سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخان ۋاپات بولغان جاي تېپىلدى
«ئاقمەت خارابىسى» ئاتۇش شەھرىنىڭ 50 كىلومېتىت شەرقى شىمالىدىكى سۇغۇن جىلغىسىدا بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇقەددەس جاي. ئاتۇش مەشھەدتىكى سۇلتان ساتۇق مازىرى ۋە سۇلتان ساتۇق تۇنجى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان جايپاچچىم بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى سېھىرلىك ئورۇن. ھاجى نۇرھاجىنىڭ «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىگەن كىتاۋىدا: «سۇلتان ئارىسلان بۇغرا قاراخان مىلادىنىڭ 955- يىلى سۇغۇندا ۋاپات بولدى. ساتۇق ئارىسلان بۇغرا قاراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن 37 مىڭ مۇسۇلمان يىغىلىپ كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ساتۇق ئارىسلان بۇغرا قاراخاننى ئاتۇشتىكى ھەشھەتتە دەپنە قىلدى...» (72-بەت)؛ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «سىغۇن-سۇغۇن. سىغۇن سامۇر-سۇغۇن سامۇر. بۇغراخانغا زەھەر بېرىلگەن يەرنىڭ نامى» (1-قىسىم، 533-بەت) دىگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. شۇڭىمۇ كىشىلەر مەشھەدنى «ھەسسۇلتۇنۇم مازىرى» (ئېزىز سۇلتانىم مازىرى) دەپ ئاتىشىدۇ. شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلار ھەتتا ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلەر قەشقەرگە كەلسىلا ئاتۇش مەشھەدتىكى «ھەسسۇلتۇنۇم مازىرى» (ئېزىز سۇلتانىم مازىرى)غا كېلىپ ئۇنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. ئەمما ئۇلار شۇنداق بىر نازۇك مەسىلىنى ئۇنۇتقانكى، ئىسلام دىنىي قائىدىسى ۋە ئەقىدىسىدە روھ تەندىن ئايرىلغان جاينى ئەڭ مۇبارەك ۋە ئەڭ ئۇلۇقلىنىشقا تىگىشلىك جاي دەپ قارايدۇ. ئۇلار سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكەرىم بۇغرا قاراخان ئۇلۇق روھىنىڭ ئەزىز تېنىدىن ئايرىلغان جاينىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى ئويلىشىپمۇ قويمىغان. ئېنىق ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بۇ مۇقەددەس جاي «ئاقمەت خارابىسى»دۇر. ئۇ ھازىرقى ئون نەچچە ئائىلە جايلاشقان «ئاقمەت» مەھەللىسى ئەمەس. «ئاقمەت خارابىسى»نىڭ ھەقىقى ئورنى ھازىرقى «ئاقمەت» مەھەللىسىنىڭ تۆت كىلومېتىر شىمالى، «توغراسۇ ئۆتەڭ خارابىسى»نىڭ بىر كىلومېتىر غەربى جەنۇبىدىكى، شەرقى شىمالدىن غەربى جەنۇپقا سوزۇلغان جىلغىنىڭ سول تەرەپ تەسكەي قىسمىدا، كونكىرىت ئورنى شىمالى كەڭلىك 39.59 گىرادۇس 29.64 مىنۇت ، شەرقى ئۇزۇنلۇق 76.41 گىرادۇس 43.53 مىنۇتقا توغرا كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 1508 مېتىر ئىگىز. بۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكى؛ جىلغا يۈزىدىن سەككىز مېتىر ئىگىزلىكتىكى 4500 كۇئادىرات مېرتىر ئەتراپدىكى جەنۇبى تاغقا يۆلەنگەن تەسكەي سۇپا بولۇپ، سۇپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا توققۇز مېتىر چۇڭقۇرلۇقتا بىر قۇدۇق بار (49-رەسىمدىكى)، قۇدۇقنىڭ ئەتراپىدا يەتتە دانە چوڭ ئاق تاش يېرىم چەمبەر يەنى يېڭى چىققان ئاي شەكلى ھالىتىدە تىزىلىپ (48-رەسىمدىكىدەك) قۇدۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغقا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ جاينىڭ قارشى قىرغىقىدا ھازىرمۇ بىر ئائىلە بار. قۇدۇقنىڭ 300 مېتىر غەربى جەنۇبىدا جىلغىنى توسقان ھالەتتىكى قورام تاش بىلەن قوپۇرۇلغان ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر ئەتراپىدا ئۈچ دۆۋە بار (50-، 51- ۋە 52- رەسىمدىكى «قاراۋۇلخانا»).
