۇنۇماي،پەرىز ئەمەللەرنى ئادا قىلماي تۇرۇپ نىمە ئۇ ئۆزلۈك دېگەن؟؟؟؟؟نېمە ئۇ مىللىتىم ئۈچۈن ئۇ بۇلاي بۇ بۇلاي دېگەن؟؟؟؟؟؟نېمە ئۇ شۇنچە ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر دېگەن!!!!!!
زامانىۋى شەھەردە ياشاپ قېلىش ئەھلى-ئاياللىرىڭلارنىڭ يېرىم-يالىڭاچلىقىغا قەتئى ئۆزرە بۇلالمايدۇ.سىلەر قىيامەتتە نىمىشقا ئەسەريازمىغانلقتىن  ئەمەس بەلكى  ئەھلىڭلارنى قىزلىرىڭلارنى نىمىشقا ئىسلام بۇيىچە تەربىيلىمىگىنىڭلاردىن ھېساپ بېرىسىلەر!!!!!ھەممىمىز  ھېساپ بىرىمىز.ھېساپنىڭ چۇڭىنى سىلەر ئەرلەر- ئىلىم ئىگىلىرى بېرىسىلەر.چۈنكى سىلەر ئەرلەر-ئىلىملىكلەر  يەككە جەھەتتىن ئائىلىنىڭ ،ئىجدىمائىيەت جەھەتتە پۈتۈن قەۋىمنىڭ پادىچىسىلەر.ئىنسان يەنە ھەر بىر ئېغىز سۈزىمىزدىنمۇ ھېساپ بەرگۈچىمىز.ئەسەر يېزىش جەھەتتىمۇ ھېساپ بىرىمىز بىراق  نىمىشقا كۆپ يازمىغانلىقتىن ئەمەس بەلكى نىمىشقا ھەقنى يازمىغانلىقتىن چۇقۇم ھېساپ بىرىمىز.چۈنكى ئاللاھ بەرگەن قەلەم  ئۇ!!!!!!!!گۈلەن ئاكىمىزنىڭ باراۋەرلىك لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ كۈزۈمدىن ياش قۇرىمىدى.ئاللاھ ئۇ كەبىي قەلبى ئويغاق زىيالىيلارنى ئامان قىلسۇن.گۈلەن ئاكىمىز زامانىمىزدىكى مۇقەددەس ئەنئەنىنىڭ گۈدۈكچىسى .ئاللاھ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كاتتا قىلغاي .
ئەي زىيالىيلار سىلەرنىڭ كىملىكى يوق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەمەس بەلكى گۈلەن ،ئادىل تۇنىياز .نەزىرە مۇھەممەد سالىھتەك ئەقىدىلىك زىيالىيلاردىن  بۇلىشىڭلارنى پاك ئاللاھتىن تىلەيمەن.
ئاخىردا نۇرسىز ھىدايەتسىز قېلىپ ،تېڭىرقاپ قالغان ئۇيغۇرلىرىمغا روشەن ھىدايەت ،مۇستەھكەم تەقۋالىق ،كامىل ئىمان ۋە ئاللاھنىڭ رىزاسىغا سەۋەپ بۇلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى تىلەيمەن.
ئەزىمىتى كاتتا بولغان جانابىي ئاللاھ ھەر مۇسۇلماننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىتلىك قىلغاي!سائادەتمەن قىلغاي!!!!!!
يانغىندىن تەۋسىيە؛-قېرىنداشلارنىڭ بۇ تىمىدا ئۆزئارا پىتنە قىلماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ۋەيەنەتورداشلا(مۇنبىرىمىز ئۈچۈن)  ساۋادىم بار دەپلا قالايمىقان ئىنكاس يازمىغايسىلەر.زامانغا باققان دانىشمەن دەپتىكەن.
باشقۇرغۇچىلارغا ؛-ئىسمىمنىڭ كەينىگە 571دېگەن ساننى قۇشۇپ قۇيىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.مەن ئۆزگەرتەلمەيدىكەنمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-11 08:23 PM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
11ali + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
چىقىن + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
زەنجىر + 10 نادىرلاشقا بىر ئاۋاز
uyoglani + 20 تەپەككۇرى كۈچلۈك
uyol + 30 بىلىتتىم تاقالدىغانل.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش