|
|
|
|
توربىنىلىق گىنراتور
20 يىللار ئىلگىرى بۇخىل ماتورغا قىزىقىپ قالغانىدىم.ئۈنۈمى ھەم ئايلىنىش تىزلىكى يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەپ بولسا كېرەك؟!
ماتورنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى مىنوتىغا 20000دىن ئاشىدىغان بۇلۇپ،كۈيۈش بۈلۈمچىسى ئىچىدە (800-1200گىرادوس) ئىشلەيدىغان (ئاپتۇموبىللاردا پورشىن ئىشلىتىلىدۇ)ئوق ۋە ياپراقچىلارنىڭ ماتىريالىغا بولغان تەلەپ بەك يۇقىرى.
ئوت ئىچىدىكى ئۈچ رەت ياپراقچە كۈيۈشتىن ھاسىل بولغان بىسىمنى ھەركەت ئىنىرگىيسىگە ئايلاندۇرىدۇ ھەم ماتىريالغا بولغان تەلەپ ئەڭ يۇقىرى بولغان قىسمى.ئالدى تەرەپتىن كىرگەن يۇقىرى بىسىملىق ھاۋا كۈيۈش بۈلۈمى ئىچىدە سېرىق رەڭلىك پۈركۈلگەن يىقىلغۇ بىلەن ئارلىشىپ ئاپتۇموبىللارنىڭكىگە ئىشايدىغان ئۇچقۇنلاتقۇچنىڭ ياردىمىدە كۇيىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئارلاشما يۇقىرى تىمپىراتورا تەسىرىدە ئەسلى ھەجىمىدىن مىڭ نەچچەيۇن ھەسسە كىڭىيىپ كەينىدىكى ئۈچ رەت ياپراقچىگە سۇقۇلغاندا ئايلىنىش كۈچى ھاسىل بۇلىدۇ.
ئوقنى مۇقىملاشتۇرۇش شارىكلېرى،سىلىقلاش سېستىمىلېرى كۈكۈش رەڭلىك ھاۋا كىرىش قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
يەنە شامال ياپراقچىلېرى رەت ئاراشلېرىغا ئوققا تۇتاشمىغان مۇقىم ياپراقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ توربىنا ئىچىدە قۇيۇنسىمان ئايلىنىشنىڭ ھاسىل بۇلۇپ ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۈۋەنلەپ كىتىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى : ئابلىمىت.مەمەت (مەن)
|
|
|
|
|
|