مەزكۇر جاي نىمە ئۈچۈن بۇنچىلىك گەۋدىلىك ئالامەتلەندۈرۈلگەن ؟
ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا تۇنجى قېتىم مۇشەررەپ قىلغان بۇ مۆتىۋەر زاتنىڭ ۋاپات بولغان جايىمۇ ۋە ياتقان جايىمۇ ئەلۋەتتە پەۋقۇلاددە ئالامەتلەندۈرىلىشى كېرەك! ئۇنىڭ مىيىت نامىزىغا 37 مىڭ كىشى قاتناشقان ئىكەن، ئۇنى قاراخانىيلار دۆلىتى نامىدىن خاتىرىلەش ۋە ئەسلەشمۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ كاتتا مۇراسىملار ۋە كاتتا پائالىيەتلەر بىلەن داۋاملاشسا كېرەك. بولۇپمۇ ھەر يىللىق ئۇلۇق ئايەم ۋە ئۇلۇق ھېيت كۈنلىرىدە تېخىمۇ شۇنداق. ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشانىڭ ۋاپات بولغان جايىغا ۋە ياتقان جايىغا كاتتا ئابىدە تىكلەش شاھ ئەۋلاتلىرى، ئوردا ئەھلى ئۈچۈنمۇ، جۈملىدىن دۆلەتنىڭ شانۇ- شەۋكىتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى موھىم.
سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ۋاپات بولغا جاي «سۇغۇن»نىڭ جۇغراپىيىلىك دائىرىسى باش سۇغۇندىن تارتىپ ئاياغ سۇغۇن، ئارپىلىق، «توغرا سۇ ئوتەڭ خارابىسى»، «قاراۋۇلخانا خارابىسى»، ئاقمەت، توغاي مەھەللىسى ۋە سۇغۇن ئاغزىغىچە بولغان 70 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى جىلغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ 70 كىلومېتىرلىق ئۇزۇن جىلغىنىڭ نامى «سۇغۇن»دەپ ئاتالغانكەن، سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان بۇ جىلغىنىڭ مەلۇم ئورنىدا ۋاپات بولغان بولىدۇ. سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان مىلادى 955- يىلى مەيلى ئاغرىق بىلەن، مەيلى زەھەرلىنىپ ۋاپات بولغان بولسۇن كېسەل مۇناسىۋىتى بىلەن سالقىن ۋە ھاۋالىق جاينى تېپىپ ئارام ئېلىۋاتقانقانلىقى ئېنىق. بۇ ئۇزۇن جىلغىنىڭ ھەممىلا يېرى سالقىن ھەم ھاۋالىق ئەمەس، پەقەت تەسكەي تەرەپ ۋە سۈيى ئەڭ مول ئورۇنلا بۇ شەرتكە ئۇيغۇن. بۇ ئۇزۇن جىلغىنىڭ سۈيى باش سۇغۇندىن باشلىنىپ تاكى توغراسۇغا كەلگىچە غەربى شىمالدىن شەرقى جەنۇپ يۆنىلىشىگە ئېقىپ، پەقەت توغراسۇدىن غەربى جەنۇپقا بۇرۇلۇپ ئاققان چاقغدىلا ئۇنىڭ سۈيى ناھايىتى موللىشىدۇ. جىلغىنىڭ قايسى جايىدا سۇ مول بولسا، ئۇنىڭ ساي يۈزىنى ئىگەللىشى شۇنچە كەڭ ۋە بۇ جاينىڭ تەسكەي تەرىپى شۇنچە سالقىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراخانىيلار خانىدانلىقىدا ئىسلام دىنى ئەمدىلا تارقىلىپ، بۇددىزىم بىلەن ئىسلامىزىم تازا كۈچ سىنىشىۋاتقان، ئەجدادىدىن تارتىپ بۇددا ئىتىقادى ۋە بۇددا ئەقىدىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ بۇددىزىم روھىيىتىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتقان كىشىلەرنىڭ تاسادىبى قەس قىلىش ئىھتىمالىدىن قارىغاندا، سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان جىلغىنىڭ ئەڭ سالقىن ۋە ئەڭ بىخەتەر ئورنىنى تاللىشى كېرەك. بۇ جاي دەل «ئاقمەت خارابىسىدۇر.
