1.ئىككى تاكىتلىق ماتور:
ئىككى تاكىتلىق ماتور (بېنزىنگە سىلىقلاش مىيى ئارلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىدىغان ماتورلار) ھەجىمى كىچىك،چىقىرىدىغان ئىنىرگىيىسى چوڭ(بىر سىلىندىرلىقى تەخمىنەن ئىككى سىلىندىرلىق تۆت تاكىتلىق ماتورنىڭ چىقىرىدىغان ئىنىرگىيسىگە تەڭ) بۇلۇشتەك ئارتۇقچىلىغى بىلەن گەرچە يىقىلغۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى سەل تۈۋەن بۇلۇش،چىقارغان تۇلۇق كۈيۈپ بۇلالمىغان گازنىڭ مۇھىت بۇلغىشى يۇقىرىراق بۇلۇش كەمچىلىگى بولسىمۇ يەنىلا ھازىرمۇ تۇرمۇشىمىزدىن چىكىنىپ چىققىنى يوق.
بۇخىل ماتوردا ئارلاشما ھاۋا پورشىن يۇقىرىغا سىلجىغاندا تۈۋەن تەرەپتىكى يىشىل رەڭ نەيچىدىن سۈمۈرۈلۈپ كىرىدۇ يەنە بىرلا ۋاقىتتا يەنە بىر تەرەپتىكى يىشىل يولدىن سىلىندىر ئىچىگە كىرگەن ھاۋا تۇلۇق چىقىپ كىتەلمىگەن كېرەكسىز گاز بىلەن ئارلىشىپ سىلىندىر ئچىدە قىسىلىپ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندە ئۇچقۇننىڭ تەسىرىدە ئوت ئىلىپ يەتتە مىگا پاسكال ئەتراپىدا بىسىم ھاسىل قىلىدۇ.قاشقىلى يۇچۇق تاپالمىغان بۇ بىسىم تەرپىدىن بىسىلغان سىلىندىر تەبئىلا تۇۋەنگە قاراپ سۈرۈلىدۇ.سۈرۈلۈپ سېرىق رەڭلىك نەيچە(يەنە بىر تەرەپتىكى يىشىل گاز كىرىش ئېغىزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى ۋە ئورنىدا ئازراق پەرىق بار)ئىچىلغاندا بىر مىگا پاسكالغا يىقىن بىسىمغا ئىگە كېرەكسىز گاز ئىتىلىپ چىقىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئەگرى ئوق ھەر-بىر قىتىملىق360گىرادوسلۇق تۇلۇق ئايلىنىشنىڭ 160گىرادوسلۇق قىسمىدا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.
قىسىش تاكىتى ۋە ئىش ئىشلەش تاكىتىغا گاز چىقىرىش ۋە گاز سۈمۈرۈش تاكىتى ئارلىشىپ كەتكەن بۇلىدۇ.
2.توت تاكىتلىق ماتور:
تۇۋەندىكى ھەركەتلىك رەسىمدىن تۆت تاكىتنى ئايرىپ باقايلى.
1.گاز سۈمۈرۈش تاكىتى
ئەگرى ئوقنىڭ1-ئايلىنىشىنىڭ يېرىم دەۋىر(180گىرادوس) ئايلىنىشىدا پورشىن تۇۋەنگە سۈرۈلىاتقان ھالەتتە يىشىل كىلاپان ئىچىلىپ ئارلاشما گاز سىلىندىر ئىچىگە سۈمۈرۈلىدۇ ۋە يىشىل كىلاپان ئىتىلىدۇ.
2.قىسىش تاكىتى
ئەگرى ئوقنىڭ (180گىرادوس)كىيىنكى يېرىم دەۋىردە پورشىن يۇقىرىغا كۇتۇرلۇپ ئارلاشما يىقىلغۇنى قىسىپ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندە قىسىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.
3.ئىش ئىشلەش تاكىتى
ئۇچقۇنلاتقۇچ چىقارغان ئۇچقۇندىن قىسىلغان ئارلاشما گاز ئوت ئىلىپ،يەتتە مىگا پاسكال ئەتراپىدا بىسىم ھاسىل قىلىدۇ.قاشقىلى يۇچۇق تاپالمىغان بۇ بىسىم تەرپىدىن بىسىلغان سىلىندىر تەبئىلا تۇۋەنگە قاراپ سۈرۈلىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئىش ئىشلەش بىلەن بىرگە ئەگرى ئوقنىڭ2-ئايلىنىشىنىڭ يېرىم دەۋىرى(180گىرادوس)باشلىنىدۇ.
4.گاز چىقىرىش تاكىتى
ئەگرى ئوقنىڭ (180گىرادوس)كىيىنكى يېرىم دەۋىردە پورشىن يۇقىرىغا كۇتۇرلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قارا رەڭلىك كىلاپان ئىچىلىپ كېرەكسىز گاز سىرتقا چىقىرىلىدۇ.
بىر سىلىندىرلىق توت تاكىتلىق ماتور ئەگرى ئوقنىڭ ئىككى دەۋىرئايلىنىشىنىڭ پەقەت تۆتتىن بىر قىسمىدا ئىش ئىشلەيدىغان بولغانلىقتىن سىلكىنىش چوڭ،كۇچەپ ئىشلەيدىغان مۇھىتتا ئاسان ئوتى ئۈچۈپ قالىدىغان كەمچىلىكى بار.
تەييارلىغۇچى : ئابلىمىت.مەمەت