«ئاقمەت» نامى ئىككى تۈپ سۆز «ئاق» ۋە «مەت»دىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «ئاق»- مەلۇم نەرسىنىڭ رەڭ ئېنىقلىمىسىنى كۆرسىتىدۇ. «مەت»نىڭ تىل يىلتىزى «مۇند» ياكى «مۇندا» بولۇپ، مەلۇم نەرسىنىڭ بولۇپمۇ مەلۇم دەرەخ كۆتىگى ياكى مەلۇم تاشنىڭ يەر تەكشىلىكىدىن ئازراق كۆتىرىلىپ قالغان قىسمىنى «مۇندا» ياكى «مۇند» دەپ ئاتايمىز. بىز ھازىرمۇ بىرەر ئادەم تاسدىبىي يىقىلىپ كەتسە چاخچاق ئارىلاش: «مۇندىغا پۇتلاشتىڭمۇ» دەپ قويىمىز. ھەتتا بەزى خاتالاشقان ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ كاشىلىغا يولۇققان كىشىنىمۇ «مۇندىغا پۇتلاشتى، مۇندىغا ئولتاردى» دەپ قويىمىز. ئىككى تۈپ سۆز «ئاق» بىلەن «مۇند»(«مۇندا»)نى بىرلەشتۈرگەندە «ئاقمۇند»- يەر تەكشىلىكىدىن ئازراق كۆتىرىلىپ تۇرغان ئاق تاشنى ياكى ئاق بەلگە تاشنى كۆرسىتىدۇ. يەتتە چوڭ ئاق تاش بىلەن قۇدۇقنىڭ ئەتراپىغا يېرىم چەمبەر شەكلىدە ئۇنتۇلماس ئابىدە قويۇلغان مانا بۇ مۇقەددەس جاي «ئاقمەت» (ئاقمۇند)تۇر. بۇ جايدىكى قۇدۇقمۇ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن قېزىلغان بولۇپ «قۇدۇقتىن قانچە كۆپ ئادەم سۇ ئىچسە، قۇدۇق يېنىدا ۋاپات بولغان كىشىگە دۇئا قىلىدۇ، ساۋابى بولىدۇ..» دىگەن قاراش بىلەن كولانغان. ئۇنداقتا قۇدۇق ئەتراپىدىكى يەتتە چوڭ ئاق تاش شۇنچە ئېغىرلىقىغا قارىماي قەيەردىن يۆتكەپ كىلىنگەن؟ نىمە ئۈچۈن بۇ جايدىن 300 مېتىر يىراقلىقتىكى جىلغىنى توسقان ھالدا ئۈچ «قاراۋۇلخانا» (ئۈچ دۆۋە) قوپۇرۇلغان ؟ بۇ ئورۇننىڭ يېنىدىكى تاغ قاتلىمىدا ئاق قورام تاشلار كۆپ بولۇپ، قۇدۇق قېزىلغان چاغدا چىققان يەتتە چوڭ ئاق تاش قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىلىپ ئەتراپقا قويۇلغان. ئاتالمىش ئۈچ «قاراۋۇلخانا»نىڭ ھېچقانداق كۈزىتىش سۇپىسى يوق، چوققىسى ئۇچلۇق قىلىپ لاھىيەلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىدىغان پەشتاق ئىزنالىرىمۇ يوق. ئېنىقكى ئۇ «قاراۋۇلخانا» ئەمەس، ياكى ئوت قالاپ بەلگە بېرىدىغان «تۇر»مۇ ئەمەس. بەلكى بۇ تاشتىن قوپۇرۇلغان ئۈچ مۇنار جىلغىدىن ئۆتكەن كارۋانلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاپ؛ «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋاپات بولغان جايغا كەلدۇق» دەپ، ئۇنىڭ روھىغا دۇئا- تالاۋەت قىلىشنى مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇش، ھەم بۇ مۇقەددەس جاينى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ئىزدەپ كەلگۈچىلەرگە ئېزىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئېنىق بەلگە قالدۇرۇش، ھەتتا كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئەسلىشىگە قۇلايلىق ئابىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان بولۇش ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. بۇ «ئۈچ تاش مۇنار»نىڭ غەربى شىمالىدىكى ئۈچىنچى تاش مۇنارنىڭ ئاستىدىن، ئۈستىگە قۇرئانچە يېزىلغان مىس لىگەن بايقالغانلىقىنى «ئاقمەت» مەھەللىسىدىكى رەھمىتۇللانىڭ ئوغلى ئۇچۇر بەرگىنىگە قارىغاندىمۇ، بۇ «ئۈچ تاش مۇنار»غا مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرقى تەھلىلىمىز تارىخى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.
«تۈركى تىللار دىۋانى»دا «سىغۇن-سۇغۇن. سىغۇن سامۇر-سۇغۇن سامۇر. بۇغراخانغا زەھەر بېرىلگەن يەرنىڭ نامى» (1-قىسىم، 533-بەت) دېگەن جەۋھەرلىك بايان ئۇچرىغاندىن سىرت «سىغۇن سامۇر-سۇغۇن سامۇر»دىكى خاس «سامۇر» ئاتالغۇسى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «سا» بىلەن «مۇر»غا بۆلۈنىپ، «سا»غا مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: «سا-سەن مەنىسىدىكى بىر سۆز...» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 288-بەت)؛ «مۇر»- تەسكەي مەنىسىدە كەلگەن. «مۇر» ئەسلىدە قارا رەڭنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، تەسكەي تەرەپكە قوياش نۇرى چۈشمەيدىغان بولغاچقا قارا رەڭنى «مۇر» ئاتالغۇسى بىلەن ئالغان. دېمەك «سا-سەن» بىلەن «مۇر-تەسكەي»نى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق «سامۇر»-ساڭا تەئەللۇق تەسكەي –دېگەن مەنا ئاشكارىلىنىدۇ. «سۇغۇن سامۇر»- سۇغۇندىكى ساڭا تەئەللۇق تەسكەي-دېگەن خاس ئۇقۇمنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ جاينىڭ بىر قۇدۇق ۋە يەتتە ئاق تاش بىلەن ئالامەتلەندۈرىلىشى يۇقارقى سۆزىمىزگە دەلىل بېغىشلايدۇ.
سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ۋاپات بولغان «ئاقمەت خارابىسى»نىڭ تۆت كىلومېتىر شەرقىدىكى ئون ئائىلە جايلاشقان مەھەللىنىڭ «ئاقمەت» دەپ ئاتىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى؛ ئۇ بولسىمۇ، «ئاقمەت خارابىسى» جايلاشقان جىلغا نىسبەتەن تارراق بولۇپ، ئۇنىڭ قارشى قىرغىقىدا پەقەت بىرلا ئائىلە ئولتۇراقلاشقان، كۆپ ئائىلە ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. مەن (ئاپتۇر)، ھازىرقى «ئاقمەت» مەھەللىسىدىكى «رەھمىتۇللا» دىگەن كىشىدىن: «سىز بۇ مەھەللە بويىچە ياشتا چوڭراق كىشى ئىكەنسىز، ئەجداتلىرىڭىزنىڭ ئەسلىمىسى بويىچە ئەسلىدىكى ”ئاقمەت“نىڭ ئورنى قەيەردە بولغىدى ؟» دەپ سورىسام؛ ئۇ كىشى: «”ئاقمەت“نىڭ ھەقىقى ئورنى مۇشۇ مەھەللىنىڭ بېشىدىكى بىر بۇلاقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بۇلاق ئەتراپىدا پادا باققان كىشىنىڭ ئىسمى ”ئاقمەت“ بولغاچقا ”ئاقمەت بۇلاق“ دەپ ئاتىلىپ قالغان » دىگەن چۈشەندۈرۈشنى بەردى. ئۇنىڭ «ئاقمەت»نى بۇلاق بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىشىگە قارىغاندا، ئۇ ئوتتۇرغا قويغان ”بۇلاق“ بىلەن مەن (ئاپتۇر) ئۇتتۇرغا قويىۋاتقان يايىسىمان يەتتە چوڭ ئاق تاش ئىچىگە كولانغان ”قۇدۇق“نىڭ زۆرۈر مۇناسىۋىتى باردەك قىلاتتى... دىمىسىمۇ ”بۇلاق“ بىلەن ”قۇدۇق“نىڭ پەرقى پەقەت بىرىنىڭ تەبىئىي شەكىللەنگەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ قېزىلغانلىقى خالاس. ئەمما ئۇ كۆرسەتكەن «ئاقمەت» بىلەن مەن (ئاپتۇر) يورۇتماقچى بولغان «ئاقمەت»نىڭ ئورنى توغرا چىقمايۋاتاتتى. بۇ بەلكى ھازىرقى زامان كىشىللىرىنىڭ تولىمۇ ئىرەنسىز ھالدا، 1056 يىل ئىلگىرىكى بىر مۇقەددەس جاي نامىنى ئاستا-ئاستا ئۈنتۇلىۋاتقانلىقى بولسا كېرەك...
48-رەسىم، چەمبەرسىمان ئاق تاش بەلگە